تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 808|ئىنكاس: 2

يوقالما،يوقالما، قىزغىن ھاياجان... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
9405
يازما
9
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
99
تىزىملاتقان
2011-2-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-29
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 13:44:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئۆچمە سۆيگۈم» دىن ئىككى تال گۈل:

يېقىندا قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن ياش شائىر ئەنۋەرجان سادىق كۆكنۇرنىڭ «ئۆچمە سۆيگۈم›› ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىندى.

توپلامدىكى لېرىكىلار شائىرنىڭ مۇھەببەت، تەبىئەت،ئادەم،روھىيەت،ئىجتىمائىيەت ھەققىدە ئون نەچچە يىلدىن بۇيان يازغان ئىزتىراپلىرى،ئۈمىد،ئارمانلىرى  مۇرەككەپ تۇيغۇلىرى يوشۇرۇنغان شېئىرلىرىدىن تاللاپ تۈزۈلگەن، شېئىر ئاشىنالىرىنىڭ بۇ توپلامنى بىر ئوقۇپ ھوزۇرلىنىپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ. بۇ توپلامنى دوست-يارەنلەرنىڭ بىر-بىرىگە سوۋغا قىلىشىغىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ.

تۆۋەندە «ئۆچمە سۆيگۈم» دىن ئىككى تال گۈلنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇم:

  
               يوقالما،يوقالما، قىزغىن ھاياجان...

ئەنۋەرجان سادىق كۆكنۇر

 

يوقالما،يوقالما، قىزغىن ھاياجان...

يوقالما ئوت بولۇپ ئاھ،كۆيگەنلىرىم...

يوقالما ئەسەبىي ئىستەكلرىم ھەم،

يوقالما سەن ئۈچۈن مىڭ ئۆلگەنلىرىم.

 

يوقالما،يوقالما، قىزغىن ھاياجان...

يوقالما، ئەي مېنىڭ سۆيۈشلىرىم ھەم.

مەن شۇنداق ياشايكى بارىمنى بېرىپ،

ئۇنتۇلماس بىر لەززەت بولسۇن مۇجەسسەم.

 

يوقالما،يوقالما، قىزغىن ھاياجان...

يوقالما،مەيۈسلۈك ئەزسىمۇ شۇئان.

چاقناشتا، كۆيۈشتە،يارات ئۆزۈڭنى،

بولغايكىم سەن سۆيگەن ھەممە قەدىردان...

 

ئېلىشىمەن رېئاللىق بىلەن...

 

ئېلىشىمەن رېئاللىق بىلەن...

ئۇ ئەجدىھا بولسۇن ياكى ئىت.

مەيلى بولسۇن ھېلىگەر سەتەڭ،

ئېلىشقۇم بار ئۇنىڭدىن سىرىت.

 

ئۇ ئېپ كەلدى ئاجىزغا نېمە،

كۆز ياش،ئازاپ مەيۈسلۈك ئاخىر.

ئۇ يېغلاتتى مەزلۈم دىللارنى،

قېنى جەسۇر ئەرلىك خاراكتىر؟...

 

تۇرمۇش-كۆرەش،كۆرەش مۇھەببەت،

كۇكۇم تالقان بولغىن  يا بولما.

قەھرىڭ بىلەن سۆيگىن ھاياتنى،

ئۆلۈمىڭ بىلەن كۈيلىگىن،سولما...

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
7397
يازما
322
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
10295
تىزىملاتقان
2010-11-21
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 19:09:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كىتاپ سىتىۋىلىشقا ئامراق......
چوقۇم سىتىۋالىمەن......

دائىملىق ئەزا

ئۇنتۇپ كەت يۈرۈگ

UID
2561
يازما
621
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
20247
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 19:34:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىش بوپتۇ مۇبارەكلىگۈدەك ، مەنمۇ بىر كىتاب خۇمار  مەنمۇ  سىتۋالمەن  ئۇ كىتابنى .

جاھاندا ئۆزۈڭدىن چوڭ كۆڭۈل يوق .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش