تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 4838|ئىنكاس: 29

2-ئاينىڭ 14-كۈنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
3422
يازما
237
تېما
36
نادىر
0
جۇغلانما
7697
تىزىملاتقان
2010-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 10:59:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

2-ئاينىڭ 14-كۈنى




كوچىلار
لىق تولدى ئەتىر پۇراقلىرىغا .
قىز-يىگىتلەر ئۇنىڭ ئىچىدە
ئايلانماقتا جىمجىت بىر نۇرغا .

ھەي...بۈگۈنكى بۇ كۈنگە ئوخشاش
قىزىمىغان ھېيت ۋە نۇرۇزمۇ .
شەھەر شۇ تاپ ياۋروپاغىلا
ئوخشاپ قالدى، ئەجەپ ئىش-ھە بۇ!

گۈل ئالمىدىم مەن ھېچكىمدىنمۇ ،
توساپ بولدى ئون-يىگىرمىسى .
مەنچە بولسا، ئون-ئونبەش سومغا
ئايالىمغا گۈل ئالغىنىمدىن
كىتاب سوۋغا قىلغىنىم ياخشى .

شەھەر
نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ كۆزىدە
چىرايلىقلىشىپ كەتتى بىر كېچىدىلا .

فېۋرالنىڭ 14-كۈنى
شەھەردىكى قىزلار،ئاياللار
كىرىپ قاپتۇ 19 ياشقا ...




مەنبە: ئىجادىيەت


ياز مېنىڭ چۈشلىرىمدە ياز مېنىڭدىن يىراق بىر يەردە...
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

يېڭى يۇلتۇز

يىغلاپ تۇغۇلدۇم

UID
8816
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
130
تىزىملاتقان
2011-1-24
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 19:13:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپسۇس  ...يەنە يالغۇزدە مەن......

بەختىمنى بىر  ئاللاھتىن تىلەيمەن!!!!

كۆيۈمچان ئەزا

مەن بۇ  

UID
8397
يازما
95
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2225
تىزىملاتقان
2011-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-27
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 19:18:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوچلىلاردا قىز-يىگىتلەر،
بىر بىرىگە سوغات سۇنۇشۇپ.
بۇنداق ئىشلار ئەرنىڭ خىيالىدا يوق،
ئويگە كىردىپ  ھۇمايدىئايالنىڭ دىلى سۇنۇپ.

ياخشىلارنى ھورمەتلەپ يامانلاردىن نەپرەتلىنىش

UID
2865
يازما
26
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
896
تىزىملاتقان
2010-6-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-25
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 19:45:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوچىلارغا قارىمىدىم بۈگۈن،
باشقىلارنى كۆرۈپ ئىچىم قايناپ كەتمىسۇن دەپ .
2-3 تونۇشۇمغا تىلېۇن ئۇرسام بۈگۈن ،
ئالماي قويدى يولۇمنى توسمىسۇن دېدى بولغاي .
ئوينىغانلار ئويناۋېرىڭلار
ھامان بىر كۈن پۇشايمان قىلىسىلەر .

دائىملىق ئەزا

ئۇنتۇپ كەت يۈرۈگ

UID
2561
يازما
621
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
20247
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 19:48:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن  مۇشۇ توغۇرلۇق يوللانغان تېمىلار بەك ئىسىل چىقىپتۇ  ئەجىرىڭلارنى اللە بەرسۇن . ئىش قىلىپ مەن بەك ياختۇردۇم .

جاھاندا ئۆزۈڭدىن چوڭ كۆڭۈل يوق .

UID
4124
يازما
33
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
350
تىزىملاتقان
2010-8-3
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 20:40:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن ئاشىق مەشۇقلار بايىمىمۇ ياكى ئەمەسمۇ بۇنىسى مۇھىم ئەمەس ،مۇھىمى بۈگۈن مېنىڭ قىز دوستۇم بىلەن ئارلاشقىلى ساق يېرىم يىل بولشان كۈن ،بەك توغىرلىشىپتۇ بۇگۈنگە..   

كۆيۈمچان ئەزا

بەزىدە "خات

UID
8033
يازما
477
تېما
32
نادىر
0
جۇغلانما
15689
تىزىملاتقان
2010-12-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-19
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 21:36:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىغا قەيسەر_ يۇرەك توردىشىمنىڭ ئىنكاسىنى كۆچۇرۇشنى لايىق تاپتىم ،گەرچە ئۇنىڭ رۇخسىتىنى ئالمىغان بولساممۇ ، ئەمما بۇ بارچە كىشىگە پايدىلىق بولغىنى بۇنى ئۇنىڭمۇ راۋا كۆرىشىنى ئۇمىد قىلىپ يوللىماقچى :
  مەن مۇسۇلمان دىسىڭىز تۆۋەندىكى جاۋاپنى ئوقۇپ چىقىڭ ...  ئاندىن يۈركىڭىزنى تۇتۇپ ئويلۇنۇپ بېقىڭ.....

سوئال: ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئىشتىراك قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب:
بارلىق ھەمدۇ-سانالار بۈيۈك ئاللاھقا بولسۇن.
بىرىنچى: ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى 270- مىلادىيە يىلى 02-14كۈنىدە خرىستىئان چېركاۋلىرى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا يولۇققان خرىستىئان پوپ داي فالىنتايېن(day valentine) تەرىپىدىن پەيدا قىلىنغان رىملىقلارغا ئائىت جاھىلىيەت قالدۇقلىرى بولۇپ، ھازىرقى زامان خرىستىئانلىرى بۇ ئادەتنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئىككىنچى: مۇسۇلمان ئادەم كۇففارلارنىڭ ئادەتلىرىنى قىلىشى، خۇسۇسەن، ئۇلارنىڭ دىنىي تۈسىنى ئالغان بايراملىرىنى دوراش، ئشتىراك قىلىش ۋە قوللاش قەتئىي ھارامدۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككى ھېيتى بار. بۇ ھېيتلار دىنىي بايراملار بۇلاردىن باشقا ھېيتلار-بايراملارنى قۇتلۇقلاش مۇسۇلمانلار ئۈچۈن راۋا ئەمەس.
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: "بايرام دېگەن دىنىي پائالىيەت بولۇپ، ئاللاھ تائالا « ھەر بىر قەۋم ئۈچۈن شەرىئەت ۋە يول بەلگىلىدۇق» دېگەن. يەنە « ھەر بىر ئۇممەت ئۈچۈن قىلىدىغان پائالىيەتلەرنى بەلگىلىدۇق» دېگەن. مەسىلەن: ناماز، روزا ۋە باشقىلارغا ئوخشاش پائالىيەتلەر.
غەيرى دىندىكىلەرنىڭ دىنىي ئىبادەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىش بىلەن ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان كۈن، يىل بېشى بايرىمى ۋە ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئوخشاش دىنىي بايرام ۋە مۇراسىملىرىغا قاتنىشىشنىڭ ھېچ پەرقى يوق. ئۇلارنىڭ بۇنداق بايراملىرىغا ئىشتىراك قىلىش ئۇلارنىڭ كۇپرىلىقىغا رازى بولغانلىق ۋە مۇۋاپىقلاشقان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلىرىدا ئۇلارغا ماسلىشىش پۈتۈن ئىشلىرىغا ماسلاشقانلىق بىلەن ئوخشاشتۇر. دىنىي بايراملار شۇ دىننى باشقا دىنلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئەڭ چوڭ بەلگىسى ۋە دىنىي پائالىيەتلىرىنىڭ چوڭىدۇر. مۇنداق بايراملاردا كۇففارلار بىلەن ماسلىشىش ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىم دىنىي ئىشلىرىدا ئۇلارغا ماسلاشقانلىق بولىدۇ. مۇنداق ماسلىشىش بەزىدە ئادەمنى كۇپرىلىققا ئېلىپ بارىدۇ".
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيتى توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: « ھەر بىر قەۋمنىڭ بايرىمى بار، بۇ بىزنىڭ بايرىمىمىزدۇر(يەنى روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت» دېگەن.
كۇففارلارنىڭ دىنىي بايراملىرىغا قاتنىشىش ئۇلارنىڭ كىيىنىشىنى دورىغاندىن ئېغىر گۇناھتۇر. چۈنكى كېيىم ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تاشقىرى تەرەپتىن ئايرىپ تۇرىدىغان بىر بەلگە. ئەمما ئۇلارنىڭ دىنىي بايراملىرىغا قاتنىشىش بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر گۇناھ. ئۇلارنى دوراش ئۇلاردىن بولۇشنى ئارزۇ قىلغاندەك بىر ئىش بولۇپ، ئۇ ئاللاھنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان ئىشلاردىندۇر». (ئىقتىدائۇسسىراتۇل مۇستەقىيم 1-توم 207-بەتكە قارالسۇن).
شەيخۇل ئىسلام يەنە مۇنداق دېگەن: "مۇسۇلمانلار كۇففارلارنىڭ مەخسۇس ھېيتلىرىغا ئىشتىراك قىلىشى، ئۇلارنى يېمەك-ئىچمەك، كېيىم-كېچەك، يۈرۈش - تۇرۇش ۋە قانداقلا بىر ئىشتا دوراش ۋە ئۇلارغا ئوخشىۋېلىشى ھارامدۇر. ئۇلارنىڭ سورۇنلىرىغا قاتنىشىش، ئۇلارنىڭ دىنىغا ياكى بايراملىرىغا ياردەمچى بولىدىغان نەرسىلەرنى ئۇلارغا سېتىش ھارامدۇر. بالىلارنى ئۇلارنىڭ بايراملىرىدا ئوينايدىغان نەرسىلەرنى ئويناشتىن توسۇش لازىم. مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ بايرام كۈنلىرىنى ئادەتتىكى كۈنلەردەك كۆرۈشى ۋە ئەھمىيەت بەرمەسلىكى ئىنتايىن مۇھىم" (پەتىۋالار توپلىمى 25-توم 329-بەتكە قارالسۇن).
ھاپىز زەھەبىي مۇنداق دېگەن «خرىستىئانلارنىڭ بايرىمى، يەھۇدىيلارنىڭمۇ بايرىمى بار. مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ بايراملىرىغا ئىشتىراك قىلمايدۇ».
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىنگە بىرى مۇنداق سوئال قويغان: «يېقىنقى يىللاردىن بىرى خرىستىئانلارنىڭ مۇھەببەت بايرىمىنى قۇتلۇقلاش ئىشلىرى يامراپ كەتتى. بەزى ئوقۇغۇچى قىزلار ئارىسىدا بۇنداق ئادەتنى دوراش خىلىلا ئېغىر، ئۇلار بۇ كۈندە قىپ -قىزىل كېيىم كىيىپ بىر- بىرىگە گۈل تەقدىم قىلىشىدۇ. بۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟
شەيخ ئۇسەيمىن جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا قاتنىشىش مۇنداق بىر قانچە تەرەپلەردىن جايىز ئەمەس:
(1) ئۇ بىدئەت ئىش، شەرىئەتتىن دەلىلى يوق.
(2) ئۇ ھارام مۇھەببەتكە ئېلىپ بارىدۇ.
(3) ئادەمنى كېرەكسىز ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلىپ مۇھىم ئىشلاردىن قالدۇرىدۇ.( پەتىۋا ئۇسەيمىن 16/199)
مۇنداق بايرام كۈنلىرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ يېيىش - ئىچىش، كىيىنىش، سوۋغات تەقدىم قىلىشىش ۋە ھەر قانداق ئىشتا بۇ كۈنگە ئالاقىدار ئىشلارنى قىلىشى ھارامدۇر. مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ دىنى بىلەن پەخىرلىنىدىغان، باشقىلارنى دورىمايدىغان بولىشى لازىم. ئاللاھ بىزنى ھەق دىنىمىزدىن ئايرىمىسۇن.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتىدىن، خرىستىئانلارنىڭ ھەر يىلى 2- ئاينىڭ 14 -كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇھەببەت بايرىمى ھەققىدە تۆۋەندىكى سوئاللار سورالغىنىدا:
بۇ كۈندە بايرام قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
بۇ كۈندە بىر نەرسە سېتىۋېلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
بۇ كۈندە بايرام قىلىدىغانلارغا بىر نەرسە سېتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەرنىڭ دەلىللىرى، ئىسلام ئۇممىتىنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆز قارىشىدا: مۇسۇلمانلارنىڭ يىلدا كىلىدىغان روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت بايراملىرى دەپ ئىككىلا بايرىمى بار. بۇلاردىن باشقىسى مەيلى كىشىگە ياكى كوللېكىپقا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن ياكى باشقا مەنىلەردە بولسۇن ھەممىسى بىدئەت. ئىسلام ئەھلىنىڭ بۇنىڭغا ئوخشىغان بايراملارغا ئىشتىراك قىلىشى ھارام. بۇنداق بايراملاردا خوشاللىق ئىزھار قىلىش ياكى ئۇلارنى تەبرىكلەش ياكى قوللاش ياكى ياردەم قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھارام. چۈنكى ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىلىرىدىن چىقىپ كەتكەنلەر ئۆزلىرى ئۈچۈن زۇلۇم قىلغۇچىلاردۇر. كۇففارلارنىڭ دىنىي تۈس بىلەن پەيدا قىلغان بايراملىرىغا ئىشتىراك قىلىش ھارام ئۈستىگە ھارام بولۇپ، بىرىنچىدىن بىدئەت، ئىككىنچىدىن كاپىرلارنى دوراش، دورىغاندىمۇ دىنىي ئىشلىرىنى دوراش بولسا، بەندىنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « كىمكى بىر قەۋمنى دورايدىكەن، ئۇ، شۇ قەۋمدىن بولۇپ كېتىدۇ» دېگەن.
ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى دېگەن خرىستىئانلارنىڭ ھەقىقىي دىنى بايرىمىمۇ ئەمەس، بەلكى بۇزۇلغان خرىستىئان دىنىنىڭ قەدىمقى رىملىق بۇددىستلاردىن قوبۇل قىلغان بۇددىزم ئادىتىدۇر. ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن مۇسۇلمان ئادەمنىڭ مۇنداق بايراملارنى قىلىشى، ئىشتىراك قىلىشى، ئۇلارغا ھەدىيە قىلىشى، ئۇلارنى قوللىشى، ئۇلارغا ياردەم قىلىشى ھالال ئەمەس. چۈنكى مۇنداق قىلىش گۇناھقا ياردەملەشكەنلىك، ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلىشقا ھەمكارلاشقانلىق بولۇپ، گۇناھى ئېغىردۇر. ئاللاھ قۇرئاندا: «ياخشىلىققا، تەقۋالىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا، دۈشمەنلىككە ياردەم قىلماڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر» دەيدۇ.
مۇسۇلمان ئادەم قۇرئان كەرىم بىلەن ھەدىسنىڭ روھىغا ئېسىلىشى ۋە پۈتۈن ھاياتلىق مۇساپىلىرىدە، كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ۋە ھەر قانداق ئىشتا قۇرئان كەرىم بىلەن سۈننەتنى چىڭ تۇتۇشى پەرزدۇر.
پىتنە - پاسات كۆپەيگەن، تەقۋالىق ئاز قالغان، ئەخلاق ئاجىزلاشقان، كۇففارلارنىڭ باتىل پىكىر ئىنقىلابى مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىگە بېسىپ كىرىشكە باشلىغان بىر ۋاقىتتا مۇسۇلمانلار ئۆز دىنىنى، ئېتىقادىنى، ئىسلامىي ئەخلاقىنى، مۇسۇلمانچە قائىدە - يوسۇنلىرىنى قوغداشقا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.
مۇسۇلمانلار « غەزەپ قىلىنغان» ۋە « يولدىن ئازغانلار» لارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قالماسلىقى، ئۇلارنىڭ زالالىتىگە ئىشتىراك قىلماسلىقى ۋە ئۇلارنىڭ پىتنىسىگە چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن قاتتىق ھەزەر قىلىشى لازىم.
مۇسۇلمان ھەر ۋاقىت ئاللاھتىن ياردەم سوراپ، دىنىدا مۇستەھكەم بولىشى، كۇففارلارنى دورىماسلىقى لازىم. ئاللاھتىن باشقا ھىدايەت قىلغۇچى يوق. ئاللاھ ھەممىمىزنى ھىدايەت قىلسۇن ئامىن.
ئىبنى جىبرىن ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى ھەققىدە سورالغاندا مۇنداق دېگەن:
1-بۇنىڭغا ئوخشىغان بىدئەت بايراملارنى قىلىش ھارام. چۈنكى ئۇنىڭ دىنىي ئاساسىي يوق.
2-مۇنداق قىلىش كۇففارلارغا ئوخشىۋالغانلىق بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى باشقا قەۋمگە ئوخشىۋالسا ئۇنىڭدىن بولۇپ كېتىدۇ».
3- مۇنداق بايراملاردا ھارام ئويۇنلار، ئەر - ئاياللار ئارىسىدا چەكلەنگەن ئالاقە، ئويۇن-تاماشا، ناخشا- مۇزىكا قاتارلىق دىندا چەكلىمە قويۇلغان ئىشلار بىلەن تولغان بولىدۇ. شۇڭا ھارام ئىشلاردىن چەكلىنىش ئۈچۈن بۇنداق بايراملارغا ئىشتىراك قىلماسلىق تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
شۇنداقلا بۇنداق بايرامدا بىر- بىرىگە ھەدىيە بېرىشىشمۇ ھارام، چۈنكى كاپىرلارنىڭ قىلىدىغان ئىشىنى دورىغانلىق ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلغانلىق، قوللىغانلىق ۋە ئۇلارنىڭ بايرىمى بىلەن خوشاللانغانلىق بولىدۇ.
ئاخىرىدا سىزگە شۇنى دەيمىزكى، ئىي مۇسۇلمان قېرىندىشىم! قايسى بىر خرىستىئان ياكى قايسى بىر يەھۇدىي ياكى قايسىبىر بۇددىست ياكى كوممۇنىست سىزنىڭ دىنىي بايرىمىڭىز بولغان روزا قۇربان ھېيتلىرىڭىزنى ھۆرمەتلەيدۇ؟ قايسىسى ئۇ كۈننى ئۆز بايرىمىدەك كۆرۈپ ئىشتىراك قىلىدۇ؟ قايسىسى سىزگە ھەدىيە بېرىدۇ؟ قايسىسى سىزنىڭ بايرىمىڭىزنى سىز باشقىلارنىڭ بايرىمىنى بايرام قىلىۋالغىنىڭىزغا ئوخشاش ئۆز بايرىمى قىلىۋالدى؟ بەلكى ھېيت-بايرام كۈنلىرىڭىزنىڭ كۆڭۈلسىز ئۆتۈشىنى خالايدۇ. ئۇلارنىڭ سىزنى سۆيمەيدىغانلىقىنى بىلەمسىز!؟، دىنىڭىزنى ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟! ئۇنىڭ ئەكسىچە سىز ئۇلارنىڭ بايراملىرىنى دوراۋاتىسىز!!!، ئۆزىڭىزچە يېڭىلىققا ياكى مەدەنىيەتكە يۈزلەنگەندەك ھېس تۇيغۇدا بولىسىز، بۇ قىلمىشىڭىز نېمىنىڭ بەدىلىگە؟! بۈيۈك دىنىڭىز، پاك ئەقىدىڭىز، گۈزەل ئەخلاقىڭىز بەدىلىگىمۇ؟!!! قېنى يەنە بىر قېتىم ئىمان، ئەقىدە، مىللەت-ۋەتەن، مىللى ئۆرپ-ئادەتنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئويلىنىپ كۆرۈڭ. بۇ قىلغىنىڭىز توغرىمۇ؟ ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولغا يېتەكلىسۇن.

دىنىمنىڭ ئۇستۇنلىكى -مىنىڭ شان-شەرپىم

دەلىللەنگەن ئەزا

ياخشىلىق،تارىم،

UID
1651
يازما
190
تېما
26
نادىر
0
جۇغلانما
73172
تىزىملاتقان
2009-4-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 21:52:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر فىلىملەردە چەتئەللىكنىڭ ئۇبۇرنىغا كىرىپ چىچقان يەرلىرىنى چىقارسا ئۆزگىچىلىك قىلىپ،چەتئەللەرنىڭ چىچىدىغان ھالىتىنىمۇ دورايمىزغۇ بەزىلەر...

ئۆتكەندە بىرسى ئۇچۇ يوللاپتىكەن،روژىستىۋا بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن دىگەندەك قىلىپ...مەن قەستەنگە خاتا يوللاپ قاپسىز دەپ قايتۇرسام،ياق خاتا ئەمەس،سىز پالانىغۇدەيدۇ،ھەئە مەنشۇ دەپ قايتۇرسام،شۇ دەل سىزنىڭ بايرىمىڭىزنى مۇبارەكلەپ ئۇچۇر يوللىدىم دەيدۇ...شۇنىڭ بىلەن مەن، كەچۈرىسىز مەن رۇژىستىۋا بايرىمى ئۆتكۈزىدىغان  خىرىستىيان ئەمەس،ۋە ياكى چەتئەللىك ئەجبەنىيلەر ئەمەس،ئۇچۇرنى راستلا خاتا يوللاپ قۇيۇپسىز..دىسەم نەچچە كۈن نان يىمەس بوپ قاپتىمىش

سېنى سۆيىمەن ئۇيغۇرۇم!

كۆيۈمچان ئەزا

ئۈمىد يۇلتۇزۇم

UID
4662
يازما
274
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
7555
تىزىملاتقان
2010-8-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
76 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 23:53:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 3قەۋەتتىكىorhun36 يوللىغان 2011-02-14 19:45 غا قارتىلغان  :
كوچىلارغا قارىمىدىم بۈگۈن،
باشقىلارنى كۆرۈپ ئىچىم قايناپ كەتمىسۇن دەپ .
2-3 تونۇشۇمغا تىلېۇن ئۇرسام بۈگۈن ،
ئالماي قويدى يولۇمنى توسمىسۇن دېدى بولغاي .
ئوينىغانلار ئويناۋېرىڭلار
.......
شىئېرمۇ يا بۇ؟

ئائىلەم مېنىڭ بارلىقىم.

كۆيۈمچان ئەزا

ئۈمىد يۇلتۇزۇم

UID
4662
يازما
274
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
7555
تىزىملاتقان
2010-8-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
76 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-15 00:00:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى دەپ قويسا،ئىمانسىزغا چىقىرىشىپمۇ كەتمەيلى، قېرىنداشلار. بۇنى ئىمانسىزلارنىڭ بايرىمى، دىنسىزلارنىڭ بايرىمى دېگەندىن كۆرە ، بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشكەن ئىككى ئادەمنىڭ ئالاھىدە بىر كۈنى دەپ تۇنۇساقمۇ بولىدۇغۇ. بۇنىڭ نەرى يامان. شۇ ئىششىقنى، شۇ مېھىر-مۇھەببەتنىمۇ اللە ئادەمنىڭ دىلىغا سالىدۇغۇ. ئۇنىڭ مەنىسىنى چەتئەلگە تەدبىقلاپ، ياكى باشقا بىر دىندىكىلەرگە تەدبىقلاپ تۇيماستىن«ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى»دەپ قويغانلارنىمۇ دىنسىزغا چىقىرىۋەتمەيلى. كىمنىڭ ئىمانى سۇس،كىمنىڭ كۈچلۈك سىز بىلمەيسىز، مەن بىلمەيمەن، بىر اللە بىلىدۇ. بىكاردىن خەقنىڭ گۇناھىنى ئارتىۋالغۇچە ، كەڭ قۇرساق بولساق، ھەممە ئىشلار جايىدا يۈرۈشىدۇ ئەمەسمۇ. مانا، بۇ تېمىمۇ شۇنداق ياخشى يوللىنىپتۇ، تېما ئىگىسىمۇ خېلى كۈچ سەرپ قىلىپتۇ. لېكىن بىز بىر ئۆرۈلۈپلا ئۇنى شىئېر يېزىپ بىزگە ھوزۇر ئاتا قىلغىنىغا تويغۇزىۋەتمەيلى. خەقمۇ بىكاردا قېلىپ، قىلىدىغانغا ئىشى يوق بوپ قېلىپ،شىئېر يېزىپ ئولتۇرمايدۇ، ھەرقايسىمىزنى دەپ يازىدۇ. خەقنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىشنىمۇ بىلەيلى.
تېما ئىگىسى،شىئېرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ، رەھمەت سىزگە.

ئائىلەم مېنىڭ بارلىقىم.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش