كىچىك رەسساممەن دەيدۇ ئەكبەرجان،
تۇتقان قولىدا قەلەم بوياقدان.
يۈز كۆزلىرىنى بوياپتۇ قويماي،
سىزغانلىرىغا قاراڭلار ھاي ھاي.
دەل مۇشۇ ناخشىدىكى ئەكبەرجان كەبى رەسىم سىزىشقا ئامراق ئىدىم.
باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىىمدا ئەڭ ياقتۇرۇپ،ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىدىغىم ھەر جۈمە كەچ ۋە شەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى كۇرژۇك ئىدى،بىر كۈن رەسىم سىزىشنى بىر كۈن ھۆسىن خەت يېزىشنى ئۆگىنەتتىم،رەسىم سىزىشقا شۇنداق ئامراق ئىدىمكى،نېمىنى كۆرسەم شۇنىڭ ئۈستىگە جىجالاپ رەسىملەرنى سىزىپ قوياتتىم،مېنى ئەڭ ئازابلايدىغىنى رەسىم مۇئەللىمىمىز مېنى پەقەت ماختىمايتى شۇنچە ئەجىر قىلىپ سىزساممۇ،دائىملا خۇشال -خۇرام ھالدا يۈز-كۆزلىرىم بويالغان ھالدا ئالدىغا يۈگىرەپ بارسام :بولماپتۇ بۇ بولماپتۇ«دەيتى.
شۇنداق ئاچچىقىم كىلىپ ئىچىمدا مىڭنى تىللايتىم.كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتتى،باشلانغۇچنىڭ 4-يىللىقىغا چىققان يىلى سىنىپ مۇدىرىمىز ئارقا دوسكىنى ئىشلەشكە ئىككى بالىنى چاقىرىپ كىردى،ئۇ كاساپەتلەر بىردەمدە جىجاپ جىجاپ سەتلا سىزىپ قويۇپ چىكەتتى،مۇئەللىمىز خاپا بولۇپ
:« ۋاي،بۇ سىنىپتا ھىچقايسىڭلار سىزالمامسىلەر؟» دەپ كەتتى،مەن ئىچىمدە بوشلا :«يا ئۆزلىرى سىز دېمىسىلىرى» دەپتىمەن،كىم بىلسۇن ئۇنىڭ ئاڭلاپ قېلىشىنى شۇنداق قىلىپ مېنى دوسكىغا چىقىرىپ قويدى،يېرىم كۈن سىزدىم ئۈچ مىللەتتىن بولغان ئۈچ قىزنىڭ قول تۇتۇشۇپ تۇرغان رەسىمىنى،شۇنداق پەيزى سىزىۋىتىپتىمەن،شۇندىن ئىتىبارەن سىنىپنىڭ دوسكىسىنى ئىشلەش ماڭا قالدى،ئۆزۈمچە پىداكارلىق قىلىپ تېخى دوسكا ئىشلەش قوللانمىسىدىن ئۈچنى سېتىۋالدىم ھەرخىل ھەرياڭزا نۇسخىلاردا يازاتتىم خەتلەرنى،شۇندىن كېيىن خېلى نامىم چىقىپ قالدى،مەكتەپنىڭ رەسىم سىزىش مۇسابىقىلىرىگە تاللاپ قاتناشتۇرغانمۇ بولدى،ئەمما ھۆسىن خەتتە قەتئى ئىلگىرلىيەلمىدىم،بىر قېتىم مۇئەللىم :«خەت يېزىپ كىلىڭلار دېسەم مۇشۇنداق ئانام دادام مەن ،ئائىلەم دەپمۇ يازامسىز،ھۆسىن خەت دېگەنگە ھېكمەتلىك سۆز ،ۋە ياكى شئېرلارنى يازىدۇ،بۇنداق گەپنى مەشىق دەپتەرگە يېزىپ ئويناڭ » دەپ خاپا بولۇپ كەتتى،شۇندىن كېيىن ئۆزۈم بىلىدىغان بىردىنبىر شئېر «ئىگىلىدىكەن ئالما شاخلىرى»نى يازدىم،ئەمما يەنىلا مۇئەللىمگە ياراپ بولالمىدىم، «بىرنىمە خەت نۇسخىسىدا شاخنى مۇنداق قىلىپ قويۇپسىز،تاقانى مۇنداق قىلىپ قويۇپسىز» دەپ گەپلىرى پەقەت تۈگىمىدى،مەنمۇ يا ھۆسىن خەتتە ئىشلىتىدىغان ئاۋۇ كىچىك كىچىك خەت ۋە بەلگىلەرنى پەرق ئىتەلمىدىم شۇنداق قىلىپ بۇ تۈردە مەغلۇپ بولدۇم.
مەكتەپتە رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزگەن بىر يىلى مەن خەۋەرسىز قاپتىمەن،قارىسام شۇنداق جىق رەسىملەر ئېسىلىپ كىتىپتۇ،بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرگۈم كەلمەي ئۆيگە چاپتىم،ئۆيىمىز مەكتەپكە بەك يېقىن ئىدى،شۇڭىمۇ مۇئەللىم كەچكىچە قار تازىلىساق :«ئۆيىڭىزدىنلا گۈرجەك ئېلىپ چىقىڭ،ئۆيىڭىزدىنلا داس-چىلەك ئېلىپ چىقىڭ » دەپ تولا ئىشقا بۇيرۇيتى،ئۆيۈمنىڭ يېقىن بولىشىدىن شۇ بىر قېتىم سۆيۈندۈم،ئەپسۇس ئۆيدىن ھېچقانداق رەسىمىمنى تاپالمىدىم،ئۈمىد چىچەكلىرى ژورنىلىغا ئەسەر بېرىڭلا دېسە خۇددى ماقالە يازالمايدىغاندەك رەسىم بېرىشنىلا ئويلاپ 15 پارچە رەسىمىمنى بېرۋىتىپتىكەنمەن،ئۇيان ئىزدە بۇيان ئىزدە يوق،قارىسام ئاكامنىڭ ھۇجرىسىدا ئۇ رەسساملارغا پۇل بېرىپ سىزدۇرغان ئۆزىنىڭ پورتىرت رەسىمى تۇرمامدۇ،شۇنىلا كۆتۈرۈپ ماڭدىم.
رەسىملەرنى تىزىۋاتقان دوسكىلارغا چاپلاۋاتقان مۇئەللىمگە كۆرسەتسەم ھەيران قالدى ۋە ئەڭ چوقىسىغا ئېسىپ قويدى، شۇنداق قىلىپ بىر بۇرجىكىگە ئىسمىم يېزىلغان ئاكامنىڭ رەسىمى كۆرگەزمە قىلىندى ،كۆرگەزمىدىن كېيىن رەسىمنى قايتۇرۇپ بەرمىدى،ئاكامدىن ھارغۇچە تىل ئاڭلىدىم،مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئالدامچىلىق قىلغانىدىم،شۇنداق ئازابلاندىم،كۆرگەزمىدە باشقىلار ماختىغاندىكى خۇشاللىق ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ كەتتى،رەسىم سىزىشقا ئۆچ بولدۇم،بوياقلىرىمنى تاشلىۋەتتىم.
كېينكى كۈنلەردە مەكتەپتە قول ماھارىتى ،مودىل ياساش،قاتارلىق مۇسابىقىلەرنى جىق ئۆتكۈزىدىغان بولىۋالدى.
رەسىم سىزىش ھۈنىرىم بۇنىڭغا ئاقمايتى،دوستلىرىم قەغەزلەرنى كىسىپ بىر-بېرىدىن چىرايلىق گۈللەرنى چىقىراتتى،مەن بولسام ئۇ يەر بۇ يەر كامار بولغان تۆت چاسا قازاقلارنىڭ كىگىزىدەك بىرنىمىنىلا چىقىراتتىم،ھەر قانچە ئۇستىلىق قىلساممۇ باشقا بىرنېمە ھىچ چىقاي دېمەيتى.بالىلار قەغەز كورۇپكىلاردىن بىر بىرىدىن چىرايلىق نەرسىلەرنى ياسىيالايتى،ھەتتا بىر قىز سىملاردىن توز شەكلىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا ئەتلەس رەختنى ئوراپ شۇنداق چىرايلىق قىلىۋىتىپتىكەن،بىرەيلەن قەغەز قاپلاردىن سائەت ياساپ ئۇنىڭغا راسىت سائەتنىڭ سايمانلىرىنى ئورنۇتۇپ ماڭىدىغان قىلىپتىكەن،بىر دوستۇم ياسىغان چاقپەلەك ھەرگىز ئېسىمدىن چىقمايدۇ،كىنولاردا چىقىدىغاندەك شۇنداق چىرايلىق چاقپەلەك،ئاستى يېشىل چىملىق،كونۇپكىنى باسسا چاقپەلەك چۆرگىلەيدىكەن شۇنىڭغا قاراپ يىغلاپ تاشلىغانىدىم.
چۈنكى مەن ھەر قانچە تىرىشساممۇ ،قانچىلىق جىق قەغەز قاپلارنى ئىشلەتسەممۇ ئاددىيلا ئىككى تال تىك تۆت بۇلۇڭلۇق ،ئۈستىگە دەرىزە سىزىلغان بىنا،ۋە ساپما كەش،ئەخلەت ئالىدىغان گۈرجەك قاتارلىق ئاددى نەرسىلەردىن باشقىنى ياسىيالمايتىم.شۇنداق قىلىپ باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى مانا مۇشۇنداق ئۈچ نەرسىنى نۆۋەت بىلەن ياساپ ئۆتكۈزىۋەتتىم،ھازىرغىچە مۇشۇنداق نەرسىلەردىن ھوزۇرلىنىشنى شۇنداق ياخشى كۆرىمەن،چىرايلىق كۆرىنىپ ئۇزۇن قارامدىم،ياكى خەق قانداق ياسىغاندۇ دەپ ئەقلىم ھەيران بولۇپ قارامدىم بىلمەيمەن.
بۈگۈنمۇ خېلى جىقنى تېپىۋالدىم ھەم سىلەر بىلەن بىللە ھوزۇرلىنىشنى لايىق تاپتىم.








