تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1162|ئىنكاس: 6

ئۇخلاپ قالغان كۆزۈڭدە يۇلتۇز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
7423
يازما
13
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
130
تىزىملاتقان
2010-11-22
ئاخىرقى قېتىم
2011-7-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-7 15:23:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇخلاپ قالغان كۆزۈڭدە يۇلتۇز


( ئەما ناخشىچى ئىبراھىم قۇربان ئاكىغا بېغىشلايمەن )

 

تىلىم بارماس ئەما دېيىشكە،

ئۇخلاپ قالغان كۆزۈڭدە يۇلتۇز.

بارماقلىرىڭ چالسا مۇڭ كۈيگە،

ھەۋەس قىلار ساڭا ئاھۇ كۆز.

 

ئاۋازىڭدىن بۇلبۇلمۇ مەستخۇش،

قەلىبلەرگە باشلار ھاياجان.

يۈرىكىڭدە يوپيورۇق دۇنيا،

سەنچە بولماق ھەر كىمگە ئارمان.

 

ئىجاد قىلدىڭ تالاي كۈي-نەزمە،

ناخشىلىرىڭ ئەجەپ مەردانە.

خۇشپۇراقلىق سەنئەت بېغىدا،

دەيمەن سېنى بىر گۈل يىگانە.

 

ئۇزۇن ئۆمۈر بەرگەي خۇدايىم،

ئىزلىرىڭدىن رەيھان ئېچىلسۇن.

كامال تېپىپ ئۆرلە يەنىمۇ،

باشلىرىڭغا ئۈنچە چېچىلسۇن !




ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
bargiya + 30 ئىجادىي تېما

ھەممە باھا نومۇرى :  + 30   باھا خاتىرىسى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
9138
يازما
83
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2674
تىزىملاتقان
2011-2-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-7
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-7 16:59:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شئېرنى خېلى ياخشى يېزىپسىز،تىلمۇ راۋان .تېخمۇ تىرىشىپ نادىر ئەسەرلەرنى رۇياپقا چىقىرىشىڭىزنى ئۇمىد قىلىمەن.

چىنار

UID
8953
يازما
51
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
510
تىزىملاتقان
2011-1-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-8 16:12:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ 1 قەۋەتتىكى   (qinar) نىڭ يازمىسىغا قارتىلغان

بەكمۇ ياخشى يىزىپسىز   ،كۆزى ئەما بولسىمۇ ئەمما قەلبى ئەما ئەمەس  قاراڭغۇ دىللارنى يورۇتقۇچى ناخشىچى ئىبراھىم ئاكىغا سالامەتلىك ،خىزمىتىگە ئۇتۇقلۇق،ئائىلىسىگە بەخت تىلەيمەن

قار مەلىكە

UID
7397
يازما
322
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
10295
تىزىملاتقان
2010-11-21
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-9 17:51:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەماللىققا ئىسىمگە ئالالمىدىم؟
ئىيىتقان ناخشىلىرىنى بىر يوللاپ قويمامسىلەر دوسلار؟
قەلەم تەۋرەتكۈچىنىڭ شۇ كىشىگە بولغان ھۆرمىتى قايىللىغى ياخشى بايان قىلىنغان يوللانما بوپتۇ بۇ.
كۈيلىرىنىڭ مەڭگۈ ياڭراپ تۇرىشىغا ،تىنىنىڭ سالەمت ئۆمرىنىڭ بولۇشغا تىلەكداشمەن.

UID
8828
يازما
37
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
1348
تىزىملاتقان
2011-1-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-9 18:38:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئىرىڭىزنىڭ ماۋزۇسى بەكمۇ جايىدا قويۇلۇپتۇ. شۇنىڭغا ماس ھالدا مەزمۇنىمۇ بەك ياخشىكەن. ھارمىغايسىز.

شەھرىزات

UID
10472
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
126
تىزىملاتقان
2011-3-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-17 03:26:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىڭىزنىڭ  ماۋزۇسى   تولىمۇ  ياخشى  قويۇلۇپتۇ.....  كۆزى ئەما بولسىمۇ ،قەلبى ئويغاق كىشىلەرنىڭ بولۇشى  بىزنى  سۆيۈندۈرىدۇ،  ئۆزىمىز ھەققىدە ئويلاندۇرىدۇ.

UID
35538
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-4-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-28
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 12:20:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز،،،،،،،تېخىمۇ  تىرىشىڭ،،،،،،،،،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش