ھايات
(ئۇچقۇنى)
ھايات يېقىملىق ناخشىدۇر گويا ،
ئۇندا مۇجەسسەم خۇشاللىق - يىغا.
ھايات-چىن،ھايات-ئەپسانە توغرا،
ياق-ياق باھار، كۈز ئوخشايدۇ قىشقا.
پېتىپلا قالدىم چوڭقۇر خىيالغا.
كىملەردۇر كۈلۈپ كىملەر يىغلايدۇ،
كىملەردۇر سۇلۇپ كىملەر بىخلايدۇ.
بۇ كەڭ جاھانغا كىملەر سىغمايدۇ،
نۇرغۇن سوئالغا جاۋاپ چىقمايدۇ.
ھايات جاۋاپسىز تېپىشماقمۇ يا.
بەزىلەر دەيدۇ:ھايات بىر سەھنە،
ئۇندا ئالىدۇ روللارنى ھەممە.
بەزىلەر دەيدۇ: قىيانلىق كىمە،
بەزىلەر دەيدۇ: ئۇ قانداق نىمە ؟،
ھايات جەڭگاھتۇر مىنىڭچە بولسا.
بەزىلەر دىدى: ئۇنى ئاق ۋاراق،
ئۆزۈڭگە باغلىق نىمىنى يازماق.
بەزىلەر دىدى: ئاداققىي سىناق،
بەزىلەر دىدى: يانغىن ئوت ،بىراق،
مەن دىدىم: ھايات ئېتلغان ئوقيا.
**********************
ھاياتنى ھەرخىل شەرھلەپ كۆردۇق ،
ئۇنى قىسقا دەپ قاقشاپمۇ يۈردۇق .
قايتا كەلسە دەپ ئارزۇلار قىلدۇق،
خاتاسى بارمۇ؟ ئېيت ھايات دىدۇق،
بىر دانا دىدى: توختىلىپ ئاستا،
ھايات يولىدا تۈگىمەس داۋان،
ئىزلار ئۆچسىمۇ ،ئۈزۈلمەس كارۋان.
قۇملار كۆچىدۇ، كۆچمەيدۇ ئارمان،
ئىجاد ئەمگەكتىن كۆكلەيدۇ بارخان.
ھايات ھىكمەتلىك داستاندۇر گويا.
گاھى قالىسەن چۆللەردە يالغۇز،
گاھى سىنىڭكى ئايلارمۇ يۇلتۇز.
گاھى قەھرىتان تۇيۇلار تومۇز،
گاھى يېشىڭدىن تاشىدۇ دېڭىز.
ھايات پەيزى ئەگرى-توقايلىقتا.
گاھى شىۋىرغان شاپىلاق ئۇرار ،
باھارنى شۇنداق ئەسلىتىپ تۇرار.
كۈن ئۆتسە ياپراق تۆكىلىپ تۇرار،
ئۆمرۈڭ رەندىگە سېلىنىپ تۇرار.
ئاداشساڭ يولدىن دىگۈزەر: توۋا.
باھار جۇدۇنى كۆرگەنلەر تولا،
ھايات قەدرىگە يىتىدۇ شۇلا.
ئاقمايدۇ مەڭگۈ كەينىگە سۇلا،
چۈشمەيدۇ قايتا بېغىڭغا شولا،
سىنىمۇ دەيدۇ نەۋرىلەر بوۋا.
بىھىساپ ئۆمۈر قەدىرسىز ، بىلگىن،
ئۇندا مۇھەببەت دوستلۇق بىر تىيىن.
تەسەللىي تېپىپ چەكسىز يىللاردىن،
كىممۇ قىلىدۇ پۇشايمان كىيىن.
ساۋاق بولسۇن دەپ ياراتقان قىسقا.
سۆيگەنگە ھايات گۈل-چىمەن ئىكەن،
قاقشاپ-يۈرگەنگە خۇددى ئوق، تىكەن.
ياۋايى ئات ئۇ مىنىشنى ئۆگەن،
شەيتان ھاي-ھاي غا سالغىن چىڭ يۈگەن.
شۇندىلا گۈزەل بىلىنەر دۇنيا.
ھايات ۋە ئۆلۈم قوش-كىزەك ئاداش،
ماختاشلارغا يار بولغاندەك غاجاش.
بەزىلەر كەتسە سىلكىنەر باغراش،
بەزىلەر تىرىك، تۈگىمەس قاۋاش.
بىل بۇ سۆزۈمدە بار تىرەن مەنا.
*************************
يامغۇردىن كىيىن چىققاندەك قوياش،
ئەمدى يوق مەندە ئازاپتىن ئىڭراش.
ئاخىرەتكە غەم قىلمايمەن ھاپاش،
ئەزىز خەلقىمگە يۈرۈگۈم تۇتاش.
شائىرغا شىئىر بولغاندەك ئاشنا.
چۈشەندىم شۇ تاپ ھايات سىرىنى،
قويمايمەن تەرسىز مىھنەت يىرىنى.
كۆڭۈمگە يار قىپ ئىلىم پىرىنى،
يۇمىسام خەپ نادانلىق كىرىنى.
قانداق قارايمەن ئەجداد بوۋامغا.
مەنبە؛ ئۆزەم 2011.2.13 ۋۇخەندە