بىر سائىلنىڭ رىسالىسى
روزى سايىت
قول ، پۇتى ساق ، قەلبى چولاق توكۇرمەن ،
غۇرۇر سېتىپ مۇتقا ، توقۇم توقۇرمەن .
سىياقىمدا بىچارىلىك ، مىسكىنلىك ،
بارغان يەردىن « چالما » يۈدۈپ قوپۇرمەن .
پارچە-پۇرات سەدىقىگە خوشۇم يوق ،
چوڭ-چوڭ بەرسە ئاندىن رەھمەت ئوقۇرمەن .
ساددىلارغا ئېيتارىم شۇ :« دادام يوق ،
پۇلسىز ، كېسەل -ئۈچەيلىرىم سوقۇرمەن .
ئانام قارىغۇ ، ئاكام پالەچ ، ئىنىم گاس ،
ئاھ ، نامراتلىق ...» دەيمەن تىنىپ چوڭقۇر مەن .
« سېخىيلارنىڭ جايى جەننەت ! » شۇ گەپتە
يانچۇقىنىڭ ئاغزى چىڭنى نوقۇرمەن .
ئالىقان ئېچىپ ، دۇئا چېچىپ ، كۆز ياشلاپ ،
بەرمەسلەرنىڭ ئىنسابىنى چوقۇرمەن .
خەقنى ئالداپ تاپقىنىمنى ھەر ئاخشام
تاۋىكاغا خەجلەيدىغان موخۇرمەن .
ئاكام تىمەن ، ئانام ساپمۇساق ، دادام بار ،
( ئاغزى شالتاق ، لەۋزى يالغان كۇپۇرمەن ) .
ياتار جايىم تۇغ-شەددىلىك گۈمبەزدە ،
نىكاھىمدا ئىككى خوتۇن-پوخۇرمەن ...
قول قاپارتىپ يۈرمىسەممۇ ، يېنىم توم ،
رىزقى كەڭرى ، ئەقلى چولتا « خور-خور » (1) مەن .
باغرى يۇمشاق مىللىتىم بار بەرگىلى ،
بەرگەنسېرى قىچىشقاقتەك يۇقۇرمەن .
نامىم سائىل ، ھېچنەرسىدىن كېمىم يوق ،
خۇدا بەرگەن «ھالى ئېگىز ئوقۇر » مەن .
كېمىمغۇ يوق ، يۈرەك پوك-پوك غېمىم بار ،
يۇرت شەنىگە داغ ، ساقايماس قوتۇرمەن .
دەپ قالسا ئەل : « ئىشلەپ يېگىن ئالدامچى ! »
ھالىم چاتاق ، ئۇچاغ ئوپۇر-توپۇرمەن ...
« ئانا تىلىم زەر تىلىم » دىن ئېلىندى.