مۇشۇ ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلىفۇن ئىشلەتكەندىن بېرى ئۇچۇرلانى تېلىفۇندا كۈرۈپ ئۇزۇن بۇپتۇ تىما يوللىمىغىلى ،بايا مىسسى بىلەن س.لو توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلارنى كۆرۈپ ئىلھاملاندىم چېغى بىر يۈرۈش خەۋەر يوللاي دەپ كۈرۈپ قۇياسىلە :

كاكا مادرىدقا كەلگەندىن كىيىن ئۇزۇن ئۆتمەي يارلىنىپ ،مورىنھو كاكانى يارىسىنى يۇشۇرغان دەپ ئەيىپلەپ ئازقالغان قوغلىغىلى ئادىمىنىڭ كەملىكى ،سەۋەپ بولدىمۇ ئېپ قالغانتى .<<كۈندىلىك پوچتا گېزىتى >>نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا روسىيىلىك باي ئابلاموۋىچ 25 مىليۇن فونىدسىتىرلىڭ چىقىرىپ كاكانى سېتىۋېلىشنى خلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .ئەمدىلا تېخى تورىس بىلەن داۋىد لوئىسنى 70مىليۇن خەجلەپ سېتىۋالغانتى ،پۇل كۆپ دە بۇنىڭدا .

ما ۋۇ فابرىگاس باسادىن چىقىپ ئۆيىگە قايتالمايۋاتىدۇ ،ئۇنىڭ كەتكۈسى باتتى لېكىن .مادرىد يېقىندا 60 مىليۇن ياۋرۇلۇق باھا بىلەن ئۇنىڭ پېيىغا چۈشكەنلىكىنى ئاشكارلىدى ،باسا يازدا 40 مىليۇن باھا قويغان بىراق ئارسىنال سۆزلىشىشنىمۇ رەت قىلغان بۇقېتىم 50 مىليۇن چىقىرىشنى پىلانلاپتىمىش ،بانكا قوللىغان تەقدىردىمۇ ئاران 40 مىليۇن چىقىرالايدۇ ،ئامال يوق ساتاي دىسە ئادەم كەم ،چېلسىمۇ كۆز تىككەنمىش بۇنىڭغا .

يەنە شۇ س.لو ھەممەيلەنگە مەلۇم بولسا كېرەك ئۇ مادرىدقا كەلگەندىن كىيىن توپ ئۇرالمىغان بىردىن-بىر كۇلۇپ بارسىلونا
ئۇ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا بۇيىل چۇقۇم باساغا توپ ئۇرىمەن دىگەن .
خۇشاللىنارلىق يېرى ئۇ يەنە مۇخبىرنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى كىم ؟ دىگەن سۇئالىغا مىسسى دەپ جاۋاپ بەردى .
كەمتەرلىكنى ئۈگىنىشكە باشلىغان چېغى .

تېڭشۈن تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا قاتارلىق گېلىز ئائىلىسى ۋە قاتار پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى بىرلىشىپ مانچىستىر بىرلەشمە كۇلۇبىنى 1مىليارد 600 مىليۇنلۇق باھادا سېتىۋالماقچى بولغان ،ئىككى تەرەپ كىلىشىپ بولغان .
مەن دائىم پۇتبول كۈرەتتىم بۈگۈن خزمەتداشلېرىم ھەممى توختىماي ۋاسكىتبول سۆزلەپ كەتتى مەن يا بىلمىسەم شۇڭا بۈگۈن ئالاھىتەن كۆردۈم شىنجاڭ گۇاڭخۇي بىلەن فۇجىيەننىڭ مۇسابىقىسىنى ،شىنجاڭ كوماندىسى يەڭدى ئاخىردا ،نەتىجىسىگە قارىساممۇ يامان ئەمەس 18 يىڭىپ 1 يىڭىلىپتۇ بىرىنچىكەن نۇمۇر تەرتىپىدە ،ئەتە بېرىپ تازا سۆزلەي مەنمۇ .
قالغىنىنى ئەتە يوللاي.