ئانىسىغا سوغا
ئۈچ نەپەر يەھۇدى ئاغىينە كارخانا قۇرۇپ باي بوپتۇ. بىر كۈنى بىر يەردە جەم بولغان چېغىدا ئانىسىنىڭ توغۇلغان كۈنىدە قانداق سوغات ئالغانلىقى ھەققىدە پاراڭلىشىپتۇ.
بىرىنچىسى: «مەن ئانامغا يۇغان بىر داچا ئېلىپ بەردىم» دەپتۇ. ئىككىنچىسى: «مەن بىر لىمۇزىن (قىممەت، داڭلىق ماشىنا) ئېلىپ، شوپۇر ياللاپ بەردىم» دەپتۇ. ئۈچىنچىسى: «مېنىڭ سوغام ھەممىدىن ياخشى، بىلىسىلەر. ئانام تەۋرات ئوقۇشقا بەك ئامراق. لېكىن كۆزى بەك ياخشى كۆرمەيدۇ. ئۇنىڭغا تەۋراتنى يادلاپ بولغان چوڭ بىر شاتۇتى ئەۋەتتىم. ئەمما بۇ ئادەتتىكى شاتۇتى ئەمەس. بۇ شاتۇتىنى تەربىيىلەش ئۈچۈن 12 ھاھام (يەھۇدى ئۈلىما) 12 يىل جاپا تارتتى. بۇ شاتۇتى ئۈچۈن ئىبادەتخانىغا 20 يىل بۇيىچە ھەر يىلى بىر مىليون دوللار ئىئانە قىلىمەن. ئۇلار بۇنىڭغا ئەرزىيدۇ. چۈنكى ئانام پەقەت تەۋراتتىكى مەلۇم مەزمۇننىڭ ئىسمىنى ئېيتسىلا شاتۇتى ئۇنىڭغا يادقا ئوقۇپ بېرەلەيدۇ.» دەپتۇ.
بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ ئۈچ ۋاپادار ئوغۇل ئانىسىدىن بىردىن مەكتۇپ تاپشۇرۇۋاپتۇ. بىرىنچىسىگە: «بۇ داچا بەك چوڭكەن. ماڭا پەقەت بىر ئېغىز ئۆيلا كەڭتاشا يېتىپ ئاشاتتى. لېكىن ھەممە ئۆينى تازىلاشقا مەجبۇرمەن.»
ئىككىنچىسىگە: «ئۇ يەر بۇ يەرگە باراي دېسەم، بەك قېرىپ كەتتىم، پۇت-قۇلۇمدا ماغدۇر يوق. لىمۇزىننى ھەيدىيەلمەيمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە شوپۇر بەك قۇپال.»
ئۈچىنچىسىگە: «جېنىم بالام، ئاناڭنى خوش قىلىشنى نەدىنمۇ بىلگەنسەن، سەن ئەۋەتكەن توخۇنىڭ گۆشى بەك مېزىلىككەن. رەھمەت!»
كوكاكولا ئېلانى
ياۋرۇپادىكى كوكاكولا شىركىتىنىڭ سېتىشقا مەسئۇل ۋاكالەتچىسىدىن بىرى ئەرەبىستاندىكى خىزمىتىدىن كۆڭلى يېرىم ھالدا قايتىپ كېلىپ، مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمىغانلىقىنى ئاغىينىسىگە سۆزلەپ بېرىپتۇ:
- مېنى ئەرەبىستانغا ئەۋەتكەندە، بىر مەسىلە بار ئىدى. ئەرەپچە بىلمەيتتىم. پۇقرالارمۇ ئوقۇش-يېزىشقا بەك ئېتىۋار قىلىپ كەتمەيدىكەن. شۇڭا ئۇلارغا ئېلان قىلىدىغان مەزمۇننى رەسىم شەكلىدە لايىھەلىدىم.
بىرىنچى رەسىمدە بىر ئەرەپ چۆلدە ھالسىراپ ياتىدۇ، ئۇسسۇزلۇقتىن لەۋلىرى قۇرۇپ ئۆلۈش ئالدىدا.
ئىككىنچى رەسىمدە ئۇ ئەرەپ قومنىڭ ئارىسىدىن تېپىۋالغان كوكاكولانى ئىچىۋاتىدۇ.
ئۈچىنچى رەسىمدە ئۇ ئەرەپ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، جانلىق ۋە خۇشال-خۇرام ھالدا كۈلۈمسىرەۋاتىدۇ...
- پاھ، قالتىس ياخشى ئېلان بوپتىغۇ! ئۇلار نېمە دېمەكچى بولغىنىڭنى چۈشەنگەندۇ؟
- ھەئە چۈشەندى. چاتاقمۇ مۇشۇنىڭدىن چىقتى. چۈنكى بۇ ئەرەپلەر يېزىقنى بىز ئېنگلىزلاردەك سولدىن ئوڭغا قاراپ ئەمەس، بەلكى ئوڭدىن سولغا قاراپ ئوقۇيدىكەن، مەن سولدىن باشلاپ سىزغان بىرىنچى رەسىمنى ئۇلار ئوڭدىن باشلاپ ئۈچىنچى رەسىم قىلىپ ئوقۇۋاپتۇ ئەمەسمۇ؟! ...
تىبابەتتىكى تەدرىجى تەرەققىيات
مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2000-يىلى: ئالە، ماۋۇ دورىلىق ئۆسۈملۈكنى يە!
مىلادىدىن كېيىنكى 1000-يىلى: ئۇ ئوت-چۆپ ياخشى ئەمەس، كەل ماۋۇ دۇئانى ئوقۇ!
مىلادىدىن كېيىنكى 1250-يىلى: ئۇ دۇئا خۇراپىي ئېتىقاد. ئالە ماۋۇ كومىلاچنى يە!
مىلادىدىن كېيىنكى 1500-يىلى: ئۇ كومىلاچ پايدا قىلمايدۇ، ماۋۇ تابلىتنى يۇتىۋەت!
مىلادىدىن كېيىنكى 1750-يىلى: ئۇ تابلىتنىڭ پايدىسى يوق. ماۋۇ ئانتىبىئوتىكنى (مىكروبقا قارشى دورىنى) ئىچكىن!
مىلادىدىن كېيىنكى 2000-يىلى: ئۇ ئانتىبىئوتىك خېمىيىۋى نەرسە. ئالە ماۋۇ دورىلىق ئۆسۈملۈكنى يە!
شاتۇنى دوكىنىدا
بىر كىشى شاتۇتى سېتىۋېلىش ئۈچۈن دۇكانغا كىرىپ دوكانچىدىن سوراپتۇ:
- ماۋۇ قەپەزدىكى چىرايلىق شاتۇتى قانچە پۇل؟
- 1000 دوللار، ئەپەندىم.
- ۋاي نېمانچە قىممەت؟
- بۇ شاتۇنى ئۆزى كىچىك بولغىنى بىلەن، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى يادقا بىلىدۇ.
- ئاۋۇ قەپەزدىكى شوخ شاتۇتى قانچە پۇل؟
- 2000 دوللار، ئەپەندىم.
- بۇ تېخىمۇ قىممەت ئىكەن. قانداق ئالاھىدىلىكى بار ئۇنىڭ؟
- بۇ شاتۇتى 6 خىل چەتئەل تىلى بىلىدۇ.
- ھىم، ئۇنداقتا ئاۋۇ قەپەزدىكى كۆرۈمسىز قېرى شاتۇتى قانچە پۇل؟
- 5000 دوللار، ئەپەندىم.
- پاھ، بۇ ھەممىسىدىن قىممەتكەن. بۇنىڭ قانداق ئارتۇقچىلىقى بار؟
- مەنمۇ بىلمەيمەن ئەپەندىم. بىراق ھەر كۈنى ئەتىگەندە ماۋۇ ئىككى ياش شاتۇتى بۇ قېرى شاتۇتىغا قاراپ: "ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز!" دەپ سالام قىلىدۇ.