
گۈلچى قىز رىۋايىتى
(داستان)
شەھرىزات
بۇرۇنلاردا ئاقاركەن،
بۇندا ھەيۋەت بىر دەريا.
قارىساڭ گەر چەت- چىتى،
كۆرۈنمەسكەن پەقەتلا.
ئىمسى ئىكەن يۇرۇڭقاش،
ئۇشبۇ ئەزىم دەريانىڭ .
سۇيى شۇنداق سۈزۈككەن،
ئەكسىېن ئالغان ئاسماننىڭ.
ئوتلار ئىكەن بويىدا،
سانسىزلىغان قوي- كالا.
قۇياش كۆرسە شاتلىنىپ،
چاچار ئىكەن نۇر- زىيا.
جايلاشقانكەن قىرغاققا،
گۇل- گۇلىستان بىر يىزا.
باغلىرى ھەم جەننەتتىن،
كەم ئەمەسكەن پەقەتلا.
خەلقى شۇنداق ئىناقكەن،
جاھالەتتىن يىراقكەن.
ئوغۇل- قىزى غەيرەتلىك،
كەلگۇسى بەك پارلاقكەن.
ياشاركەن بۇ يىزىدا ،
قاسىم ئاتلىق بىر دىھقان .
باياشاتكەن تۇرمۇشى،
ھالال تەردىن ھەر قاچان.
بار ئىكەن بىر پەرزەنتى،
ئىسمى ئۇنىڭ كامالكەن.
لاچىن كەبى سۈپىتى،
كۆزىدە ئوت ياناركەن.
بولار ئىكەن ھەر دائىم،
دادىسىغا قول- قانات،
ئالغان ئىكەن يۇرتىدا،
«ئەلنىڭ ئوغلى» دىگەن ئات.
سوقار ئىكەن يۇرىكى،
ھەر نۆۋەتتە «خەلقىم» دەپ،
ئۆتەر ئىكەن ھەر قاچان،
ئۆز يۇرتىنىڭ غىمىنى يەپ.
بۇ يىگىتنىڭ خىسىلىتى،
تىللاردا ھەم داستانكەن.
ئەل قەلبىدە كامالغا،
ھۆرمەت ئوتى ياناركەن.
تۇرار ئىكەن قوشنا بوپ،
ئۇلارغا بىر تۇل ئايال.
نامراتلىقتا تۇرمۇشى ،
ئۆتەر ئىكەن سىرىقتال.
بولسىمۇ ئۇ كەمبەغەل،
كۆڭى- كۆكسى كەڭ ئىكەن،
ئىنساپ، نۇمۇس، دىيانەت،
ئاڭا ھەر چاغ يار ئىكەن.
ياشاركەن بۇ ھويلىدا،
ھەم يەنە بىر قىزىلگۈل.
ياق، ئەمەس ئۇ قىزىلگۈل،
گۇزەل قىزكەن خۇشپىئىل.
ئەمگەك قىلسا ئىتىزدا،
ئەلگە ئۈلگە بولاركەن.
قەلبىدە ھەم يۇرىت غىمى،
گۇلخان بولۇپ ياناركەن.
گۇلنىڭ دوستى كىپىنەك،
بۇ ئاياندۇر ھەممىگە.
ۋەلىكىن بۇ گۈلچى قىز،
شەيدا ئىكەن گۈللەرگە.
ئۆستۈرەركەن ھويلىدا،
تۇمەن تۇرلۇك گۈل- چىچەك.
بولار ئىكەن پەرۋانە،
گۇل يىنىدا ئەتە- كەچ.
شامال چىقسا شۇ گۇللەر،
تەلپۈنەركەن ھەر يانغا،
خۇشاللىقتا گۈلچى قىز،
چۈشەر ئىكەن ئۇسۇلغا.
ئىسمى ئىكەن گۈل قەلەم،
گۈلگە شەيدا گۈزەلنىڭ.
گۈزەللىكى داستانكەن،
ئارىسىدا يۇرىت- ئەلنىڭ.
ئىشقى ئوتى كامالنىڭ ،
قىز قەلبىدە ياناركەن.
بۇنىڭدىن قىز كۈچ ئىلىپ،
سۆيگۈ گۈلى ياساركەن.
مەرىت يىگىتمۇ تەشناكەن،
گۈلچى قىزنىڭ ھۆسنىگە.
ئوتلۇق سۆيگۈ مىھرىنى،
پۈككەن ئىكەن كۆڭلىگە.
ئايان بوپتۇ بىر كۈنى،
قوش يۇرەكنىڭ ئارزۇسى.
ساداقەتلىك ۋەدىدىن،
چىگىلگەن دىل رىشتىسى.
ئۇزاق ئۆتمەي بۇ جايغا،
ھەملە قىلىپ ياۋ كەپتۇ.
يۇرىت خەلقىنىڭ بىشىغا،
تۇگىمەس بىر دەرىت كەپتۇ.
ياش يىگىتلەر مىڭىپتۇ،
جەڭگاھ تامان سەپەرگە.
ئاڭا كامال باش بولۇپ،
ئاتلىنىپتۇ سەھەردە.
خوشلىشىپتۇ گۇلچى قىز ،
يىگىت بىلەن ئەلەمدە.
تۇتۇپتۇ ئۇ كامالغا،
ئەسلەش ئۈچۈن گۈلدەستە.
دۇئا بىرىپ يۇرىت خەلقى،
ئۇزىتىپتۇ ئۇلارنى.
كىتىپتۇ ھەم ئوغلانلار،
ئىشىپ تاغ ۋە داۋاننى.
ئۇزاق ئۆتمەي بۇ يۇرىتقا،
كەپتۇ يەنە چوڭ ئاپەت.
خەلىق يىغلاپ- قاخشاپتۇ،
كۆپىيىپتۇ ئەلەم- دەرىت.
ئاپەت بولۇپ كەلگىنى،
دۈشمەن ئەمەس بىر بايكەن.
ئۇنىڭ تۇرغان يەرلىرى،
باشقىلارغا بەك تاركەن.
دەرت ئۈستىگە دەرت بوپتۇ،
ئاچكۆز باينىڭ كەلگىنى.
خەلىق كۆزى ياشلىنىپ،
كىپەن بوپتۇ كىيگىنى.
زالىم باينىڭ دەستىدىن،
تۇرمۇش يولى تەس بوپتۇ.
خەلىق يۇرتىنى تاشلاپ،
كەتمەك ئۈچۈن سەپ بوپتۇ.
ئاڭلاپ بۇنى ئاچكۆز باي،
بوپتۇ ئەلنى توسماقچى.
مىڭىپتۇ ئۇ ئاتلىنىپ،
ياندا نەچچە چوماقچى.
جىلى بوپتۇ باي ئەلگە،
ئاڭلىتالماي سۆزىنى.
زەھەرخەندە كۇلكىدىن،
توختىتالماي ئۆزىنى.
باينىڭ قانلىق قامچىسى،
ئەل بىشىغا تىگىپتۇ.
ئەنە شۇ چاغ گۇلچى قىز،
كۆكرەك كىرىپ چقىپتۇ.
قىزنىڭ ئۆتكۈر سۆزلىرى،
باي باغرىنى تىلىپتۇ.
گۈلچى قىزنى تۇتۇشقا،
دەرھال بۇيرۇق بىرىپتۇ.
گۈلچى قىزنى قوغداشقا،
بارچە خەلىق تەۋرەپتۇ.
ئاچكۆز باينى يوقىتىش،
ھەمەيلەنگە خوپ كەپتۇ.
غەزەپ ئوتى يالقۇنلاپ،
يىتىپتۇ ھەم پەلەككە.
غالچىلارمۇ يىڭىلىپ،
پىتىپ قاپتۇ لەھەتكە.
مەغرۇرانە ئاچكۆز باي،
جاندىن جۇدا بولۇپتۇ.
ھەممە خەلىق بۇنىڭدىن،
شاتلىنپتۇ، كۇلۈپتۇ.
ھايال ئۆتمەي خۇشاللىق،
ئالمىشىپتۇ قايغۇغا.
ۋە لىكىن بۇ ھەسرەتلەر،
كەلمەس ئىكەن ئورنىغا.
قەھرىمان قىز گۈل قەلەم،
ئاھ ئۇرۇپ جان ئۈزۈپتۇ.
گۈلچى قىزنىڭ ماتىمى،
ھەتتا كۆككە يىتىپتۇ.
ئەل قەھرىمان قىزىنى ،
دەپنە قىپتۇ ھەسرەتتە.
قەبرىسنىڭ بىشىغا ،
قويۇپتۇ بىر گۈلدەستە.
ئۇرۇش تۇگەپ يىگىتلەر،
قايتىپ كەپتۇ يۇرتىغا.
يىنىپ غەلبە مەشئىلى،
چاقنار ئىكەن قولىدا.
گۈلچى قىزنى سىغىنىپ،
كامال كەپتۇ ئۆيىگە.
ھەقىقەتنى بىلگەندە،
تولغىنىپتۇ ھەسرەتتە.
چىقىپ كەپتۇ تىزلىكتە،
قىزنىڭ قەبرە بىشىغا.
تاشلار ئىرىپ كىتىپتۇ،
ئۇنىڭ تۆككەن يىشىغا.
قىزنىڭ قەبرە بىشىدا،
ئۇ تىپىپتۇ ئەقلىنى.
ئەلنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن،
چىڭ باغلاپتۇ بىلىنى.
باتۇر يىگىت بىر ئۆمۈر،
خەلق ئۈچۈن ئىشلەپتۇ.
بارچە ئۇنىڭ نامىنى،
تىلدا داستان ئەيلەپتۇ.
ئاڭلاڭ دوستۇم سۆزۈمنى ،
ئەسلى بۇ بىر ىۋايەت.
يىگىت- قىزنىڭ ئوبرازى،
ئۆرنەك بىزگە تا ئەبەت!...
مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم.