ئىگىسى: dellyar571

ئويغانغاندىن كېيىن (ھېكايە)     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دائىملىق ئەزا

باش ئەگمەيمەن!

UID
3892
يازما
801
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
25564
تىزىملاتقان
2010-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-30
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 21:57:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويغانغاندىن كېيىننى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرمىغىلى 3-4 ئاي بولۇپ قاپتۇ. ئوقۇش ھەلەكچىلىكىدە پۇرسەتمۇ بولماپتۇ. ئاللاھ خالىسا تەتىلگە چىقتىم، ئەمدى يېتىشىۋالىمەن.

UID
37204
يازما
143
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
143
تىزىملاتقان
2012-5-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-4
توردا
105 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 22:19:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرەكۈن   بولسىمۇ  بالدۇراق  يازدىمىكىدەپ تاماقىلساممۇ. يوق  بوپتۇ   .ەتە   گخچگ ساقلاي

UID
30421
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-5
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 16:07:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن چۈشتىن ئويغۇننامسىز ؟...........::

UID
6932
يازما
256
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
5440
تىزىملاتقان
2010-10-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-8
توردا
476 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 18:24:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

11


بېيجىڭ ئايرودرومى يولوچىلار  چىقىش ئېغزىدا ئىسمىمنى تاختىغا يىزىپ  كۆتۈرۈپ تۇرغان پاكىز بىر ياشنى كۆردىم ئۇنىڭ قىشىدا كىيىمىنىڭ رەڭلىرىنى شۇنداق ماسلاشتۇرۈپ كىيىنگەن 30ياشىنىڭ قارىسىنى ئالغان بىر خەنزۇ ئايال تۇراتتى . بۇ ئايالنى ئازىراقلا ماتېرىيال بىلەن بىز ئېغىز ئارتۇق گەپ-سۆز قىلماي ھەممە ئىشىمنى بىجىرىپ بولغان قابىلنىڭ ئۆزى  بولسا كىرەك دەپ پەرەز قىلىپ ئۇلار تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.
- مەن مۇھىد تۆمۇر،ياخشىمۇسىلەر
-مۇھىد ئەپەندى... - ئۇ ئايال بىر نەرسىگە  ھەيران قالغاندەك ئۈستى بىشىمغا قاراپ چىقتى - سىز مۇھىد ئەپەندىمۇ ؟
-شۇنداق ،ئوخشىمايۋاتىمەنمۇ؟
-ياق ،ياق ،سۆرىتىڭىزنى مەن كۆرگەن ئەمەسمۇ ،ئەمما ئورۇقلاپ قالغاندەك تۇرىسىز- ئايال مەجبورى  كۈلۈمسىرىدى دە سۆزىنى داۋام قىلىدى -لېكىن ھىچقىسى يوق ،سىزنى ئەڭ ياخشى مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇردى.ئۇ يەردە ھاردۇقىڭىز چىقىدۇ .   ھە ،قېنى بىز بىلەن يۈرۈڭ.
- قاچان ماڭىمەن شىۋېتسارىيىگە ؟ يەنە قانچە سائەت قالدى ،بېيجىڭدا ئۇزۇن تۇرۇپ قالمايسىز دېگەنتىڭىز - مېنى ھاردۇرۇپ سالغان نەرسە باشقا ئەمەس مۇشۇ غايىب سەپەر بولغاچقا ئالدىراپ سورىدۇم
-بۇنى مېھمانخانىدا دېيىشەيلى ،بىز بىلەن يۈرۈڭ
سۇئالىمنىڭ جاۋابسىز قېلىشىدىن  غايىبلىققا يەنە غايىبلىق قوشىلىۋاتقاندەك بىئارام بولغان بولساممۇ يەنىلا ئۇلارغا ئەگەشتىم .بۇ ئىككى خەنزۇ يولداش مېنى ماشىنىغا سىلىپ ئايرودرومدىن ئانچە بەك يېراق بولمىغان بىر مىھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇردى .ئايال بۇ يەرنىڭ شارائىتىنىڭ قانداق ياخشى ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرۋاتقاندا مەن ئايرودرومدىكى سۇئالىمنى تەكرارلىدىم
-خانىم  قاچان ماڭىمەن شىۋېتسارىيىگە ؟ يەنە قانچە سائەت قالدى ،بېيجىڭدا ئۇزۇن تۇرۇپ قالمايسىز دېگەنتىڭىز ،ماڭا ئېنىق جاۋاب بېرىۋەتكەن بولسىڭىز
- مۇھىد ئەپەندى ،ئورۇنلاشتۇرۇشتا بىز ئاز ئۆزگۈرۈش بولدى، سىزنى بېيجىڭدىن يولغا سالالمايدىغان بولدۇق ،ئەسلىدە  بېيجىڭدىن ميۇنجېنغا،ميۇنجېن ئارقىلىق  شىۋېتسارىيىگە كىرەتتىڭىز ،ئەمدى  شياڭگاڭ ئارقىلىق سيۇرىخقا ماڭىدىغان بولدىڭىز .بىر ئاز ئاۋارچىلىق بولىدىغان بولدى لېكىن بىخەتەر
-بىخەتەر ؟
-ئارتۇق ئويلاپ كەتمەڭ ،مەن ھاۋا يولىنى دىمەكچى
ئۇنىڭغا سۇئال نەزىرى بىلەن قاراپ قالدىم بىراق ئۇنىڭدىن باشقا سادا كەلمىدى ،ئېنىقكى ئۇ ئۆزى بەزى سۆزلەرنى بىلمەي دەپ سالغان تەغدىردىمۇ ئۇنىڭدىن  ھەر قانداق بىر ئۇچۇر ئالغىلى بولمايتى .شۇنىڭ بىلەن كاللامدىن كەچكەن سۇئال ئوي پىكىرگە ئايلىنىشقا باشلىدى يەنى  جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ بىكىنمە دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلكى تارىخ تەتقىقاتچىلىرىغا سىر ئەمەس ، روھى سەندىچىن سىپللىرىنىڭ رول ئوينىشىدا  باشقىلارنىڭ مەيدانىدا پىكىر قىلىش قابىلىيىتى گاللىشىپ   دۇنيادىن  ئايرىلىپ تۇرغان  ئارالغا ئوخشاپ قالغان بۇ يەردىمۇ  ئۆز تەسىر دائىرسىنى كۆرسىتەلىگەن  بۇ كۈچلەرنى تۆۋەن مۆلچەرلەش ئەخمەقلىق بولىدىكەن دەپ قالدىم .بۇ ئايالغا قاراپ ئۆزەمنىڭ ئويلىغىنىمدىنمۇ قۇدىرەتلىك بولغان بىر كۈچلەرنىڭ  ئارسىدا تۇرغانلىقىمنى يەنىمۇ بەك بىلدىم.لېكىن بىلىش بىر  ئىش، ئىشىنى ھەل قىلىش يەنە بىر ئىش ،  قانداق قىلىش كىرەك ؟بۇنى بىلمەيمەن ،ئەلىگە ئېيىتقىنىمدەك ماڭا ئاللاھتىن باشقا ھىچكىم ياردەم  بېرەلمەيتى
ئۇ ئايال مەن بىلەن تاكى شياڭگاڭغا قەدەر بىللە باردى ،ئۇ سىرلىق كۈچلەر بەرگەن خىزمىتىنى مۇكەممەل ئورۇنلاشتۇرۇپ مېنى سيۇرىجقا   ماڭىدىغان ئايروپىلانغا سالغاندىن  كېيىنلا مەندىن ئايرىلدى .ئۇنىڭ دىيىشىچە ئايرودرومدا  مەخسوس ئادەملار مىنى كۈتىۋالىدىكەن.
بۇ ئويلىمىغان ئورۇنلاشتۇرۇشلار سەۋەبىدىن شياڭگاڭدا بىر كۈن ۋاقىت تۈرۈپ قالدىم ،بۇ شەھەرنىڭ مەركىزى رايونلىرىدىكى ھەيۋەت بىنالار ۋە مەنزىرلەرنى توكيودىمۇ كۆپ ئۇچىراتقان بولساممۇ شياڭگاڭ ماڭا توكيوغا قارىغاندا تېخىمۇ بەك خەلقارالىق پۇراق بەردى لېكىن بۇنداق ساياھەت كەيپىياتى  ئۆزەمنىڭ مازىرىغا ئۆزەم مېڭىپ كېتىۋاتقاندەك تەسىراتلاردىن  مىنى ئازىراقمۇ يىراقلاشتۇرالمىدى ،يەنە مۇشۇ ئادەم بىئارىم قىلىپ كىشىنى ئورۇقلىتىۋىتىدىغان ئاجايىپ سېزىمنىڭ 10نەچچە سائەتكە سوزۇلغان ھەمرالىقىدا شىۋېتسارىيىنىڭ ئىقتىساد مەركىزى  سيۇرىخقا يېتىپ كەلدىم . خەنزۇ ئايال ئېيىتقاندەك ئالدىمغا مەخسوس ئىككى ئادەم چىقىتى ،ئامما بۇ ئادەملەر ئالاھىدە خادىملار ئەمەس ئۆزلىرىنى بىر مېھمانخانىنىڭ كۈتكۈچىلىرى دەپ تونۇشتۇردى ،گىرمان تىلىدا سۆزلەيدىغان بۇ ئادەملەر ئىنگلىزچىنى بۇزۇپ تەلەپپۇز قىلىدىكەن ئۇلاردىن ئەھۋال ئىگىلەش يىراق تۇرسۇن ئاددى تۈرمۈش ئۇچۇرلىرىغا تەستە ئېرىشىپ ئۇلارنىڭ يول باشلاپ ئورۇنلاشتۈرىشىدا ئۇلار باشلىغان مېھمانخانىغا چۈشتۈم .
ئون نەچچە سائەتلىك سەپەرنى تامام قىلغان مۇساپىر ،ئالدى بىلەن قوساقنى ئىسىق تاماقلار  بىلەن تۇقلاپ ئاندىن راھەت بىر مۇنچىغا چۈشۈپ ھاردۇق چىقىرىشنىڭ غىمىدا بولىدۇ لېكىن مەن بۇ ئىككى ئاتالمىش كۈتكۈچى چىقىپ كىتىشى بىلەنلا ئۆزەمچە ئۆينىڭ  بۇلۇڭ-پۇچقاقلارغا كامېرا دىگەندەك نەرسىلەرنى ئىزدەپ باقتىم ،بىر نەرسە بايقىماي تۆۋەنگە چۈشۈپ مەن چۈشكەن ياتاقنىڭ ھىساۋاتىنى سۈرۈشتۈردۈم
-پاسپورتىڭىزنى كۆرسەم بولامدۇ؟  
بولىدۇ -ئۇنىڭغا پاسپورىتنى سۇندۇم -مەن ھازىرلا كەلدىم
-بىلىمەن ،ھىسابىڭىزدا پۇل بار ئىكەن ئەپەندى
-قانچە كۈنلۈك ؟
-بىر ھەپتىگە يېتىدۇ
-كىم تاپشۇرۈپتۇ؟
-ئۇ ئادەم ئىسىمنى قالدۇرماپتۇ ئەپەندى .سىزگە يەنە قانداق ياردەم بىرەلەيمەن ؟
-بولدى رەھمەت
ھىچنىمىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر قاراڭغۇلۇق ئېچىدە قالغاندىم ،شۇنداق قىلىپ ياتاققا يىنىپ كىرىپ بىلگىنىم  نورمال مۇساپىردەك سەپەرنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىشتىن باشقا مەن قىلىدىغان ئىش قالمىغان ئىدى . ئىچ يانچۇقۇمدىن  پەرىدە تولا ۋاراقلاپ كونىراپ كەتكەن خاسىيەتلىك دۇئالار كىتابىنى ئىلىپ ئوقۇپ كۆڭلىمنى بىر دەم تىنجىتقاندىن كېيىن مۇنچىغا چۈشىشكە تەمشىلىۋاتاتتىم
بىردىن ياتاق ئىشىكى چىكىدى . «ئامىرىكىلىق ئىنقىلاپچىلارمۇ بۇ ،ئاللاھ بار ،نىمە كۈن كۆرسەم كۆرەرمەن»  دەپ ئىشىكىنى ئاچتىم
-تۆمۈر  ئەپەندى ،قانداق تۇردىڭىز ؟  - بۇ ئادەمنىڭ ئاۋازىدىن يۈرىكىم مۇجۇلدى،ئۇنىڭ ھىجيىپ تۇرغان ھالىغا  قاراپ  سەسكىنىپ كەتتىم  ،ئاغزىمغا گەپ كەلمەي ،يەرگە مىخلانغاندەك تۇرۇپلا قالدى-  بىز قايتا كۈرۈشتۈق مانا، كىرسەك بولامدۇ ؟
ياپونىيىدە مىنى سوراق قىلغان بۇ ئەبلەخ يەنە بىر قىتىم كۆز ئالدىمدا پەيدا بولغىنىدى .ئۇ مېنىڭ گەپ قىلىشمنى كۈتمەيلا ئىككى بىر بىرىدىن قاۋۇل نىگېر ھەمراھلىرى  بىلەن ياتاققا كىردى
- ھە ،بۇ يەر يامان ئەمەسكەن ،
باياتىنقى ئىككى نېگىرنىڭ بىرى ياتاققا كىرىپلا ئۈستەلگە قويۇپ قويغان دۇئا كىتاۋىنى قولىغا ئىلىپ بىر ئىككىنى ۋاراقلىغان ئىدى، سوراقچى ئەپەندى دەرھال ئۇنى تارتىپ ئىلىۋىلىپ ماڭا قايتۇرۈپ بەردى
-خاس ئەشيالارغا چىقىلما ، دوستىمىزنى خاپا قىلساق بولمايدۇ
ئۇنىڭ قولىدىن كىتاپچىنى ئالدىم لېكىن يەنىلا  نىمە دېيىشىمنى بىلەلمەي گەپ قىلدىم.
- مۇھىد ئەپەندى مەن ميۇنجېندىن كەلگىلى ئىككى سائەت بولمىدى ,ئىزىڭىزنى ئىزدەپ بەك چارچىدۇق ، مەن سىزگە ھەددىدىن زىيادە   قىزىقىپ قالدىم ،چۈنكى ئۆزىڭىز بىلگەندەك سىزگە قىزىقىپ قالغانلار ئادەتتىكى ئادەملار ئەمەس ،ئۇلارنىڭ  ھاياتىڭىزنى بىلگىسى بار -ئۇ يېنىدىن بىر تال تاماكىنى چىقىرىپ تۇتاشتۇردى ،بىر تاماكىدىن قانچىلىك ئىس چىقاتتى  ؟لىكىن  ئۆي ئىس بىلەن تولۇپ كەتكەندەك بىلىنىپ تۇنجۇقۇپ كەتتىم .ئۇ ئادەم بولسا بۇ ئىستىن ھوزورلىنىپ ئولتۇرۈپ سۆزىنى داۋام قىلىدى -مۇھىد ئەپەندى ، مۇھەببەت ھىكايسڭىز  تۈگەپمۇ قالغاندۇ  ،ئۇ ھىكايىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسىڭىز ئەمدى  ھىچكىم قىزىمايدۇ  ،ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئىلەشتۈرۈپ تەمى يوقىغان  ئۇ ھىكايىڭىزنى ئەمدى تىلغا ئالمايدىغانسىز؟!!






تولۇقلىما مەزمۇن (2013-1-16 16:30):
كىيىنكى قىسىمى 1-ئاينىڭ 23كۈنى ئەلكۈي تورىدا ئېلان قىلىنىدۇ

قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

UID
37204
يازما
143
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
143
تىزىملاتقان
2012-5-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-4
توردا
105 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 11:53:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا تاتتىڭىز   شۇنداقتىمۇ  سەل جىقراق يازسىڭىزچۇ   ؟بىر ھەپتە  ساقلىغانغا  يارىشا

UID
4880
يازما
90
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
420
تىزىملاتقان
2010-8-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-21
توردا
31 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 13:03:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنچە ئاۋايلاپ، ئاستا، ئالدىرماي، ئۆزەمنى بېسۋىلىپ، ھەربىر قۇرغا ئىككى قېتىمدىن كۆز يۈگۈرتۇپ ...ئوقۇغان بولساممۇ تۈگەپ كەتتا، ئەستا! نىمانداق ئاز يوللىدىڭىز دەيمەن!

UID
4880
يازما
90
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
420
تىزىملاتقان
2010-8-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-21
توردا
31 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 13:05:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنچە ئاۋايلاپ، ئاستا، ئالدىرماي، ئۆزەمنى بېسۋىلىپ، ھەربىر قۇرغا ئىككى قېتىمدىن كۆز يۈگۈرتۇپ ...ئوقۇغان بولساممۇ تۈگەپ كەتتا، ئەستا! نىمانداق ئاز يوللىدىڭىز دەيمەن!

UID
52782
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2013-1-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-3
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 17:35:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داؤامئ ........................

UID
15655
يازما
211
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
811
تىزىملاتقان
2011-9-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-8
توردا
126 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 13:07:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇفففففففففففففففففففف،ئاخىر رېتىمىغا چۇشتى بۇ ئەسەر

UID
15655
يازما
211
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
811
تىزىملاتقان
2011-9-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-8
توردا
126 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 13:07:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز دىليار ئەپەندىم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش