فېۋرال. يەنە بىر خىيال
فېۋرال جىمجىت ئۇخلىماقتا
تالادا بىرسى ناخشا ئېيتماقتا.
قاراڭغۇلۇق ئۆمىلەپ كېلىپ
دېرىزەمگە چىقىۋالدى ئاستا.
تاماكا چېكىشىمگە قاراپ ئولتۇرار
مەن چۈشەنمەيدىغان بىر تىلدا سۆزلەپ تۇرار
ئايالىمدەك بۇ تۆت تام گويا.
مەن ئۆزۈمنى ئوغلۇمنىڭ يېشىدا تەسەۋۋۇر قىلىپ
قايتىپ باقتىم كىچىك بالىغا.
چىۋەر، چاققان خىيالىم بىلەن
ئۆمۈچۈكتەك ماڭدىم تورۇستا.
بىر پارچا ئاپئاق ۋاراقتەك
سىرغىۋاتقان بىر تامچە ياشتەك
تولدى ئىچىم بىر كۈيگە شۇئان.
بىراق مېنىڭ خىياللىرىمنى
قۇرشاپ تۇرار چەكسىز زىمىستان.
چار يىلاندەك سوزۇلۇپ يېتىپ
پىچىرلىدىم رېئاللىققا مەن:
نىچۈن بۇنچە ئېغىر ھەم قاتتىق،
جىمجىت، گۈزەل سېنىڭ ھەسرىتىڭ؟
فېۋرال
ئۇخلاۋاتقان يېرىدىن قوپۇپ
تېرىۋالدى گۈل سېۋىتىگە
چېچىلىپ ياتقان قەلبىمنى مېنىڭ ...