ئىگىسى: dellyar571

ئويغانغاندىن كېيىن (ھېكايە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
15655
يازما
161
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
761
تىزىملاتقان
2011-9-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-22
توردا
145 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 16:44:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە يوققۇ؟

UID
9607
يازما
22
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
563
تىزىملاتقان
2011-2-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-26
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 10:54:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا بۇ كۇتۇشلەر ھەجەپ ئۇزۇراپ كەتتى.....

UID
43136
يازما
230
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
230
تىزىملاتقان
2012-7-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
37 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 18:58:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىلقى بىر  دوستىمىزنىڭ گىپى يادىمغا كىلىپ قالدى ، (بالامدىن-بالامغا نەسيھەت داۋامى يوق ئەسەرنى ئوقۇما) دەپ  بىز سەۋرىچانلىق بىلەن ساقلاپ كەلگىلى نەچچە  ئاي بولدى ئەمما  بۇ ئەسەرنىڭ داۋامى تىخچە يوق ...................................................

UID
5821
يازما
133
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2413
تىزىملاتقان
2010-9-20
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-26
توردا
67 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 18:08:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالامدىن-بالامغا نەسيھەت داۋامى يوق ئەسەرنى ئوقۇما
ياخشى گەپ،مەن بۇ ئەسەرگە ئەگىشىۋاتقىلى 3يىل بۇلاي دىدى...............................

UID
6932
يازما
263
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
5447
تىزىملاتقان
2010-10-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-19
توردا
504 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-9 14:14:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئويغانغاندىن  كېيىن ناملىق روماننىڭ ھازىرغىچە  يىزىلغان  قىسمىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى :


ئالى مەكتەپكە ئۆزى ياخشى كۆرۈپ قالغان قىزنىڭ ‹ئۆتەلمىسڭىز مەندىن ئۈمىد كۈتمەڭ› سۆزىنىڭ تۈرتكىسىدە ئوڭۇشلۇق چىققان مۇھىدنىڭ ھاياتى يەنە شۇ قىزنىڭ تۇيۇقسىزلا ‹مىنى ئۇنتۈپ كىتىڭ›دىيىشى بىلەن ئاستىن -ئۈستۈن بولىدۇ ، ئۇ ئوقىۋاتقان مەكتىپى شىئەندىن ئۈرۈمچىگە جىددى قايتىپ بۇنىڭ  سەۋەبىنى  بىلمەكچى بولغاندا ئىرىشكەن جاۋابى ‹توي قىلىمەن› بولغاننىڭ ئۈستىگە قىز ئادەم چاقىرىپ  ئۇنىڭ تاياق يىيىشىگە سەۋەب بولىدۇ ،بۇنىڭ بىلەن مۇھىدنىڭ قەلبىگە قىزغا نىسبەتەن نەپرەت ئوتى تۇتىشىپ دىندىن ئۆزىگە تەسەللى ئىزدەشكە باشلايدۇ ، بۇ ۋاقىتتا شىئەن شەھىرىنىڭ ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ بىرىدە  تاساددىپى ئۇنىڭغا ئۇچراپ قالغان ئامېرىكىلىق ئايال ئىدىۋىينا نيېرىڭ مۇھىدقا  قىزنىڭ زىيانكەشلىككە  ئۇچرىغانلىق ئىھتىمالى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ  ئۆتىدۇ،بۇنىڭ بىلەن مۇھىد مۇرەككەپ روھى ھالەتتە قايتىدىن قىزنى ئىزدەشنى قارار قىلىدۇ .مۇھىد  نۇرغۇن قىتىملىق ھەقىقى ئەھۋالنى ئىگىلەشكە ئۇرۇنۇشلاردىن  نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ ،ھەتتا ئۇ قىزنى  "ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلغان ئەر بىلەن توي قىلماقچى" دەيدىغان  خاتا چۈشىنىشلەردە بولۇپ ھەقىقى ئەھۋالنى ئىگىلەش نىيىتىدىن  يېنىشقا تاس قالىدۇ . بۇ ۋاقىتتا  ئامىرىكىلىق ئايال مۇھىدنى  داۋاملىق قىزنىڭ ئۆزگىرىش سەۋەبىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ  ئۇنىڭغا تويلۇق سۈپىتىدە قىممەت باھالىق ئۈزۈك ئەۋەتىدۇ ، مۇھىدنىڭ ۋاز كەچمەي قىزنىڭ ئۆزىدىن ئايرىلىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئىشنى  سۈرۈشتە قىلىشى بىلەن   ئاخىر  قىزنىڭ تۇيۇقسىز ‹مىنى ئۇنتۇپ كىتىڭ›دىگەنلىكىنىڭ سىرى يېشىلىدۇ. بۇ سىرنىڭ مۇرەككەپلىكىدىن  مۇھىد قاتتىق چۆچۈيدۇ. ئەسلىدە  ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ھارپىسىدا ئۆزلىرىنى ئاسىيانىڭ ياۋروپانىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى قۇتقۇزغۇچىسى دەپ تونۇيدىغان  ياپون ئىمپىرىيسى شىنجاڭنى مەركەز قىلىپ  قورچاق  ئىسلام خەلىپىلىكى قۇرماقچى ۋە بۇ ھاكىمىيەت ئاپىراتى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربى ئاسىياغا بېسىپ كىرگەن ئەنگىلىيە ۋە روسىيىلىكلەرنى  ئىسلام دۇنياسىدىن يوقاتماقچى بولىدۇ ۋە مۇسۇلمانلار جۇغراپىيىسىدە ياپونىيىگە مايىل ۋەزىيەت شەكىللەندۈرمەكچى بولغان . بۇ پىلان 1921-يىلى 11-ئايدا تۈركىيىدىن قوغلانغانچە ياۋروپادا سەرسان ياشاۋاتقان ئوسمانىيلار خان جەمەتىدىن  سۇلتان ئابدۇلھەمىد ئىككىنچىنىڭ نەۋرىسى، شاھزادە ئابدۇلكىرىمنى ئەينى ۋاقىتتا قالايمىقانچىلىققا تولغان شىنجاڭدا خانلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرماقچى ئىدى .  مۇھىد ياخشى كۆرۈپ قالغان قىز بۇ تارىخى   ئارقا كۆرۈنۈشتە ئۈرۈمچىگە  سۇلتان بىلەن ئەۋەتىلگەن   ياپونىيە  ئالاھىدە  خادىملىرىنىڭ  ئەۋلادى بولۇپ چىقىدۇ .  قىز  ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئەمەس  ئۇيغۇر دىيارىغا  پەۋقۇلئاددە سەۋەب بىلەن كەلگەن ياپونلارنىڭ پەرزەنتى  ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن مۇھىدتىن يەنە ئۆزى بىقىپ چوڭ قىلغان ئۆگەي ئاتا -ئانىسىدىن  ئايرىلىشىنى قارار قىلىدۇ . لىكىن مۇھىد كىشىنى چۆچۈتىدىغان بۇ سەۋەپكە قىلچە قايىل بولمايدۇ  ۋە مۇھەببىتىنىڭ دۆلەت  ،مىللەت چېگرىلىرى   تەرىپىدىن  ئايرىۋېتىلىشىگە يول قويغىسى كەلمەي يەنە تىركىشىش قارارىغا   كىلىدۇ. ئۇ تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن  ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىلگەن ئوسمانىيلار شاھزادىسىنىڭ ھايات سەبدىشى قۇرغان تىجارەت گۇروھى قىزىل ئالمىنىڭ  ۋاستىسىدە   ياپونىيىگە  قىزنىڭ ئارقىدىن بارىدۇ . قىزنىڭ بوۋىسى خىرويۇكى ئەپەندى ياپونىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ شىنجاڭدا قۇرماقچى بولغان قورچاق ئىسلام خەلىپىلىكى پىلانىنىڭ  بېشىدىكى ئادەم بولغاچقا مۇھىدنى  بىر شەكىلدە  سۇلتان ئابدۇلكىرىمگە باغلاپ  چۈشىنىۋىلىپ ئۇنىڭغا زور  ئىتىبار كۆرستىدۇ  ۋە  ئۆزىنىڭ داچىسىدا ئىززەت ئىكرام بىلەن تۇرغۇزىدۇ . مۇھىد  بولسا بۇ خاتا چۈشىنىشكە  قىز ئۈچۈن  دائىم  سۈكۈت  قىلىدۇ.   ھەتتا بەزى ھاللاردا گويا شۇنداقتەك قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ.  ئەپسوسكى قىز  مۇرەككەپ روھى  ھالەتتە داچىدا داۋاملىق ئۆزىگە تەلمۈرىۋاتقان  مۇھىدتىن ئۆزىنى ئېلىپ  قېچىپ ئۇنىڭ قايتىدىن  ھاياتىغا كىرىشىگە يول قويمايدۇ  . ئۈمىتسىزلىككە تولغان  مۇھىد  ئەڭ  ئاخىرى  قىزنى ياپونىيىدىكى  ئائىلىسىدىن يەنى  خىرويۇكى ئەپەندىدىن بىۋاستە  سورايدۇ  ، خرويۇكى ئەپەندى مۇھىدتىن بۇنى ئاڭلاپلا  كېسىلى قوزغۇلۇپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالىدۇ . قىز بولسا  مۇھىدنى بۇ سەۋەپلىك  شەخسىيەتچى دەپ قاتتىق  ئەيىپلەيدۇ. بارلىق  تىرىشچانلىقلىرى نۆل بولغاننىڭ  ئۈستىگە  قىزدىن  يەتكىچە تىل  ئىشىتكەن مۇھىد  ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا  ياپونىيىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ ، بىراق مۇھىد توكيو  ئايرورۇمىدىن يۇرتى  ئۈرۈمچىگە قاراپ مېڭىۋاتقاندا تۇيۇقسىزلا ياپونىيە  ئالاھىدە خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىدۇ . ئۇ ئامىرىكىنىڭ ياپونىيىدىكى ھەربى  بازىسىدا ئۈزۈكنىڭ كېلىش  مەنبەسى ھەققىدە  سوراققا  تارتىلغاندىن كېيىنلا ئامىرىكىلىق ئايال ئىدىۋىنا نيېرىڭ ئەۋەتكەن تويلۇق ئۈزۈك سەۋەبىدىن ئاۋارىچىلىققا  يولۇققانلىقىنى  بىلىدۇ ، بىراق  سوراقچىلار  ئۈزۈكنىڭ مۇھىدنىڭ   مۇھەببەت ھىكايىسى بىلەنلا باغلىنىشلىق  نەرسە ئىكەنلىكىگە قەتئى  ئىشەنمەي  ئۇنى   سىرلىق ھالدا ئامىرىكا نىۋادا شىتاتىغا جايلاشقان 51-رايونغا  ئەۋەتىدۇ ۋە   بۇيەردىن ئامىرىكا  ئاخبارات  ۋاستىلىرى  سابىق  سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ تاشلاندۇق   جاسوسلىرى ،قىزىل تېررورچىلار  دەپ ئاتالغان  ئۈچ   ئامىرىكىلىق   تەرىپىدىن   قۇتۇلدۇرۇلىدۇ. مۇھىد بۇلارنىڭ   تەڭسىز   دۇنياغا  قارشى جەڭلىرىگە بىر جەڭچى سۈپىتىدە قۇشۇلۇپ كىرىدىغان بولۇپ  يالغاندىن  ۋەدە  بېرىش  ئارقىلىقلا ئۇلارنىڭ  ياردىمىدە  ياپونىيىگە قايتىپ   كېلىۋالىدۇ ۋە   خىرويۇكى ئەپەندى   بىلەن  قايتا   كۆرۈشىدۇ . بۇ  كۆرۈشۈشتىن   كېيىن   ئۆزىنىڭ خىرويۇكى  ئەپەندىنىڭ يېقىنلىرىنىڭ  بىر تۇتاش تەكشۈرۈلگەنلىكى سەۋەبىدىن  تورغا  ئىلىنىپ  قالغانلىقىنى ،خىرويۇكى ئەپەندىنىڭ خەلقئارالىق كۆلەمدىكى  دۆلەت ھالقىغان مەلۇم زىدىيەت-ماجرالارنىڭ ئىچىدىكى ئادەملىكىنى  بىلىدۇ .  خرويۇكى   ئەپەندى   بولسا   مۇھىدنى  يەنىلا   ئوسمانىلارنىڭ سۇلتانىغا  باغلاپ ئويلايدۇ.  يەنى    مۇھىد ئۇنىڭچە بولغاندا  ئالاھىدە  مۇناسىۋەتلەرنى پەردە  ئاستىغا  ئېلىش  ئۈچۈنلا   قىز   سورىغان .  مۇھىد  ئۈرۈمچىگە   قايتىپ   كەلگەندىن   كېيىن سۆيگۈنىنىڭ    تەسەۋۋۇر   قىلغۇسىز  بىر  دۇنيادا  ئىكەنلىكىنى   ،ئۇنى قاتمۇ  -قات  تارىخى ئارقا  كۆرۈنۈش ۋە   بۇ  تارىخى   ئارقا   كۆرۈنۈشتىن پەيدا    بولغان  مۇرەككەپ  ۋەزىيەتنىڭ  قورشاپ  تۇرغانلىقىنى    ھېس  قىلىدۇ ، ئۇنىڭغا   قاراپ   مېڭىۋېرىشنىڭ  بەدىلىنى   تۆلەپ  بولغىلى  بولمىغىدەك   دەپ  ھىساپلاپ  قىزدىن  ۋاز  كېچىشنى  ئويلايدۇ  ۋە  پەرىدە  ئىسىملىك   يەنە   بىر  قىزغا  بىلىپ   بىلمەي  يېقىنلىشىشقا  باشلايدۇ . ئۇنىڭ  نورمال ئادەمدەك ئاددى   ياشاش  ئارزۇسى بارغانسىرى  كۈچىيىپ  ئامېرىكىلىق ئايال  نيېرىڭنىڭ  ئۆلتۈرۈلگەنلىك    ئىھتىمالى  بار   دەپ  كەلگەن مېھمانمۇ  ئۇنىڭ   تىنچ  تۇرمۇشىغا تەسىر   كۆرسىتەلمەيدۇ . لېكىن ئاخىرقى  ھىساپتا  تەقدىر  مۇھىدنىڭ   ئاددى   ئادەم  بولىشىغا  يەنىلا    يول    قويمايدۇ . يەنى خىرويۇكى  ئەپەندى  ئۈرۈمچىگە  كېلىپ  ئۇنىڭ   قانداقتۇر  ئۆزى  ئويلىۋالغاندەك  ئادەم  ئەمەس   پەقەت   ۋە  پەقەت  بىر  ئوتتۇرا  مەكتەپتىكى مۇھەببەت ھېسلىرىنىڭ   كەينىدە يۈرگەن بىر ئاشىقتىن   باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى   بىلگەندىن كىيىن  مۇھىدنى ئوسمانىيلارغا   باغلىۋېلىپ  ئالغان سىياسى ھاياتىدىكى ئەڭ  ھەل قىلغۇچ   مۇھىم قەدەملىرىدىن   ئۆكۈنىدۇ .مۇھىد  نورمال  ئادەمدەك   ياشاش  ئىستىكىدە يۈرگەچكە خىرويۇكى  ئەپەندى  بىلەن  ئەينى ۋاقىتتىكى  ئوسمانىيلار  ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسۋەتكە  چىتىشلىق  بولغان  بۇ قەدەملەرنىڭ نىمىلىكى بىلىش  مۇھىدقا   نىسبەتەن  ئەمدى  كۆڭۈل  بۆلگىدەك  ئىش  بولماي  قالغان  بولسىمۇ  ئويلىمىغان  يەردىن  ئۇنى   51 -رايوندىن   قۇتۇلدۇرۈپ   چىققان   3 ئامىرىكىلىق  بۇنى  مۇھىدنىڭ  زور غەلبىسى ھېساپلاپ ئۇن  شېۋىتسارىيگە  چاقىرىدۇ  .شۇنىڭ   بىلەن   مۇھىدنىڭ  ئۇيغۇر  دىيارىدا  تىنىچ  خاتىرجەم  ياشاش  ئۈمىدى  پۈتۈنلەي  كۆپۈككە ئايلىنىدۇ .
شىۋىتسارىيىدە    مۇھىد ئۆزىنى ئۈزۈك سەۋەبىدىن  سوراق  قىلغانلارغا  يولۇقىدۇ ،ئۇلار بۇ قىتىم سىرى يىشىلمىگەن ئۈزۈكنىڭ گىپىنى قىلماي بىۋاستە  دۇنيادىكى   ئەڭ  چوڭ مالىيە  گۇروھى  بولغان  رۇسچايىلد جەمەتىنىڭ  قەسىرىنى ئىلكىگە ئېلىش  توختامىغا ئىمزا  قويماسلىققا  مۇھىدنى  ئاگاھلاندۇرىدۇ .  ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ئۆزىنىڭ 51-رايوندىن  قېچىپ چىققان  ئامېرىكىلىقلار  تەرىپىدىن رۇسچايلد جەمەتى باشچىلىقىدىكى بانكىرلار قۇرۇپ چىققان دۇنياۋى   پۇل  مۇئامىلە  سىستېمىسىغا  ئاشكارا جەڭ  ئېلان  قىلىش  مەيدانىغا   تارتىپ   چىقىرىلغانلىقىنى  بايقايدۇ . مۇھىد  يەنە نەق  مەيداندا    خرويۇكى  ئەپەندىنى ئۇچرىتىپ قېلىپ ئۇنىڭ  ھەيرانلىق  ۋە  قايىللىق  بىلەن  ئۆزىگە  تىكىلگەنلىكىنى  كۆرىدۇ  .شۇ يەردە  خرويۇكى  ئەپەندى    ئۇيغۇرئاينىڭ  ئۇنىڭدەك بىرقەھرىمان بىلەن توي قىلىشىنى  بەخىت  دەپ  قارايدىغانلىقىنى   ئېيتىدۇ. لېكىن مۇھىد  مۇرەككەپ  ۋە ئادەم  چارچىتىدىغان بۇنداق دۇنياۋى يوقىرى  قاتلام جەمئىيىتىدە  ئۇلار  بىلەن  بىللە ياشاپ ماسلىشىپ  كېتىدىغانغا ئەمدى  كۆزى يەتمەي قالىدۇ . شۇنىڭ  بىلەن  مۇھىد  دۇنيانىڭ  سەرخىللىرى   ئۆزىگە تىكىلىپ  تۇرغان بۇ  زالدا    ئۆزىنىڭ  ھەقىقەتەن  ئاددى،  مۇھەببەت ھىكايىسىدىن  باشقا  نەرسىسى  يوق  ئادەملىكىنى دەپ  سورۇندىن  چىقىپ  كېتىشنى ئويلايدۇ ، بۇ  ئارقىلىق  ئۆزى  تەئەللۇق كىچىك دۇنيادا  ياشاش  قارارىغا  كېلىدۇ . بىراق   روسچايىلىد قەسىرىنى سېتىۋېلىش  توختامى ئۇنىڭ ئالدىغا قويۇلغاندا  كۆزىگە  سىرلىق بىر بوۋاي  كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭ ئىشارىتى بىلەن قولى ئىختىيارسىز ئىمزاغا كېتىپ  قالىدۇ دە، ئارقىدىنلا  قەستكە ئۇچراپ قان ئىچىدە ئالدىدىكى  ئۈستەلگە چاپلىشىپ يېتىپ  قالىدۇ .  دوختۇرخانىدىكى  جىددى قۇتقۇزۇشلاردىن  كېيىن  مۇھىد  ئۆزى تەلمۈرىدىغان كىچىك دۇنياسىنى يۈتتۈرۇپ  قويىدۇ ۋە قەلبىگە  ھەر نەرسە سىڭىدىغان ئۆزلۈك چېگرىسىنى يوقاتقان باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىدۇ ۋە تەقدىرنىڭ  ھەر قانداق بورانلىرىدا  ئۇچۇشقا رازى ھالەتكە كېلىپ  قالىدۇ .   ئاللاھنىڭ ئىلكىدىكى تەقدىرنىڭ ئېقىنىغا سىڭىپ ئۆزلىكىنى يوقىتىشى  يەنى ئۇ خاتىرجەملىك ئىزدەيدىغان، دائىم  ئىنتىلىدىغان كىچىك دۇنياسىنىڭ   يوقىلىشى، شۇ كىچىك دۇنياسى ئۈچۈن ۋاز كېچىپ بولغان  ياپون  قىزى بىلەن ئەمدى  ئۆيلىنىدىغانلىقىدىندىن  دېرەك بېرەمدۇ ؟  ئۇ  بىلىپ بىلمەي كىرىپ قالغان دۇنياۋى سەرخىللار ئارىسىدا  ،خەلقئارا  سەھنىلەردە يەنە قانداق قىسمەتلەرگە يولۇقىدۇ ؟ چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى يېشىلمىگەن سىرلار، تارىخى تىلسىماتلار ئىلكىدە مۇھىد پەۋقۇلئاددە ھاياتىنى قانداق داۋام قىلىدۇ ؟ " ئويغانغاندىن  كېيىن" رومانىنىڭ كېيىنكى قىسىملىرى داۋاملىق ئەلكۈيى مۇنبىرىدە ...   





UID
6932
يازما
263
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
5447
تىزىملاتقان
2010-10-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-19
توردا
504 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-9 14:28:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنشائاللا  ئەسەرنىڭ كىيىنكى قىسمى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن  كىيىن ئېلان قىلىنىدۇ ۋە داۋاملىق  تۇردە ھەپتىدە بىر قىسىم ئېلان قىلىنىپ ماڭىدۇ ،ئارلىقتىكى ئۈزۈلۇش سەۋەبىدىن مەن نۇرغۇن ئوبزورچى ،تەنقىتچى قىرىداشلىرىمدىن ئايرىلىپ قالدىم ،ئەمىلىيەتتە ئەسەر بۇقىرىداشلىرىمىزنىڭ پىكىر تەكلىپلىرى بىلەن مەزمون جەھەتتىن بىيىپ تور ئەدىبىياتىنىڭ ئەۋزەللىكىنىڭ پايدىسىنى كۆرىۋاتاتتى ، شۇ دوسلارنىڭ يەنە تەنقىتلىرىنى  ئايىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن...

UID
20399
يازما
67
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
67
تىزىملاتقان
2011-12-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-11
توردا
44 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 15:00:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا تىنىڭىزگە سالامەتلىك ،ئەقلىڭىزگە قۇۋۋەت ئاتا قىلغاي.
بۇ ئەسەر مەن 6يېشىمدا ساۋاتىم چىققاندىن بېرى ئوقۇغان كىتابلارنىڭ ئىچىدە ماڭا ئەڭ تەسر قىلغان  ئەسەر بولدى.

UID
43136
يازما
230
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
230
تىزىملاتقان
2012-7-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
37 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 15:13:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
lazinaa يوللىغان ۋاقتى  2013-8-11 15:00
ئاللا تىنىڭىزگە سالامەتلىك ،ئەقلىڭىزگە قۇۋۋەت ئاتا قى ...

راس دەيسىز بۇ ئەسەر ناھايتى ياخشى چىققان ئىدى مەنمۇ مۇشۇ ئەسەرنى دەپ ئەلكۇيىگە ئەزا بولغان ئىدىم ئەمما  بىر يىلنىڭ ياقى داۋامىنى يازالمىدى .
دىليار ئەپەندىمنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۇپ ناھايتى خوشال بولدۇم داۋامىغا تەقەززامەن.

UID
43136
يازما
230
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
230
تىزىملاتقان
2012-7-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
37 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-17 21:35:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي   بۈگۈن 17 بوپتۇ  چىسلاغا  اللا بۇيرىسا ئەتە داۋامىنى ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولدىكەنمىز ھە   قىرىنداشلار .

باھا سۆز

udunbag  ئەتە ئەمەس .9ئاينىڭ 18-كۇنى .  يوللىغان ۋاقتى 2013-8-18 12:18:50

UID
43136
يازما
230
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
230
تىزىملاتقان
2012-7-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
37 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-18 16:14:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي  خۇدايىم  يەنە  بىر ئاي  بارما تېخې

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش