كىچىككىنە يېزا بازىرى
ئادىل تۇنىياز
بۈگۈن سەھەردە ،
قۇياش سۇنغان ئاق گۈلچەمبىرەك
ياراشقاندا مۇز دېرىزەمگە ؛
تىرىلگەندەك قارلىق دالىغا
دەپىن قىلغان كېپەنلىك باھار ،
ئەسلىمەمنىڭ تاش ئەينىكىگە
ئېقىپ چۈشتى ئۇزۇن بىر سايە .
قەلبىم شۇئان يىرتىپ تۇماننى
ئەرۋاھ كەبى چىقتى ئايلىنىپ ،
كىچىككىنە يېزا بازىرىنى .
كىچىككىنە يېزا بازىرى ،
سالام سېنىڭ چوغدەك تېڭىڭغا .
كۆڭلەپ كىيىپ شايى تۈتۈندىن ،
سەھرادىكى قىزغۇچ تۇماندا ،
ئۇخلاۋاتقان كۆپكۆك ھاۋاغا .
سالام ئېگىز تېرەكلىرىڭگە –
زەر قاناتلىق يىڭناغۇچلاردەك ،
قونۇۋالغان كۈن نۇرلىرىغا .
سالام كېچىدە قۇياشنى چۈشەپ
تام تۈۋىدە سوزۇپ چىللىغان
شاھزادىدەك خورازلىرىڭغا .
سالام ئىشىكنى غىچىرلاپ ئېچىپ
ئىبادەتكە ماڭغان بوۋايغا .
ئەنە ،
تۆت كوچىنىڭ دوقمۇشىدىكى
چاك كەتكەن تام تۈۋىدە ،
ياغلىق سېلىپ رەڭدار بۇلۇتتەك ،
چىنىلەرنى تىزىپ ئۈستىگە ،
ئولتۇرىدۇ قېتىقچى قىزلار .
تورغاي يول ئالماستا يول ئالغان تۇزچى ،
تاش تۇز باسقان ئېشەك ھارۋىنى ،
بازار چېتىگە كېلىدۇ ھەيدەپ .
كىيىملىرى جۇلجۇل قەلەندەر
چاپاق باسقان كۆزىنى ئېچىپ ،
تام تۈۋىدە كۆردى بۈگۈنمۇ ،
تۈنۈگۈنكى سېخىي قۇياشنى .
ئەنە ،
تورۇسى ئىسلاشقان خۇشىۇي چايخانا ،
سالام بېرەر خېرىدار تاڭغا .
تەمبۇرچىدەك مۇڭلۇق ئاۋازدا
ساماۋەردە ناخشا ئېيتار چاي .
كالا سۇغارغىلى بېرىپ گۇگۇمدا ،
كۆل بويىدا يىگىتى بىلەن
ئۇچرىشىپ قالغان سەھرا قىزىدەك –
تونۇردىن چىققان پا – پا گىردىلەر
مەڭزى چوغدەك قىزارغىنىچە
سېۋەتلەردىن باقار ئۇياتچان .
تۇرىدۇ بىر قىز ،
ساتماق بولۇپ دوقمۇشتا ،
سۈبھى پەيتى قوناقلىقىدىن
ئېلىپ كەلگەن بىر تاغار ئوتنى .
قىزىل گۈلدەك خۇشبۇي ھاۋا ھەم
كەڭ دالىنىڭ مەيىن شامىلى
چەمبىرەكتەك ئايلىنار ئۇنى .
سالۋا تەلپەكلىك دېھقان ،
بېدە باسقان كالا ھارۋىغا ،
ئەگەشتۈرۈپ كەلگەن تاڭدىكى
جىگدە چېچەكلىرىنىڭ ئىللىق پۇرىقى
كوچىلارغا چاچار خۇش پۇراق .
يېقىن يېزىنىڭ باغۋىنى ئەنە
شاپتۇل ساتقىلى كىردى سەھەردە ،
شاپتۇل چېچىكىدەك ھالرەڭ سۈبھىنى
سېتىۋەتتى غۇۋا شەھەرگە .
سېتىۋەتتى ئالمىچى يىگىت ،
ئوسما قويغان قاشلىق جۇۋانغا ،
سېۋەتتىكى ئالمىلا ئەمەس ،
ككڭلىدىكى ئالمىلارنىمۇ .
سالام ، ئاشۇ يېزا بازىرىدىكى
كۆكتاتچى مومايلار ، گۈل ساتقۇچىلار ،
كۆكسى لەڭپۇڭدەك لىغىرلاپ تۇرغان
ھېسىپچى ئاياللار ، لەڭپۇڭچى قىزلار .
سالام ، شاۋقۇنلۇق ئاشپۇزۇلدىكى
ئۇسسۇلچى چۆمۈچلەر ، ناخشىچى سەيلەر .
سالام ، كاۋاپداندا پىچىرلاۋاتقان
ئىخلاسمەن كاۋاپلار ، ئەۋلىيا چوغلار .
سالام ، بەك يىراق جاڭگالدىن كەلگەن
ساقىلى بېدىدەك بورا ساتقۇچى .
سالام ، زوڭزىيىپ كۈپ تاللاۋاتقان
قېشى ئاق ، كۆڭلى ئاق ، ئۈستىبېشى ئاق
ئاق ئۇنغا مىلەنگەن نۇرلۇق تۈگمەنچى .
سالام ، تاش تۈۋىدە ئولتۇرغان چوكان ،
سالام ساتالماي قالغان تۇخۇملىرىڭغا .
سالام ماي چاپانلىق جۇۋازچى بوۋاي ،
سالام ، ماي قاپىقىڭغا ، جۇۋاز كالاڭغا .
ئۆمۈچۈك تورلىرى تۆكۈلۈپ تۇرغان
سالام قاراڭغۇ جۇۋازخاناڭغا .
سالام ، ئاپتاپتا قارىداپ كەتكەن
ئاققوناق ساتقۇچى ، بۇغداي ساتقۇچى .
خالتا كۆڭلىكىڭگە ياماقلار چۈشكەن ،
مال بازىرىدا تۆگە يېتىلەپ
كېتىۋاتقان تۆگە باققۇچى .
سالام ، يالاڭئاياغ سەھرا قىزىنىڭ
ئالدىغا تىزىقلىق باغلام ۋە باغلام
قۇرۇتۇپ ئېپكەلگەن ياۋا سۈپۈرگە .
سالام شۇ سۈپۈرگە چېچەكلەپ ئۆسكەن
شاماللىق دالىغا ، ئاق كۆڭۈل كۈنگە .
سالام شۇ يەردىكى قەدىم پوسۇندا
سېلىنغان قەۋەتسىز ئاددىي ئۆيلەرگە .
سالام شۇ ئۆينىڭ تەكچىلىرىگە
باھاردەك-باھاردەك تىزىپ قويۇلغان
سۆگەتگۈل ، ئەتىرگۈل قوناقگۈللەرگە .
سالام سۆيۈملۈك يېزا بازىرىدىكى
پەردازسىز ، گىرىمسىز بوۋاقتەك دۇنيا ،
سالام ، ئۇندىكى ھەممە-ھەممىگە .
كىچىككىنە يېزا بازىرى
1990-يىل 3-ئاي ، ئۈرۈمچى
مەنبە: "دېڭىزدىكى كوچا "
(