- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 93
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3423
- تىزىملاتقان
- 2011-1-31
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-10
- UID
- 8974
- يازما
- 93
- تېما
- 8
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3423
- تىزىملاتقان
- 2011-1-31
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-10
- توردا
- 0 سائەت
|
دوستلۇق مىزانلىرى
سائادەت ساتتار
كىشىلىك تۇرمۇش دوستلۇقتىن ئايرىلالمايدۇ،دوستلىشىشقا ماھىر بولمىسىڭىز ،دوستسىز قالىسىز،دوستسىز تۇرمۇشنىڭ نىمە لەززىتى ؟
بىر دوست كۆپەيسە بىر يول كېڭىيىدۇ دەپتىكەن كونىلار.دوستىڭىزنىڭ كۆپ ئاز بولۇشى ئۆزىڭىزگە باغلىق .شۇنداق ئىكەن ،دوستلۇق مۇناسىۋەتتە تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بىرىڭ :
1.دوستىڭىزغا ھەمىمىي مۇئامىلە قىلىڭ ،سۆھبەتتە ئۇنىڭ سۆزلىرىنى كۆڭۇل قويۇپ تىڭشاڭ،گىپىنى ئورۇنسىز بۆلىۋەتمەڭ .
2.دوستىڭىز سىزگە دەردىنى ئىيتىۋاتقاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز گەپلەرنى قىلماڭ،يەنى خۇشاللىقلىرىڭىزنى سۆزلىمەڭ .
3.دوستىڭىز قوبول قىلالمىغۇدەك ۋەز -نەسىھەتلىرىڭىزنى تەكرارلاۋەرمەڭ .
4.دوستىڭىزنىڭ سىزگە ئامانەت مەخپىيەتلىكلىرىنى باشقىلارغا ھەرگىز ئىيتماڭ .
5.دوستىڭىزنىڭ ئالدىدا يەنە بىر دوستىڭىزنى ھەدەپ ماختاۋەرمەڭ .دوستىڭىز ئۆزىگە بولغان يىقىنلىقىڭىزدىن شۇبىھلەنمىسۇن.
6.دوستلار ئارا ئۇقۇشماسلىق بولغاندا ،ئۇلارنىڭ بىر-بىرىدىن ئاغرىنغانلىقىنى يەنە بىر تەرەپكە يەتكۇزۇشكە ئالدىرماڭ ،بەلكى ئۇلارنىڭ پۇشايمان قىلغانلىقىنى ئىيتىپ،ئۇلارنىڭ چىگىشىنى يىشىپ ،دوستلۇقنى ئەسلىگە كەلتۇرۇشكە تىرىشىڭ .
7.دوستلىرىڭىزنىڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىنى ھەرگىز مەسخىرە قىلماڭ .
8.خاتىرە كۇنلىرىنى ئىسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ ،ئاددى بولسىمۇ سوۋغات بىرىپ كۆڭلىنى ئىلىڭ .
9.دوستىڭىزنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا سىلىشتۇرۇپ خىجىل قىلماڭ .
10.دوستلار ئارا دەتالاشتا ئەۋزەيلىمەڭ جىم تۇرىۋىلىش ئاقىلانىلىك .ئوبدان ئويلىنىپ ئاندىن گەپ قىلسىڭىز ،ئوقۇشماسلىقنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز،ئەگەر خاتالىق دوستىڭىزدىن ئۆتۇپ ،كۆڭلىڭىز رەنجىسە،دەرھاللا يۇزىگە سالماي ،سەل ئويلىنىشقا ۋاقىت بىرىڭ ،ھەرگىز باشقا دوستلارغا دەرت تۆكمەڭ .
مەنبە:شىنجاڭ گىزىتى 2011يىلى2-ئاينىڭ11-كۈنىدىكى سانىدىن |
|