قىزىم ئايقۇت ئۈچۈن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان بالىلارغا ماس كېلىدىغان رەسىم سىزىش يۇمشاق دېتالى. باشقا بالىلارمۇ ئىشلىتىپ خۇشاللىق تاپسۇن دەپ كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم.
مەشغۇلاتى ئاددى، چۈشىنىشلىك، كىچىك بالىلار ئاسانلا ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋالالايدۇ. بۇ دېتالنىڭ بالىڭىزنىڭ تەپەككۇرىنى ئېچىشىغا ئاز-تولا ياردىمى تەگسە ئەجەپ ئەمەس. ئەلۋەتتە چوڭلارمۇ ئىشلەتسە بولىۋېرىدۇ.
يەنە بۇ دېتال تەمىنلىگەن تەييار قېلىپلارنى ئۇستىلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بالىلار ھېكايىسىدىكى ۋەقەلىكلەرنى نەق مەيداندا ئېكران يۈزىدە نامايەن قىلغىلى بولىدۇ.
مەسلەن: مەن ئورمانلىقتا بىر توشقان دەرەخكە يۈلىنىپ ئۇخلاپ قاپتۇ، بىر پىل ئاستا كېلىپ... دېگەچ تۆۋەندىكىدەك ئورمانلىق، دەرەخ، توشقان، پىل... لارنى بىردەمدىلا قۇراشتۇرۇپ چىقتىم. بۇلار بۇ دېتالدا تەييار تەمىنلەنگەن. يەنە ئاددى كارتون فىلىم ئىشلىگىلى بولىدۇ.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
پىرىستىن يىشىش مەخپى شىفىرى:www.alip.tk مەخپى شىفىرىنى كۆچۈرۈپ چاپلىماي، كۇنۇپكىدىن بىر–بىرلەپ كىرگۈزۈڭلار.
پىرىستىن يىشىپ بولغاندىن كېين setup دېگەن قاچىلاش ھۆججىتىنى ئىجرا قىلدۇرساڭلار قاچىلايدۇ. قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ئۈستەل يۈزىدىكى 金山画王2006 دېگەننى ئىجرا قىلدۇرساڭلار بولىدۇ.
مەنبەسى: ئالىپ تور بېتى |