شېئىر سورايدۇ شائىردىن ئانا
شېئىر سورايدۇ شائىردىن ئانا،
ئۆزىدىن ئېزىققان ئەرلەرگە قاراپ.
مۇزلىغان غۇرۇر، سۇۋۇغان قانغا،
تىلەپ قۇياشتىن بىر تېمىم ئاپتاپ.
شېئىر سورايدۇ شائىردىن ئانا،
ئۇرۇپ كۆكسىنى قىياغا-تاشقا.
يىرىك ئالقانلىرىدىن تارىخ ۋاراقلاپ،
كىلىدۇ دەريالارنى تولدۇرۇپ ياشقا.
شېئىر سورايدۇ شائىردىن ئانا،
كېسىلگەن چاچلارنىڭ تىنىدە يۈرۈپ.
ئوت بىلەن ئوتنىڭ تەنھالىقىدىن،
بەك ئوزۇن ھەم چوڭقۇر خىيالغا چۈكۈپ.
شېئىر سورايدۇ شائىردىن ئانا،
قۇملارنىڭ قەھرىنى يالمىغان پېتى.
جاكارلاپ ھاياتقا ياشاشنى قانداق،
كۆزلەردە يۇلقۇنۇپ كىشنەشتە ئېتى.
شېئىر سورايدۇ شائىردىن ئانا،
ئۇيقۇلۇق كىرپىكلەرگە سەھەرنى يۈكلەپ.
مۇھەببەت ئويغىتىپ زەئىپ ھىسلاردا،
ئۆلۈمگە تەسلىمسىز ئۆلۈشنى ئىزلەپ.