كۆرۈش: 17779|ئىنكاس: 26

كىرىستىنا رونالدو ۋە مىسسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم.. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
3439
يازما
150
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1670
تىزىملاتقان
2010-7-17
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-11 01:29:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ئەسسالام  ئەلكۈيى مۇنبىردىكى بارلىق تورداشلار ھەم مۇنبەر ئۈچۈن خىزمەت قىلۋاتقان بارلىق خىزمەتچىلەرگە ئوتلۇق سالام. مەن بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولغلى خېلى بولغان بولسىمۇ ئەمما ۋاختى- ۋاختىدا كىرەلمەي قالدىم. ئەمما مەن ھېلىمۇ بەزى تورداشلارنىڭ ئىسىدە دەپ ئويلايمەن.   گەپنى قىسقىلا قىلاي.ئەسلى گەپكە كەلسەك.: مەن ئەلكۈيى توربىتىنىڭ باش بېتىنىڭ < مىسسى جەنۋەدىكى مۇسابىقىدە ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى> ناملىق خەۋەرنى قىزىقىپ ئۇقۇدۇم. پوتبول بولسا تەنتەربىيەنىڭ شاھى .ئەڭ يۇقىرى پەللىسى .پۇتۇن دونيادىكى ئەڭ قىزىق تىما.  مەن  بىر قىز بولساممۇ پۇتبولنى بەك ياخشى كۇرىمەن مەن ئۈچۈن توپ كۇرۇش دۇنيادىكى ئەڭ كۇڭۇللۇك ئىش.  بۇ خەۋەرنى ئۇقۇدۇم ئۇقۇدۇم يۇ كۆڭلۈم يېرىم بولدى. چونكى مەن بۇ مۇسابىقىنى كۈرۈش ئۈچۈن ئەتىگەن ئىشقا باردىدىغانىمغا قارىماي كېچە 2 بىلەن كومپىيۇتىر ئالدىغا كىلىپ ئولتۇرۇپ كۆردۈم. بۇ مۇسابىقىگە پۇرتىگالىيە بىلەن ئارگنىتىنا خەلقى قىزىقپلا قالماستىن پۈتۈن دۇنيا توپ مەستانىلىرى قىزقىۋاتقان مۇسابىقە. چۈنكى بۇ كوماندىلا  مىسسى بىلەن كىرىستىيانۇ رونالدۇدىن ئىبارەت گىگانىت چولپانلار بار.
   مۇسابىقە جەمئىي 90 مىنۇت ئوينالدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان 13 مىنۇت بولغاندا ئارگىنتىنا تەرەپ بىر توپ كىرگۈزدى. 25 مىنۇت بولغاندا پورتىگالىيەدىن س. لو ئىنتايىن چىرايلىق توپتىن بىرنى كىرگۈزدى. شۇنىڭ بىلەن نەتىجە ئالدىنقى يېرىم مەيداندا1-1 بولدى توپ كونتىرول قىلىش نىسپىتى 67 پىرسانىت پورتىگالىيە ئىگەللىدى.. كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە  س. لو نى مەيداندىن چۈشۈرۋالدى. س. لو مەيداندىن چۈشىشى بىلەن ئارگىنتىنا كوماندىسى سەل جاللاندى. ئەمما پورتىگالىيەمۇ بوش كەلمىدى. ئەمما س. لو نىڭ بولماسلىقى سەۋەبىدىنمىكىن پورتىگالىيە كوماندىسى سەل جىددىيلىشىپ قالدى. مۇسابىقە ئاخىرلىشىدىغانغا 10 مىنۇتمۇ قالمىغاندا  سۇقۇلۇپ يېقىلىش سەۋەبىدىن< بۇنداق يېقىلىشلار مۇسابىقە جەريانىدا كۆپ بۇلىدۇ ھەم ساختىمۇ يېقىلىدۇ.>  ئارگنتىنا ئەڭ يېقىن ئارلىقتىن بىر نوقتا تىپىش پورسىتىگە ئېرىشىپ مىسسى بىر نوقتا توپ تەپتى. ئەلۋەتتە مەن دىمىسەممۇ نوقتا توپنىڭ  يېقىن ئارلىقتىن ۋارىتارغا بىۋاستە ئورولدىغانلىقىنى ئەتراپىتىكىلەرنىڭ نوقتا توپنى توسمايدىغانلىقىنى پەقەت ۋارتانىڭلا تۇتۇۋېلىش پۇرسىتى بولدىغانلىقىنى . نوقتا توپنىڭ ئىنتايىن رەھىمسىز بولدىغانلىقىنى چۇنكى نوقتا توپنىڭ كىرىش نىسپىتىنىڭ 90 پىرسانتىىن يوقىرى بولدىغانلىقىن ھەممىمىز بىلىمىز.
  مەن بۇ يەردە مىسسسى تەلىيگە تاياندى ھەم ئىككىلا مەيداندا بار شۇڭا توپ تىپەلىدى دىمەكچى ئەمەس. مىسسىمۇ قالتىس توپچى.  س. لو بولسا مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان تېخنىكسى ئەڭ ياخشى سۈرئىتى ئەڭ تېز توپچى..بۇ توغۇرلۇق نۇرغۇن غۇلغۇلا بولدى. بىرسى يېرىم مەيدان قاتناشتى. بىرسى تۇلۇق قاتناشتى. بىرى بىۋاستە توپ كىرگۈزدى يەنە بىرى بولسا ۋاستىلىق.  بۇ توپلارنىڭ پەرقى بار. ئۇلارنى سېلىشتۇرۇش توغرا كەلسە كىرگۈزگەن توپ سانىنى .بەدەن ساپاسىنى. تېخنىكىسىنى  سېلىشتۇرۇش كېرەك.  ھازىر ئىسپانىيە  پۇتبول بىرلەشمىسى بۇيىچە س. لو  25 توپ ئۇرۇش بىلەن بىرىنچى ئۇرۇندا.مىسسى بولسا 23 توپ بىلەن ئىككىنچى ئۇرۇندا.
   س. لو غا كەلسەك. ھەددىدىن ئارتۇق ئۆزىگە ئىشىەنگەنلىكى ئۈچۈن بۇرۇن ئازراق شەخسىيەتچى دەيتى. ئەمما ھازىر باشقىلارغا مەسلەن ئۇزىل كاكا بېنزىرما ... قاتارلىقلارغا ھەدەپ پاس بېرىپ،ئۇلارغا ياخشى توپ تىپىش پۇرسىتى يارتىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇنى مسىىسنى قوللىغاندەك قوللايدىغان بارسىلونا كۇلۇبىدا ئەمەس. مىسسى بارسىلونادا بولغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن ئەۋزەل شارائىت ۋە مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. س. لو مەيلى مانچىستىدىكى چاغدا بولسۇن ئىپادىسى ئىزچىل ياخشى. توپ تىپىۋاتقاندىكى ھالىتى تېخنىكسى ئىنتايىن چىرايلىق ھەم قالتىس.  مىسسسىمۇ شۇنداق داڭلىق توپچى. ئۇنىڭ تېخنىكىسىمۇ شۇنداق ياخشى. بۇلار بىر-بىرنى تۇلۇقلايدۇ. بۇلار بولغاشقا پوتبول تېخىمۇ قىرىيدۇ.
   بىزگە شونداقلا توپ مەستانىلىرىگە ئايان جوڭخۇۋا مىللەتلىرى مىسسىنى بەك ياقتۇرىدۇ. خەنزۇ خەلقىمىزنىڭ ئىچىدە مىسسى مەستانىلىرى 90 پىرسەنىت. ئۇلار مىسسىنڭ يوۋاشلىقىنى تېرىنىرلىرى نىمە دەپ ئورونلاشتۇرسا ھە دەيدىغانلىقىنى يەنە ئۇنىڭ تېخنىكىسنى ياختۇردۇ. س. لو نىڭ ئىگىز كىلىشكەن بويلىرىنى مىجەزىنىڭ چۇسلىقىنى ياخىتۇرمايدۇ. ئەكسىچە كوللىكتىۋىزىملىق روھى ئاجىز دەيدۇ.  
    

