تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1274|ئىنكاس: 8

مەڭگۈلۈك ئەقىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
8515
يازما
9
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
219
تىزىملاتقان
2011-1-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-12
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-11 13:37:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تونۇشقاندىن بۇيان سەن بىلەن،
ئۆتتى باشتىن نۇرغۇن قىيان-لەڭ.
تاۋلىدى ھەم مۇستەھكەم قىلىپ،
قىيان بىرلە ئەقىدەممۇ تەڭ. 

گەرچە يىراق تۇرساقمۇ، بىراق،
ئۈمىد بىرلە تەلپۈندۈم ساڭا.
گاھى رەشىك ئوتى ياقساڭمۇ،
ئاتا قىلىپ ئازاپنى ماڭا. 

ھېجراننىڭمۇ ئاچچىق ئازابى،
بەلكى ماڭا بولدى بىر بەخت.
رەنجىسەڭمۇ ئۇرۇنسىز مەندىن،
ساڭا دىلدىن راسلىغاچ تەخت. 

مەيلى رەنجى مېنىڭدىن، ئەمما
چۈشەنسەڭلا بولدى قەلبىمنى.
ساڭا بولغان ئەقىدەم بىلەن،
ساڭا بولغان ئوتلۇق مېھىرىمنى. 

يىللار ئۇزۇن (ھايات بىز تېخى)
كۈتەر بىزنى گۈزەل مىنۇتلار.
ئىشەنچىم بار ئۆزۈمگىمۇ ھەم،
گاھى كەلسە تاغدەك توساقلار، 

كۈچ قۇۋەتتۇر مېنىڭ جىسمىمغا،
سېنىڭ سۆيگۈڭ، سېنىڭ ئەقىدەڭ.
بوران چاپقۇن كەلسىمۇ بەلكى،
تەۋرىتەلمەس ۋەدەمنى ۋەدەڭ.


 مەنبە : ئىجادىيەت

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
7397
يازما
322
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
10295
تىزىملاتقان
2010-11-21
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-11 17:36:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىراق دەپ ئارىنى كۆڭلىڭنى بۇزما،
كاككۇك ۋە زەينەپتىن ياخشى ھالىمىز.
ۋىسالغا يىتەلمەي كەتسە بەزىلەر
ئارمانلار قۇچىمىز قىلىپ گاھىمىز؟

توموچۇق

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1365
تېما
36
نادىر
0
جۇغلانما
43100
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-29
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-11 18:59:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆيگەندە  شاماللار مەڭزىڭگە يېنىك،
قالارسەن سەن مېنى ئەسلەپ شۇ كۈنى.
تەۋرەنمەس ساڭا بولغان ئەقىدەم ،
يۇرسەممۇ  سەرسانا ،كۈندۇز ھەم تۈنى.

يەر شارىدا قالمىسا ئىنسان گەۋدىسى ،قالار شۇ كىشىنىڭ قول يازمىسى

UID
6765
يازما
100
تېما
17
نادىر
0
جۇغلانما
3191
تىزىملاتقان
2010-10-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-13
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-11 19:02:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنلام شىئېر يازالمايمەن دېسە،ئۇيغۇردىن شىئېر يازالمايدىغاندىن يەنە كىم باردۇ؟مۇشۇ مۇنبەردىكى شىئېرلارغا ئۆلچەم نىمە بىر بىلىپ باقساق بۇلاتتى؟

ئىنسان

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
9138
يازما
83
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2674
تىزىملاتقان
2011-2-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-7
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-11 20:26:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىڭىزنى ئۇقۇپ ئىلھامىم كىلىپ قالدى.
ئاخشاملىرى كۆرگىنىڭدە يۇلتۇزلارنى،
چاقنىغىنى يۇلتۇز ئەمەس كۆزلىرىمدۇر.
دەرەخلەرنىڭ يىنىككىنە شىۋىرلىشى،
ساڭا مەنسۇپ دىيەلمىگەن سۆزلىرىمدۇر.

چىنار

دائىملىق ئەزا

ئۇنتۇپ كەت يۈرۈگ

UID
2561
يازما
621
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
20247
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-12 11:10:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈندە بىر رەت ئۇچۇرشىپ تۇرساق ،
يۈرمەس ئىدۇق بۇتناپ قورۇنۇپ .
سەن ئۇياقتا ،مەن بۇياقتا يار ،
كىمنى كىمدىن يۈردۇق قورۇشۇپ .

جاھاندا ئۆزۈڭدىن چوڭ كۆڭۈل يوق .

UID
5932
يازما
85
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
930
تىزىملاتقان
2010-9-24
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-12 12:44:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلكۇيى مۇنبىرىدىكى ئەزالارنىڭ ئىلھامى يانچۇقىدىلىمىكىن دەپ قالىمەن بەزىدە! [s:2]

تىرىشچان ئەزا

ئىنسان ئارمان بى

UID
2276
يازما
240
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
2500
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-12 17:25:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ شىېر يازالمىساممۇ ،قىزىقىپ ئوقۇپ قۇيىمەن

ئىنسان ئارمان بىلەن ياشاپ ،ئارمان بىلەن ئۆلىدۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

مۇھەببەت دۇنيان

UID
7973
يازما
98
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
3069
تىزىملاتقان
2010-12-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-26
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-13 00:56:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تىما ئىگىسى(izim)نىڭ يازمىسىغا قارىشىم

يىراقتىكى ئۇ قىز سىزنى تاشلىۋەتسىچۇ؟
داۋامىنى يىزىڭ ئاخىرىنى چىقىرىڭ، مەسلە تىخى تولۇق ھەل بولمىدى
دەردىڭىز بولسا دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇڭ، بىرلىكىتە ھەل قىلىمىز       

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش