زۇمرەت ئاسمان تۇرار كۆز چېقىپ ،
دۆڭدىن ئەگىز ئاقار شىرىلداپ .
ئەجەپ ئوتلۇق خۇمارلىق بېقىپ ،
ھوجرىسىدىن چىقىپ كېلەر كۈن .
بىراق سەندىن يوقتۇر شەپە-ئۈن ،
سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ ؟
كىيىكلەرنىڭ سەكرەشلىرىدىن
قامىتىڭنى ئالىمەن ئەسكە .
گۈللەر ئۈزدۈم ئېتىز قىرىدىن ،
لېكىن ساڭا ئوخشىماس بەرى .
ئەي خىلۋەتكە مۆكۈنگەن پەرى ،
سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ ؟
كۈمۈش تەڭگە چاچىدۇ بۇلاق
قىياقلاردا يالتىرار شەبنەم .
كۈيلىرىگە سالىمەن قۇلاق ،
يۈرىكىمدە مۇڭلۇق بىر رىتىم .
كۆرگىنىم يوق سېنى بىر قېتىم ،
سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ ؟
ئىللىق شامال مەسىت قىلار مېنى ،
قوللىرىدا ئويناپ ئەركىلەپ .
چىمەن ئىچرە ئويلايمەن سېنى
ھىدىڭ كەلمەس ، كەلمىدىڭ بىراق .
كېپىنەكلەر ئۇچقاندا يىراق ،
سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ ؟
باغلار گۈزەل ، نازلىنار شۇنچە
يېشىللىققا پۈركەنگەن ئەتراپ .
گۈزەللەشتى تەبىئەت شۇنچە
لېكىن شادلىق بېرەلمەس ماڭا .
باھار قۇچاق ئاچماقتا ساڭا ،
سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ ؟
1988-يىل ، قاغىلىق
مەنبە-"دېڭىزدىكى كوچا "