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

ئۆمۈد سەن قەيەرد

UID
3434
يازما
107
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
3468
تىزىملاتقان
2010-7-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-11 17:47:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسسى ھەقىقەتەن ياخشى توپچى ،پۇتبۇل مەستانىسى بولۇش سالاھىيەت بىلەن ،مسسىنىڭ 1988-دىكى مارادونانىڭ ئىز باسارى بۇلالىشىغا ئىشىنىمەن .

س.رونالدو غا كەلسەك ئۇمۇ مسسى دىن ئىشىپ چۈشىدىغان مۇنەۋەر توپچى،لىكىن ئۇنىڭ مۇھەببەت قارشىدا مەسىلە بارمىكىن دەيمەن .

مۇرادىللوف

UID
9308
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
70
تىزىملاتقان
2011-2-10
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-11 18:24:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسسى بىلەن خىرىستىئانو رونالدونى سىلىشتۇرساق بولماس!!!

ئېتقاد ۋە بىلىم- باشقىلار ئوغۇرلىيالمايدىغان بايلىق!

UID
9308
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
70
تىزىملاتقان
2011-2-10
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-11 18:48:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسسى بىلەن كىرىستىئانو رونالدونى سىلىشتۇرساق بولماس!!! ئالدى بىلەن"  ھازىر ئىسپانىيە  پۇتبول بىرلەشمىسى بۇيىچە س. لو  25 توپ ئۇرۇش بىلەن بىرىنچى ئۇرۇندا.مىسسى بولسا 23 توپ بىلەن ئىككىنچى ئۇرۇندا. "  دىگىنىڭىز بىلەن[ئەمەلىيەتتە مىسسىنىڭ ئۇرغان توپ سانى 24]، مىسسىي 20 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 24 توپ ئۇردى، ئۇنىڭ ئىچىدە ئىككىلا نۇقتا توپ بار، كىرىستىيانو رونالدو بولسا 22 مەيدان مۇسابىقىگە تولۇق قاتنىشىپ 25 توپ ئۇردى، ئۇنىڭ ئىچىدە تېخى نۇقتا توپتىن بەشى بار.
        ئالدىنقى كۈندىكى مۇسابىقىدە مىسسىنىڭ بىر نۇقتا توپ ئۇرشىدىن باشقا، بىرىنجى توپنى جۇگۇڭ[ئۇيغۇرچە نىمە دەيدىغاندۇ، سەت بولدى] قىلدى، دىمەك ئىككىلا توپتا مىسسىنىڭ تۆھپىسى زور، شۇنداقتىمۇ بۇ بىر مەيدان مۇسابىقە ئارقىلىق ئۇلارنى سېلىشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيتى يوق. ئۇنىڭدىن سىرىت تېخنىكا، سۈرئەت جەھەتتە  كىرىستىيانو رونالدو (مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ) دەرىجىدە ئەمەس، مىسسىنىڭ سۈرئىتى، تېخنىكىسى  كىرىستىيانو رونالدودىن تۆۋەن ئەمەس. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا  كىرىستىيانو رونالدو  تېخى فىگوغىمۇ يەتمەيدۇ، فىگو يەنىلا پورتۇگالىيە تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىلىق سالاھىيتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. مىسسىي ئەگەر كىلەر قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنى ئالالىسا مارادونادىن ئېشىپ چۈشىشى ئېنىق. مىسسىي نۆۋەتتە پىلى، دى سىتىفانو، مارادونا، زىدانىي، رونالدولاردىن قالسا دۇنيادىكى 6- مۇنەۋۋەر توپچى بولۇشقا لايىق، كىرىستىيانو رونالدو  تېخى رونالدىنخوغا يېتىشكىمۇ خىلى بار. كىلەر يىلى مىسسىي دۇنيا پۇتبۇل تارىخىدىكى ئۇدا ئۈچ يىل دۇنيا پۇتبۇل ئەپەندىسى بولغان تۇنجى توپچى بولۇش ئېھتىماللىقى ئېنتايىن يۇقۇرى.
         ئومومەن  كىرىستىيانو رونالدو نۆۋەتتىكى ئەڭ ياخشى توپچىلارنىڭ بىرى، مىسسىي بولسا نۆۋەتتىكى بىردىنبىر ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى دىسەك خاتالاشمايمىزغۇ دەيمەن.

ئېتقاد ۋە بىلىم- باشقىلار ئوغۇرلىيالمايدىغان بايلىق!

UID
8631
يازما
115
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3417
تىزىملاتقان
2011-1-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-3
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-11 21:19:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتپول تارىخىنى كىشىلەر 4 دەۋىرگە بولىدىكەن ،،،
1- پىلى دەۋرى 2- مارادونا دەۋرى 3-رونالدو،زىدانىي دەۋرى ،،،،  4-دەۋىرگە يوقارقىلا كەبىي بىر گىگانىت چولپان چىقىشىنى ھەممە ئارزۇ قىلىدۇ ،،،بىر مەھەل رونالدىنىئودىن كىشىلەر ئۇمۇد كۇتكەن بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ 2008يىلدىن كىيىن ئىپادىسى بۇ دەۋىرنىڭ ئۇنىڭغا خاس ئەمەسلىكىنى كورسەتتى ،،، ھازىر كىشىلەر بار ئۇمۇدىنى مىسسىيغا ۋە س رونالدوغا قاراتماقتا ،،
لىكىن ئالغان نەتىجە بولسۇن مەيداندىكى ئىپادىسى بولسۇن مىسسىي يەنىلا كورىنەرلىك ئۇستۇنلىكتە ،،، ئوتكەن يىلى پۇتپول ئەپەندىسىنى سايلاش پائالىيىتىدە مىسسىي بىلەن س رونالدوغا چۇشكەن بىلەتكە قاراڭلار مىسسىغا چۇشكەن بىلەت س رونالدوغا چۇشكەن بىلەتنى ئۇچ قاتلىۋەتكەن ،،،، بۇ يىل بولسا مىسسىي يەنە پۇتپول ئەپەندىسى بولدى ،، ئەمما س رونالدۇ ئالدىنقى ئۇچ قاتارىغىمۇ كىرەلمىدى ،6- بولدى باھالاشتا،،،،،  بىز توپچىغا باھا بىرەلمەيمىز ،،چۇنكى بىز كەسپىي ئەمەس ،،، ئەمما دۇنيا پوتپول ئەپەندىسى باھالىغۇچىلار ھەر قايسى دولەت باش تىرنىرلىرى ، مۇخبىرلار ، پوتپول ژورنىلى تەھرىرلىرىدىن تەركىب تاپقان ،،،،
شۇنداق بولسىمۇ ئۇلارنى سىلىشتۇرما قىلىپ باقاي ،،،،
مىسسىي =تالانت ،،،، س رونالدو= تىرىشچانلىق ،،،،
مىسسىينىڭ بەش ئادەمنى ئالداپ ئۇتىشى ، ھەتتا سەۋىلىيە ، بالونسىيە ، ئاسىنا كوماندىلىرىغا ئۇچ توپ، توت توپ ئۇرغاندەك س رونالدو تىخى بىرەر داڭلىق كوماندىغا  ئۇچ توپ ئۇرغىنى يوق ،،،، س رونالدۇ بەلكى ئەل ئومرىدە مىسسى بەش ئادەمدىن ئالداپ ئوتۇپ سولىغاندەك چىرايلىق توپنى سولىيالىشى ناتايىن ،،،   باش توپتا س رونالدو تەبىي ئەۋزەللىككە ئىگە ،،، ئىختىيارى توپمۇ س رونالدونىڭ مىسسىنى بىسىپ چۇشىدىغان بىر تەرەپى ،،، مىسسىمۇ يىقىندىن بۇيان خىلى تىپىدىغان بوپ قالدى ئىختىيارى توپنى ،،،،  س رونالدونىڭ ھەركىتى چىرايلىق ، كوزنى چاقنىتىۋەتكىدەك چىرايلىق ھەركەت ئىشلەيدۇ ، مىسسىي قارىماققا شۇنداق ئاددىي ھەركەت ئىشلىگەندەك قىلىدۇ ئەمما بەك ئۇنۇملۇك ،،،،مىسسىنىڭ سەبدىشىنىڭ توپ سولىشى ئۇچۇن چىقىرىپ بەرگەن توپى س رونالدودىن كوپ ،،، ئاخشامقى مۇسابىقىدىمۇ ئارگىنتىنانىڭ بىرىنجى توپىنى مىسسى ئىككى ئادەمنى ئالداپ ئوتۇپ چىقرىپ بەرگەن ،،
يىغىنچاقلىسام   س رونالدو ھەقىقەتەن ئسىل توپچى ،،، لىكىن ئۇ تەلىيى كاج توپچى ،،، ئۇنىڭ تەلىيىنىڭ كاجلىقى دەل مىسسىي بىلەن تەڭتۇش، بىر دەۋىردە توپ تىپىپ قالغانلىقى ،،،،
بەزىدە ئويلاپ قالىمەن مىسسىي بولمىغىنىدا كىممۇ ئۇنى ئۇنۇملۇك توسىيالار ئىدى ،،،، مىسسىي بولمىغىنىدا ئۇ تەڭداشسىز توپچى ھىسابلىنىشى  مۇمكىن ئىدى

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
7974
يازما
117
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
3968
تىزىملاتقان
2010-12-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-31
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-11 21:46:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يۇقارقى ئىنكاسلارغا ئوخشىمىغان بىر پىكىر قىلىپ باقاي، ھەممىڭلار مېسسىنى رونالدودىن ياخشى دەپسىلەر، مەن بۇ پىكىرنى رەت قىلماقچى ئەمەس لېكىن يەنە بىر نۇقتىدىن ئويلىنىپ بېقىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن، مېسسى خان جەمەتى مادىرىت كۇلۇبىغا ئالماشسا يەنە شۇنداق يۇقىرى تېخنىكىسىنى ساقلاپ قالالامدۇ؟ مېنىڭچە بۇ مۈمكىن ئەمەس، مېسسىنى مېسسى قىلغان ئەتراپىدىكى سەبداشلىرى، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ماسلىشىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى، بۇنىڭ تۆھپىسىنى پۈتۈنلەي ھازىرقى مەشقاۋۇلغا بېرىشكە بولمايدۇ، ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇل ھازىرلىغان ئەينى ۋاقىتتىكى گوللاندىيەلىك ئۈچ قىلىچۋازنىڭ بىرى بولغان رېجكارىدقىمۇ تېگىشلىك ھەسسىسىنى بېرىش كېرەك دەپ قارايمەن. ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى پىلاتىنىنىڭ مۇسابىقىگە رېپىرلىك قىلىدىغان رېپىرلارغا رونالدو، مېسسى، كاكاغا ئوخشاش تېخنىكىنى ئاساس قىلىپ ئوينايدىغان توپچىلارنى قوغداش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگىنىدىن بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھازىرقى زاماندىكى پۇتبولچىلار ئىچىدە ئىگىلىگەن ئورنىنى بىلمەك تەس ئەمەس. پۇتبول ئۆزىنىڭ سېھرى كۈچى بىلەن ھەممىمىزنى بۈگۈنگە باغلاپ كەلدى، تارىختا ئۆتكەن پۇتبولچىلارنىڭ ياخشى ناملىرىدىن باشقا يامان ناملىرىمۇ بار بۇنى دېمىسەممۇ ھەممىمىز بىلىمىز، رونالدونى مۇھەببەت قارىشى ياخشى ئەمەس دېگەن پىكىرنىمۇ قوللايمەن لېكىن مېسسىنى يۇۋاش دېگەن پىكىرنى ئانچە قوللاپ كەتمەيمەن، مېسسىمۇ بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىپ كېلىپلا بۇرۇنقى قىز دوستىنى تاشلىۋەتتى، بۇنداق ئىشلار ھەممە پۇتبولچىلاردا بار، بىز پۇتبولچىلارنىڭ ئەخلاقىنى سۈرۈشتە قىلماي ئۇنىڭ مەيداندىكى تالانتىنى ھەم شۇ توپچىنىڭ كۇلۇپلىرىغا قوشۇۋاتقان تۆھپىلىرى توغرىسىدا سۆز قىلايلى.

ئەجداتلىرىم تۇتقان قەلەم، ئۈندەر مېنى ئالغا ھەردەم.

UID
8631
يازما
115
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3417
تىزىملاتقان
2011-1-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-3
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-11 21:57:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتراپتىكىلەرنىڭ قوللىشى بولمىسا مىسسىمۇ بولمايتى ، س رونالدومۇ بولمايتى ،،،، پورتىگالىيە كوماندىسى بىلەن ئارگىنتىنا كوماندىسىنىڭ دۇنيا پوتپول مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسىگە قارىساقلا  ئەتراپتىكىلەرنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلغان مىسسىي بىلەن س رونالدونىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلالايمىز ،،،،،،،،  بۇ مىنىڭچە ھەممە توپچىغا ئۇمۇمىي مەسلە ،،،، كوللىكتىپ كۇچىدىن ئايرىلسا مانا مەن دىگەن توپچىمۇ ئوزىنى 100پىرسەن كورسىتەلمەيدۇ ،،
مىسسىنى ئەتراپتىكىلەر قوللىغان بولسا خان مادرىدتىكىلەرمۇ ھەتتا نوقتا توپنىڭ ھەممىسىنى دىگۇدەك س رونالدوغا ئوتۇنۇپ بىرىپ قوللاۋاتىدۇ ،،، ھەتتا بەزىدە چىكىدىن ئاشقان شەخسىيەتچىلىكىگىمۇ سۇكۇت قىلىپ كىلىۋاتىدۇ ،،،،،،،،  نوقتا توپ بولمىغىنىدا رونالدو يەنىلا مىسسىنىڭ كەينىدە تۇراتتى ،،،  شۇڭا ئەتراپتىكىلەرنىڭ قوللىشىنى ئولچەم قىلساق مۇۋاپىق بولماس

UID
3541
يازما
33
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
1145
تىزىملاتقان
2010-7-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-21
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-11 23:49:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىككەيلەننىڭ  يۇقىرى تۈۋەنلىك تالىشىشى پات يېقىندا ئاخىرلىشىدۇ ،يەنى بىر -ئىككى يىلغا بارماي. نىمىشقا دىگەندە  س.لومۇ 26  گە كىرىپ قالدى ،رونالدىنھومۇ 26 يېشىدا بارسىلونا بىلەن 10 يىللىق توختاملاشقان ،ئۇزۇنغا بارمايلا ياۋرۇپاغا سىغمىدى .ھەممەيلەنگە مەلۇم  پۇتبولچىلار بىر قېتىم چۈشكۈنلەشسە  تۈگىشىدۇ ،توپ ئۇرالمىغانسىرى توپ ئۇرۇش ئۈچۈن جىددىيلىشىدۇ ،جىددىيلەشكەنسىرى مەيدانغا چىقالمايدۇ ،ئۇزۇنغا بارماي كوماندىدىن ئيرىلىدۇ دىگەندەك ،65 مىليۇنلۇق كاكا غا 25 مىليۇن باھا قۇيۇپتۇ  قايسى كۇلۇپكىن ئىسىماە قالماپتۇ ،رونىيمو ئۆتكەن پەسىلدە  مەرگەن ئىدى بۇقېتىم ېلخمۇ ياخشى بېرباتوف  بۇپ قاپتۇ  مەنلىيەنگە.  ئۇلارنىڭ تالانتىغا كەلسەك  مىسسى جەنۇبى ئامرىكىلق  ،س  .لو بولسا  ياۋرۇپالىق    جەنۇبى ئامرىكىلىقلار ناھايىتى ئەركىن خۇددى مىسسىغا ئوخشاش  ،ئەينى دەۋىردىكى مارادوناغا ئوخشاش  ،بۇنداق بولغاندا ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى بۇلىدۇ ،
ياۋرۇپالىقلار بولسا  توپنى ناھايىتى رەتلىك تەشكىللەپ ئوينايدۇ .


ئىشقىلىپ قايسىسى بولسۇن يامان گۇيلا بۇ   ھەر ئىككىلىسىدىن ھۇزۇرلىنىمەن  ،مەن ئۈچۈن چىرايلىق توپ ئوينىسىلا بولدى ،س.لو  سەل تولا گەپ قىلىپ نارازىلىق قوزغاپ ئېغىزدا يۇقىرى تۈۋەنلىك تالاشتى  ،بۇنىڭغا  مورىنھومۇ  ئېغىزىدا يار-يۈلەك بولدى  .بىراق مىسسى جىمجىت  
ئىسىللىك بىلەن توپ ئوينىدى ،ئۇنىڭ توپ ئۇرۇشى ياكى ياردىمى ناھايىتى كۆپ ،بىراق س.لو شەخسىيەتچىلىك قىلىپ كاشىلياس باشچىلىقىدىكىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى  ، قانداق قىلىمىز  بىز تېرىنىر بولمىغاندىكىن

UID
3439
يازما
150
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1670
تىزىملاتقان
2010-7-17
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-12 00:23:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىغا ئىنكاس يازغانلارنىڭ توپنى ئوبدان چۇشىنىدىغىنىدىن مەن ئىنتايىن خورسەن بولدۇم. ھەقىقەتەن ھازىر س.لو 25 توپ بىلەن 1- ئۇرۇندا مىسسى 24- توپ بىلەن ئىككىنچى ئۇرۇندا. بۇ تىمىامنىڭ قىسقىرىشىنى بىلەتتىم. ئەمما بۇ دەرىجىدە قىسقىراپ قىتىشىنى بىلمەپتىمەن.
مەن ئوتتۇرشا قويغان ئاساسىي تىما يوقاپ كىتىپ. گەپ مىسسى بىلەن س. لو غا مەرجەزلىشىپ قاپتۇ. مەن ئەلكۇيى تورىنىڭ باش بېتىگە خەۋەردىكى يەڭگىلتەكلقككە قارتا يازغان ئىدىم.
  س. ل غا كەلسەك. ئەمەليەت ھەممىنى ئىسپاتلىيالايدۇ. ئۇ مانچىستىردىمۇ شۇنداق قالتىس ئىدى. خانلىق مادرىتتىمۇ ھەم شۇنداق. مىسسىمۇ قالتىس. س.لو نىڭ تېخنىكىسى .ئادەم ئدلداش تېخنىكىسى سۇرئىتىدە مەسىلە توق بىرىنچى ئۇرۇندىكى چولپان. تەلىيى كاج دەپ ئۆزىنى نامايان قىلالمىغانلارغا دەيمىز. ئەمما ئۇ ھازىر دونيا كۆز تىكىۋاتقان گىگانىت چولپان.

  بۇ تىمىدىكى مەن ئوتتۇرغا قويغان مەسلە ئۇ ئەمەس ئىدى. چونكى س. لو بىلەن مىسسى ئوتتۇرسىدىكى تالاش تارتىش يېڭى مەسلە ئەمەس. مەن ئەلكۇيى تورىغان قارتا  تىزىلغان تىما ئىدى. تىمامنىڭ مەزمۇنى بەك ئاددىيلىشىپ كىتىپتۇ.  كەمچىلىكنى تۇزتۇش ياخشى ئىش ئەكسىچە تىما مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە كەلسەك بەلكىم سىلەرنىڭمۇ ئويىلغىنىڭلار بۇلۇشى مۇمكىن مەن شۇڭا بۇ تىمىغا ئەمدى ئىنكاس يازماي.

UID
8631
يازما
115
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3417
تىزىملاتقان
2011-1-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-3
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-12 00:37:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەلىيى كاج دەپ ئوينىيالمايدۇ دىگەن مەنىدە ئىيتمىغان ئىدىم ،،،
راس سىز دىگەندەك شۇنچىلىك ياخشى ئەمما بۇ ياخشى چولپان ئوتكەن يىلى ۋە بۇ يىلى ئۇدا ئىككى يىل دۇنيا پۇتپول ئەپەندىسى بولۇشتا خىلى چوڭ نۇمۇر پەرقى بىلەن مىسسىنىڭ كەينىدە قالدى ،،،،  قىنى بۇ يىل رونالدو مىسسىنى يىڭىپ بۇ شان شەرەپنى ئالالامدۇ يوق ، بۇمۇ پۇتپول دۇنياسى كوز تىكىۋاتقان مەسىلە ،،،،  
يەنە بىرگە رونالدو مادرىتقا كەلگەندىن بىرى بارسلونانى ئۇتۇپ باقمىدى ،ھەتتا 5تە 0 چىقىپ كەتكەن يەرلىرىمۇ بار ،،، قىرىشقاندەك ئاخشام يانا پورتۇگالىيە ئۇتتۇرۋەتتى ،،،2008-2009-يىللىق ياۋروپا چىمپىيونلۇق تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدا مىسسى تۇرغان بارسلونا رونالدو تۇرغان بارسلونا كوماندىسىنى ئۇتۇپ چىمپىيون بولغان ،،،،،
ئىشقىپ رونالدو مىسسى بار كوماندىنى ئۇتۇپ باققىنىنى بىلمەيمەن ،،،،
بۇغۇ ئايىقى چىقمايدىغان تالاش تارتىش ،،،،،  ئىشقىپ ياخشى تىما بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە رەھمەت

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش