ئاجايىپ بىر باشلىق بار ئىدى شۇنداق ،
كۆزىدە نام - مەنسەپ ، مەنپەئەت ئۇچقۇنى .
تەبىئىيتى ناقابىل ، يارامسىز ئەسلا ،
توۋا ، دەي بۇ ئىنسان تۇتقان يولىنى .
يۇقرىدىن كەلگەندە رەھبەر تەكشۈرۈپ ،
خىلمۇ - خىل كۈلكىلەر چىراي شادىمان .
ئاغزىدىن چىققان سۆز پەقەتلا ماقۇل ،
خوشامەت ئۈچقۇنى غالىبتۇر ھامان .
ئاچكۆزدۇر ، تاماخور ئېچىرقاپ كەتكەن ،
ھەتتاكى كۆڭلىدە ھەممىسى ئۇنىڭ .
گەپ قىلساڭ ئالدىدا ھاجەت - تەلمۈرۈپ ،
قالمايدۇ يېنىڭدا بىر مو ، تىيىنىڭ .
تېزەكنى قوزغىسا سېسىقى چىقار ،
يولسىزلىق ، بېشەملىك قىلىدۇ دائىم .
ئالدىدا تىك تۇرۇپ ھەق سۆزلىسەڭمۇ ،
يوقتۇر ئۇنىڭدەك يەنە بىر زالىم .
ئاتىدىن ھىممەتتۇر ، ئوغۇلدىن خىزمەت ،
ئەي ، نادان خىزمەتچى ، باشلىق ئونۇتما .
خەلقتۇر گۇياكى ئاتاڭ سىماسى ،
نام - مەنسەپ ، بايلىققا كۆڭۈل سويۇتما .
بىر كۈنى قالىسەن يىغلاپ ئاھ ئۇرۇپ ،
ۋە لىكىن ھەقىقەت يەكلەيدۇ ھامان .
ئاش بەرگەن ، نان بەرگەن ، ھوقۇقنى بەرگەن ،
خەلق يوق ئاتاڭدەك باغرىغا باسقان .