تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1498|ئىنكاس: 6

ئىنساننىڭ مەسئۇلىيەتلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

بەزىدە "خات

UID
8033
يازما
477
تېما
32
نادىر
0
جۇغلانما
15689
تىزىملاتقان
2010-12-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-19
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-27 19:51:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                         ئىنساننىڭ مەسئۇلىيەتلىرى


  ئاللاھ تائالا ئىنساننى بىھۇدە يارىتىپ، يەر شارىغا بىكار تاشلاپ قويغان ئەمەس. قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسان ئۆزىنى بىكار قويۇپ بېرىلىدۇ (مەيلىگە قويۇۋېتىلگەن ھايۋانغا ئوخشاش) دەپ ئويلامدۇ؟» [قىيامە:36] مۇتەپەككۇر ئۇلۇغ شائىرىمىز مۇنداق دەيدۇ:

بۇ دۇنياغا يېمەك، ئىچمەك، قوساق باقماققا كەلگەنمۇ؟
كىيىم كېيمەك، خوتۇن ئالماق، بالا باقماققا كەلگەنمۇ؟
ئاداش - ئايماق بىلەن ئويناپ، قۇلۇپتا، رەستىدە لەيلەپ،
ئويۇن، كەيپى ساپا، نەغمە - ناۋا قىلماققا كەلگەنمۇ؟



ۋەيا كەسپى - ھۈنەر بىرلە، تىجارەت بىرلە پۇل تاپماق،
ۋەيا كەتمەن چېپىپ ھەر كۈن، تېرىلغۇ بىرلە جان باقماق،
ۋەيا جاڭگال ۋە تاغلاردا پۈتۈن ئۆمرىدە مال باقماق،
كېچە - كۈندۈز ئارام ئالماي بۇ جان باقماققا كەلگەنمۇ؟


شۇنداق، بىز بۇ دۇنياغا ئويناپ - كۈلۈپ، ياخشى ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كەلمىدۇق. شۈبھىسىز ھاياتتا بۇلارنىڭمۇ بىر ۋاقتى ۋە ئورنى بار. لېكىن ئىنسانلىق ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيەت ھەممىدىن مۇھىمدۇر. چۈنكى ئۇلۇغ ئاللاھ بىزگە ئاڭ، ئەقىل ۋە تاللاش كۈچى بەرگەن، ياخشى - ياماننى بىلدۈرگەندۇر. قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: «پەرۋەردىگارىمىز شۇنداق زاتتۇركى، ھەممە نەرسىگە (ئۆزىگە مۇناسىپ) شەكىل ئاتا قىلدى، (ئاندىن ئۇلارغا ياشاش يوللىرىنى، پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنى) كۆرسەتتى» [تاھا: 50] «شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭغا بىز (پەيغەمبەر ئەۋەتىش بىلەن ياخشى - يامان) يولنى كۆرسەتتۇق، ئۇ مۆمىن بولۇپ ياخشى يولدا مېڭىپ شۈكۈر قىلغۇچىدۇر، ياكى كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر.» [ئىنسان:3] "ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز، بىر تىل، ئىككى كالپۇك ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟ [بەلەد: 8ـ10]
ئاللاھ تائالا ئىش - ھەرىكەتلىرىمىزنىڭ نەتىجىسىدىن بىزنى مەسئۇلىيەتكە تارتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھايات ئۆلۈمگە قاراپ ماڭىدىغان بىر يولدۇر. بۇ يولدا ھەرخىل مەنزىللەر ۋە بىزنى كۈتۈپ تۇرغان كۆپ تەرەپلىمىلىك سىناقلار بار. نەپس ئامانىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئىنساننىڭ ئەڭ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ۋە پەزىلەت سىنىقىدىن بىرىنچى بولۇپ ئۆتۈشكە تىرىشىش مەجبۇرىيىتى بار. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، ئاللاھ ئۆلۈمنى ۋە تىرىكلىكنى ياراتتى...» [مۇلك: 2]
ئۆزىمىزگە خاس ۋە ھۆر ئىرادىمىز بىلەن ئويلاپ ھەرىكەت قىلىدىغان ياشاش ساھەمىزنىڭ بارلىقىنى پەرق ئېتىشىمىز تەس ئەمەس. چۈنكى نۇرغۇنلىغان مەسىلىدە ھېچكىمدىن سورىماستىن ۋە ھېچكىمنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويماستىن كۆڭلىمىز خالىغان ئىشلارنى قىلىمىز. لېكىن ھۆر ئىرادە، مەسئۇلىيەت بىلەن مەجبۇرىيەتلەرنىمۇ بىرلىكتە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ھەق ۋە ئەركىنلىكنىلا خالايدىغان، مەسئۇلىيەتلەرنى ھېسابقا ئالمايدىغانلار نەپسىي خاھىشلىرىنىڭ قىسمىقىغا چۈشۈپ، روھىي ئىزتىراپقا دۇچار بولىدۇ ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتىنى بەربات قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىشىمىز پەقەت ياشاشتىنلا ئىبارەت ئەمەس. بەلكى نېمە ئۈچۈن ۋە قانداق ياشايدىغانلىقىمىزنى بىلىشىمىز كېرەك. ئاڭلىق بىر شەكىلدە ياشاشنى تاللىغان ۋاقتىمىزدا مەسئۇلىيىتىمىز باشقىچە مەنىلىك بولىدۇ. ھايات گەردىنىمىزگە ئارتىلغان بىر يۈك بولۇشتىن چىقىپ، ئۆزىمىزنىڭ مەخسۇس قارارىمىزغا ئايلىنىدۇ. ھۆررىيەت بىلەن مەسئۇلىيەتنىڭ بىر پۈتۈن بولغانلىقىنى بىلىمىز.

ئىنسان ئەڭ باشتا ئۆزىگە قارىتا مەسئۇلدۇر. ئەقلىنى، بىلىش ۋە پىكىر قىلىش قابىلىيىتىنى، ۋىجدانىنى، ئەخلاق ۋە خاراكتىرىنى، مەنىۋىي دۇنياسىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەجبۇردۇر. روھىي ۋە جىسمانىي ساقلىقىنى قوغدىشى، كۈچ - قۇۋەت ۋە قابىلىيەتلىرىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىشى لازىم. بۇ پەقەت نەپسىنى تىزگىنلەش بىلەن مۇمكىن بولىدۇ. ھاۋايى ھەۋەسلىرىگە بويۇن ئەگكەن، ياخشى - يامان، ھالال - ھارام دېمەستىن كۆڭلى خالىغان بويىچە ياشايدىغان، ھاياتى كەيپى ساپا، ئېيش - ئىشرەتتىن ئىبارەت بولغانلار نەپسىنىڭ قۇللىرىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئېيتىپ باقساڭچۇ؟ نەپسى خاھىشىنى ئىلاھ قىلىۋالغان ئادەمگە (نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىشتىن ئۇنى ساقلاش ئۈچۈن) ھامىي بولالامسەن» [فۇرقان: 43]
«ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ نەپسى خاھىشىغىلا ئەگىشىدۇ، ئاللاھ ۋەھىي قىلغان توغرا يولنى قويۇپ نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن كىشىدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟...» [قەسەس: 50]
بۇلار ئىنسان بولۇشنىڭ قەدرى قىممىتىنى بىلمەيدىغان، ئۆزىنى ۋە ھاياتنى تونىمايدىغان كىشىلەردۇر. شۇنى ياخشى بىلىشىمىز كېرەككى، مەلۇم بىر ئارزۇنىڭ ئىنساننى ئىدارە قىلىشىغا بويۇن ئىگىش، ئىنساننى خورلايدۇ ۋە قۇل قىلىدۇ. ئۆسۈش ۋە كامالەتكە يېتىش ئىنسانىي، دىنىي ۋە ئەخلاقىي بىر ۋەزىپىدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىككى كۈنى ئوخشاش بولغان كىشى زىيانكاردۇر» دېگەن.

  ئۆزىمىزنى تونۇش، يىتىشتۈرۈش ۋە پەزىلەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك. بۇنىڭغا توسالغۇ بولىدىغان ھەر تۈرلۈك تەھدىتلەرگە ئىمان ۋە جاسارەت بىلەن تاقابىل تۇرۇشىمىز لازىم. ئىنساننىڭ يەنە ئۆزىنى يارىتىپ بارلىق مەخلۇقاتلاردىن ئۈستۈن قىلغان، سانسىز قابىلىيەتلەر بىلەن قوراللاندۇرغان ئۇلۇغ ئاللاھقا قارىتا مەسئۇلىيىتىدۇر. ئاللاھ تائالا ئىنسان ۋە باشقا ئەقىللىق مەخلۇقلارنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتقاندۇر. قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: «جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم.» [زارىيات: 56]
دىن بىزگە بۇ ئىبادەتنىڭ يولىنى ۋە قائىدىسىنى كۆرسىتىدۇ. بارلىق دىنىي ۋەزىپىلەر بىزنىڭ شەخسىيى ۋە ئىجتىمائىي كامالەتكە يىتىشىمىزگە خىزمەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىش ۋە ئىبادەت قىلىشتىن يۈز ئۆرىگەنلەر ئۆزلىرىنى قىيىن ھاياتتىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى مېنىڭ زىكرىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتى تار (يەنى خاتىرجەمسىز) بولىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇنى بىز كور قوپۇرىمىز» [تاھا: 124]   ئاللاھ تائالاغا قارىتا مەسئۇلىيىتىمىز پەقەت ئۇنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىگە ئىشىنىشتىنلا ئىبارەت ئەمەس. ئاللاھ تائالانى پۈتۈن قەلبىمىز بىلەن سۆيۈشىمىز، ئاللاھقا باغلىنىشىمىز ۋە ئۇنىڭغا سېغىنىشىمىز كېرەك. بارلىق مەۋجۇداتلار ئاللاھنىڭ مۈلكى بولغان ئىكەن، بىز پۈتكۈل مەۋجۇداتلارغا قارىتا مەسئۇل بولىمىز. ياخشىلىق ۋە نېمەتلەرنىڭ مەنبىئى ئاللاھتۇر. شۇڭلاشقا مەدھىيىمىز، شۈكرىمىز، مۇھەببىتىمىز ۋە مىننەتدارلىقىمىز ئالدى بىلەن ئاللاھ تائالاغا بولۇشى كېرەك.
ئاللاھ تائالا بىزگە ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى تونۇپ، ھۆددىسىدىن چىقىدىغان ئاڭ ۋە تۇيغۇ ئاتا قىلسۇن. ئامىين!


                                           مەنبەسى : ئىسلام تور ببىكەتلىرىدىن يىغىپ ساقلىغانلىرىم

دىنىمنىڭ ئۇستۇنلىكى -مىنىڭ شان-شەرپىم
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
6284
يازما
263
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
7665
تىزىملاتقان
2010-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-9
توردا
75 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-27 23:20:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە  ھەكىم، ناھايىتى ياخشى تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز،  ئادەم شۇنداق تىمىلارنى كۆرۈپ تۇرسا  سەگىپ قالىدىكەن.  دىمىسىمۇ ھەممە نەرسىنىڭ  ھىسابى بار، ئاللاھ بىزگە شۇنداق ياخشى نىمەتلەرنى، ياخشى پۇرسەتلەرنى بەردى لېكىن بىزچۇ؟
ئىرىشكەن ھەر بىر نەرسىمىز ئۈچۈن جاۋاپ بىرىدىغان كۈن كىلىشتىن بۇرۇن  ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا  ئىنتىلەيلى.

سەمىمىيلىك ئەڭ ئېسىل ئەخلاق

كۆيۈمچان ئەزا

tunuxup pikhr almaxtursam man

UID
7601
يازما
151
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
4411
تىزىملاتقان
2010-11-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-5
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-28 13:02:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تىمىڭىزنى قايتا- قايتا ئۇقۇپ چىقتىم ، ئادەمگە توغرا يولنى داۋاملىق ئەسكەرتىپ تۇردىغان بۇنداق تىملار ئادەمنڭ ئۇيقىسنى ئېچىپ سەگىتىپ ، توغرا نىشان ، توغرا يول تېپىشقا ، ئىنسان بۇلۇشنىڭ قەدىر قىممىتىنى بىلىش، ئۆزىمىزنى تۇنۇشقا ئىلھام ۋە جاسارەت ئاتا قىلدىكەن .

< ئاللاھ تائالاغا قارىتا مەسئۇلىيىتىمىز پەقەت ئۇنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىگە ئىشىنىشتىنلا ئىبارەت ئەمەس. ئاللاھ تائالانى پۈتۈن قەلبىمىز بىلەن سۆيۈشىمىز، ئاللاھقا باغلىنىشىمىز ۋە ئۇنىڭغا سېغىنىشىمىز كېرەك. بارلىق مەۋجۇداتلار ئاللاھنىڭ مۈلكى بولغان ئىكەن، بىز پۈتكۈل مەۋجۇداتلارغا قارىتا مەسئۇل بولىمىز. ياخشىلىق ۋە نېمەتلەرنىڭ مەنبىئى ئاللاھتۇر. شۇڭلاشقا مەدھىيىمىز، شۈكرىمىز، مۇھەببىتىمىز ۋە مىننەتدارلىقىمىز ئالدى بىلەن ئاللاھ تائالاغا بولۇشى كېرەك.>
ئاللاھ بۇ يولدىكى ئىشلىرڭىزنى ئۇڭۇشلۇق قىلغاي، بۇنداق ياخشى تىمىلىرڭىز ئۇزۇلۇپ قالمىغاي .

ەەر قانداق ظشتا ظأ زەڭگە ظىشەن .

UID
4317
يازما
88
تېما
19
نادىر
0
جۇغلانما
2940
تىزىملاتقان
2010-8-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-28 14:19:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىبادەتلىرىم ئۆزۈم ئۈچۈن، ھەرگىزمۇ پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئەمەس. چۈنكى، ئاللاھ مىنىڭ ئىبادەتلىرىمگە مۇھتاج ئەمەس، بەلكى مەن ئىبادەتلىرىم ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىشىشنى، ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى، ئۆلگەندە جەننەت ئەھلىدىن بۇلۇشنى ئىستەيمەن. ئاللاھ، گۇناھلىرىمىنى كەچۈرگىن.

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1365
تېما
36
نادىر
0
جۇغلانما
43100
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-29
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-28 15:54:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ  ئەجرىڭىز بەرسۇن ،،، راست  تورداشلار دېگەندەك مۇشۇنداق تېمىلارنى ئادەم دائىم كۆرۇپ تۇرسا  ھەقىقەتەنمۇ سەگەكلىشىپ قالىدىكەن ،،،،
ئىنسانى مەسئۇلىيەتلىرىمىزنى ۋاختىدا  ئادا قىلىپ ،،،ئاللاھ  كۆرسەتكەن توغرى يولدا مېڭىپ ،،،،ئاللاھغا تىلىمىز،دىلىمىز، ھەركىتىمىز بىلەن يېقىنلىشىپ  ،،،، ھايتلىقتىكى  ھەر-بىر ئەمەللىرىمىزدىن ھىساپ بېرىدىغان  كۈن ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ قويايلى ،،،،

يەر شارىدا قالمىسا ئىنسان گەۋدىسى ،قالار شۇ كىشىنىڭ قول يازمىسى

كۆيۈمچان ئەزا

خىياللار مىنىڭ ب

UID
3846
يازما
442
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
13947
تىزىملاتقان
2010-7-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-15
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-30 13:17:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت.  مۇشۇنداق ياخشى تىمىلار نى  ھەركۈن كۆرۈپ تۇرغايمىز.

ۋىسال - ياپياش ھەم قېرى قاقۋاش.

كۆيۈمچان ئەزا

سْـــــــــــــ

UID
7691
يازما
195
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6080
تىزىملاتقان
2010-12-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-17
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-30 15:54:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەسئۇلىيەتلەر كۆپ ، ئاللاھ  تائالا بىزگە ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى تونۇپ، ھۆددىسىدىن چىقىدىغان ئاڭ ۋە تۇيغۇ ئاتا قىلسۇن!  ئنساب بەرسۇن !

گۆھەر ياتدۇ سايدا،تونمسا نمەپايدا!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش