ياش شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت بىلەن سۆھبەت
ئەنۋەرجان مەتنىياز
مۇخبىر : ئەسسالامۇئەلەيكۇم چىمەنگۈل ، يىل بېشىدا باشقا ساھەلەردىكىگە ئوخشاشلا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدىكى ئىشلارنىڭمۇ خېلىلا ئالدىراش ئىكەنلىكىنى بىلىمەن ، شۇنداقتىمۇ قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ ، سىز بىلەن سۆھبەتلەشكىلى كەلدىم .
چىمەنگۈل : سىزگە كۆپ رەھمەت .
مۇخبىر: ئالدى بىلەن ‹‹بارسا كەلمەس يول››ناملىق شېئىرلار توپلىمىڭىزنىڭ مەملىكەتلىك 9–نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى››غا ئېرىشكەنلىكىنى قۇتلۇقلايمەن .
چىمەنگۈل:قېرىنداشلارنىڭ ، دوست–يارەنلەرنىڭ خوشاللىقى ئۈچۈن خوش بولۇش ، قايغۇسى ئۈچۈن قايغۇرۇش—بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەتلىرىنىڭ بىرى . شۇنداقلا ئادىميىلىكنىڭ سەل قارىغىلى بولمايدىغان بەلگىسى . مېنىڭ ئىجادىي ھاياتىمىدىكى بۇ تاسادىپىيلىقتىن سۆيۈنگەن ، مەندىن رىغبەت ، مەدەتلەرنى ئايىمىغان ئۇستازلارغا ، قەلەمكەش دوستلارغا ، دىلكەشلەرگە مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ، گۇيجۇ ئۆلكىلىك پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئويۇشتۇرغان مەملىكەتلىك 9–نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر‹‹ تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى››نى تارقىتىش يىغىنى 2008 –يىلى 11–ئاينىڭ 16 –كۈنىدىن 19–كۈنىگىچە گۇيياڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن تەييارلىقىدىكى خاسلىق ، قىزغىنلىق مېنى ئەدەبىيات ئىخلاسمەنى بولغانلىقىمدىنلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر بولغانلىقىمدىن تولىمۇ ئىپتىخارلاندۇردى . سەۋەبى ، بۇ قېتىمقى باھالاشتا باھالىغۇچىلارنىڭ ئانا تىل بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەرگە دىققەت–نەزەرىنى ئاغدۇرغانلىقى يىغىن باشلىنىشتىن تارتىپ ، تاكى ئاخىرلاشقىچە تەكرار قەيت قىلىندى . دۆلەت تىلى بىلەن يېزىقچىلىق قىلىدىغان چىياڭزۇ ، مانجۇ...قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى بىزگە سۆيۈنىش بىلەن قاراۋاتقاندا ، دوللىمىزغا يېنىك ئۇرۇپ قويۇۋاتقاندا مەن بېشىمدىكى ئۇيغۇر دوپپىسى بىلەنلا ئەمەس ، بەلكى ئانا تىلىمىز بىلەن ، ئۆچمەس يېزىقىمىز بىلەنمۇ پەخىرلىنىش شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن رازى بولدۇم .
مۇخبىر: ‹‹بارسا كەلمەس يول›› نى شېئىرلار توپلىمىڭىزغا ماۋزۇ قىلىپ تاللىشىڭىزدا قانداق سەۋەپ بار؟ :
چىم
ەنگۈل: مەن ئەزەلدىن ئەسىرىم پۈتۈپ چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ماۋزۇ قويۇشقا ئادەتلەنگەن . ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىن ئۆرنەك ئالغان دېسەممۇ بولىدۇ. مەردۇ–مەردانىلىق، تەۋەككۈلچىلىك ، ۋاپا ھەم ھايانىڭ ھاياتلىقتىكى سالمىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان خەلق چۆچەكلىرىمىزنىڭ ئەلۋەتتە مېنىڭ قەلبىمدىمۇ يارقىن ئىزناسى بار. چۈنكى ‹‹بارسا كەلمەس يول››دېگەن شېئىرىمدىكى تۇيغۇ قاتلىمى، تەقدىر–قىسمەتتىن تۇيغۇغا ، تەبىئەت مەنزىرىسىدىن ئىنسان تەبىئىتىگە ، بۇرۇختۇمىلىقتىن سەمىمىلىككە ، ھەسرەت ھەم ئازاپتىن مېھر–مۇھەببەتكە تۇتۇشۇپ كېتىدۇ. مانا مۇشۇنداق ھەممىمىزگە ئۆرتاق بولغان تۇرمۇش رېتىمى ، ۋاقىت سىجىللىقى ، ھايات دىشۋارچىلىقلىرى بىز ئىرادە بىلەن يۈزلىنىۋاتقان تاللاش. كەنجىمۇ ‹‹بارسا كەلمەس يول››نى تاللاشقا جۈرئەت قىلىلالىغانلىقى ئۈچۈنلا بۇ يولدىن قۇرۇق قول قايتمايدۇ .
مۇخبىر : ‹‹بارسا كەلمەس يول›› ناملىق كىتابىڭىزدىكى بىر تۈركۈم شېئىرلىرىڭىزدا ، شۇنداقلا ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن ‹‹شور دەريانىڭ ئۇ تەرىپى›› (14–نۆۋەتلىك‹‹ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى››غا ئېرىشكەن) داستانىڭىزدا شەكىل جەھەتتىن ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ ، كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى داستانچىلىقنىڭ ئېلېمېنتلىرى بار ئىكەن ، ھازىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە بۇ خىل ئۇسلۇبتا يېزىلغان داستانلارنى ئۇچرىتىش تەس ، سىز قانداق قىلىپ بۇ داستاننى يېزىش خىيالىغا كېلىپ قالغانتىڭىز ؟
چى
مەنگۈل : ‹‹شور دەريانىڭ ئۇ تەرىپى›› دېگەن بۇ داستاننى يېزىشنى خىيالمۇ قىلىپ باقمىغان چاغلىرىمدا ، بۇ داستاننىڭ ئالتىنچى بابى قىلىنغان ‹‹گۈلبانۇنىڭ چۈشى››دېگەن قىسمىنى ئايرىم بىر ئەسەر سۈپىتىدە شۇنداق بىر تاسادىپىي ۋە يېقىملىق تۇيغۇدا يېزىپ قالغان ئىدىم . ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندە ، ئاپام بىلەن دادام ماڭا خاتىرە شەكىلىدە يېزىپ سوۋغا قىلغان يازمىلارنى ئارام ئالغاچ قايتا ۋاراقلاۋېتىپ ، ئاپامنىڭ‹‹ 7–8 ياشلار ۋاقتىم بولسا كېرەك ، دادام گۆش سېتىۋاتقان دۇكاننىڭ يېنىدا تۇرۇپ سامسا يەۋاتاتتىم ، شۇ چاغدا بازاردا دائىم ئايلىنىپ يۈرۈيدىغان ھەمراق ئىىسىملىك بىر ساراڭ ئايال بار ئىدى ، ئۇ مېنىڭ قولۇمدىكى سامسىنى تارتىۋېلىپلا ئىشتىنىنىڭ ئېغىغا سۈركىۋەتتى. ئۇ دائىم شۇنداق قىلاتتى(ئۇ شۇنداق قىلسام باشقىلار قولۇمدىكىنى تارتىۋالالمايدۇ دەپ قارىسا كېرەك)مەن قورقۇپ يىغلاپ كەتتىم ، دادام ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويدى ۋە ئۇ ئايالغا يەنە بىر سامسا بەردى›› دەپ يېزىپ قويغانلىرى ماڭا باشقىچە تەسىر قىلدى. مەن دەسلىپىدە كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇقۇپ ئۆتۈپ كەتكەن ، بۇ قۇرلار بۇ قېتىم نېمىشقىكىن مېنى مۇرەككەپ ھېس–تۇيغۇلارغا چۆمدۈردى. رېئاللىقتىكى ھەمراق دىۋانىنىڭ تەقدىر–قىسمىتى، ئۇنىڭ مېنىڭ تەسەۋۇرۇمدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئورتاق بولغان ئازاب–ئوقۇبەتلىك كەچمىشىلىرى مېنى خىلى كۈنلەرگىچە چىرمىۋالدى. دەرۋەقە ، بىر ئايالنىڭ ، بىر ئانىنىڭ ئېھتىياجى—بىر مىللەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولىدۇ . مۇھەببەت بىلەن كۈلپەت ، ھەقىقەت بىلەن نەپرەت ، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىك ، سەۋر–تاقەت بىلەن قەھرى–غەزەپ ئۇلغىيىپ ، بىر مەنىۋى دەرياغا ئايلىنىپ كۆز ئالدىمدا ئۆركەشلەپ ئېقىشقا باشلىدى . مەن ئاخىرى قولۇمغا قەلەم ئالدىم...
مۇخبىر: كىتابىڭىزدىكى كۆپ قىسىم شېئىرىڭىزدا ئەرلىك جاسارەت ، ئاياللىق نازاكەت...ھەققىدىكى چۇقانلار خىلى سالماقنى ئىگىلەيدىكەن ، سىز مۇشۇنداق يېزىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئورنىنى كۆتۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكچىمۇ؟
چىمەنگۈل: سىز شېئىرلىرىمنىڭ تۇيغۇ قاتلاملىرىدىكى ئەركەكلىك ، تەۋەككۈلچىلىك ، ئاياللىق نازاكەت ھەم ياۋايىلىقنىڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ شېئىرىي تەپەككۇرىگە قانداق سىڭىشىدىغانلىقىنى ئويلاپ باققانسىسز بەلكىم . لېكىن مەن سىز دېگەندەك ‹‹ ئاياللارنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش››دېگەندەك ئىبارىلەردە نېمىشقىكىن بىر خىل سەمىمىيلىكنى ، تەبئىيلىكنى ھىس قىلالمايمەن. چۈنكى ، مېنىڭچە قەدىمقى زامانلاردىكى خانىش ، مەلىكىلەر ، توقال ، دىدەكلەردىن تارتىپ ، ھازىرقى زاماندىكى ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىي ئاياللار، ئائىلە ئاياللىرى ... نىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاياللىق مېھر–مۇھەببەت ، ئانىلىق مەسئۇلىيەتتىكى ئورنى باب–باراۋەر بولىدۇ . مانا بۇ ، باراۋەرلىك ، ئۇلۇغلۇقنىڭ بەلگىسىنى ، ئۇلارنىڭ ئورنىنىڭ ئەزەلدىنلا يۇقىرلىقىنى، مۇھىملىقىنى نامايەن قىلغان.
بۈگۈنكى دەۋىردە بىز ئاياللارنىڭ خىزمەتتىكى ئورنى بىلەن ئائىلىدىكى ئورنى، تۈگۈمەس باردى–كەلدىلەردىكى ئورنى بىلەن بالىلارنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىشى ، بىزنى ئوراپ تۇرغان مۇھىتتىكى سۈيئىستىمالغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقان كىشىلىك مۇناسىۋەتلەر ‹‹ ئاياللارنىڭ ئورنىنى كۆتۈرۈش›› دېگەندەك شەكىلەن ھادىسىلەرگە دەستەك بوپ كېتىۋاتىدۇ . قىسقىسى ، بىز ئاياللار ئۆز قەلبىمىزدىكى ئورنىمىزنى تىكلىيەلىسەك ، باللىرىمىزنىڭ قەلبىدىكى ئورنىمىزنى تونىيالىساق ، ئۆزىمىزنىمۇ ھاياتنى سۆيگەندەك ھەقىقى سۆيەلىسەك تۈگمەس ۋايساشلاردىن مەمنۇنىيەتكە ، نەپرەتتىن مۇھەببەتكە ، چىدام ۋە غەيرەتكە تېخىمۇ بىمالال يۈزلىنەلەيمىز. مۇھىمى، يىگىتلىكنىڭ باش تارتقىلى بولمايدىغان ، ئاتىلىقنىڭ ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ئەركەكلەر ئەخلاقتىن ئىلگىرى مۇھەببەتتىن ، سۆيۈلۈشتىن ئىلگىرى سۆيۈشتىن ، تىل–ئاھانەتتىن ئىلگىرى قوغداشتىن سۆز ئېچىشقا جۈرئەت قىلالىسىلا ، بىز ئاياللار ئائىلىدىكى مۇھەببەت ھەم مەسئۇلىيەتتىن ئىبارەت يىمىرىلمەس ئورنىمىزنىڭ ھەممىدىن يۇقىرلىقىنى تونۇپ ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايمىز.
مۇ
خبىر: ئوغلىڭىز ئېرلانبەگنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى توغرىسىدا خاس خاتىرىلەرنى يېزىپ ، ئوقۇرمەنلىرىڭىزگە سۇنۇپ ، ئەدەبىياتىمىزدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇردىڭىز . مېنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ باللىق دەۋرى ھەققىدىمۇ بىر نەرسە بىلگۈم بار ئىدى ، ئۇنىڭدىن باشقا ، سىزنىڭ ئىجادىيەتكە كىرىششىڭىزگە تۈرتكە بولغان ئامىل زادى قايسى؟
چىمەنگۈل: 3 ، 4 ياش ۋاقتىمدا دادامنىڭ مەن ئۈچۈن يېزىىپ بەرگەن بالىلار قۇشاقلىرىنى ، ماۋزېدۇڭنىڭ ‹‹جىڭگاڭشەنگە قايتا چىقىش››قاتارلىق شېئىرلىرىنى ، ئانام ئۆي ئىشلىرىنى قىلغاچ ئوقۇپ بەرسە مەن ئۇنى يادلىۋالاتتىم . ئاۋازىمىنى ئۈنئالغۇغا ئېلىپ ، ئۆزۈمگە ئاڭلىتىپ قويسا خۇشاللىقىم ئىچىمگە سىغماي قالاتتى–دە ، يەنە توختىماي شېئىر يادىلاشقا كىرىشەتتىم . مەھەللىدىكى بالىلار ‹‹شېئىر ئوقۇپ بەرسەڭ ماۋۇ كەمپۈتنى بېرىمىز›› دەپ مېنى دائىم شېئىر ئوقۇغىلى سالاتتى. لېكىن مەن نەچچە ئون پارچە شېئىر ئوقۇپ بېرىپمۇ ئۇلارنىڭ قولىدىكى بىرتال كەمپۈتنى ئالالمايتتىم . تۆت يېرىم ياش ۋاقتىمدىكى ئاۋازىم ئېلىقلىق لىنتىنى ھازىر ئوغلۇم ئاڭلاپ ‹‹ئانا ، سەن قىز بالا بولغاچقا سادىر پالۋان قوشاقلىرىنى مەندەك يادىلىيالمايدىكەنسەن–ھە؟ ›› دەپ پىخىلداپ كۈلۈپ كېتىدۇ.
ئەينى چاغلاردا دادام بىلەن ئانام ھەتتا قىش كۈنلىرىدىمۇ ئۇستى ئۇچۇق كىنوخانىلاردا قارغا دەسسەپ ، مېنى جۇۋىغا ئوراپ كىنو كۆرەتتى . شۇ چاغدا ‹‹يول باشلىغۇچ››دېگەن فىلىمدىكى بوۋايغا ئىچ ئاغرىتىپ نەچچە كۈنگىچە يىغلىغىنىم ھىلىمۇ ئېسىمدە...مەكتەپكە كىرگەن بەش يېرىم ياش چاغلىرىمدىن باشلاپلا دادام خەلق داستانلىرىدىن ‹‹سىيىت نوچى››نى ،‹‹ئىلى دولقۇنلىرى››رومانىنى ھەر كۈنى كەچتە ئوقۇپ بېرەتتى . مەن شۇ چاغلاردىن باشلاپ ، ئەدەبىياتنىڭ سېھرىي كۈچىنى مېنى چۆرىدەپ ئولتۇرغانلارنىڭ چىرايىدىن ، تىلىمىزنىڭ گۈزەللىكىنى دادامنىڭ كۈچلۈك ھەم يارقىن ، مەغرۇر ھەم ئوچۇق ئاۋازىدىن ھېس قىلغان بولسام كېرەك . ھە ، راست! دادام بىلەن ئانامنىڭ : ‹‹بىر ئىككى ياش ۋاقىتلىرىڭدىمۇ سېنى تالاغا ئېلىپ چىقالمايتتۇق ، بولمىسا ئاينى ئېلىپ بەر دەپ يىغلاپ تۇرىۋالاتتىڭ›› دىېيىشلىرىنى ئاڭلىسام ، مېنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان ئىشتىياقىم شۇ چاغلاردىن باشلانغان بولغىيمىتى دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن.
دەرۋەقە ، بالىلارنىڭ نەزىرىدىكى ئاتا–ئانىلار قۇش بولۇپ ئاسماندا ئۇچالايدۇ . بېلىق بولۇپ سۇدا ئۈزەلەيدۇ . چىقىۋاتقان شامالنى ، يېغىۋاتقان يامغۇرنى توسالايدۇ . ئاسماندىكى ئاينى ، يۇلتۇزنى ئۈزۈپ ئالالايدۇ . ھەسەن–ھۈسەنگە ئايلىنالايدۇ . شۇڭا بالىلار چوڭلاردىن دائىم سۇئال سوراشقا ، ئۇلاردىن توختىماي ھېكايە ئاڭلاشقا ئامراق كېلىدۇ . لېكىن ھازىرقى دەۋردىكى خىزمەت سىجىللىقى، ھارغىنلىق ھەم روھى بېسىم ۋە تېلېۋىزور تەبىئەت دونياسىدىن يىراقلاپ كەتكەن بالىلارنى ئۆز تەسەۋۋۇرىدىكى ئاتا–ئانىلىرىدىنمۇ يىراقلاشتۇرىۋەتتى . دۇنيانىڭ شۇ قەدەر كەڭرىلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ ياشاشقا ھەقلىق بالىلار ئۆزىگە تەئەللۇق ماكاننىڭ تارىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى يېشىغا ماس كەلمىگەن ھالدا ھېس قىلىشقا مەجبۇر بولدى . نۇرغۇن ئاتا–ئانىلار بالىلىق ئەسلىمىلىرىنىڭ بالىلارنىڭ پۈتكۈل ھاياتىدىكى سالمىقىنى ئۇنتۇپ قالغىلى تۇردى . شۇڭا مەن ئۆز ئەسلىمىلىرىمنىڭ ئۆسۇپ يېتىلىشىمدىكى ، ئىجادىي ھاياتىمدىكى سالمىقىنى ھېس قىلىپ تۇرۇپ ، ئوغلۇم تۇغۇلغاندىن باشلاپلا ، ئۇنىڭ ئۈچۈن خاتىرە يېزىشقا تەبئىلا كىرىشىپ قالغان .
مۇخبىر:چىمەنگۈل ، سىزنىڭ يېزىقچىلىقتا قانداق ئۆزگىچە ئادەتلىرىڭىز بار؟
چىمەنگۈل:مېنىڭ يېزىقچىلىق ئادەتلىرىم—كۈندۈلىك تۇرمۇش رېتىمىم ھەم خاراكتېرىم بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن . مەن ئادەتتە پىيادە يول يۈرۈشكە ئامراق. كېتىۋېتىپ ئۆزۈم يازغان شېئىرلاردا ئويلىغانلىرىمنى ھاردۇقۇم چىققۇدەك ، پىغانىم بېسىلغۇدەك ئىپادىلەپ قالغان مىسرالىرى بارلىرىنى ئىچمدە ئىختىيارىسىز شىۋىرلاپ ماڭىمەن . بۇ ئىش توختىماي داۋاملىشىدۇ . شەھەر ئىچىدە قاتنايدىغان كوچا ئابتوبۇسلىرىغا نۆۋەتلىشىپ ئالمىشىپ ، شەھەرنى تەكرار–تەكرار ئايلىنىمەن . شۇڭا ئادەتتىمۇ كوچا ئاپتوبۇسى ساقلاۋاتقاندا ياكى ئىشقا كېتىۋاتقىنىمدا ناھايىتى ياخشى تەپەككۈر قىلىمەن . يېڭى–يېڭى پىكىرلەر مېنى چۆگىلەپ يۈرىدۇ ، مەن شۇ پىكىرلەرنى كاللامدا پىشۇرىۋېلىپ ، ئاندىن قولۇمغا قەلەم ئېلىپ ، ئەسەرلىرىمنى بىر يولىلا پۈتتۈرۈپ چىقىمەن .
مۇخبىر : بۇ ئادىتىڭىز ماڭا تولىمۇ ئۆزگىچە تۇيۇلدى.
چىمەنگۈل :راست ، شۇنداق چاغلاردا كوچا ئاپتوبۇستىن—كوچا ئاپتوبۇسىغا ئالمىشىش ماڭا خۇددى ئاياللارنىڭ ئىرادىدىن–ئىرادىگە ئۆتۈش جەريانىدەك تۇيۇلىدۇ ، توپ–توپ ئادەملەر ئارىسىدا قىستىلىپ يۈرۈپ ، يەنىلا ئۆز دۇنيايىمنىڭ تولىمۇ كەڭرىلىكىنى ھېس قىلىپ قالىمەن .
مۇخبىر : بىر شائىرە بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن شېئىرىيىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئىككى ئېغىز سۆزلەپ بېرەمسىز ؟
چىمەنگۈل : مېنى تەربىيىلىگەن ئۇستازلىرىم ، ماڭا ھەمنەپەس بولغان قەلەمكەش دوستلىرىمنىڭ ئالدىدا شېئىرىيىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە سۆزلەش ماڭا نىسبەتەن تولىمۇ بالدۇرلۇق قىلىدۇ . ئۆز–ئۆزىگە تەلەپ قويۇشمۇ بىر سەنئەت . شۇڭا مەن قەلبىمدىكى ئەدەبىياتقا بولغان ئىشتىياقنىڭ ، مۇھەببەتكە بولغان سەمىمىيلىكنىڭ ھەقدارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆزۈمنىڭ كەلگۈسى پىلانلىرى ھەققىدىلا ئىككى ئېغىز گەپ قىلاي: قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇۋاتقاندا ، نەشىر قىلىنغان‹‹تەتۈر چېقىن››(شىنجاڭ ياش–ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى، 1996–يىلى)ناملىق تۇنجى شېئىرلار توپلىمىمنىڭ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا ياخشى باھاغا ئېرىشىشى مېنى بۇ يولغا تېخىمۇ چەمبەرچەس باغلىدى . ‹‹قىساس غۇنچىسى››(شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ،2000–يىلى)، ‹‹تاش ياپراق›› (قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى ، 2003–يىلى)ناملىق شېئىرلار توپلاملىرىم نەشىردىن چىققاندىمۇ ئۇستازلارنىڭ ياخشى تىلەكلىرى ، ئاتا–ئانامنىڭ خۇشاللىقى، دوستلىرىمىنىڭ ئالقىشلىرى ماڭا مەدەت بولدى. 2004–يىلى شۇ مەزگىلگىچە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئايال قەلەمكەشلەرنى باھالاشتا ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹ئون مۇنەۋۋەر ئايال ئەدىب››نىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىشىم مېنى سەل قورۇندۇرغان بولسىمۇ ، بىر ئانا ھەم كەسىپ ئەھلى بولۇش سالاھىتىم بىلەن ئۆزۈمدىكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى تولۇق ھېس قىلدىم . مانا ئەمدى‹‹بارسا كەلمەس يول››ناملىق شېئىرلار توپلىمىمنىڭ مەلىكەت بويىچە ‹‹تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى››غا ئېرىشىشى مۇناسىۋىتى بىلەن سىز بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرۇپتىمەن .
بۇ يىل ئوغلۇم ئۈچۈن يازغان كۈندىلىك خاتىرىلەرنىڭ بىرىنجى قىسمى‹‹مېنىڭمۇ قانىتىم بار››دېگەن كىتابنى نەشىرگە سۇندۇم . ئەمدى كېيىنچە سۆھبىتىمىزنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئاتا–ئانامنىڭ ماڭا سوۋغا قىلغان خاتىرلىرىنى رەتلەپ چىقىش ئويۇم بار . قىسقىسى ، ئاياللارنىڭ ئارىسىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلار ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن شائىرە دەپ ئاتىلىپ قالمىسام ، شېئىرلىرىمنى ئوقۇرمەنلىرىم قۇرۇقتىن قۇرۇق ھېسىيات دۆۋىسى دەپ قاراپ قالمىسا ، مەن ئۇلارغا تېگىشلىك مەنا بوشلۇقى قالدۇرسام...‹‹بارسا كەلمەس يول››غا تەۋەككۇل قىلغىنىمدىن رازى بولىمەن ئەلۋەتتە .