بۇ 1قەۋەتتىكىtutem يوللىغان 2011-02-03 01:04 غا قارتىلغان  :
رايونىمىزدا چىقۋاتقان مىسۋاكلاردىن  قايسىسى ئەڭ ئىشەنچىلىك؟مەنغۇ چىننۇرىنى ئىشلىتىمەن.
مۇسۇلمانچە بولغان چىش چوتكىسى،پاستىسىنى دەپ باقمامدۇق؟... 
 
 توتىم ئەپەندىم . مىسۋاك بىلەن ، مىسۋاك خام ئەشىيا قىلىنىپ ئىشلەنگەن ، چىش پاراشوكى ئايرىم نەرسە . دىيارىمىزدىن مىسۋاك چىقىشى مۇمكىن ئەمەس.   ئەگەر ئۇيغۇر كارخانىچىلار  راستىنلا چەتئەلدىن ئىمپورت قىلىنغان مىسۋاكنى خام ئەشىيا قىلىش ئارقىلىق 
چىش پاستىسى ياسىغان بولسا ، ئۇنى ئىشلىتىشكە ۋە تەۋسىيە قىلىشقا بولىدۇ . لىكىن ئۇلار شۇنداق قىلغانمۇ ياكى ئاز مىقداردا قوشامدۇ ؟  بۇنىڭغا بىر نىمە دىمەك تەس . شۇڭا مىسۋاك ئىشلىتىشنى خالايدىغانلارغا تەۋسىيەرىم :  ئۇرۇمچىدە خانتەڭرى سودا سارىيىدا ، سابا ئىمپورت بۇيۇملىرى دوكىنىدا، سەنشىخاڭزا ئالتۇن بۇلاق سودا سارىيى يەرئاستى قەۋىتىدە، ئاق مەسچىت ئەتراپىدا ، ئۆلچەمگە لايىق مىسۋاكلارنى  ئۇچراتقانمەن . شۇلارنى سىناپ بىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .