- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 334
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 11005
- تىزىملاتقان
- 2010-5-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-7
- UID
- 2181
- يازما
- 334
- تېما
- 33
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 11005
- تىزىملاتقان
- 2010-5-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-7
- توردا
- 18 سائەت
|
1 _ ئەرلەر جەمىيەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى . شۇڭلاشقا ئەرلەردە مەسئۇليەتچانلىق تۇيغۇسى بۇلىشى كېرەك .
2 _ 25 ياشتىن ئاۋالقى مۇھاببەت ئادەتتە ساختا بۇلىدۇ . ياكى سىز تەساۋۇر قىلغاندەك ئۇنچە ساپ ۋە مەڭگۈلۈك بولمايدۇ . ئەگەر سىز 25 ياشتىن ئاشقان بولسىڭىز بۇنى چوقۇم چۈشۈنىسىز .
3 _ تاماق يېگەندە %70 تۇيۇش ئەڭ ھوزۇرلۇق ئىش . لايىقىڭىزغا نېسپەتەنمۇ ئەڭ كۆپ بولغاندا %70 بۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇڭ .
4 _ 30 ياشتىن بۇرۇن سالامەتلىگىڭىزنى بەكمۇ ئاسراڭ . ئالدىنقى 30 يىلدا سىز كېسەلنى ئىزدەيسىز . كىيىنكى 30 يىلدا كېسەل سىزنى ئىزدەيدۇ .
5 _ كەسىپ مۇھاببەتتىن مۇھىم . ئەگەردە كەسىپنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرالمىسىڭىز ، ئۇنداقتا مۇھاببەتمۇ ئىچىلىپلا توزۇپ كېتىدىغان گۈلگە ئوخشاپ قالىدۇ .
6 _ سىزنى قوغلاشقان قىزلارنى يىنىكلىك بىلەن قۇبۇل قىلماڭ . ئەگەر ئاسانلا بۇ قاينامغا كىرىپ كەتسىڭىز ، نۇرغۇن نەرسىلەرنى قولدىن بېرىپ قويغىنىڭىزنى ، نۇغۇن نەرسىلەرنى يوقىتىپ قويغىنىڭىزنى بايقايسىز .
7 _ شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى ، يول بىلەن ھەل قىلغىلى بۇلىدىغان مەسىللەرنىڭ ھەممىسى مەسىلە ئەمەس .
8 _ مەڭگۈ ئالغا ئىلگىرلەڭ . ھەممە ئەرلەرنىڭ بىر سۈيۈنلۈك تەرىپى بۇلىدۇ . ئەمما ناچار بولغان بىرلا تەرپى _ تۇرمۇشقا ئاكتىپ يۈزلەنمەسلىك .
9 _ بىر ئايالنى ئارقا - ئاقىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراتماڭ . << يىگىت سۆزىدىن قايتماس ، يولۋاز ئىزىدىن >> دېگەن سۆزنىڭ ئاساسىي بار . ئەگەر ئايرىلىپ كېتىش كېرەكلىگىنى ئەستايىدىل ئويلىنىپ بولغان بولسىڭىز ، ئۇنداقتا قىيالمىغىدەك ھەر قانداق ئىشنى قىلماڭ .
10 _ ئۆزىڭىزنىڭ چىراي ۋە سالاھىيتى توغۇرسىدا ئارتۇقچە ئەنسىرەپ ۋە ئۆزىڭىزنى تۆۋەن كۆرۈپ كەتمەڭ . تەبىي شارايىتىڭلار سىزنىڭ ياخشى ياشاش ئۇيىڭىزنى توسۇپ قالالمايدۇ . ئادەمنىڭ روھىي ھەم قەلبى ئۇنىڭ چىرايىدىن مۇھىم . بۇ نۇختىغا ئىشىنىڭ .
11 _ سىز ياخشى كۆرىدىغان كىشى سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان بۇلۇپ قالسا ، ياكى ئەزەلدىن ياخشى كۆرۈپ باقمىغان بولسا ، ئەپسۇسلانماڭ . چۈنكى سىزنىڭ يوقۇتۇپ قويغۇنىڭىز پەقەت سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان بىرسى خالاس .
12 _ چوقۇم ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ . سىز ئۆزىڭىز بىر مەنزىرە . شۇڭا باشقىلارنىڭ مەنزىرسى ئىچىدە ھاڭۋىقىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق .
13 _ مۇھاببەت مەڭگۈ ئادىل ئەمەس . سىز مۇھاببەت ئىچىدىن بەختكە ئېرىشىمەن دەيدىكەنسىز ، ئۇنداقتا ئازاپقىمۇ تەيارلىق كۆرۈپ قۇيۇشىڭىز كېرەك .
14 _ ھايات ياشاشنىڭ ئۆزى بىر مەنا . سىز ئۆزىڭىزنى ھېچ نېمىڭىز يوقتەك ھېس قىلغىڭىزدا ، بىلىڭكى ، ھېچ بولمىغاندا ۋاختىڭىز بار . ۋاقىت بارلىق جارائەتلەرنى ساقايتالايدۇ ، شۇڭا ھەرگىز ياش تۆكمەڭ .
مەنبە ؛ ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى |
|