ئىگىسى: dellyar571

ئويغانغاندىن كېيىن (ھېكايە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
19126
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-5-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-26
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 20:08:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dellyar571 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-27 20:20
تورداشلار سەمىگە :
ئەلكۇيى مۇنبىرىدىكى تىخنىكىلىق  ئۆز ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم...مەن بۇ ئەسەرنى ئۇقۇغاندىن باشلاپ ئۆزۈم پ د ف قىلىپ ساقلاپ ماڭغان ئىدىم،لىكىن كىيىن قاتتىق دىسكام يۇيلۇپ كەتتى...بەكمۇ تەستە يىغقان ئىدىم...كىيىن پەقەت ۋاقتىم يەتمەي قويدى...ئەگەر سىزگە مۇمكىن بولسا ماڭىمۇ يوللاپ بەرسىڭىز خۇرسەن بولاتتىم...ۋاقتىم ھەم تېجىلىپ قالاتتىكەن....مىنىڭ ئېلخەت ساندۇقۇم :ruqiyem@gmail.com


UID
18361
يازما
31
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
31
تىزىملاتقان
2011-12-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-25
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 17:49:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dellyar571 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-27 20:20
تورداشلار سەمىگە :
ئەلكۇيى مۇنبىرىدىكى تىخنىكىلىق  ئۆز ...

ئىنكاس يازسام ھىچ جاۋاپ بەرمەپسىز بۇ ئەسىرىڭىز كىتاپ بولۇپ بىسىلىپ قالسا چوقۇم ئالاتتىم شۇڭا ماڭا دەپ قويارسىز.ئاۋارە قلدىم.

UID
6932
يازما
227
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
5411
تىزىملاتقان
2010-10-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
362 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 16:52:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئويغانغاندىن كىيىن – مەنزىل (18)



خىرويۇكى ئەپەندىنىڭ ھوجرىسىدا ئۆز- ئۆزەم بىلەن تۇتىشىدىغانلىقىمنى پەقەت تۈرلۈك تۈمەن  تۈگۈنلەرگە جاۋاپ تاپالمىغانلىقىم سەۋەپ قانداق قول سېلىشنى  بىلەلمەي قىينىلىپ ئولتۇردۇم. بۇ ياپون بوۋاي بولسا كاللامدىكى بۇ ئاجايىپ مۇرەككەپ مالىمانلاردىن تامامەن  بىخەۋەر ھالدا  باياتىن قۇرۇقداپ قويغان يېشىل  چاي پىيالىسىگە يەنە چاي لىقلىغاچ ياشلارغا خاس  كۆتۈرەڭگۈ  روھ بىلەن  ئۆز پارىڭىنى قىلىۋەردى.
- مۇھىد ،ئاخىر يېڭى دەۋىر باشلاندى ،سىز كېچىكمەپسىز ، بۇ يېڭى دۇنيانى ئاخىر كۆرەلىدىم ،شۇنداق قىلىپ يېرىم ئەسىر ئىلگىرىلا مەغلۇبىيەتچى سۈپىتىدە دۆلىتىنىڭ چەت ئەل كۈچلىرى تەرىپىدىن ئاياغ ئاستى قىلىنىشىغا چارىسىزلەرچە قاراپ تۇرۇشقا مەجبۇر  بولغان ياپونىيە پۈتۈن دۇنيا يۈزلىنىدىغان ئۇ يېڭى دەۋىرگە باشلامچى بولۇپ كىرەلىدى. كېسىلىم قوزغالغان كۈنى ئېسىڭىزدىدۇ !؟ دەل شۇ كۈنى ھۆرىيەت پارتىيىسى بىلەن ياپونىيە دىموكراتىك پارتىيىسى بىرلەشتى .ئۈچ تۆت يىلغا قالماي دىموكراتىك پارتىيىنىڭ ئەركىن دىموكراتلارنى قانداق مەغلۇپ قىلغانلىقىنى كۆرىسىز .بۇ نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ ؟؟! بۇ شۇنى بىلدۈرىدىكى  ياپونىيە چىڭ خانلىقىنى(بىرىنچى قېتىملىق جۇڭگو ياپونىيە ئۇرۇشى يەنى جاۋۇ  جېڭىنى دىمەكچى:ئاپتوردىن )، ئارقىدىن چارروسىيىنى(1904-يىلى 2-ئاينىڭ 8 -كۈنى باشلىنىپ 1905-يىلى 9 -ئاينىڭ 5 -كۈنىگىچە داۋاملاشقان چارروسىيە ياپونىيە ئۇرۇشىنى دىمەكچى :ئاپتوردىن ) مەغلۇپ قىلىپ ئاسىيادا ئەڭ دەسلەپ زامان ئېقىنىغا  يېتىشكەن بولسا بۈگۈنكى كۈندە يەر شارى مىقياسىدا دۇنياۋى يۈزلىنىشنىڭ باشلامچىسىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .

بۇنى ياپونىيە دىموكراتىك پارتىيىسىنىڭ سىياسەتلىرىگە باغلاپ چۈشەنمەيمەن. بەلكى بۇندىن كېيىن دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىتى بۇ يېپيىڭى دۇنياۋى ئېقىننىڭ ئىلكىدە باشلامچى بولۇپ ئاقىدۇ . ئەركىن دىموكراتلار كەلگۈسىدىكى ئۇ مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن  ھوقۇقنى قايتا ئىلكىگە ئالىمەن دىسە بۇنى يېڭى يۈزلىنىشنىڭ قۇتۇپلىرىغا ئېسىلىش ئارقىلىق  ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ ،شۇ ۋاقىت كەلسە ئۇلار سايلام شوئارىغا نىمە دەيدۇ دىمەمسىز، «يىڭى ئەركىن دىموكراتلار پارتىيىسى، يىڭى ياپونىيە!» ھا ھا ھا...– خىرويۇكى بوۋاي ئىچ- ئىچىدىن ئېچىلىپ كۈلۈپ كەتتى ۋە مېنى چايغا تەكلىپ قىلىپ قويۇپ  ئىنكاسىمنى، بۇ ئىشلارنى قانداق ئويلايدىغانلىقىمنى سوراپمۇ قويماي گېپىنى داۋاملاشتۇردى. مەندىمۇ بۇ گەپلەرگە جاۋاپ بەرگۈدەك بىلىم دەسمايەم بولمىغاچقا گەپ قىستۇرۇپ تېما بۇراشقا ئامالسىز قېلىپ چۈشىنىشلىك گەپلەرنىڭ بولۇپمۇ ئۇنىڭ نەزىرىدىكى «مۇھىد»نىڭ كىم ، زادى قانداق ئىش قىلغانلىقىغا ئائىت مەزمۇنلارنىڭ چىقىپ قېلىشىنى سەۋىرسىزلىك بىلەن  كۈتۈپ ئولتۇردۇم.- ھەممە ئىشلار ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلدى ، يەنە كېلىپ شۇ قەدەر پۇختا ، ياپونىيە دىموكراتىك پارتىيىسى پۇقرالارنىڭ شەخسى ئەركىنلىكىنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن چەكلىنىپ  تۇرۇشىغا قارشى سىستېمىلىق جەڭ ئېلان قىلىدۇ. بۇ دىمەك شەخسلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش  ، ھۆكۈمەت فۇنكىسىيىنىڭ رولى پەقەت زۆرۈرىيەت دەرىجىسىگە چۈشۈرۈش ۋە بۇ تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق  ئاۋامنىڭ ئاڭسىزلىق ۋە ساپاسىزلىقىنىڭ زۆرۆۈرىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان دۆلەت  فۇنكىسىيىسىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىدىن ئىبارەت ۋەزىيەتكە خاتىمە بېرىش دىمەكتۇر  .ياپونىيە ئەۋلادلىرى ئالدىدا مەسئۇلىيەتچان بولالىدى . داخې مىللىتىنىڭ سەرخىللىرى دىن ، مىللەت ۋە دۆلەت ئۇقۇملىرىنى ئىدىئولوگىيىلەشتۈرۈپ قۇرۇق شوئارلار بىلەن  ئەۋلادلىرىنى دەۋىرنىڭ مەھسۇلاتى بولۇش تەقدىرىدىن قۇتۇلالمايدىغان داھى رەھبەرلىرىگە چوقۇندۇرمىدى ۋە يىلتىزى يەردە بولمىغان غايىلەرگە مەستانە قىلمىدى. ئەكسىچە پۈتۈن زېھنى بىلەن پۇقرالىرىنىڭ  قابىلىيەتلىك،  كۈچلۈك ھەم مەسئۇلىيەتچان بولۇپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان كونكېرت ۋە ئەمەلى شارائىت ھازىرلاۋاتىدۇ. باشقا دۆلەتلەر پۇقرالىرىنىڭ ساپاسىزلىقىدىن  مۇستەبىت ھۆكۈمران، مەنپەئەت خاندانلىقى  ۋە يىلتىزسىز بىراق ھاياجانلىق بولغان غايىۋى ئۇقۇملار... ئارقىلىق دۆلەت تۇتۇپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقاندا ۋىجدان ۋە ئىنسانچىلىققا  سامورايلارچە سادىق بولۇپلا قالماي دۇنيانىڭ قەيەرىگە بارسا شۇ يەردە جان بېقىپ كېتەلىگۈدەك ئەمەلى ئىقتىدار ۋە كۈچ ساھىبى بولغان ھەر بىر ياپون پۇقراسى ئاسىيادا جۈملىدىن دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان  چوڭ ئىجتىمائى مەسىلىلەرگە ۋە بارلىق ھەقسىزلىكلەرگە نىسبەتەن دىن ،مىللەت ۋە دۆلەت ھالقىغان ئىنسانى  بۇرچ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ياشايدۇ ۋە يالغۇز  پارلاۋاتقان قۇياش كەبى تامامەن مۇستەقىل ، كۆرسەتمىسىز ، يىتەكچىسىز ھالدا ئۆز ئارا چىرايلىق ماسلىشىپ  پۇقراۋى قاتلامدىلا  گۈزەل ئىشلارنى  ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ...
بوۋاينىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ كىلىنتوننىڭ شىئەندە سورىغان ئامېرىكىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىنىڭ سىرى ھەققىدىكى  سوئالىمغا بەرگەن جاۋابى«ھەربىر پۇقرانىڭ كىشىلىك قەدىر- قىممىتىنى ،غۇرۇرىنى قوغداش شۇنداقلا شەخسلەرنىڭ خاس تالانتىغا ئەڭ چوڭ ئىمكانىيەت ئىچىدە شارائىت يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىن ئۆز قىممىتىگە مۇناسىپ ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئامېرىكىنىڭ غەلىبىسى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنىڭ كېلىش مەنبەسى»نى ،ئەلىنىڭ زەم زەم تاۋار ماركىسنى ئۇتتۇرىۋېتىپ   ئۆيۈمگە مەس كىرىپ« پؤقرالارغا ئىقتىسادى ئاپتونومىيە بضرىإىدى زامانىإى شەطەرلەر  پارتلاپ چىقتى... شؤ طأكذمەتنىڭ كأيذنذشلىرىگە كأنذپ كضتىپ سذتتىن چىقارمىغان بالىلاردەك پىكىر قىلىإاتقان خىزمەتچىلەر..روطلىرىنىڭ مونوپوللىرىغا  بضرىشىمىز كضرەك...قۇرۇپ كەتسۇن تەقسىمات... ھەر ئىنسانغا نوپۇز ۋە كۈچلەرگە باغلانماي  ئېچىلىش پۇرسىتى  بېرىش »دىگەن سۆزلىرىنى يەنە ئىنسانلارنىڭ دۇنياۋى ۋە دىنى نوپۇزلاردىن قۇتۇلدۇرۇپ ئەركىن ۋە مۇستەقىل يارىتىش كۈچىدىن پارتلاپ چىققان ھالدا بارلىققا كەلگەن ئىنسانىيەتنىڭ زامانىۋىلىق دەۋرىنى ئويلاپ كەتتىم ۋە ئ‍ۆزەمنى  شىددەت بىلەن ئېقىۋاتقان تارىخ ئېقىنىنىڭ يېنىدا تەسەۋۋۇر قىلدىم . بۇرۇنقى گۈزەلنۇر گىگانتلار سارىيىغا كىرىپ كەتتى، مەن بولسام بۇ سارايغا تىكىلىپ خىيالغا پاتتىم ۋە يۈرىكىمدىكى سۆيگۈ بەرگەن جۈرئەتنى كۈچ قىلىپ ئەرزىمەس- ئاددى ئادەملىكىمگە باقماي  بۇ مەشھۇرلار سارىيى بولغان غايەت زور قۇرۇلۇشقا ئىختىيارسىز كىرىپ كېتىۋاتىمەن. بۇ يەردىن  ئۇيغۇرئاينى  تاپماقچى ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتقان پېتى  يول ئىزدەپ چىقىپ  كەتمەكچى، ئاخىرىدا ئىللىق ئائىلىگە ساھىپ بولۇپ تىنچ-خاتىرجەم ياشىماقچى. لېكىن بۇ يولدا ھاياتىم رومان- ھېكايىگە ھەتتا ئەقىل ئالماس ۋەقەلەرگە تولغان فانتازىيىلىك فىلىمگە ئايلىنىپ كېتەي  دىدى. كۆرمىگەن كۈنۈم، تارتمىغان دەردىم قالمىغان مەن ھەممە تېمىدىن گەپ ئاچالايدىغان پەيلاسوپ بولۇپ كەتتىم...دىگەندەك ئويلاپ كەلگەنىدىم . ئەھۋالدىن قارىغاندا ئەسلىدىنلا مۇرەككەپ  بۇ ئىشلار بۇنىڭدىن تېخىمۇ مۇرەككەپكەن. گەرچە كۆز ئالدىمدا نامايەن بولۇپ تۇرغىنى   خىرويۇكى ئەپەندىدەك  بىر قىسىم دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە گىگانتلار، ئۇلارنىڭ سارايلىرى بولغان بىلەن  ئەمەلىيەتتە مەن ئاددى ئادەملەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە يۇتۇپ ماڭىدىغان ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ شىددەتلىك ئېقىنلىرى ئىكەن.
- خىرويۇكى ئەپەندى، يېڭى دەۋىر بىر مەنىدە نامەلۇملۇق ئېنىقسىزلىقتىن بېشارەت. ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىز بىلەنلا  يېڭى دەۋىرنىڭ ئېنىقسىزلىقلىرى ئېلىپ كېلىدىغان ئەندىشىلەرگە جاۋاپ بېرىپ كېتەلەمسىز ؟- ئۆزەمنى جىددىيچىلىكتىن بىر ئاز بولسىمۇ خالاس قىلىپ ئەركىن چىقىۋاتقان پاراڭلار ئىچىدىن ئ‍ۆزەمگە لازىم ئۇچۇرلارنى تېرىشتۈرۈپ يىغىۋېلىش ئۈچۈن  بوۋاينىڭ سۆزلىرىگە يېتىشىپ گەپ قىستۇردۇم .
-مۇھىد ئەپەندى، شۇنى چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۆتمۈشتە قالغان مەسىلىلەر بىلەن ھەپىلىشىدىغان ئادەم ئۆتمۈشكە مەنسۇپ بولۇپ كېتىدۇ ، كەلگۈسىنىڭ ئىشىكىنى  پەقەت كەلگۈسىدىكى يۈزلىنىش راۋاجلارنى كۆرۈپ تېخى ۋۇجۇدقا چىقمىغان ئېھتىياجلارغا جاۋاپ بېرىپ يۈز بەرمىگەن باش ئاغرىقلىرىغا داۋا تاپالايدىغان  كىشىلەرلا  ئاچالايدۇ . مەنچە ياپونىيە  ئۆز ئىشەنچىسىنى ئۆتمۈشتە قالغان تارىخ ، رىۋايەت ،ئەپسانە ۋە مىللىيەتچىلىك ناخشا لىرىكىلىرى ۋاھاكازا ھېس-ھاياجانلار، سەنئەت ۋاستىلىرى  بىلەن ئالىدىغان ئۇ زامانلار بىلەن خوشلىشىپ بولدى. ئۆتمۈشنى ھازىرغا سۆرەيدىغان ئادەملەرنىڭ بۇ يەردە ئورنى يوق . يېرىم ئەسىردىن بۇيان توغرىسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن باشلاپ ياپونىيە ياۋروپا-ئامېرىكىنىڭ  ئاسىيادىكى تارماق شىركىتى بولۇپ  ئامېرىكا ياۋروپا ئاق تەنلىكلىرىدە نىمە بار بولسا شۇنى ئاسىيادا بازارغا سېلىپ ياكى ئۇلاردا بار نەرسىلەرنى تېخىمۇ چىرايلىق قىلىپ ئىسلاھ قىلغان ھالەتتە مۇستەقىل ياشاش ھەققىنى قوغداپ  كەلدى ۋە مۇشۇ جەرياندا دۇنياۋى سەھنىلەردە غەرپ بىلەن بىر سەپتە تۇرۇش ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھازىرىنى قۇردى.  مۇھىد ئەپەندى، ئاچچىق ھەم ئازاپلىق بولغان ئۆتمۈشى بىلەن چىرايلىق خوشلىشالىغان، ھازىرقى دۇنيانىڭ بەرپا قىلىنىشىدا ئاكتىپ ئىشتىراكچى بولالىغان بۇ دۆلەتنىڭ كەلگۈسىدىكى ئېنىقسىزلىقلاردىن قورقۇپ تېڭىرقىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. يېرىم ئەسىردىن بۇيان بۇ ئىشەنچەمنى يوقاتمىدىم ھەم ھازىرمۇ  مۇشۇ ئىشەنچ بىلەن نەپەس ئېلىۋاتىمەن. مېنىڭ ھەر تىنىقىم سىزنىڭكىگە ئوخشاش دۇنيانىڭ تىنىقى بولالمىدى. بىراق تىنىقلىرىمنىڭ ساغلاملىقىغا رەسسامنىڭ تەسەۋۋۇرى ، سەنئەتچىلەرنىڭ خىيال ،توقۇلمىلىرى بىلەن ئەمەس رېئال ھەقىقى بولۇپ ئۆتكەن ئۆتمۈش ۋە ھازىر شاھىد .
- ياپونىيە ئۆز يولىنى تاپتى دىيەلەمسىز ؟
-شۇنداق، تاپتى . پۈتۈن ئىنسانلار جەمئىيەتلىرى قاتنىشىپ ھاسىل بولۇۋاتقان  دۇنيانىڭ يېڭى دەۋرىنى كۆرەلىدى ھەم بۇ يېڭى دەۋىردىن مۇناسىپ ئورۇن ئېلىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ .ياپونىيە ئۇنداق قىلالمايدىكەن  داۋاملىق دۇنياۋى خاتالىقلارغا قۇربان بولىۋېرىدۇ. مەيدان كېلىشىمى ئارقىسىدىن كۆرۈلگەن  ئون نەچچە يىلللىق   ئىقتىسادى تۇرغۇنلۇق دەل ياپونىيىنىڭ ئۆز يولىنى تاپالمىغانلىقىنىڭ ئېغىر بەدىلى .سىزنىڭ ياپونىيىنىڭ بۇ يېڭى تەرتىپتىن ئورۇن ئېلىشىغا ھەققى بار دەپ قارىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى ياپونىيە  قان-تەرى بىلەن ئۆز  قىممىتىنى ئىسپاتلىيالىدى، بۇنى ئېتىراپ قىلماسلىق ئادالەتسىزلىك .
ئاخىرقى جۈملىنى قىلغاندا  خىرويۇكى ئەپەندىنىڭ تەلەپپۇزى ياپونىيىنى ئېتىراپ قىلماسلىقىمنىڭ نەتىجىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغاندەكلا بەكمۇ  جىددى چىقتى.  مېنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئادىمى قاتارىدا كۆرىۋاتقاندەك ئۆز دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشىمنى ئۆتۈنىشى بىلەن ئۇنىڭ گېپىگە  يەنە قانداق سۆز قىستۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلەلمەي قالدىم .
گەپ-سۆز قىلماي جىم تۇرىۋالدىم . ئۇزۇن داۋاملاشقان جىمجىتلىقتىن كېيىن ئۇ يەنە ئۆزى ئېغىز ئاچتى.
- مۇھىد ئەپەندى ،ئوسمانىيلار سۇلتانى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلاردا  ئۈرۈمچىدە بولسۇن ياكى توكيودا بولسۇن ھامان ئۆزەمنىڭ ئۇنىڭ ئالدىدا گەپدانلىقتىن باشقا نەرسە قىلالمايۋاتقانلىقىنى سەزگەن ئىدىم. ھازىرقى سۈكۈتىڭىز مېنى بىئارام قىلدى. ئەجەبا يەنە بىر قېتىم سۆز ئويۇنى ئوينىدىممۇ دەپ خۇدۇكسىرەپ قالدىم .مۇشۇ ياشقا كىرىپمۇ سەنئەتچىدەك كاللا بىلەن رېئال دۇنيانى كۆزەتمەك ماڭا ھەقىقەتەن ئېغىر كېلىدۇ ...  ياقۇپبەگ زامانىسىدىن باشلاپ ئابدۇلھەمىد خاندىن مىراس قالغان ئاخبارات تورىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ساغلام يۈرگەنلىكىدىن خەۋىرىم بار ئىدى. لېكىن 1969 -يىلى 11-ئۆكتەبىر سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى يادرو  ئەسلىھەلىرىنى ئاتوم بومبسى ئارقىلىق   يوقاتماقچى بولغانلىق ئاخباراتى مېنىڭ قولۇمغا يەتكۈزۈلگەندە ۋە بۇ ئاخباراتتا ئابدۇسالام ئەپەندىمنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قىلىنغان يادرو ھۇجۇمىنىڭ بىر دۇنيا ئۇرۇشىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلىرى بىلەن ئۇچراشقىنىمدىمۇ گەرچە ئاخباراتنى نىكسوننىڭ قولىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك يەتكۈزگەن، دۇنيادا يادرو ئۇرۇشىدىن ئىبارەت  بىر پاجىئەنىڭ  يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بىر كىشىلىك كۈچ چىقارغان بولساممۇ يەنىلا  سۇلتاننى سەل چاغلىغانتىم . مۇشۇنداق  خاتالىقنى يەنە بىر قېتىم سادىر قىلدىم ، سىزنىڭ دۆلىتىمىزگە كېلىشتىكى ھەقىقىي مەقسىتىڭىزنى كېچىكىپ بىلدىم. سىزنى پەقەتلا  ئوسمانىيە سۇلتانىنىڭ ھېكمەتكە تولغان ئالتۇن سۆزلىرىدىكى ھەقىقەتلەرنىڭ   توغرا كېلىپ قېلىش شەكلىدىكى ئىپادىسى دەپ بىلدىم  ،ھەتتا سىز سۇنغان يازما ماتىرىياللارنىمۇ  بىر ئالدىن كۆرەرلىكنىڭ  تاسادىپىلىقلار ئىچىدىكى ئىسپاتلىنىشى دەپ  خاتا چۈشەندىم .ھۆرمەتلىك مۇھىد ، مەن ياپونىيىنىڭ  سودا-سانائەت ساھەسىدە  ئاچقۇچلۇق رول  ئوينىغان ئادەم  ،ھەر بىر ياپونىيىلىك مېنىڭ ئېلىكتىرون كەسپىگە ئىشتىياقىم بىلەن ھەر قانداق قىيىنچىلىققا باش ئەگمەيدىغان ئىزچىللىقىمنى ۋە بۇ جەرياندا مەن ياراتقان كارخانا روھىنى بىلىدۇ. بىراق مېنىڭ باشقىلار بىلمەيدىغان يەنە بىر تەرىپىم، باشقا بىر ھاياتىم بار. ھەربىي سەپتىن قايتىپ كېلىپ فورمامنى سېلىۋەتكەن بولساممۇ 50 يىلدىن بۇيان تىنىم تاپماي كونا كەسپىمنى قىلىپ مەخپى ئارخىپلارنى توپلاشتىن توختاپ قالمىدىم. دۇنيادا مەن قول ئۇزىتىپ باقمىغان ئاخبارات ئورۇنلىرىدىن نەچچىسىلا قالدى. ھەتتا ۋاتىكان شەھىرىنىڭ ئارخىبخانىلىرىدىن ئاخبارات توپلىدىم. مېنىڭ سىز بىلەن پۈتۈن بۇ ھۆججەتلەرنى دەسمايە قىلىپ تۇرۇپ ئادىل ھەمكارلاشقۇم بار. ئۆزىڭىز بىلگەن ئۆز مەركەزچىلىكتىن ئىبارەت نادانلىقىم  سەۋەبلىك بۇرۇن ھەمكارلىشىپ ئادىل ئىش قىلالمىدۇق، ئىنسانىيەت  يېڭى دەۋىرگە قەدەم قويغان بۈگۈنكى كۈنلەردە بۇ تامامەن مۇمكىن .ئىشىنىڭكى بىزنىڭ ھەمكارلىقىمىز  دۇنيادا ياشاۋاتقان ھەر بىر ئىنسانغا پايدىلىق . بىر مىللەت ياكى بىر ئىنسان چۆكۈرۈش بەدىلىگە يۈكسىلىپ پايدا ئالىدىغان ئۇ دەۋىر ئەمدى كەلمەسكە كەتتى .بىز  يېڭى دۇنيانىڭ يېڭى ھەمكارلىق مودىلىنى قۇرۇپ چىقىمىز.   
خىرويۇكى ئەپەندى گېپىنى دەپ بولۇپلا ياش بالىلاردەك  ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كەتتى ۋە ماڭا تىكىلدى. بۇ ئورنۇڭدىن تۇر دىگەندىن بىشارەت بولسا كېرەك دەپ مەنمۇ ئورنۇمدىن ئاستا تۇردۇم ،ئورنۇمدىن تۇرىشىمغىلا ئۇ قولىنى ئۇزاتتى .چوڭ ياشلىق بىر بوۋاينىڭ قىزغىنلىق بىلەن ئۇزىتىلغان ئۇ قولىنى ھاۋادا قالدۇرۇش ئەدەپسىزلىك بولغاچقا ئالدىراپ ئۇنىڭغا قولۇمنى بەردىم. خىرويۇكى ئەپەندى قولۇمنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە مەن بىلەن تۇنجى كۆرۈشىۋاتقاندەك سىلكىشلىدى ۋە «ھەمكارلىقىمىز نەتىجە بەرسۇن»دىگەن گەپنى تەكرارلىدى .
بۇ قول ئېلىشىش نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بىز دىگەن كىملەر ؟ ئۇ كىمگە ۋەكالىتەن بىز ئىبارىسىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ ؟ يەنە بۇ يەردە مەن كىمگە ۋەكىللىك قىلىمەن؟ ئارىمىزدىكى ھەمكارلىق نىمە ھەمكارلىق ؟؟ بۇ ھەمكارلىقتىن نىمە نەتىجە چىقماقچى ؟... بۇلاردىن خەۋەرسىز ھالدا خىرويۇكى ئەپەندىنىڭ قولىنى سىقىپ تۇردۇم .  
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، بەلكىم سىز بۇ يەرگە كەلگەندە  مېنى  ئۇ قەدەر دەلدۈشلۈك ئىچىدىمۇ ئەمەس خىرويۇكى ئەپەندىنىڭ  پىلانى بولسا مۇھىدنىڭمۇ  پىلانى  بار ،مۇھىد  تارىخنىڭ بۇ قاينىمىغا  كىرىپ بۇ ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەرياغا خىرويۇكى ئەپەندىنىڭ كېمىسى ئارقىلىق چىقماقچى ۋە ئۇ ئېقىن تېگىدە پارقىراپ ياتقان ياقۇت كەبى سۆيگۈسىنى سۈزۈپ ئالماقچى دەپ ئويلاۋاتقانسىز . لېكىن ئەينى چاغدا مېنىڭ ئاخىرى چىقماس بۇ  مۇھەببەت قىسمىتىمنىڭ يىغىشىشىنى قانچىلىك ئارزۇ قىلىپ كەتكەنلىكىمنى بىلمەيسىز   ھەم تەسەۋۋۇر قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن .ئەگەر خىرويۇكى ئەپەندى مەن چۈشەنگىدەك بىر ماقامدا تۇرۇپ قىزنى بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ بىر ئازابلىنىپ يېنىكلەيتتىم. چۈنكى ماڭا تەسەللى بولىدىغان ئاللاھ بار ئىدى . ھازىرقى ۋەزىيەت رەت قىلىنىش بولسىمۇ بەكمۇ چۈشىنىكسىز بولۇپ بۇنىڭ باش ئاخىرىنى بىلىش بىر ياندىن ئادەمنى چارچاتسا يەنە بىر ياندىن ۋاز كېچىشنى تەسلەشتۈرۈپ ئادەمنى قىينايتتى . قانداق قىلىش كېرەك ؟
خىرويۇكى ئەپەندى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ قانداقتۇر ئۆزەم بىلمەيدىغان ھەمكارلىقلارغا ماقۇل بولغاندىن كېيىن ھېلىقى مۇھىد مېنى بىرياققا قايرىپ قويۇپ ئۆزى سەھنىگە چىققان بولدى. لېكىن مېنىڭ بۇ مۇھىدقا تەسلىم بولغۇم يوق.  ئۈرۈمچىگە قايتىشقا ئالدىرايدىغانلىقىمنى خىرويۇكى ئەپەندىگە ئېيتتىم. خىرويۇكى ئەپەندى سالامەتلىگى يار بەرسىلا ئۇيغۇرئاينى ئېلىپ  ئۈرۈمچىگە بارىدىغانلىقىنى دىدى .
داچىدىن چىقىپ كېتىۋاتقىنىمدا ئۇيغۇرئاينىڭ مەن داچىغا كىرگەن  ۋاقىتتا ئۇچراتقان جايدا دەرەختەك قېتىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم . ئۇنىڭغا قاراپ ئۆزەمنى باياتىنقى  ئېغىر گەپلەرنىڭ كاللامدا پەيدا قىلغان جىددىيلىكلىرى، چارچىتىشلىرى يوقىلىپ بىردىن پەيدەك يېنىك بولۇپ قالغاندەك سەزدىم . يېنىمدا خىرويۇكى ئەپەندىنىڭ بارلىقىغا قارىماي ئۇدۇل ئۇنىڭ قېشىغا قاراپ ماڭدىم  .


تولۇقلىما مەزمۇن (2012-5-11 15:13):
كىيىنكى باپ 5-ئاينىڭ 25-كۈنى جۇمە  ئىلان قىىلنىدۇ  

قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

UID
6932
يازما
227
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
5411
تىزىملاتقان
2010-10-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
362 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 17:09:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزاھات :پۇتۇن ئەسەر يىقىندا  قايتىدىن رەتلەندى . بىرىنچى كىتاپ  «سەپەر» جەمئى 26 باپ

ئىككىنچى كىتاپ «مەنزىل » ئەسەرنىڭ ھازىر يىزىلىۋاتقان قىسمى بولۇپ 19 -باپى يىزىلىۋاتىدۇ   

بۇ سەۋەپتىن توردا ئىلان قىلىنغان باپ سانلىرىدا قالايمىقانچىلىق كۆرىلدى تورداشلار ئەپۇ قىلارسىلەر ، «ئويغاندىن كىين» پات يىقىندا تۇگىمەيدۇ .  ۋەقەلىكە بەكىرەك كۆڭىل بۆلىدىغان تۇرداشلارنىڭ بۇ ئاخىر چىقمايدىغان ئەخلەت ئەسەردىن يىراق تۇرۇپ  ئۆزىنى چارچتىۋالماسقىنى سەمىيمى  ئۇمۇت قىلىمەن.     

قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

كۆيۈمچان ئەزا

!vq  adam  bar  yarda 

UID
6664
يازما
193
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
5313
تىزىملاتقان
2010-10-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 18:30:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارماڭ دىليار!ئەسىرىڭىزنىڭ داۋامى بۈگۈن چىقىدۇ دەپ،دەرسلىرىمنى تۈگىتىپلا
يۇگرەپ كىرىشىم،مانا ئەمدى ھاردۇقۇم چىقتى،ئەمدى ئاستا ئۇقۇغۇچىلىرىمنىڭ
يېنىغا چىقاي.
سىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن!

UID
22131
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-1-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-4
توردا
26 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 23:28:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
parixta799 يوللىغان ۋاقتى  2012-5-11 18:30
ھارماڭ دىليار!ئەسىرىڭىزنىڭ داۋامى بۈگۈن چىقىدۇ دەپ،دە ...

ئەسەرنىڭ ئىلكىتابىنى ئەۋەتىپ بەرسىڭز بوپتىكەن  469012201چ چ

UID
19126
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-5-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-26
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 23:46:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dellyar571 يوللىغان ۋاقتى  2012-5-11 17:09
ئىزاھات :پۇتۇن ئەسەر يىقىندا  قايتىدىن رەتلەندى . بىرىن ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، پ د ف مۇ ھەممىسى..ئەگەر شۇنداق بولغىنىدا مىنىڭ تولىمۇ ئرىشكىم بار...ئىنشائاللا نىسىپ بولار...

UID
24683
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-5-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-13
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 17:05:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
...
ئەسەرنىڭ ئىلكىتابىنى ئەۋەتىپ بەرسىڭز بوپتىكەن  157267083چ چ

UID
36784
يازما
52
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
52
تىزىملاتقان
2012-4-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-29
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 20:03:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
35982
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-4-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-13 00:20:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،دېليار ئەپەندى،سىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن!


تولۇقلىما مەزمۇن (2012-5-13 00:22):
تېخىمۇ تىرىشىڭ!مەزمۇن تېخىمۇ رەڭلەنسۇن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش