كۆرۈش: 7704|ئىنكاس: 25

ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم جايلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
2337
يازما
22
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
300
تىزىملاتقان
2010-5-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-15
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-6 19:00:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئۈرۈمچى شەھىرى مەنزىرىسىدىن بىر كۆرۈنۈش

بەنفاڭگۇ —- ئېقىندالا
خىي جىياسەن —– تاشبۇلاق
جيۇ جىياۋەن —— شاپتۇللۇق
نىيەن زىگوۋ —– خۇمدانلىق
ۋۇ جىيا چۈ —— ئوتۇنكوزا
با جىيا خۇ ——– سەككىزتۈتۈن
دوڭ باجىياخۇ —- سېغىزدۆڭ
يەن ئەنلۇ ——- شامالباغ
داۋەن ——– داۋان (بۇ ئېنىقلىغۇ!)
نەنمېن ——– ئاققوۋۇق
ماشىخاڭزا — مال بازىرى
بېيمېن —– تۆگەدەڭ
خېي شەنتو — يىقىلغان تاش
سەن شىخاڭزا — بۇلاقبېشى
خې تەنلۇ ——— ساي يولى
سەن دۇڭبېي —- ئۈچتاش
خۇا ئەرگو —– گۈلساي
بەي ياڭگو —- تېرەكساي
جى جىسوزا ——— چىغدەن
يەنئەرۋو ——- قارلىغاچلىق
شۈي موگو —– بۇلاقتاغ
جۈخۇا تەي ——– گۈلتەكچە


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

ئۈمىد يۇلتۇزۇم

UID
4662
يازما
296
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
7578
تىزىملاتقان
2010-8-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-4
توردا
111 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-7 11:24:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرغۇن جايلارنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشىنى بىلگەن بىلەن  ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى بىلمەيدىكەنمىز.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى بىلەن ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنىڭ ئازراقمۇ  باغلىنىشى يوقكەن. گېزىتتە، تېلۋىزوردا دائىم ئۇيغۇرچە ئىسمىنى ئىشلەتسە "قەيەر بولغىيتتى"دەپ قالاتتىم. ئەمدى بىلىۋالدىم. بىزنى بۇنىڭدىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.

ئائىلەم مېنىڭ بارلىقىم.

UID
3193
يازما
178
تېما
22
نادىر
0
جۇغلانما
1890
تىزىملاتقان
2010-7-10
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-7 11:44:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈركۈت قېرىندىشىمىز بۇ تېمىنى يوللاپ ياخشى قىپتۇ، لېكىن ئۈرۈمچىدە يەنە نۇرغۇن كىشىلەر شۇنداق ئاتاۋېرىدۇ. مەنمۇ خىلىدىن بىرى ئۈرۈمچىدىكى يەر نامىلىرى توغرىسىدا ئويلىنىپ قالغانىدىم. بەزى ناملاردىكى مەنە تەكرارلىقى ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىدۇ. مەسىلەن: ھەممە كىشى <<国际大巴扎>> دەيدىغان جاينىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئومۇملىشىشى <<خەلقئارالىق چوڭ بازار>>. مۇشۇ گەپنى ئاڭلىساملا قوۋۇرغىلىرىم ئېگىلىپ كېتىدۇ. <<خەلقئارالىق>> بولغانىكەن، يەنە ئۇنىڭغا <<چوڭ>> دېگەن سۈپەتنى قەستەن تىركەپ قويۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ <<خەلقئارالىق>> بولغانىكەن، دەل مۇشۇ كونتېكىستتىن ئۇنىڭ چوڭ ئىكەنلىكى چىقىپ بولىدۇ. ئۇ يەنە چوڭ دېيىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. شۇڭا، مەن بىزنىڭ تەرجىمانلىرىمىزغا بەزى گەپلەرنى دېگۈم كېلىدۇ. مۇشۇنداق سۆزلەرنى تەرجىمە قىلغاندا، مەنە تەرجىمىسىنى قىلىش كېرەك. شۇڭلاشقا، مەن <<خەلقئارالىق چوڭ بازار>> دېگەن مەسىلە بار دەپ قارايمەن.
يەنە، بىرىگە، تورداشلىرىمىز ئۈرۈمچىدە ئۇچراتتىمىكىن( لېكىن مەن نەچچە قېتىم ئاپتوبۇس بېكەتلىرىدە ئۇچراتتىم) ، ئۈرۈمچىدە << 一炮成功 >> دەيدىغان بىر جاينىڭ نامى بار، بۇنى نېمە دەپ ئالىمىز؟
ماڭا، يەنىلا بۇلاقبېشى دېگەن نام چىرايلىق ئاڭلىنىدۇ.

تەپەككۇر يولى چىقىش يولىنى بەلگىلەيدۇ .

UID
2272
يازما
306
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
9546
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-20
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-7 13:38:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا بىلمەيدىكەنمەن ، رەھمەت بىلىۋالدىم ...

دۇنياغا ھەممىمىز  ئارتىس !

UID
6598
يازما
85
تېما
14
نادىر
0
جۇغلانما
3505
تىزىملاتقان
2010-10-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-7 13:40:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىندىشىم خېلى ئەتراپلىق ئىزدىنىپسىز. تىرشچانلىق روھىڭىزغا ئاپىرىن!

UID
3677
يازما
88
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2488
تىزىملاتقان
2010-7-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-4
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-7 14:29:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىشتىن بىرنى قىپسىز قېرىندىشىم.بولسا باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ يوللاپ قۇيۇڭ..

UID
2742
يازما
82
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2874
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-7 16:14:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
<<ياخشى قىپسىز بىلىۋالدىم ،  ئەھمىيەتلىك تېمىكەن ساقلىۋالاي ، ئەجرىڭىزگە رەھمەت !>> دىگەندەك ئۇنداق كىتابىي قۇرۇق شوئارلارنى توۋلىماي، بۇ يەر ئۇيغۇرنىڭ يۇرتلىرى بولغاندىن كېين  يەر-جاي ناملىرىنى ئۇيغۇرچە ئاتىساق بولامدۇ -يوق ؟   يەر-جاي ناملىرىنى ئۇيغۇرچە ئاتاشتا توسالغۇ بارمۇ-يوق؟   باردىيىلگەندە قانداق توسالغۇلار بار ؟   <<ئاپتونومىيە قانۇنى >>يۈرگۈزۈلىدىغان تۇرۇقلۇق نىمە سەۋەپتىن بولغان توسالغۇ بۇ ؟   بۇنى ياخشى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى نىمە؟ دىگەندەك ئەمەلىي ئىشلار ھەققىدە پىكىر قاتناشتۇرمايمىزمۇ ؟ قېرىنداشلار!
  مېنىڭ پىكرىم بۇنىڭ ھەممىسى ئۆزىمىزنىڭ بىر قىسىم ئاتالغۇلارنى ئۆزتىلىمىزدا ئاتاشنى بىلسەكمۇ ئۆزىمىزنى باشقىلارغا بىلىملىك قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ياتلارنىڭ تىلىدا ئاتىغانلىقىمىز سەۋەپلىك .   نەتىيجىدە ئۆزىمىزنىڭ  يەر- جاي ناملىرىنى ئۆزتىلىمىزدا نىمەدەپ ئاتايدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن (ناۋادا زۆرۈر بولۇپ قالسا) لۇغەت ئاختۇرۇشقا مەجبۇرمىز،  
    كەلگۈسىدىكى ئەۋلاتلىرىمىزنى كۆزئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ باقايلى قېنى ،   ئۇلار نىمە قىلىپ ئولتۇرىدىكىن؟....................

كۆيۈمچان ئەزا

بۆرە بول،بولمىس

UID
2041
يازما
121
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4141
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-5
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-7 16:17:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق چىرايلىق ئىسىملىرى باركەن بولمىسا

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ

UID
4227
يازما
769
تېما
27
نادىر
0
جۇغلانما
19821
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-4
توردا
183 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-7 17:22:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈنۈگۈن گۈلتەكچىگە بېرىپ كەلدىم، بۈگۈن ئاققوۋۇق، بۇلاقتاغ، بۇلاقبېشى، تاشبۇلاقلارغا بېرىپ كەلدىم!

كۆيۈمچان ئەزا

ئەتىكى مائارىپ ئۈچۈن داۋاملىق

UID
3725
يازما
435
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
8456
تىزىملاتقان
2010-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-3
توردا
102 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-7 20:27:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ نۇرغۇن كوچا ناملىرىنى ئۇيغۇرچە ئاتاشنى  بىلمەيمىز. تىخى بەزى ئۇيغۇرلىرىمىزغا ئۇيغۇرچە ناملىرىنى  دىسىڭىز بىلمەيدۇ.خەنسۇچە دىسىڭىز ئاندىن چۈشىنىدۇ. مەنمۇ مۇشۇ جەھەتتە ئىزدىنىپ بىر نەرسە يېزىشنى ئويلاشقان .لىكىن يازالمىدىم . بۈركۈت ئەپەندى ناھايتى ياخشى ئىشنى باشلاپسىز .سىز توپلىغانلارنى بەلكىم ئشلىىتىدىغانلار چىقىپ قالار .بۇمۇ بىر ياخشى ئىش قىلغانلىق.سىزنىڭ تىخىمۇ ئىزدىنىپ مۇشۇ جەھەتتە بىر نەرسە يېزىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش