ھېكەيەمنى مەلۇم بىر يەكشەنبە كۈنىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ...
ئوغۇل دوستۇم ئىككىمىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدىن تارتىپلا ئارىلاشقان بولۇپ، بۇنىڭغا 6 يىل بولغان ئىدى. مۇھەببەتلەشكەن دەسلەپكى مەزگىللەردە بارلىق يېڭى ئاشىق - مەشۇقلارغا ئوخشاش ئىجىل ئىناق، ھەم رومانتىك ئۆتتۇق. مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىقىپ جەمىيەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىن خىزمەت ھەلەكچىلىكىدە تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ئاددى ھەم زېرىكىشلىك تۈس ئېلىشقا باشلىغان ئىدى. بىز توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ بولغان بولۇپ، ئاپامنىڭ ياردىمىدە ئۆينىمۇ ئېلىپ، بېزەپ تەييار قىلىپ قويغان ئىدۇق. ئىشلار ئاساسى جەھەتتىن پۈتۈپ قالغان بولۇپ، ياخشى بىر كۈننى تاللاپ ئۆزۈمنى ياتلىق قىلىۋەتسەملا بولاتتى...... تۇرمۇش نېمىدىگەن گۈزەل ھە!
بىراق........
يىگىتىم شىياۋ سا بىر قېتىملىق ساۋاقداشلار يىغىلىشىدىن قايتىپ كېلىپلا بىنورماللىشىشقا باشلىدى. كۈندە ھاڭۋېقىپ تۇراتتى، يانفونىنى گۆھەردەك كۆرەتتى، شەخسى ئىشلىرى كۆپەيدى، تورغا چىققاندا ماڭا كۆرسەتمەيدىغان بولدى...... چاتاق چىققىنىنى ھېس قىلدىم. بىراق مۇھەببەتكە بىر نېمە دېمەك قىيىن ئىكەن، نېمىلا دېمىگەن بىلەن تونۇشقىلى 6 يىل بولدى ئەمەسمۇ، ئارىمىزدا ھېسياتقۇ بار، ئەمما ھارغىنلىقتىن ساقلانماق قىيىن ئىكەن. شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ بېقىش قارارىغا كەلدىم. بىراق مەن ئويلاپمۇ باقمىغان ئىش يۈز بەردى....
- شىياۋنەن، بىز ئايرىلىپ كېتەيلى
دېدى شىياۋ سا كەچقۇرۇنلۇقى بارلىق غەيرىتىنى يىغىپ.
يۈرىكىم قاتتىق ئېچىشتى، ئەمما مەن ئۆزىنى سۆيمەيدىغان ئەرنىڭ ئالدىدا ياش تۆكۈشنىڭ ئۆزىگە قىلىنغان ھاقارەت ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. كۈلدىم، كۈلۈمسىرىدىم، جېنىمنىڭ بارىچە ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ تەمكىنلىك بىلەن سۆزلىدىم:
-ئايرىلىپ كېتەمدۇق؟ بولىدۇ، ماڭا سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟
قارىغاندا مېنىڭ كۈلكەم ئۇنى رىغبەتلەندۈرگەن چېغى، ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەستىن ھېلىقى ساۋاقداشلار يىغىلىشى توغرىسىدا سۆزلەشكە باشلىدى. يىغىلىشتا ئۇ شىياۋ ۋېينى بۇرۇنقى بىر "سىڭلىسى" نى ئۇچرىتىپتۇ، شىياۋ ۋېي ئۇنى ئىزچىل چوڭقۇر سۆيۈپ كەلگەن ئىكەن، ئۇمۇ تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ ئەسلىدە شىياۋۋېينى سۆيىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى مۇھەببەتلىشىپتۇ....
ئەسلىدە مۇنداق ئىكەندە~~~ مەن يەنە كۈلۈمسىرىدىم:
- ھېچقىسى يوق، سىلەرنى مۇرادىڭلارغا يەتكۈزەي، بۇ ئۇلۇغ مۇھەببىتىڭلار مېنىڭمۇ بەك قاتتىق تەسىرلەندۈرىۋەتتى، راست دەۋاتىمەن.
يۈرىكىم قاتتىق ئېچىشتى، مەن بۇنداق چاغدا يىغلاش ئارقىلىق ئۇنىڭدەك ئۈچىنچى شەخسكە مەپتۇن بولۇپ قالغان ئەرنىڭ كۆڭلىنى قايتۇرۇپ كېلەلمەيدىغانلىقىمنى بىلەتتىم، ئەينى چاغدا ئاپام ئېلىپ بەرگەن ئۆيگە ئۇنىڭ ئىسمىمۇ قوشۇپ يېزىلغان ئىدى. كۈلۈپ تۇرۇپ قانداق ئايرىلىدىغانلىقىمىزنى سورىدىم. ئۇ قاتتىق ئۆكۈنۈش ۋە خىجالەتچىلىكتە دېدى:
-پۇل چېكى سىزگە قالسۇن، ئاپىڭىز ئېلىپ بەرگەن ئۆينى ئەتىلا يالغۇز سىزنىڭ ئىسمىڭىزغا قوندۇرايلى.
كۆزئالدىمدىكى 6 يىل سۆيگەن بۇ ئەرگە قارىدىم. ئاچچىقىمنى تېزدىن چىقىرىۋېلىشىپ كېرەك ئىدى، دەل مۇشۇ چاغدا ئۇنىڭ يانفونى سايراپ قالدى، ئۇ ئوڭايسىز ھالدا ماڭا قارىدى.
- ھېچقىسى يوق، تېلىفوننى ئېلىۋېرىڭ ،-دېدىم كۈلۈپ تۇرۇپ.
ئۇ بىر چەتكە ئۆتۈپ تېلىفوننى ئېلىپ سىلىق ئاۋازدا، خۇددى ئەينى چاغدا بىز مۇھەببەتلىشىۋاتقان چاغدىكىدەك ھالەتتە سۆزلىشىشكە باشلىدى.
ئۆيدىن چىقتىم، مېڭىۋاتىمەن، توختىماي مېڭىۋاتىمەن.... ئاچچىقىمنى چىقىرىۋېلىشىم كېرەك!
كەچلىك بازارغا بېرىپ ئايلاندىم، قانداقلا نەرسىنى كۆرسەم 5 يۈەن دەپ باھا قويدۇم. ئەزەلدىن بۇنداق قىلىپ باقمىغان ئىدىم، بۈگۈن بار غەيرىتىمنى يىغدىم، قىززىق يېرى بەزى خوجايىنلار راستتىنلا 5 يۈەنگە كىيىم سېتىپ بەردى.
بىر مۇنچە 5 يۈەنلىك كىيىملەرنى كۆتۈرۈپ، قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە باشلىدىم. بىر كىچىك ساقچى ئالدىمنى توستى، ئۇنىڭ ئەلەم بىلەن تىكىلدىم، ئاچچىقىمنى چىقىرىۋېلىشىم كېرەك
- خانقىز ، قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتسىڭىز ھاياتىڭىزغا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان بولىسىز
- نېمە؟ مەن ھاياتىمغا تازا مەسئۇل بولغانلىقىم ئۈچۈن قىزىل چىراقتىن ئۆتتۈم.
-؟؟؟؟؟؟ ئالدىمىزدا ئانچە يىراق بولمىغان يەردە پىيادىلەر كوچىسى بار، شۇ ياقتىن ماڭسىڭىز بىخەتەر
- پىيادىلەر كوچىسىغا چىقىش ئۈچۈن بىرمۇنچە ئايلىنىپ ماڭىدىكەنمەن، بۇنىڭدا ۋاقتىم ئىسراپ بولمامدۇ؟ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىش ھاياتنى ئىسراپ قىلىش، دېمەك مەن ھاياتىمغا مەسئۇل بولۇش ئۈچۈن ئەلۋەتتە قىزىل چىراقتىن ئۆتۈشۈم كېرەكتە!
- بىراق بۇنداق قىلسىڭىز بەك خەتەرلىك ، تاساددىپى قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ قالسا...
- قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتسەم قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىشى مۈمكىن، بىراق پىيادىلەر يولىغا بېرىش ئۈچۈن ۋاقتىم چوقۇم ئىسراپ بولىدۇ. مۈمكىنلىك ۋە مۇقەررەرلىك ئارىسىدا، ھاياتىمغا مەسئۇل بولغان ئاساستا ئەلۋەتتە مۈمكىنلىكنى تاللايمەندە~
-بىراق... بىراق... بىراق ...
- يىگىت، قارىغاندا يېڭى ساقچى ئوخشىمامسىز؟؟
شۇڭا دەيمەن، ساھىپجامال بولغاننىڭ پايدىسى خېلى كۆپ، بەزىدە مانا مۇشۇنداق تاياققا لايىق قىلىقلىرىمغا ھېچكىمنىڭ بىرەر تەستەك سالمىغىنى كاللامدىن ئۆتمەيدۇ دېسە...
يول مېڭىپ ھېرىپ كەتتىم، ماڭمايمەن بولدى. ئادەم يوق يەرگە بېرىپ بار ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ ۋارقىراشقا باشلىدىم، ئائىلىلىكلەر بىناسىدىكىلەر بوتولكا، سەي-كۆكتات ئېتىشقا باشلىدى. ئارقامغا بۇرۇلۇپ
بەدەر تىكىۋەتتىم.
ئاپامغا تېلىفون قىلدىم:
-ئاپا، قىزىڭ ئوغۇل دوستىدىن ئايرىلىپ كەتتى
-نېمىشقا؟
-ئۇ غەلىتە كېسەل بولۇپ قاپتۇ، قان بۇزۇلغان، ئاق قان دانچىسى ئۆرلەپ كەتكەن، تېزدىن قېرىيدىغان، نېرۋىسى ئازىدىغان، ئەڭ مۇھىمى بۇ كېسەل داۋاسىز بولۇپ، قارىماققا نورمال ئادەمدەكلا كۆرىنىدىكەن، ئەمما ئىچ-ئىچىدىن سېسىپ كېتىدىكەن...
- ۋاي خۇدا ، يۇقمايدىغان كېسەل بولغىيتى؟
-يۇقمايدىكەن، بىراق داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدىكەن.
-تېزدىن ئۆيگە قايتىپ كەل، پەقەت بولمىسا ئۇنىڭغا ئازراق پۇل بېرەرمىز، قانداق ئادەم بۇ، كېسەل بولسىمۇ ئادەتتىكى كېسەل بولمايدىغان!
ئاپام شىياۋسا ئەسلىدىنلا ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيتى، دەل كۈتكەن يېرىدىن چىقتى.
چەكسىز ئازاپ ئىچىدە ئۆيگە قايتتىم، تاشلىۋېتىلگەن ئازاپىم ئاپامغا مېھىر-شەپقەتلىك بولۇپ كۆرۈندى. دادام بىلەن ئاپام تۇشمۇ-تۇشتىن تەسەللى بېرىشكە باشلىدى.
تۇنجى قېتىم، يىغلىدىم، تازا ھۆركىرەپ يىغلىدىم.
ئەبلەخ، مەن ھەم چىرايلىق ھەم ئەقىللىق، مىجەزىممۇ شۇنداق ئېسىل تۇرسا، ئاشۇنداق سەت تاز تاشلايمەن دەپلا تاشلىۋەتتىغۇ؟ ئېسىت ئاشۇ ئۆلمىگۈرگە سەرپ قىلغان ياشلىقىم، مۇھەببىتىم، ھۇ ^&*$%#@
ئاپام يىغامنى كۆرۈپ قاتتىق تەسىرلىنىپ كەتتى، قىزىم نېمىدىگەن باغرى يۇمشاق ھە، دەل مېنى تارتىپتۇ، ۋاپادار~~~
ئەزەلدىن ئاپامدىن باشقا ئادەملەرنىڭ ئالدىدا يىغلاپ باقمىغان ئىدىم، ئەلۋەتتە، كۆپىنچىسى ئاپامنىڭ تايىقىغا چىدىماي يىغلىغان يىغىلار.
ئىككى كۈن ئارام ئالغاندىن كېيىن، يەنىلا كۆتىرەڭگۈ جۇشقۇن ھالەتتە ئىشقا باردىم. تاشلىنىش ۋە ئاسىيلىق قىلىنىش مۇقەررەرلىككە ئايلىنىپ بولدى، بىراق ھايات يەنىلا داۋاملىشىشى كېرەكتە~~~\
خىزمەتداشلىرىمنىڭ نېمە ئۈچۈن ماڭا ئىچ ئاغرىتقان نەزەردە قارىغىنىنى بىلەلمىدىم، ياندىكىلەردىن سوراپ، ئاندىن شىياۋ ۋېي بىلەن شىياۋ سا نىڭ مەن كېلىشتىن ئاۋال " مېھىر- مۇھەببىتى" نى كۆپچىلىككە كۆرسىتىپ بولغانلىقىنى بىلدىم. دېمەك، شىياۋ سا ئىككىمىزنىڭ ئايرىلىپ كەتكەنلىكىمىزنى، ياق، ياق، شىياۋ سا نىڭ مېنى تاشلىۋەتلىكىنى پۈتۈن شىركەتتىكىلەر بىلىپ كەتكەن ئىدى. كۈلگىنىمچە بېشىمنى ئېگىز كۆتۈرۈپ خىزمەتدىشىمغا دېدىم:
-ھەي... ياش قىزلارغا ئامال يوق، بەك يامانكەن، بىز راستلا ئايرىلىپ كەتتۇق.
بەزىلەر مەسخىرە قىلدى، بەزىلىرى ئاستىرتىن خوشال بولدى يەنە بەزىلىرى بولسا ھېسداشلىق قىلدى. مەيلى نېمىلا قىلىشسا قىلىشسۇن، چاتىقىم يوق، ئىچىمدە غەزەپ بىلەن تىللىدىم " ھۇ بۇزۇق %&*$"
مۇشۇنداق زەھەرخەندە تىللىسام كەيپىياتىم ياخشىلىنىپلا قالماي يەنە خىزمەت ئۈنۈمىمنىڭ كۆتۈرىلىدىغانلىقىنى بايقىدىم. بەزىدە شىياۋ سا بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالاتتىم، ئۇ ماڭا جىمجىت قاراپ تۇراتتى، ئۆي ئاللىبۇرۇن مېنىڭ نامىمغا ئۆتۈپ بولغان، ئاپام ئەنسىرىگۈدەك ئىشمۇ قالمىدى. ئىچىمدە ئۆز-ئۆزۈمگە دەيتىم" بۇنداق بۇزۇقلارغا نەچچە يۈز خىل كېسەل چىرمىشىپ، ئەتىدىن-كەچكىچە نەس بېسىپ، كىم ئۇچرىسا شۇنىڭغا پالاكەتچىلىك ئەكىلىپ، تەلەتىنى كىم كۆرسە شۇنىڭ كۆڭلى ئېلىشىدىغان بولغاي ئىلاھىم " شىياۋ سا غا سوغۇق نەزەردە قاراپ قوياتتىم. شىياۋ سا مېنىڭ ئىنكاسىمدىن ھودۇقۇپ قالغان ئىدى، بەلكىم ھېلىقى كۈنىدىكى كۈلكەم ئۇنىڭ بەكلا ئەقلى تەسىر بەرگەن ئوخشايدۇ. شۇنچە يىل بولدى، مېنىڭ ياخشىلىقىمنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، چىرايىمنى تولا كۆرۈپ زېرىكىپ قېلىشنى، گېپىمنىڭ سېسىقلىقىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، خېلىلا مۇكەممەل قىز بولۇپ ھېساپلىنىمەن، بەزىلەر ئايرىلغاندىن كېيىن دوست بولارمىش، مەن ئۇنداق پەس ئىشنى قىلمايمەن، ئايرىلغاندىكىن پاك-پاكىز ئايرىلىش كېرەك، دوست بولۇش نەدە تۇرۇپتۇ؟~ ئايرىلغانكەنمىز، ئەمدى مېنىڭ دۈشمىنىم بولىسەن!
ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە قاپىقىمنى ئاچمايتىم، گەپمۇ قىلغۇم كەلمەيتى، ئەگەر زادى گەپ قىلىشىم كېرەك بولسا، قىلغۇدەك بىرلا ئېغىز سۆزۈم بار:
يوقال!!!!!!!