يۈتۈپ كەتتى دىمىگىن مېنى
كۆرەلمىگەچ تەبەسسۇمۇمنى،
زىناقلارمۇ قاپتۇ مۇڭلىنىپ.
باسمىغاچقا قەدەملەر مۆھۈر،
چىغىر يوللار قاپتۇ ئۇھسىنىپ.
دەريالاردا شاۋقۇن يوق ئىمىش،
ئاڭلىمىغاچ مېنىڭ ناخشامنى.
ئايمۇ چىقماي بۇلۇت قوينىدىن،
ئۆتكۈزمەسمىش تەنھا ئاخشامنى.
ۋارقىرارمىش شاماللارمۇ ھەم،
قېنى قىزچاق كۈيلەر ياڭراتقان.
يۈرەكتىكى بارچە نىدانى،
قەلەم بىرلە بىزگە ئاڭلاتقان.
يۈتۈپ كەتتى ئەمدى كەلمەيدۇ،
دەپ يۈرەرمىش مەن ئىشەنگەن يار.
بېغەم كۆڭۈل شادلانغان ئىمىش،
زىمىستاندا كۈلگەندەك باھار.
ئاشىقلارنىڭ قولىدا كىتاپ،
نادامەتلىك ياش گۇۋاھچىسى.
سىناقلاردا قاچتى ئىھتىمال،
ئۈجمە كۆڭۈل يارنىڭ ئەلچىسى.
يۈتۈپ كەتسەم مەيلىتى بىراق،
يۈتمەس ئىكەن كۆڭۈل يارىسى.
بىھۇش تىنىق پۈتكەن خاتىرە،
بولدى يەنە ئىشىق ئولجىسى.
بىر ئاۋازنىڭ پىچىرلىشىدا،
يۈتۈپ كەتمەي قايتىپ كەلدىم يار.
قولغا ئالدىم يەنە قەلەمنى،
ئەقىدەمگە چۈشۈرمەستىن قار.