تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 2266|ئىنكاس: 13

نىمە قىلدۇق ۋەتەن ئۈچۈن؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىرىشچان ئەزا

ئەقلىڭنى تاۋلا !

UID
8802
يازما
38
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
979
تىزىملاتقان
2011-1-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-1
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-27 11:21:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە قىلدۇق ۋەتەن ئۈچۈن

باشىڭ ئىگىپ تەزىم ئەيلە، شۇكرانە ئېيت،
سېنى گۈلدەك ئەركىلەتكەن چىمەن ئۈچۈن①.
ئاسمانلاردا يۈرگەن بولساڭ تۇپراققا قايت،
ئېيتقىن دوستۇم، نىمە قىلدۇق ۋەتەن ئۈچۈن؟
كۆزى قارا، يۈرىكى ئاق شۇ ئەل ئۈچۈن،
تۇپراق ئۈچۈن، شۇ يۇرت ئۈچۈن، چىمەن ئۈچۈن،
ئۇلۇغ ئىنسان باشلاپ بەرگەن شۇ يول ئۈچۈن،
ئېيتقىن دوستۇم، نىمە قىلدۇق ۋەتەن ئۈچۈن؟
ئېلىم ئۈچۈن،
يۇرتۇم ئۈچۈن،
ياراتمىشتۇر بىزنى خۇدا ۋەتەن ئۈچۈن.
نىمە قىلدۇق
ۋەتەن ئۈچۈن؟
كېرەك بولسا، جانىم پىدا ۋەتەن ئۈچۈن.

قاچانغىچە قارنىڭنى ئويلاپ ئۆتۈۋېرىسەن②؟
قاچانغىچە كۆكتىن چەلپەك كۈتىۋېرىسەن؟
ئەھلى ۋەتەن ھەممە بىلەن تەقدىرداش سەن③،
ئېيتقىن دوستۇم، نىمە قىلدۇق ۋەتەن ئۈچۈن؟
بۇنچە بەنە قونماڭ زەرەر(زەررە)چاپانلارغا④
(بۇنچە كۆپ چاڭ قوندۇرمىغىن چاپانلارغا)⑤،
سەراتاندا گىياھ بولغىن دېھقانلارغا،
سۆيۈنگىلى تاياق بولغىن چوپانلارغا،
ئېيتقىن دوستۇم، نىمە قىلدۇق ۋەتەن ئۈچۈن؟
ئېلىم ئۈچۈن،
يۇرتۇم ئۈچۈن،
ياراتمىشتۇر بىزنى خۇدا ۋەتەن ئۈچۈن.
نىمە قىلدۇق
ۋەتەن ئۈچۈن؟
كېرەك بولسا، جانىم پىدا ۋەتەن ئۈچۈن.

ھېچكىمدىن كەم ئەمەسسەن، كەم بولمىغايسەن،
يەردە قالساڭ قۇياش بولۇپ كۈلمىگەيسەن،
قاچان بەلنى مەھكەم تارتىپ باغلىغايسەن؟!
ئېيتقىن دوستۇم، نىمە قىلدۇق ۋەتەن ئۈچۈن؟
شۇ سايلاردىن سۇلار ئۇرغىن يۈزۈڭگە سەن،
بىر رەت نەزەر سالغىن باسقىن ئىزىڭغا سەن،
شۇ سۇئالنى بېرىپ كۆرگىن ئۆزۈڭگە سەن.
ئېيتقىن دوستۇم، نىمە قىلدۇق ۋەتەن ئۈچۈن؟
ئېيتقىن دوستۇم، نىمە قىلدۇق ۋەتەن ئۈچۈن؟

ئېلىم ئۈچۈن،
خەلقىم ئۈچۈن،
ياراتمىشتۇر بىزنى خۇدا ۋەتەن ئۈچۈن!
نىمە قىلدۇق
ۋەتەن ئۈچۈن؟
كېرەك بولسا، جانىم پىدا ۋەتەن ئۈچۈن!

ئىزاھ:
①،②،③،④⑤ ئورۇنلاردىكى بەزى سۆزلەرنى تازا ئېنىق بىلەلمىدىم، بەزىلىرىنى يېقىن مەنىسى بويىچىلا ئالدىم. بىلىدىغانلار بولسا تۈزۈتۈپ بەرسەڭلار.


ئىگىسىز رېئاللىق

جاھاندىن بەك يىراق گۆھەر ماكاندا،
بەخت ۋە تەشۋىشتىن خالىي بىر ھايات.
بىغەملىك بىرمۇبىر قىرقىپ تەن، روھنى،
يېقىنلاپ كەلمەكتە سۈرى يوق مامات.

ئىگىسىز رېئاللىق قانسىرار ئۈنسىز،
ياتلاشقان روھلاردا قاغجىراش ئېگىز.
مەنىسىز مەۋجۇتلۇق قاقاھلاپ كۈلەر،
پەرىشتە، خىزىرلار يوقلىماس ھەرگىز.

مۇز قاتقان كۆزلەردە بۇلدۇقلايدۇ ياش،
مېھىرسىز ھەر نىگاھ لاغىلدار تەبىئىي.
قۇياشمۇ تاپالماي قالدىمىكىن، تاڭ
شەپقەتسىز سوغۇقلار بولار ئەسەبىي.

                                                 __ خاتىرەمدىن
...
نادان ئىنساننى
يۆلەپ قويساڭ تاغدەك خامانغا
يەيدىغان يوق قالار ئاچ قورساق.
ئاپىرىپ قويساڭ دەريا بويىغا،
سۇ ئالالماي ئۆتىدۇ چاڭقاق.
دەريا بويىدا قېلىپ نائىلاج،
ئاققان سۇلارغا قارايدۇ ناچار.
نادانلىقىدىن،
ئۆز ئۆيىگە ئىجارە تۆلەپ،
ئۆز ئېتىزىدا بولار مەدىكار.
تەر تۆكۈشنىلا بىلىدۇ پەقەت،
بىلمەس باشقىنى.
ئۆزىنىڭ ئانا شەھەرلىرىدە،
ئاچ ئەرۋاھتەك چىقىپ گۆرىدىن،
بولۇپ دىۋانە،
كوچا-كويلاردا،
ئالتۇننى دەسسەپ يۈرۈپ تىلەيدۇ.
يالماۋۇزدەك يالمايدۇ شۇنداق،
ھەممە-ھەممىنى،
ئەلنى قاپلاپ كەتكەن نادانلىق.
ھەممە نەرسە كېتەر ئىلكىدىن،
قالىدۇ پەقەت نامى ئىنسانلىق.

                                           __ قۇربان باراتنىڭ "مەشئەل كۆتۈرگەن ئۇلۇغ بوۋىلار"دىن پارچە.

يىغلىغۇم كېلىۋاتىدۇ
بىر تال يۈرەك كۆيىۋاتىدۇ،
زەينەپ نەدە؟
                   كىمنى سۆيۈۋاتىدۇ...
دەردىنى سېتىۋەتكەنلەر كۈلىۋاتىدۇ،
ۋىجدان ساتقانلار ئۆلىۋاتىدۇ،
جاھان شۇ قەدەر بىغەم
ئۇيقۇسىراپ ئۆتىۋاتىدۇ.

قوش لوكىلىق تۆگىلەر،
بىر ئېشەكنىڭ كەينىدىن كېلەر.
ئۆتۈپ كەتتى يەنە بىر ئەسىر،
بۇ قىسمەتنى يەنە كىم بىلەر...

                                            __ ئىبراھىم نىيازنىڭ "ئاينىڭ  نۇرى كۆيمەكتە"دىن پارچە.


ئاڭلانماقتا قىشنىڭ ناخشىسى ،
ئاڭلىماسقا سالغۇم بار، بىراق،
پەسىللەرنىڭ ئازابخانىسى،
بولمىغاچقا ئۆيۈمدىن يىراق.
شىلدىرلىغان قاننىڭ ئۈنىدە،
ماڭا ئېيتىپ بەرمەكتە قوشاق.

قوشاقلارنىڭ ئىچىدە مېڭىپ،
بولۇۋالدىم ساختا ئۈمىدۋار.
يېڭى يىلنى تەبرىكلەش ئۈچۈن،
تەييارلىدىم بىر نەچچە شۇئار.
ئەمما قات-قات كىيىم ئىچىدە،
ئۆلۈم ھىدى گۈپۈلدەپ تۇرار.

ئاڭلانماقتا قىشنىڭ ناخشىسى،
بەكلا سوغوق بەكلا پەرىشان.
ئاڭلا مەپتۇن بولغان مەلىكەم،
غەمكىنلىكتىن توزدەك ياسانغان،
دەردتىن پۈتكەن كىيىمى بىلەن،
قوزغار مەندە چەكسىز ھاياجان.

ئۇ بىلمەيدۇ تانساخانىنى ،
بىلمەس ھەتتا ئويناشنى ئۇسۇل.
ئەمما نامرات  ئۆينىڭ ئىچىدە،
غەمكىنلىكتىن ئالغاندەك ھۇسۇل،
پەسىللەرگە بەرمەكتە جاۋاپ.
ئامرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى،
مۇخبىرلارنى قىلغاندەك قۇبۇل.

بىر ۋەھىمە ئېلىپ كەلمەكتە،
قىش ناخشىسى قەبرىستان ئارا،
كۈز پەسلىنىڭ كەينىدە تۇرمۇش،
تارتىپ بىزنى باغرىغا ئاستا،
تۇتۇپ قارا قوللىرى بىلەن،
غاجىماقتا ئاپئاق ئاغزىدا...

                                         __ قەيسەر تۇرسۇن، "ئاڭلانماقتا قىشنىڭ ناخشىسى".


قىرلىق تاش كەسمىلەپ تاپانلىرىمنى،
قىلماقچى بولسىمۇ ھاياتتىن بىزار.
پەپىلەپ ئاسرايمەن تىكەنلىرىڭنى،
بولغاندەك ئازابقا شۇنچە ئىنتىزار.

ئۇچۇشنى ئويلايمەن قۇشقاچلار بىلەن،
قىلمايمەن ۋە لېكىن قالغاچقا ھەۋەس.
نەپ ئۈچۈن كەچمەيمەن ئانا يۇرت سەندىن،
ئەقلىمدىن ئادىشىپ بولساممۇ ئەلەس.

غورۇرۇم كۈچ ئالار يۇلغۇنلىرىڭدىن،
سەجدە قىپ ئەقىدەم توغراقلىرىڭغا.
تانمايمەن تىل سېلىپ سېنىڭدىن يۇرتۇم،
مەلھەم بوپ ياشايمەن ئازابلىرىڭغا.

كۈلىمەن سەن كۈلسەڭ، كۈلىمەن يۇرتۇم،
بىلىنمەس قوينۇڭدا ئازاب ھېچنېمە.
سەن ئۈچۈن ياشايمەن، رازى سەن ئۈچۈن
جېنىمدىن ئايرىلىپ كەتسەممۇ يەنە.

                                                          __ ئەخمەتجان ئوسمان، "ئانا يۇرت".

ۋەتەن دەپ توۋلىدىڭ، ئىمانىڭ قېنى؟
قەلەملەر  تەۋرەتتىڭ ۋىجدانىڭ قېنى؟
تاڭلارنىڭ ئىشقىدا گۈلخانمەن، دېدىڭ،
كۆڭلۈڭ ئاسمىنىدا چولپانىڭ قېنى؟
قەلەمنى مەشئەل قىپ مۇدۇرۇپ ئۆتتۈڭ،
ئۆپكەڭمۇ يوغىناپ، يۆتىلىپ ئۆتتۈڭ.

ۋەتەنگە ئىخلاستا باڭساڭ ئېڭىشىپ،
قەۋمىڭنىڭ يىلتىزى ياتار چىرمىشىپ،
چاقنايدۇ مازاردا فوسفور يالقۇنى،
كۆكتىكى يۇلتۇزلار بىلەن سىردىشىپ.
بۇ يەردە بۇغدا ھەم ئوغۇز ياتىدۇ،
قوقاسقا ئايلانغان يۇلتۇز ياتىدۇ.

سەپ تۈزۈپ ھەر رەڭدە پەسىللەر ئۆتتى،
"ۋەتەن" دەپ باھادىر نەسىللەر ئۆتتى.
ئەۋلادقا پەقەتلا ۋەتەن قالىدۇ،
باشلاردىن نى ئەقىل، نەقىللەر ئۆتتى.
ۋەتەن چۆچەك ئەمەس، سەجدىگاھىڭدۇر،
ۋەيا ئەرمەك ئەمەس، باشپانىھىڭدۇر.

"ۋەتەن-جانان " دېدىڭ، جانان تېپىلار،
ۋەتنىنىڭ بولسىلا ھامان تېپىلار،
غۇربەتتە تېنىگەن ساياقلارغىمۇ،
شاھانە قەسىر ھەم ئايۋان تېپىلار.
بەزىدە ۋەتەنسىز سۇلتان بولىدۇ،
ئۆزىنىڭ گۆشىگە ئوتۇن بولىدۇ.

ۋەتەن ئەسقاتىدۇ ئۆلگەنلەرگىمۇ،
نەپىسنىڭ ئوتىدا كۆيگەنلەرگىمۇ،
ھەتتا ئوسىمىسىنى سېتىپ خوتۇنىنىڭ،
بىر ئۆمۈر تاماشا كۆرگەنلەرگىمۇ.
لېكىن ھاقارەتتە قالدى قەبرىسى،
تالاي ئاھانەتتە قالدى نەۋرىسى.

ۋەتەن ئىمان بىلەن بىر تەن ئەمەسمۇ؟
ۋەتەن ئىمانسىزغا ماتەم ئەمەسمۇ؟

                                                   __ ئابدۇقادىر جالالىدىن، "ۋەتەن ۋە ئىمان".

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

تىرىشچان ئەزا

ئەقلىڭنى تاۋلا !

UID
8802
يازما
38
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
979
تىزىملاتقان
2011-1-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-1
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-27 11:41:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

UID
2405
يازما
145
تېما
14
نادىر
0
جۇغلانما
4959
تىزىملاتقان
2010-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-28
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-27 14:51:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىگەن ئىسىل يازمىلار بۇ!...ئەمما مېنىڭ يازمىلىرىمغا ئىنكاس يىزىش چەكلەنگەندەك ھىس قىلدىم .مۇنبەر باشقۇرغۇچىللىرىنىڭ ئارسىدا مەن بىلەن قىرشىۋاتقان بىرسى بار،شۇڭا مىنىڭ تىمىلىرىم بەك كىچىكىپ تەستىقلىنىدۇ ياكى تەستىقلەنمەيدۇ .تەستىقلانغانلىرىغا ئىنكاس يىزىش چەكلەنگەن ...      

مۇشۇنداق ئىسىل يازمىلىرىڭلار ئۇزۇلمىسۇن !....

UID
8557
يازما
16
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
160
تىزىملاتقان
2011-1-13
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-27 15:11:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياراتمىشتۇر بىزنى خۇدا ۋەتەن ئۈچۈن.

جۆيلۇپتۇ،مۇشۇ يىرىنى دىمىگەندە باشقا يىرى ياخشى يىزىلغان ئىكەن.

UID
8750
يازما
58
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1379
تىزىملاتقان
2011-1-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-9
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-27 15:26:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈزتۈپ قويۇشقا تېگىشلىك بىر   سۆز بار ئىكەن.
قاچانغىچە قارنى ئويلاپ ئۆتۈۋېرىسەن ئەمەس،
قاچانغىچە قارنىڭ( قوسقىڭ) ئويلاپ ئۆتۈۋېرىسەن دەپ ئالسىڭىز توغرا بولىدۇ.

UID
6284
يازما
263
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
7665
تىزىملاتقان
2010-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-9
توردا
75 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-27 16:50:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىسى ياخشى شىېرلار ئىكەن.
ھەممىمىز ئويلاشقا تىگىشلىك تىما، نىمە قىلدىم ۋەتەن ئۈچۈن؟
ناخشىنى يۇلتۇز ئوسمانىۋا ئىيتىپتۇ،   تەسىرلىك.
تىما ئىگىسىگە تەشەككۈر،  ئەھمىيەتلىك تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي!

سەمىمىيلىك ئەڭ ئېسىل ئەخلاق

UID
8514
يازما
133
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
1270
تىزىملاتقان
2011-1-11
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-27 17:52:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەرەپنىڭ قىلىۋاتقانلىرىمۇ ۋەتەن ئۈچۈن بولسا كىرەك  
http://www.torimiz.com/yengiliqlar/article.asp?mid=193

كۆيۈمچان ئەزا

ئەلچى گۈلچىلىكى

UID
2515
يازما
39
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
1540
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-5
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-27 18:15:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىمدۇر بىرىنىڭ ۋەتەن دېگەن ئاددىي چىگرا - پاسىللار ئەمەس ، ۋەتەن دېگەن قەلبتە بۇلىدۇ دېگەن بىر سۆزى پەقەتلا ئىسمدىن چىقمايدۇ

ئەلچى گۈلچىلىكى gulqi.biz

UID
3667
يازما
150
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4740
تىزىملاتقان
2010-7-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-22
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-27 20:44:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[quote]بۇ 3قەۋەتتىكىmihri يوللىغان 2011-01-27 15:11 غا قارتىلغان  :
ياراتمىشتۇر بىزنى خۇدا ۋەتەن ئۈچۈن.

جۆيلۇپتۇ،مۇشۇ يىرىنى دىمىگەندە باشقا يىرى ياخشى يىزىلغان ئىكەن. [u
-------------------------------
نىمە ئۈچۈن ياراتتى دىسەك توغرا بۇلار ؟ ھايۋاننى قورساق ئۈچۈن دىسەك بۇلار ، ئادەمنىچۇ؟ ، ھە راس ، ئىبادەت ئۈچۈن دىمەكچىمۇ سىز؟

UID
6284
يازما
263
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
7665
تىزىملاتقان
2010-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-9
توردا
75 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-27 23:04:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 6قەۋەتتىكىaltilmachup يوللىغان 2011-01-27 17:52 غا قارتىلغان  :
بۇ ئەرەپنىڭ قىلىۋاتقانلىرىمۇ ۋەتەن ئۈچۈن بولسا كىرەك  
http://www.torimiz.com/yengiliqlar/article.asp?mid=193
altilmachupبىر ئوبدان تىمىغا تىتىقسىز ئىنكاسنى قىستۇرۇپ قويغىنىڭىز ياخشى بولماپتۇ، ھەر قانداق مىللەتنىڭ  بىر قىسىم ناچار ئادەملىرى بولىدۇ لېكىن، ئۇلار كۆپ ساندىكى پەزىلەتلىك، ئەدەب-ئەخلاقلىق ۋە بىلىملىك كىشىلەرگە ۋەكىللىك قىلاممايدۇ.

سەمىمىيلىك ئەڭ ئېسىل ئەخلاق
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش