تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 12595|ئىنكاس: 29

تەتىل كۈنلىرىمدىن كۆرۈنۈشلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

تەپەككۇر قىرغاق

UID
8598
يازما
126
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
4418
تىزىملاتقان
2011-1-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 09:18:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تەتىل كۈنلىرىمدىن كۆرۈنۈشلەر




(يولدا)




ئەسسالامۇئەلەيكۇم ،ئەلكۈيىدە تورداشلار بىلەن تەتىل كۈنلىرىم ھەققىدە پاراڭلىشىۋاتقىنىمغا خېلى بوپتۇ،مانا بۈگۈن 4-قېتىملىق تەتىل كۈنلىرىمنى ئورتاقلاشماقچىمەن.


ئەڭ ئاخىرقې ئىمتىھان ھەر قېتىم كۆڭۈلدىكىدەك ئاياغلاشمايدۇ،ئاخىرقى ئىمتىھانغا بىر نەچچە كۈن قالغان كۈنلەر،نەرسە-كېرەكلەرنى يۇغۇشتۇرۇش،ئۆيدىكىلەرگە سوۋغات ئېلىش دېگەندەك ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئۆتىدۇ،باشقا ئىمتىھانلاردائىم قوڭغۇراق چىلىنمىغۇچە قوپماي ئولتۇردىغان ئادەم بۇ ئىمتىھاندا يېرىم سائەت بولار بولماي «چىقىپ كەتسەك بولامدۇ؟» دەپ كومسىيەلەرنى خاپا قىلىمىز. پويىز يەنە ئۈچ سائەتتىن كېيىن ماڭىدۇ،شۇ ئۈچ سائەت يەتمەيدىغاندەك تاس قالىمىز،ئاخىرقى ئىمتىھانغا چامىدانلارنى سۆرەپلا كىرگىلى.


شۇنداق قېلىپ مەنمۇ قاتاردىن قالماي،ئۆيگە كېتىشنىلا ئويلاپ ،ئارقامدىن يېتىپ كېلىدىغان نەتىجە قەغىزىم خىيالىمغا كەلمەي،چالا-پۇچۇق يېزىپلا ئاقساغىنە چىقىپ كىتىپتىمەن.


پويىزدا باشقا بالىلار  يول بويى ۋاراڭ-چۇرۇڭ ،ۋاقى-جاقى قېلىپ ماڭىدۇ، مەن بولسام ئورنۇمنى ئالماشتۇرۇپ بۇلۇڭدىكى بىر ئورۇنغا تىقىلىۋىلىپ ئۇخلاپتىمەن،بىر چاغلاردا توڭلاپ-تىترەپ ئويغىنىپ كەتتىم،قارىسام پويىزنىڭ ئەينەكلىرىنىمۇ بىر قەۋەت مۇز قاپلاپ كېتىپتۇ.تېخې نەچچە سائەت ئىلگىرىلا ئىسسىق دەستىدىن چاپانلارنى سىلىۋىتىشكەنلەرنىڭ ھەممىسى چىڭ يۆگىنىپ دىرىلدەپ تىترەپ كېتىپتۇ.


مەنمۇ شۇنداق توڭلاپ،سوغۇق دەستىدىن جالاقلاپ تىترەپ كەتتىم.


«ۋاي،ئوقۇش نېمىدىگەن جاپا، يول ئازابىچۇ تېخى،ئوقۇمىساممۇ بوپتىكەن» دەپ كەتتىم،ئۆمرۈمدە بۇنداق توڭلاپ باقمىغان بولغىيتىم،يەنە كېلىپ شۇنداق تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ئادەم سوغۇق دەستىدىن ئويغىنىپ كەتتىم دېسە،كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياش چىقىپ كەتتى،:«خەپ،كېينكى قېتىم كارىۋاتلىق بىلەت ئالمىسام » دەپ مۇشتۇمۇمنى چىڭ تۈگدۈم.


تۇرۇپلا دادامنىڭ :«مەن تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندە،ناھىيەلىك مەكتەپكە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۈچۈن ئاپتوبۇسقا پۇل يوق پىيادە ئىككى كۈن مېڭىپ بارغان»دېگەن گېپى ئېسىمگە كەپ قالدى، ئۆزۈمنىڭ بايىقى ئويلىرىمدىن خېجىل بولدۇم،ئەينى ۋاقىتتا داداش-ئاپاشلار ئوقۇش پۇرسىتى شۇنچە تەستە كەلگەن بولغاچ بەك قەدىرلەپ بارلىق جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ ئوقۇپتىكەن،بىزلەر ئايدا خەجلەيدىغان پۇل نۇرغۇن كىشلەرنىڭ بىر ئايلىق مائاشى،يەنە نېمىگە زارلايمەن؟ئۆز-ئۆزۈم بىلەن ئەنە شۇنداق مونولوگ قىلىپ ۋە ئۇنى بۇنى ئويلاپ ئولتۇرۇپ توڭلاۋاتقىنىممۇ يادىمدىن چىقىپ قاپتۇ،ئەتىسى سائەت ئون بىردە ئۈرۈمچىگە چۈشتۇق،مۇشۇ ئۈرۈمچىنىڭ سوغۇقىنى ۋە شۇ سوغۇقتا خەلقئارا چوڭ بازارنى تاپالماي ئېزىپ قېلىپ چۆرگىلەپ يۈرگەنلىرىمنى ئويلىسامغۇ قەتئى كەلگىم يوق ئىدى،نە ئىلاج،كىم بۇ جاينى ھەر سەپەرنىڭ تۈگىنى بوپ قالسۇن دەپتۇ،يەنە كەلدىم.


ھەدەم:«تېخى ئايىغىڭلار يارىشىپ قالدىمۇ قانداق،بۈگۈن ئانچە سوغۇق ئەمەس» دېدى.ھەدەمنىڭ مەكتىپىگە كىتىۋاتقۇچە قارىسام چاي ئىچىدىغان بوتۇلكامدىكى قايناق سۇ مۇزلاپ قاپتۇ،ھەدەمگە چاقچاق قىلىپ:«ۋوي،قارىغىنە ماۋۇ سۇ مۇزلاپ قاپتۇ،مۇشۇنداق بىكارلىق ھەم تىزلا مۇزلاپ بەرسە،مۇشۇنداق توڭلىغان مۇزدىلا مەكتەپتە بىر دوغ سېتىش دۇككىنى ئېچىۋالساڭلار بولامدۇ نېمە؟» دېدىم.


ھەدەم خاپا بولغاندەك:«ئۇكام،كاللاڭ ساقتۇ،ئادەم ئۆزى مۇزلاپ چوكا مۇزغا ئايلىنىپ قېلىۋاتسا،بۇ سوغۇقتا دوغنى كىم ئىچىدۇ ؟»دېدى.


بۇ بىمەنە گەپنى ئويلىماي قىلىپ سالغىنىمدىن نۇمۇس قىلىپ كەتتىم.


بۇ قېتىممۇ ئۆتكەنكىدەك ئېزىپ قېلىش پاجىئەسى يۈز بەرمىسۇن دەپ،ھەدەمنىڭ ياتىقىدىن ھىچيەرگە چىقماي بىر كۈننى ئۆتكۈزدۈم،ئۇلارنىڭ ئىمتىھانلىرى تېخى تۈگىمىگەنىكەن،قىززىق ئىش ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت ئىكەن،بۇلارنىڭ ياتىقىدىكىلەرمۇ ھەم بۇرۇن ئۆگىنىپ ماڭماي،ئەتە ئىمتىھان دېگەن كۈنى كېچىچە ئۇخلىماي ئۆگىنىش قىلىدىكەن،ئالى مەكتەپكە كەلگىنىگە ئەمدى بىر يىل بولغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان ئالدىدىكى ھالىتى ئوپمۇئوخشاشكەن دېسە!


ئەگەر تۇيۇقسىزلا،ئۇقتۇرۇش قىلىنمايلا ئىمتىھان ئىلىنغان بولسا قانچىلىك نۇمۇر ئالار بولغىيتۇق؟ دەپ ئويلاپ باقتىم.


بىزنىڭ ياتاقتىكى ۋە بۇ ياتاقتىكى ئەھۋاللارنى سېلىشتۇرۇپ باقتىم.


بىز كەچلىك مۇزاكىردىن چۈشۈپ ياتاققا قايتقاندا سائەت 9:30 بولىدۇ،سائەت بەشتە تاماق يېگەن بۇ قورساقلار بۇ چاغدا يەنە ئاچىدۇ،ئۇنى بۇنى يەپ،ئانچە-مۇنچە ئەتىكى دەرسنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ ،ئەمدى كومپىيوتىر ئالدىغا كېلىپ بولغۇچە سائەت 11 بولىدۇ،توك ئۆچىدۇ،ئامالسىز ئۇخلاشقا مەجبۇر بولىمىز،بۇ ياتاقتا توك كېچىچە ئۆچمەيدىكەن،ئۇلار ئىزىلەڭگۈلىك بىلەن تايىنى يوق ئىشلارنى قېلىپ ،ئاندىن بىر كىچېلەرگىچە تورغا چىقىدىكەن.


ئۇلارنىڭ ياتاق شارائىتى بىزنىڭكىدىن ياخشىكەن،بىزنىڭكىدە ئىككى ئادەمگە بۆلۈپ بېرىلگەن كىتاپ جاھازىسى ئۇلارنىڭ ياتىقىدا بىر ئادەمنىڭ ئىكەن،ھەممىسىنىڭ كىتاپ جاھازىسىغا كۆز يۈگۈرتتۈم،دەرستىن سىرتقى كىتاپلار ئاساسەن بەك ئاز،ياكى بولغان تەقدىردىمۇ ھەممىسى ھازىر بەس-بەستە چىقىۋاتقان مۇھەببەت رومانلىرى ئىكەن.


بۇ رومانلاردىن قانچىلىك مەنىۋى ئوزۇق ئالار بۇ ئاچاشلىرىم دەپ ئويلاپ قالدىم.


پەلسەپە،مەدەنىيەت،ئۆزلۈك،كىملىك،قانداق ياشاش ھەققىدە بىلگى بېرىدىغان كىتابلاردىن بىرسىمۇ يوق،بىزلەر جېنىمىزدا دىيارىمىزدىكى ساۋاقداشلىرىمىزغا ھاۋالە قىلىپ يۈرۈپ، ئۇزاق مۇساپىلەرنى باسقۇزۇپ ئەكەلدۈرۈپ ئوقۇيمىز،ئۇلاردا يەتكۈچە شارائىت تۇرۇپ يەنە نېمىشقا قەدىرلىمەيدىغاندۇ،ئەتە-ئۆگۈن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قانداق يەرلەردە قانداق خىزمەت قىلار بۇ ئاچاشلىرىم دەپ ئۆكۈنۈپ كەتتىم.


يۇرتقا قاراپ يولغا چىقىدىغان كۈنى،قوشنىمىزنىڭ قىزى «ئۆيدىكىلەرگە ئالغاچ كېتىدىغان نەرسە بارئىدى،كۆرۈشسەك » دېدى.


كۆرۈشۈپ بىر تاماقخانىغا باشلاپ كىردى،تاماقنى شۇنداق قىينىلىپ تۇرۇپ يىدىم،ئۇمۇ ئۆز ھەدەمدەك بولغاندىكىن دەپ يۈز ئاياپ ئولتۇرمايلا:« ھەدە،بۇ يەردە ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى شۇنچە جىق تۇرسا يەنە نېمىشقا خۇيزۇلارنىڭ ئاشخانىسىغا كىردۇق،ئامال بولمىسىكەن،ئۇيغۇرلارنىڭكى تېپىلمىسىغۇ كىرسەك،بار تۇرسىمۇ نېمىشقا يەنە بۇ يەرنى تاللايمىز» دېدىم،ھەدەم ۋە ئۇ ئاچاش ئىككىلىسى تۇرۇپ قالدى ۋە تەڭلا:«ۋىيى،توۋا،راسىت نېمىشقا شۇنداق قىلمىدۇق،بۇلارنىڭ تامىقىمۇ ۋاي دېگۈدەك ئەمەس بولمىسا،مۇسۇلمانچە بولغاندىكىن دەپلا ئايرىماي كىرىۋىرىپ كۆنۈپ قاپتۇق» دېدى.


ئۇ ئىككىسىگە ئۆزۈمنىڭ پويىزدا  ئۇ يەردىن ئىشەنچلىك مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ۋە تەييار چۆپلەرنى تاپالمىغانلىقىم ئۈچۈن مەكتەپ ئاشخانىسىدىن ئالغان ئىككى تال قۇيماقنى يەپ كەلگەنلىكىمنى،مۇسۇلمانچە دەپلا قويسا شۇ قەدەر بىپەرۋا بولۇپ كەتمەسلىكىمىز كىرەكلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇرزادە ئاكام ئىيتقاندەك ئۇيغۇرنى سۆيۈشنىڭ بىر كونكىرت ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردۈم.


شۇنداق قىلىپ شىنجاڭغا دەسسىگەن كۈن چوقۇم«ماۋۇ تاماقنى يەيمەن،ئاۋۇنى يەيمەن» دەپ بەس-بەستە بالىلار بىلەن تالاشقان ئادەم ،ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا كىرىپ تاماق يىيەلمەي قايتىپ كەلدىم.


ھەدەم مېنىڭ ئۈرۈمچىگە كەلگۈچە چەككەن جاپالىرىمنى بىلىۋالغاندەك كارىۋاتلىق ئورۇندىن بىلەت ئىلىپ قويۇپتۇ،ئۆزىنىڭ بولسا قاتتىق ئورۇندۇقلۇق بىلەت ئىكەن،كۆزلىرىمگە ياش كەلدى،ھەدەمگە« ئۇ ئورۇنغا سەن بار دەپ شۇنچە دېسەممۇ ئۇنىمىدى»شۇنداق قىلىپ ئۆيگە تۇنجې قېتىم يېتىپ كېتىدىغان بولدۇم.


بۇ «ئالاھىدە مىھمانلار»  رايونىدا كۆرمىگەننى كۆردۈم،ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم.


توۋا،ئاستى،ئۈستى كارىۋاتلاردا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى تۇرسا ھايا قىلماي،قىلىقسىزلىق قىلىدىغان بىر جۈپ ئۇيغۇرۇمنىڭ نەسەبىدىن بولغىنىم ئۈچۈن مەن نۇمۇس قىلدىم،ئاتا ئانىسىمۇ قىزىنىڭ «شوخلۇق»لىرىنى بىلىدىغان بولسا كىرەك،پويىز بىر نەچچە سائەت كېچىكىۋىدى ،قىزىنىڭ «تېخى يېتىپ كەلمىدۇق» دېگەنلىرىگە ئىشەنمەي،پويىز خادىمىغا تىلىفۇننى ئالغۇزۇپ ئېنىقلىدى.


ئەجەپ غەيۋەت قىلىپ كەتتىم،ئاللاھ كەچۈرسۈن.شۇنداق قىلىپ ئۆيۈمگە ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى بىلەن ساق-سالامەت يېتىپ كىلىۋالدىم.


  


(بوۋاق بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر)




ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن مەن ئەڭ خۇشال بولغان ئىش،ھەدەمنىڭ تۇغۇلغىنىغا ئەمدى 40 كۈن بولغان ئوماق بالىسىنى كۆرۈش بولدى،بۇنداق كىچىك بوۋاقلارنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بوپتىكەن،كۆزۈمگە ئاجايىپلا كۆرۈنۈپ كەتتى،ئۇخلاۋاتسىمۇ ئالدىغا كىلىپ ئېڭىشىپ تۇرۇپ ئۇزاق-ئۇزاق تىكىلىپ قارايتىم،يۇمران قوللىرىنى بارماقلىرىم ئارىسىغا ئېلىپ ئوينايتىم،كىچىك بالىغا شۇنچە ئامراق ئىدىميۇ،تەرەت قىلىپ قويسا ئاچچىغىم كىلەتتى،تەرەت قىلغۇسى كەلسە شەپە بەرسە بولمامدىغاندۇ دەپ جىلە بولاتتىم،بۇ ئاداشمۇ قېرىشقاندەك مەن ھەر قولۇمغا ئېلىشىمغا ئىسسىققىدە تەرەت قىلىپ قوياتتى،ئاچچىغىم كىلىپ بالىنى قانداق تىز ئالغان بولسام شۇنداق تىز قويۇپ قوياتتىم،ھەر قېتىم مۇشۇ «پاجىئە» يۈز بەرگەندە مۇنبەردىكى مىھرىنازنىڭ «پوقچى» ئۇكىسىنى قىلچە ۋايسىماي بېقىۋاتقىنىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ ،كېيىنكى قېتىم ئاچچىقلىمايمەن دەيمەنيۇ،يانا سۆزۈمدە تۇرالمايمەن.


بىر كۈنى ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىر يەرگە بارىدىغان بولۇپ قېلىپ،سوغۇقتا بوۋاقنى ئېلىپ چىقمايلى دەپ ماڭا تاشلاپ بېرىپ چىقىپ كىتىشتى.


بىردەم ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ساياھەت قىلدۇردۇم،بىر چاغدا ئىچى پۇشتىمۇ بىلمىدىم،شۇنداق يىغلاپ كەتتى،قارىسامغۇ كۆزلىرى قىزىرىپ،يۇمۇلۇپ كىتىپتۇ،چالا-پۇچۇق بىلىدىغان ئەللەي  ناخشلىرىمنى ئىيتىپ كۆتۈرۈپ يۈرسەممۇ ئۇخلىمىدى،ياتقۇزسام تېخى ئۇخلىمىدى،كىچىك بالا دېگەنمۇ تازا بىر جاھىل بولىدىكەن،ئۇيقۇسى كەلگەندىكىن،بىركىم تەييار ئۇخلىتاي دېگەندىكىن موككىدە يېتىپ ئۇخلىسا بولىدۇ،ئۇيقۇسى كەلگەن ئادەم ۋارقىراپ يىغلاپ كىچىككىنە ھۇجۇدىدىكى ئىنىرگىيەلىرىنى خورىتىپ يۈرگىچە .توساتتىن بۆشۈك ئىسىمگە كەلدى.


بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۇ يەر بۇ يەرلەرنى يۆگەپ تېڭىپ ،يىغىلىرىغا قۇلاق سالماي،تەۋرىتىۋەرسەم ئاخېرى ئۇخلاپ قالدى.


ئۇنىڭ ئۇخلاپ ياتقان ھالىتى ۋە ھەرخىل زەرلىك سىرلاردا سىرلانغان گۈزەل بۆشۈكىگە قاراپ،مۇنبەردىكى ئاشكارنىڭ «ئۇيغۇر بالىلىرىغا قاراڭ» دېگەن رەسىملىك تېمىسىدىكى،قۇرۇپ قاقشال بولغان،ئاپتاپ چۈشكەن بىر ھويلىدا ئىنتايىن ئاددى،ۋە قوپال بىر بۆشۈككە بۆلەنگەن بوۋاق ۋە ئۇنىڭ بېشىدا چۆرگىلەپ يۈرگەن خوراز تارتىلغان بىر سۈرەت ئېسىمگە كەلدى،مېنىڭ جىيەنىم شاھ ئوردىسىدەك گۈزەل ئۆيدە نەپىس جابدۇلغان بۆشۈكىدە ياتىدۇ،يېزىلاردا ئەنە شۇنداق بايىقىدەك كۆرۈنۈش....بوغۇزۇمغا ئاچچىق بىر نەرسە كەپلەشتى.


ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن ئېسىل نەرسىلەر كۆزۈمگە سەت كۆرۈنىدىغان ئاجايىپ خۇيۇم بولغاچ،ئۆينى تارلاشتۇرۇپ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بۇ ھەشەمەتلىك بۆشۈك كۆزۈمگە پەقەت سىغمايتى،ئەمدى بۇ يىغلاڭغۇ ئۇكامنى ئۇخلىتىپ بەرگىنى ئۈچۈن كۆزۈمگە شۇنداق ئىسسىق كۆرۈنۈپ كەتتى.بىر چاغلاردا ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان،توختاش بەكرى ئاكىمىزنىڭ «بۆشۈك» دېگەن ھېكايىسى ئېسىمگە كەلدى،


ھىكايىدە ھامىلدار ئايال،بۆشۈك ساتقۇچى بوۋاينى ھاقارەتلەپ،«بۆشۈكتە سىلكىنىپ كەتكەچ بىزلەر شۇڭا مۇشۇ كۈنگە قالغان،بۆشۈكۈڭنى ئالمايمىز ئاكا،بۆشۈككە بۆلۈش مودىدىن قالدى» دەپ  بوۋاينىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا ،چۈشەندۈرۈشلىرىگە قارىماي بۆشۈكنى ئالماي كېتىدۇ،نەتىجىدە قورسىقى شۇنداق يوغىناپ كېتىدۇ،بالا ئون نەچچە ئايدىن ئېشىپ كەتسىمۇ تۇغۇلمايدۇ،تەكشۈرگەندە قورساقتىكى بوۋاق،دوختۇر ئايالغا،ئاپىسىنىڭ بۆشۈك ئالمىغانلىقى ئۈچۈن تۇغۇلۇشنى خالىماي،قورساقتا چوڭ بولىۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ،ئەر-ئايال ئىككىسى ھەيران ۋە پۇشايمان ئىلكىدە قان-قان يىغلايدۇ.


بۇ ھىكايىنى ئوقىغىنىمدا تېخى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيتۇم،شۇنداقتىمۇ ماڭا بەك تەسىر قىلغاچقا:«ئىنشائاللاھ كەلگۈسىدە ئاللاھ ماڭىمۇ پەرزەنت ئاتا قىلسا،چوقۇم بۆشۈككە بۆلەيمەن» دېگەن ئىدىم،جىيەنىمنىڭ تاتلىق ئۇخلاپ ياتقان ھالىتىگە قاراپ «بۇ نەرسە ھەقىقەتەن ياخشى نەرسە ئىكەن،مۇشۇنداق تېڭىلغاچقا قول –پۇتلىرىمىز مايماق –سۇيماق بولماي چوڭ بوپتۇق،چەتئەلگە چىكەتكەنلەر ئارىسىدا ۋاقتى-سائىتى كېلىپ شۇ يەردە پەرزەنتلىك بولىۋاتقانلار بۆشۈكنى قانداق قىلىدىغاندۇ؟ئۇ يەرلەردە نەدىمۇ بۆشۈك بولسۇن » دەپ ئۆزۈمچە غەمگە پېتىپ ئولتۇرۇپ كەتتتىم،بوۋاق ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىنكى بۇ كۆڭۈل ئازادىلىكىم ئۇزۇن داۋاملاشمىدى،بىر چاغدا ئۇ مىتتاڭشىپ يىغلاپ كەتتى،يوتقىنىنى قايرىپ قارىسام بىر پۇتى ھاۋادا پۇلاڭشىپ ھەركەتلىنىۋاتمامدۇ.


ۋاي كاساپەتنىڭ يامانلىقىنى قارا،بىر پۇتىنى چىقىرىۋاپتۇ،ھېلىمۇ ياخشى بالدۇر بايقاپتىمەن،بايقىماي بۆشۈكنى تەۋرىتىۋەرگەن بولسام بۆسۈكتىن ئۇچۇپ چۈشسە قانداق قىلار بولغىيتىم دەپ قورقۇپ كەتتىم،قايتىدىن چىڭراق قېلىپ تاڭدىم.


ئۇ يىغلاپ يىغلاپ يەنە ئۇخلاپ قالدى،بىر چاغدا كۆزۈم پەستە تۇرغان،ئۈستىگە «تاتلىق قوزامنىڭ ھاجەتخانىسى» دەپ ئىنگىلىزچە خەت يېزىلغان ئۇزۇن ساپال لوڭقىغا كۆزۈم چۈشتى،بۇ بۆشۈكىنىڭ ئاستىغا قويىدىغان تەرەت قاچىسى ئېدى،ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئۆزۈم ئوينىشىپ يېزىپ قويغان ئاۋۇ خەتنى كۆرمىگەن بولسام ئۇنىڭ دەل شۇ نەرسە ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىگەن بولاتتىم.


كۆزلىرىم چەكچىيىپ كەتتى،ئېڭىشىپ قارىسام بۆشۈكنىڭ ئاستىدا ئۇ نەرسە  يوق،بالىنى بۆلەپ شۈمەك،پۈمەكلىرىنى ساپتىمەنيۇ ،ئۇ بىر نېمىسىنى ئاستىغا قويماپتىمەن(ئۇ نەرسىنىڭ ئىسمىنى نېمە دەيتى،ئانام نەچچە قېتىم دەپ بەردى بولمىسا چاقچاق قىلىپ ھاجەتخانىسى ،تەرەت قاچىسى دەپ يۈرۈپ ئەسلى نامىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن)،گىلەمنىڭ ئۈستى ئوخشاپ بوپتۇ دەپ لىۋىمنى چىشلىدىم.


مەن تېخى ئۆز كۆڭلۈمدە:« ئۇنى كۆتۈرسەملا تەرەت قىلىۋىتەتتى مانا مۇشۇنداق ياتقۇزۇپ قويسام ۋەزىيەت تىنچ-ئامان ئۆتىدىكەنغۇ؟» دەپ خوش بوپ كىتىپتىكەنمەن.


ئانام بۇ قىلىقىمنى بىلسە چوقۇم تىللاپ ۋەتىۋەرىكىمنى چىقىرۋىتەتتى،بوۋاقنىڭ ئاپىسى دېگەن ھەدەمغۇ كارۋاتتىن چۈشمەي :«ئانا! بالام تەرەت قىلىۋەتتى،ئانا بالام يىغلىدى» دەپ ۋارقىراپ باشقا ئىشلار بىلەن كارى يوق،بۇلارنى ئويلاپ يەنە چەتئەللەردە ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان،تۇغۇتىنى باقىدىغان ئاپىسى يوق ئەھۋالدىمۇ يالغۇز يەڭگىپ ،بالىسىنى بىر چىرايلىق بېقىپ كېتىۋاتقان بىر نەچچە ھەدەش ئېسىمگە كېلىپ،ئىچىمدە ھەدەمنى بىر مۇنچىنى تىللىۋەتتىم.


شۇنداق قىلىپ ئۇ يوغان بۆشۈكنى يا يۆتكىيەلمەي،بالىنى يېشىشكە مەجبۇر بولدۇم،راسىت دېگەندەك، بۆشۈكنىڭ ئاستىنى بۇ ئاداش ئوبدانلا ئوسا قىلىپ بولغانىدى،ئانامدىن تىل ئاڭلاشتىن قورقۇپ،يۈز-كۆزلىرىمنى ئىتىپ،سۇلياۋ پەلەينى كىيىپ تۇرۇپ يەر ئاستى تۇربا يولى توسۇلۇپ قالغان بۇ جاينى تازىلاپ راۋانلاشتۇردۇم.بىرەرسى سوراپ قالسا ئەلۋەتتە «چاي تۆكۈلۈپ كەتتى» دېيىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قويدۇم.


بۇ ئاداش مېنى قىيناپ يىغلاۋەردى،ئولتۇرۇپ يىغىسىغا دىئاگىنوز قويدۇم،بىرىنچى قېتىملىق يىغىسى-ئۇيقۇسى كەلگىنى،ئىككىنجىسى-تەرەت قىلغىنىنىڭ ئۇقتۇرىشى،بۇ ئۈچىنچىسى-؟؟بۇنى قورسىقى ئاچقانلىق دەپ چۈشەندىم.


ئۇ يەر بۇ يەرنى ئاختۇرۇپ ھېلىقى سەبىيلەر قۇۋەت بۇلمىقىنى تاپتىم،ئۈستىگە چاينى قۇيۇپ راۋرۇست قوچۇپ بۇلماق ھالىتىگە ئەكەلمەيلا يىگۈزۈپتىمەن،يېمەي ھەممىنى تىلى بىلەن ئىتتىرىپ چىقىرىۋەتتى،توڭلاتقۇغا قارىسام بىرە ئىككى سائەت بۇرۇن پۇشۇرغان گۆشتىن بىر پارچە تۇرۇپتۇ،تۇرۇپ ئويلىنىپ قالدىم،ئەمدىلا40 نەچچە كۈنلۈك بولغان بوۋاق گۆش يېسە بولامدىغاندۇ؟دەل مۇشۇ ئىككىلىنىش پەيتىدە تۇرغىنىمدا قاچانلاردىدۇر ئاڭلىغان :« بوۋاقلار مۇشۇ زاكىلىرىمنى سېتىپ پۇلىغا گۆش ئېلىپ يىسەم» دەيمىش،دېگەن گەپ ئىسىمگە كىلىپ ئۆزۈمچە ھىجىيىپ كەتتىم.


ۋاي تاتلىق ئۇكام،ئانام قەغەز زاكىلىرى ھاۋا ئۆتكۈزمەيدۇ دەپ ئىشلەتكىلى قويماي،يۇمشاق رەختلەردىن قىلىپ بەرگەن ئۇ رەڭدار زاكىلىرىڭىزنى ساتسىڭىزمۇ ھىچكىم ئالمايدۇ،مەن سىزگە گۆش يىگۈزۈپ قوياي ھە،دېدىمدە تەييار قىلدىم.


تىلىفۇندا:«ھەدەمنىڭ بالىسىنى مەن ئېغىزلاندۇراتتىم،نېمىشقا تەتىلدە تۇغمىدى» دەپ قەستەن جىلە قىلغانىدىم،مانا ئەمدى مەن ئېغىزلاندۇرىمەن دەپ يۈرگەن بوۋاق ئالدىمغا ئاغزىنى تامشىتىپ تۇرۇپتۇ،گۆشنى شۇنچە چاينىساممۇ ئىھتىياتسىزلىقتىن يۇتۇلۇپ كەتتى،بىر چاغلاردا ھەدەم:«مەن ساڭا نان چايناپ بېرىپ باققان جۇمۇ» دېگەن چېغىدا «ھىي،كۆڭلۈمنى ئېلەشتۈرمىگىنە،مېنىڭ كىچىكلىكىمدىن،ھىچنىمىنى ئۇقمايدىغانلىقىمدىن پايدىلىنىۋاپسەن» دەپ جىلە بولغېنىم ئىسىمگە كىلىپ بۇ ئاداشمۇ چوڭ بولۇپ مەن بىلەن ئۇرۇشمىسۇن دەپ،سەي توغرايدىغان پىچاق بىلەن ئۇششاق قىيما قىلىپ،بالىغا يىگۈزدۈم،ئۇ يىغلاپ تېلىقىپ تۇرۇپ يېدى،ئاسانراق يۈتسۇن دەپ ھەر بىر قوشۇقنى سېلىپ بولۇپلا چاي ئىچكۈزۈپ قويدۇم،بىر چاغدا ئۈستى-بېشىمغا ھۆ قىلىپلا ھەممىنى تۆكۈپ بەردى،شۇنداق ئاچچىغىم كەلدى،يەرگە ئېتىۋەتكۈم كېلىپ كەتتىيۇ،ئۇنىڭ قىينىلىپ يىغلاشلىرىدىن قورقۇپ ئۇنى پەس قىلىشقا تىرىشتىم،ئۆيدىكىلەر كەلگۈچە بارلىق پاكىتنى پاك-پاكىز يوقىتىۋىتىپ ھىچئىش بولمىغاندەك ئولتۇرىۋالدىم.


بىر نەچچە سائەت «بالا باققۇچى» بولۇش جەريانىدا نۇرغۇن-نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم.بالا بېقىشنىڭ قانچىلىك تەسلىكىنى ،ئانامنىڭ مېنى قانداق جەبىر –جاپادا بېقىپ چوڭ قىلغىنىنى تونۇپ يەتتىم.مەنغۇ كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپ ھېلى سۇغا چۈشۈپ ئېقىپ كىتىدىغان،ھېلى بىر يەرلەرگە چىقىۋىلىپ يىقىلىپ كىتىدىغان كەپسىز ئىكەنمەنتۇق،سۇغا چۈشەلمەيدىغان،بىر يەرگە يامىشالمايدىغان بۇ كىچىككىنە بالىنى باقالماي شۇنچە قىينالدىميۇ ئانام مېنى باققۇچە قانچىلىك قىينالغان بولغىيدى؟


بۇ بوۋاق مانا ئۆگۈنلۈككە دادىسى تەرەپنىڭ ئۆيىگە كىتىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ،ئۇ مېنىڭ ئۈستۈمگە كۈندە نەچچە رەت تەرەت قىلىپ بەرسىمۇ مەن يەنىلا ئۇنى سېغىنىمەن،ئۇنىڭ يىغىلىرىنى تەھلىل قىلىمەن،تەپەككۇر يۈرگۈزىمەن،بالا باقماق تەس،بالا بولماق ئۇنىڭدىنمۇ تەس،بەلكىم بوۋىقىڭىزنىڭ ھەربىر يىغىسىغا ھەر بىر قاراشلىرىغا،ئۇخلاۋىتىپ كۈلۈشلىرىگە چوڭقۇر مەنالار يوشۇرۇنغاندۇر،يا مەقستىنى ئىپادىلىيەلمىسە،يا بىر يېرى ئاغرىسا دەپ بىرەلمەي دەردىنى ئۆزىلا بىلىپ قىينىلىپ يىغلاۋەرسە بۇ ھەممىدىن ئېغىر ئازاب ئەمەس مۇ.


بۇ تاتلىق ئەمما يىغلاڭغۇ جىيەنىمنىڭ ساق –سالامەت ھالدا تىزرەك چوڭ بولىشىنى تىلەيمەن.ئامىيىن


  


(ئاشخانىدا

)


كەلگىنىمگە مانا بۈگۈن ساق ئون كۈن بوپتۇ،بۇ ئون كۈن جەريانىدا ئۆي تازىلاش،ئاندا-مۇندا سەي ئادالاپ بېرىشتىن باشقا ئائىلە ئىشلىرىغا قارىشىپ باقماپتىمەن.


بۈگۈن ئانامنىڭ سەۋىر قاچىسى توشتى بولغاي«بۈگۈن تاماقنى سەن ئەت،نەچچە كۈندىن بېرى مىھماندەك كۆردۈم،مەكتەپتە جاپا تارتتى،ئۆيدە ئارام ئېلىۋالسۇن دېدىم،ئەمدى ئاستا تۆشۈككە ئۆت» دەپ ئاشخانىغا سولاپ قويدى.


«ھىم تاماق ئېتىش تەسمىتى،كارامىتىمنى كۆرۈش» دەپلا يەڭلىرىمنى تۈرۈپ ،پەرتۇقلارنى تاقاپ كىرىپ كەتتىم،مىڭبىر جاپادا خېمىرنى يۇغۇرۇپ تەييار قىلدىم،سەي-كۆكتاتلارنى يۇيۇپ ئادالاپ توغراپ بولۇپ،ماي قىززىپ گۆش قورۇلۇپ بولغاندا، بۇ رەڭدار چىرايلىق تىزىلىپ تۇرغان سەيلەرنىڭ قايسىسىنى ئاۋال سېلىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم ،ئۇنى سالاي دېسەم بۇ تۇرغان بۇنى سالاي دېسەم ئۇ تۇرغان ئاخېرى:«ۋاي مەيلىلا بۇنى سالسام ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلمىسۇن» دەپلا ھەممىنى بىراقلا سىلىۋەتتىم،


بۇس تارتقۇنىڭ ھەممە يېرىنى تولۇق ئېچىۋەتسەممۇ ئاشخانىنىڭ ئىچى  ئىس-تۈتەككە لىق تولدى شۇنداق قىلىپ مىڭبىر جاپادا تاماقنى پىشۇردۇم،بۇ جارياندا ئانام ۋە ھەدەم پات-پات كۆزدىن كەچۈرۈشكە كىردى،ئۇلارغا قازاننىڭ تۇۋىقىنىمۇ ئاچقىلى قويماي چىقىرۋەتتىم،تاماقنى داستىخانغا ئېلىپ چىققىنىمدا ھەممىسى خوش بولۇشۇپ:«ئىتەلەيدىكەنسەن مانا،بۇندىن كېيىن كۈندە سەن ئەت» دېيىشتى،قاچىسىدىكى لەڭمەننى بىر تارتقاندىن كېيىن ھەممىسى بى بىرىگە قاراشتى،لەڭمەنلىرىم ئۈزۈك-ئۈزۈك ،پارچە-پارچە ئىدى،دادام :«نېمانداق ئۈزىۋەتتىڭ» دېۋىدى،تىزلا:«ھە شۇ بىزنىڭ مەكتەپتە چاۋلاتىياۋ دەپ بىر تاماق بار مۇشۇنداق پارچە-پارچە لەڭمەندەك،شۇنى دوراپ باقتىم» دېدىم،ھەدەم:«ھەي ،نېمانداق تۇزلۇق بۇ سەي» دېدى،ئۇنىڭغىمۇ :«ھە شۇ تۇزنى جىقراق قۇيغان» دېدىم.ئىشقىلىپ پەقەت گەپ بەرمىدىم،ئۇنى دەپ بۇنى دەپ ھەممىسى قاچىسىدىكى ئاشنى يەپ تۈگەتتى.


ئۇف ! ئالدىغا كەلگەن بىر قاچا تاماقنى يېيىش ئاسان بولغان بىلەن ئۇنى ئەتمەك شۇ داستىخانغا قويماق تولىمۇ مۈشكۈل ئىكەن،شۇ ئىشتىن كېيىن ئانامغا ئىزچىل ياردەملىشىپ كىلىۋاتىمەن.


بۇلارنى ئاڭلاپ بەلكىم زاڭلىق قىلىشىڭىز مۇمكىن ئەمما نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق ئىككىنجى يىللىقتىن باشلاپلا ئاتا-ئانىسى شاھلاردەك كۈتىدۇ،«مەكتەپتە ياخشى ئوقۇساڭ بولدى»دەيدۇ،شۇ ئوقۇغۇچىلارمۇ شۇنىڭغا ماسلىشىپ ئۇلۇغۋار پىلانلىرىمىز،كۆزلىگەن ئالى مەكتىپىمىز ئۈچۈن كىتاپتىن باش كۆتۈرمەي،مەكتەپتىن كېلىپلا تەييار تاماقنى يەپ ئالى مەكتەپكە ئۆتىمىز،تەتىلدە كەلگەندە بولسا يىراق يەردىكى ئوقۇشتىن كەلگەن داشۆسىڭلار دەپ ئاتىلىپ،قۇلۇم-قوشنىلارنىڭ،ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ بەس-بەستە مىھمانغا چاقىرىشلىرىغا نائىل بولىمىز،بۇ ۋاقىتلارمۇ دەل مانا مۇشۇنداق پادىشاھلاردەك دەۋرىمىزدۇر،تۆت-بەش يىلىمىز مانا مۇشۇنداق ئۆتىدۇ،ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كېلىپلا،سۆرەپ كەلگەن چاتاقلارنىڭ ئىسمىنى نۇمۇس قىلماي چىقىرىپ ،«مەن توي قىلىمەن» دەپ ئاتا-ئانىمىز ئالدىدا گۆشىيىپ تۇرۇشلىرىمىز بار تېخى،توۋا!«مەن ئۆي تۇتۇشنىڭ شەرتىنى ھازىرلىدىممۇ،ئوبدان خوتۇن،كۆيۈمچان.ئىدىتلىق كىلىن بولۇش ساپاسىنى ھازىرلىدىممۇ؟» دېگەننى ئويلىماي تۇرۇپلا باتۇرلۇق بىلەن قۇرالسىزلار بۇ جەڭگە كىرىپ كېتىپ بىرەر ئايدا مەغلۇپ بولۇپ چىقىپ ئاتا-ئانىمىزنىڭ ئۆيىدە ئەسىرگە چۈشۈپ ئولتۇرۇپ كىتىشلىرىمىزمۇ بار تېخى.بۇنداق كۈنگە قېلىشتىن ئاللاھ ساقلىسۇن.


ئاللاھ بارلىق قىزلارنى« نەمۇنىلىك كىلىن،ئىدىتلىق ئايال»لاردىن بولۇشقا نېسىپ قىلسۇن ئامىيىن،بارلىق قىزلارنىڭ ھەم شۇنىڭغا تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


كەلگۈسىدە بىر ئۆي بېشىڭىزغا كىيىلگىنىدە مەكتىپىڭىزدە ئۆگەنگەن فورمىلا ،قائىدىلەرنى يادىلاپ بەرگىنىڭىز بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ.


ئەرلەر گەرچە ئاياللارنىڭ ئۆزىدىن ئەقىللىق بولىشىنى خالىمىىسمۇ،سىز يولدىشىڭىزدىن ئەخلاق-پەزىلەت،ئىلىم-مەرىپەت قاتارلىق جەھەتلەردە چوقۇم بىر دەرىجە ئۈستۈن تۇرىشىڭىز،يولدىشىڭىزغا مەسلەكداش،يولباشچى بولۇپ توغرا يولغا باشلىشىڭىز،ئەگەر يولدىشىڭىزنىڭ سىزنىڭ بىلىمىڭىزگە ئىھتىياجى چۈشمىگەن تەقدىردىمۇ بىلىمىڭىزنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ پەرزەنتىڭىزنىڭ ياخشى ئوقۇتقۇچىسى بولۇش ئۈچۈن ساپا ھازىرلىشىڭىز كىرەك.


ھازىر نېمە ئۈچۈن،ئۆيلەر بۇزىلىۋاتىدۇ،ئەرلەر نېمىشقا تالاغا قاراۋاتىدۇ؟بۇنىڭ ئاساسلىق بىر سەۋەبى يەنىلا شۇ بولۇمسىز خوتۇنلاردا،ئەرلىرى ھېرىپ كەلسە بىر تەخسە ئاشنى ئالدىغا ئېلىپ چىقالمىغاندىكىن،ئەرلەر بۇنداق «قولى تاتلىق» نازىنىنلارنى تالادىن ئىزدەۋاتىدۇ.ھازىرقى ئەرلەرنىڭغۇ كۆيى ئاياللارنىڭ ئىدىتلىق بولماسلىقىدىن ئەمەس باشقا سەۋەپلەردىن قاراۋاتىدۇ ئۇ تالاغا.


تالادىن يۇلتۇز سانامدۇ؟ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىش ئۈچۈن تولا قارامدۇ يا؟بۇنى مۇشۇلارنىڭ ئۆزى بىلىدۇ جۇمۇ،ئەرلەر سەۋەبنى ئاياللارغا ئارتىدۇ،ئاياللار ئەرلەرگە،بۇنىڭ تۈپ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىش خۇددى:«تۇخۇم ئاۋال پەيدا بولغانمۇ؟توخۇمۇ؟» دېگەن بىمەنە سۇئال ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلغاندەك ۋاقىت ئىسراپچىلىقى بولۇپ قالدى.


خۇلاسە كالام:بارلىق قىزلار ئۆي تۇتۇشنى ،تاماق ئېتىشنى بالدۇرراق ياخشى ئۆگىنىۋالغايسىلەر.


  

خۇلاسە




ئۆتكەن تەتىللەردە ئۆيگە كەلسەم تور يوق، تورغا چىقىش ئۈچۈن ئاكام ھەدەملەرنىڭ ئۆيىگە تولا قاتراپ ھېرىپ قالاتتىم،ھەر بىر يازمام،مۇھىت بولمىغىنى ئۈچۈن نەچچە پارچىغا بۆلۈنۈپ كىتەتتى. بۇ قېتىم ئۆيىمىزدە بولغان ئەڭ زور ئۆزگىرىش ئۆيىمىزدىكى توپا باسقان كومپىيوتىرنىڭ تورغا چېتىلغىنى بوپتۇ. مانا ھازىر كەچ سائەت ئىككى بولۇپ كەتسىمۇ ،ھەدەمنىڭ ئويغىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئاشخانىدا ئولتۇرۇپ بۇلارنى يېزىۋاتىمەن،


ھې ھې ھې داداش ،ئاپاشلارنىڭ سەۋىيەسى ئۆسۈپ كېتىپتىمۇ دەپ قالماڭلار؟


مەن ئوقۇشقا كېتىشىمگە ئۈزىۋىتىلگەن ئۇ تور سىمىغا ئىنىم دىگەن چاڭگىباش ئاشىق بولۇپ،مەن كېلىدىغانغا يېقىن تىلىفۇن قىپتۇ:«ھەدە ،ئۆيدىكىلەرنى قايىل قىلىپ بەرسەڭ ،تور ئەكىرسەك» دەيدۇ، ھا ھا ھا بۇ پىكىر ماڭا مايدەك خوش يېقىپ شۇ زامان ئۆيگە تىلىفۇن قىلىپ:« دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى ئۆيىدىكىلىرى بىلەن توردا سۈرەتلىك ،بىر-بىرىنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىدۇ،بىزمۇ ئاشۇنداق قىلايلى،تور ئەكىرىڭلار،ئۇكام چ چ ئېلىپ بەرسۇن بىزنى پات-پات كۆرۈشتۇرسۇن» دېگەنىدىم،كىم بىلسۇن پىكرىم ئۇلارغىمۇ خوش يېقىپ ماقۇل بوپ تور ئەكىرگىلى خېلى بوپتىكەن،ماۋۇ ئۇكام دېگەن تور قۇرتى كۈندە توردا دېھقانچىلىق قىلىپ سەي-كۆكتات تېرىش،كالا-قوي بېقىش بىلەن بولۇپ كېتىپ ماۋۇ ئانام –داداملار بىلەن كۆرۈشتۈرۈشكە بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئۇنتۇپ قاپتۇ.


شۇنداق قىلىپ تەتىلىمدە ئانچە زىرىكمەي ئۆتىۋاتىمەن،كۈندە مۇنبەرنى يوقلاپ ماراپ قويۇپ چىقىپ كىتىمەن،ئىنكاس يازاي دېسەم ئۇكام ئوقىۋىلىپ ئانام-دادامغا يوقنى بار قىلىپ دەيدۇ،شۇنىڭ بىلەن ياۋاشلىق بىلەن ئۇنى-بۇنى كۆرگەن بولۇپ ئولتۇرىۋالىمەن.


بۇرۇن تور يوق چاغدا ھەممىمىز تىلىۋىزۇرغا قاراپ ئولتۇراتتۇق،ھازىر ئۇنى دادام بىلەن ئانامغا بېرىۋەتتۇق،مىھمانغانا ئۆيدىكى كۆرۈنۈشىمىزنى سۈرەتكە تارتىپ بەرسەم كۈلۈپ تېلىقىپ قالىسىلەر،ھەدەم،ئۇكام،مەن ئۈچىمىز ئۈچ بۇلۇڭدا ئۈچ كومپىيوتىرغا قاراپ ئولتۇرغان،تور ئاران بىر ،نۆۋەت بىلەن دەملىشىپ ئۆزىمىزنىڭ كومپىيوتىرىنى چېتىپ تورغا چىقىمىز،ئۇكام ھەدەمنىڭ كومپىيوتىرىنى چاتقاندا ئۇ بۇ ئويۇنلار بىلەن تەڭ ۋىروسلارنىمۇ تەڭ چۈشۈرۈپ قويغاچقا مۇشۇ قائىدىنى چىقاردۇق،ئۇندىن باشقا ۋاقىتتا چوڭ ھەدەمنىڭ بالىسىغا«دىنىمنى ئۆگىنىمەن» ناملىق كىتابنى ئۆگىتىش بىلەن ئۆتىۋاتىمەن،بۇ كىتابنى ئىلگىرى بىر دوستۇم سوۋغا قىلغانىدى شۇ چاغدا ئىچىمدە :«بۇ ئۆسمۈرلەر ئوقۇشلىقى ئىكەنغۇ،مېنى شۇنچىلىك ئاددى ساۋاتلارنىمۇ بىلمەيدىغان كۆرۈپ قالغانمىدۇ»دېگەنىدىم،لىكىن ئۇكامغا ئۆگىتىش جەريانىدا بۇ كىتابتىكى نۇرغۇن ئاساسى بىلىملەرنى مۇكەممەل سىستىمىلىق قىلىپ بايان قىلىپ بىرەلمەيدىغانلىقىمىزنى پەقەت چۈشەنچە شەكلىدە يۈزەكىيلا تاغدىن-باغدىن ئايلاندۇرۇپ كېلىپ جاۋاب بېرىدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلدىم.


بۇ بىر يۈرۈش كىتابلار ھەر بىر ئۆسمۈرنىڭلا ئەمەس،ھەر بىر ئاتا ئانىنىڭ،كەلىمە شاھادەتكە ئىمان كەلتۈرگەن ھەربىر مۇسۇلماننىڭ بىلىشكە تېگىشلىق قائىدىلىرىنىڭ توپلامى ئىكەن،چوقۇم ئوقۇپ،ئۆگىنىپ ،ئىشىنىپ،يادىلاپ چىقايلى.


مەن بۇلارنى نېمە مەقسەتتە سۆزلەۋاتىمەن،شۇنچە جىق،يىگەن-ئىچكەندىن تارتىپ ھەممىنى بايان قىلىشىمنىڭ ھاجىتى نېمە؟


ئۇ بولسىمۇ  سىلەرگە بىر دۆۋە قۇرۇق گەپلەر دۆۋىسىدىن مىغىزنى قوبۇل قىلغۇزۇش،ئازراق بىر نەرسىنى ھېس قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.


بۇلار توقۇلما ئەمەس،ياكى تىلىۋىزۇردىكى غۇلجا چاقچاقسىنىڭكىدەك ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان داڭقان پۇتى گەپ ئەمەس،بۇ پەقەت مېنىڭ تۇرمۇشۇمنىڭ ،مۇشۇ ئون كۈنۈمنىڭ تېز سىزمىسى.


مەن باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىدىن ،سۆز-چۆچىكىدىن قورقمايمەن،چۈنكى سىز قورقىسىز،ئۇ قورقىدۇ،نەتىجىدە ئاشكارلىنىشقا

تىگىشلىك بىر ھەقىقەت بىزلەرنىڭ «نۇمۇس»كۈچىمىزدىن توقۇلغان پەردىلەر ئارقىسىغا يوشۇرنىۋالىدۇ.

مەنبە:ئۆزۈم

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
مۇبارەك + 50
gvzal3.8 + 50 ئىجادىيەتلى ..

ھەممە باھا نومۇرى :  + 100   باھا خاتىرىسى

پاتتى قۇياش،قىسقاردى ئەجەل
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
2260
يازما
125
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
4027
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-4
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 14:17:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[align=justify]قارىسام مەندىن كىچىكتەك تۇرىسىز، شۇڭا سىزنى ئۇكام دەي، سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى ئۇقۇپ شۇنداق سۇيۇندۇم، مەن تولۇقسىزدا ئۇقۇيدىغان چاغلىرىمدا ئانچە- مۇنچە شېئىر يېزىپ قوياتتىم ، ئەپلەشسە- ئەپلەشمىسە ئىشنى قىلىپ يازاتتىم، بىراق ئۇ چاغلاردا بۇنداق تور، نەدە، كومپيۇتېرمۇ يوق ئىدى، سىزنىڭ بۇ تىمىڭىزنى ئۇقۇپ ئۇزۇمنىڭ باللىقمنى ئەسلەپ قالدىم، مەنمۇ سىزدەكلا كىچىك بالىغا تولىمۇ ئامراق ئىدىم، ئەمما ئۇزۇمنىڭ بالىسىنى بېقىپ تەربىيەلەش ماڭا نىسىپ بولماي قويدى. بۇنى تەقدىر دىدۇق، ئامال قانچە، بۇ تىمىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن، تىمىلىرىڭىزدىن شۇنچىلىك چىنلىقنى كۇردۇم، قانچىلىك ئاددى بولغانسىرى شۇنچىلىك چىن بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلدىم، سىزگە رەھمەت، تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلۇپ قالمىغاي.


ئالدىڭغا ماڭغاندا كەينىڭگە قارىما !!!

كۆيۈمچان ئەزا

ھايا - قىز بوينىد

UID
405
يازما
374
تېما
17
نادىر
0
جۇغلانما
12588
تىزىملاتقان
2008-11-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 15:42:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھا ھا ھا ، قىززىق جىمۇ سىڭلىم سىز . كىچىك بالىغا ئامراق ئادەم ئۇنى بىقىشنىمۇ بىلمىسىڭىز بولمايدۇ . قاراڭ " جاكا " نىمۇ بىلمىگىنىڭىزنى ، ئىسىت ، قەشقەرگە بارغان بولسام ئىككى كۈندىلا ھەممىنى ئۈگۈتۈپ بولاتتىم سىزگە .
كىچىك بالا باقسا ۋاي چىچىتى - سىيدى ، ئۇخلىدى - ئويغاندى ، كۈلدى - يىغلىدى دەپ ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىنى بىلمەيلا قالىسىز ھەم شۇنداق كۆڭۈللۈك ئۆتىدۇ . خۇددى بالىلىقىڭىزغا قايتقاندەك . مەنمۇ سىڭلىم بىلەن ئاۋازلىرىمنى كىچىك قىزلاردەك چىقىرىپ چوڭ بولغانلىقىمنىمۇ ئۇنۇتقان ھالدا ئويناپ كىتىمەن . ئۇمۇ ماڭا ئەتتىگەندىن كەچكىچە قۇيرۇقتەك ئەگىشىپلا يۈرىيدۇ . كەچتە ئاپىلىرى كەلسىمۇ قاراپمۇ قويمايدۇ يەنىلا شۇ مەن بىلەن . توۋا ھەممە بالىلار" ئاپا " دەپ يىغلىسا ، مىنىڭ بۇ پىستىكىم " ئاچا " دەپ يىغلايدۇ . بىر كۈندە ئەڭ كۆپ دەيدىغان گىپىمۇ يەنىلا شۇ " ئاچا " .
تىمڭىزنى ئوقۇپ ئالىي مەكتەپتىكى ئەڭ ئاخىرقى پويىزدا ئولتۇرغاندىكى بىر قىزىقارلىق ئىش يادىمدىن كەچتى . ئوقۇش پۈتتۈرشۈمگە 2 يىل قالغان ۋاقىت . تەتىلدە ئاچام باشتا ئۆيگە قايتمايسەن دەپ ، كىيىن كۆڭلۈمنى ئاياپ " بوپتۇ بىلەت تاپالىساڭ ماڭ " دەپ ، ئۇنى - بۇنى قىلىپ يۈرۈپ پاراللىل سىنىپتىكى بىرسىنىڭ قايتۇردىغان بىلىتىنى ئۈستەك بىرىپ ئىلىپ ، مىڭ بىر تەستە ماڭغان ئىدىم . ئۇمۇ ئاستا پويىزنىڭ ئىكەن . مەيلى ئاستا بولامدۇ ياكى تىز بولامدۇ ئۆيگە بىرۋالساملا مەيلى دەپ ماڭدىم . دەل شۇ كۈنى كىچىسى ئۇيقۇم كەلمەي خىيال سۈرۈپ ئولتۇرسام ، مىنىڭ ئولتۇرغان يىرىمدىن ( دەرىزە تەرەپتە ئولتۇرغان ئىدىم ) بىر چاشقان ماڭا قاراپ ئولتۇرۇپ كىتىپتۇ . ۋاي خۇدا دېدىمدە يىرىم كىچىنى يىرىم كىچە دىمەي ۋايجان دەپ ۋارقىراپ ، پويىزنى بىشىمغا كەيدىم . توۋا دەي ، چاشقاندىن قورقىدىغانلىقىم ئۈچۈن ئۇ ھايۋاننى تۈزۈك كۆرمەپتىكەنمەن ، ھىلى كۈنى پويىزدا كۆزۈمنىڭ ئالدىدىلا .
تىمامنى يازماي ھەجەپ جىق كوتۇلداپ كەتتىما بۇ يەردە . ئاخىرىدا تەتىل كۈنلىرىڭىزنىڭ مەنىلىك ، خۇشال - خۇراملىق ئىچىدە ئۆتىشىگە تىلەكداشمەن !

سىنىڭ شۇ تەرسا مىجەزىڭنى قىلچىمۇ ياقتۇرمىدىم !

تىرىشچان ئەزا

nima ixlarni kiliwatimiz......

UID
2329
يازما
24
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
805
تىزىملاتقان
2010-5-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 16:12:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي جىنتەك،تەتىلگە چىقىپ ئۆيگە كىلىۋالدىم دەڭا......

ياشاش ئۈچۈن ياشاش....

UID
7397
يازما
321
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
10295
تىزىملاتقان
2010-11-21
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 17:02:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاراڭلىرىڭىزدىن يىڭى ئالى مەكتەپ قوينىغا كىرگەن ئوماق قىز ئىكەنلىگىڭىزنى بىلدىم.
قارىسام بۇ مۇنبەردىكىلەر سىزنى خىلى تونايدىكەن.مەنمۇ بۇ يىقىشلىق كۈندىلىك خاتىرە بىلەن سىزنى تونۇۋالدىم.
ئالى مەكتەپتىكى ئىمتىھان ۋاقتى توغۇرلۇق توختالغاندا مىنىڭمۇ سىزدەك ئادەتتە خىيال سۈرۈپ،ئىمتىھانغا ئاز قالغاندا كىتاپنى ئىچىپ 0 دىن باشلاپ ئۈگۈنۈپ ئىمتىھان بىرىدىغان ھاماقەت ھالىتىم ئىسىمگە كەلدى.
ئىچكىردىن پويىزغا ئولتۇرۇپ جاپا تارتىپ كەلگەن ھالىتىڭىزنى ئويلاپ كۆزۈمگە ئىسسىق ياش كەلدى.مەنمۇ بىر تەتىلدە قۇمۇلغا بىرىپ،پويىزغا تۇنجى ئولتۇرۇپ شۇنداق جاپا چەككەن،ئولتۇرۇپ سەپەر قىلىشنىڭ نەقەدەر جاپالىق ئىكەنلىگىنى بەك چۈشىنىمەن.ھەدىڭىزنىڭ سىزگە كارۋات بەلىتى ئىلىپ ،ئۆزىگە ئورۇندۇق بەلىتى ئالغان يىرى بايان قىلىنغاندا ئاراڭلاردىكى مىھرى مۇھەببەتتىن سۆيۈندۇم.
ئۆيىڭىزگە قايتىپ ،بوۋاق بىقىش جەريانىدىكى ئۇچرىغان قىزىقارلىق ئىشلارغا كۈلگۈم كەلدى.

تاماق ئىتىش جەريانىدا خىمىر يۇغۇرغاندا چوڭلارغا تۇزىنى تەڭشىتىپ ،سەر قورىغاندا چوڭلاردىن سەينى سىلىش تەرتىۋىنى سورىۋالغان بولسىڭىز چوقۇم ئوخشاپ كىتەتتى لەڭمەن دىگەن.بىزدە بىلمىگەننى سوراپ ئۈگەنىدىغان ئادەت بارغۇ؟

ئاشخانىدىكى بايانلاردىن چىقىرىغان خۇلاسە سەل كاللامدىن ئۆتمىدى خان،سىز سىڭلىم ئورنىدا بولغاندىن كىيىن چوقۇم ئازرا ق چۈشەنچە بىرەي دەيمەن.

سىزنىڭ خۇلاسە سۆزىڭىز:
<<<<ھازىر نېمە ئۈچۈن،ئۆيلەر بۇزىلىۋاتىدۇ،ئەرلەر نېمىشقا تالاغا قاراۋاتىدۇ؟بۇنىڭ ئاساسلىق بىر سەۋەبى يەنىلا شۇ بولۇمسىز خوتۇنلاردا،ئەرلىرى ھېرىپ كەلسە بىر تەخسە ئاشنى ئالدىغا ئېلىپ چىقالمىغاندىكىن،ئەرلەر بۇنداق «قولى تاتلىق» نازىنىنلارنى تالادىن ئىزدەۋاتىدۇ.ھازىرقى ئەرلەرنىڭغۇ كۆيى ئاياللارنىڭ ئىدىتلىق بولماسلىقىدىن ئەمەس باشقا سەۋەپلەردىن قاراۋاتىدۇ ئۇ تالاغا. >>>>>>

سىز تىخى ناھايىتى كىچىك بولغاچقا بەلكىم يەكۈننى سەل يەڭگىلتەكلىك بىلەن چىقارغانسىز،مىنىڭ بىر دوستۇم بار ئىدى.شۇنداق چىرايلىق،خىزمىتى شۇنداق ياخشى،شۇنداق پەزىلەتلىك.تاماققا بەك ئۇستا،لىكىن يولدىشى سىرىتقا قاراپ قىلىپ ئاجرىشىپ كەتتى.بىر بالا بار ،يا ئالدىراپ ۋاق ۋۇقلا ئەرگە تەككىلى بولمىغان،بالا بىر ياشقا كىرگەندە ئاجراشقان،مانا نەچچە يىللىق ياشلىق باھارى  يىغا ئىچىدە ئۆتۈپ كەتتى.ئەتراپىمدا خىلى قىزلار دەككە دۈككىدە يولدىشىدىن ئايرىلىپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ،يولداشلىرى بىر يەرگە كەتسە ،ئەنىدشە قىلىپ لا يۈرىيدۇ سىرىتقا قاراپ قالامدىكىن دەپ.ياخشى ئىسىل خوتۇنلارنىمۇ قەدىرلىمەيدىغان ئەقىلى دۈمبىسىگە چىقىپ قالغان ئەرلەر يەنە ئاز ئەمەس!

تەتىل كۈنلىرىڭىزدە يەنە مۇشۇنداق ئىشلار بولسا يازارسز سىڭلىم ،بىزمۇ ئەسلىۋالدۇق شۇ باھانىدا!ئەمدى ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن ئۇچرىشارسىزلەر؟ئۆيلەرگە يىغىلىپ ئولتۇرۇش ئويناپ قويسىلەر ھەقاچان؟ئۆزگۈرۈشلەرنى بايان قىلارسىز؟يۇرتىڭىزدا بولغان ئۆزگۈرۈشنى تىخى يازماپسىز؟تىخى سىرىتقا چىقمىغان گەپمۇ؟تىخى يۇرتىڭىزدىن ئا-ئادنىڭىزدىن ئايرىلىشقا ئاز قالغانسىرى تەسىرلىك ئىچى تۇيغۇلار ئويغىنىدۇ.يىزىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ئوماق،سىز بىلەن تونۇشقۇنۇمدىن خوشالمەن.

UID
2272
يازما
306
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
9546
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-20
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 17:34:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەتىل كۈنلىرىڭىز خىلى يامان ئەمەس ئۆتۈپتۇ ھە ...

دۇنياغا ھەممىمىز  ئارتىس !

دائىملىق ئەزا

باش ئەگمەيمەن!

UID
3892
يازما
801
تېما
25
نادىر
0
جۇغلانما
25568
تىزىملاتقان
2010-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-12-9
توردا
60 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 19:34:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەتىلمنى ھەجەپ سېغىندىم...

كۆيۈمچان ئەزا

سْـــــــــــــ

UID
7691
يازما
198
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6082
تىزىملاتقان
2010-12-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-20
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 19:44:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ھاياتى بەك كۆڭۈللۈك،تەتىلمۇ ھەم شۇنداق.گەرچە يولدا قىينالغان بىلەن .ئۆيگە كىلىپلا ھاردۇق چىقىپ قالىدۇ!  بۇلارنى ئوقۇپ ئوقۇش ھاياتىمنى ئەسلىۋالدىم،رەخمەت سىزگە،تەتىلىڭىزنى ياخشى ئۆتكۈزۈڭ!

گۆھەر ياتدۇ سايدا،تونمسا نمەپايدا!!!

دەلىللەنگەن ئەزا

كىملەرنىڭ ئەزىز

UID
1959
يازما
895
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
30170
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-15
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 22:23:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالا بىقىش ھەققەتەن تەس جىمۇ ؟
نەۋرە ھەدەمنىڭ بالسىنى 1-ھەپتە باققىنىمدا  بىلگەن ئىدىم گەرچە يالغۇز باقمىغان بولساممۇ  بەكلا قىينالغان ئىدىم خۇددى سىزدەك
  تاماقنى تۇنجى قىتىم ئەتكىنىمدە مەنمۇ لەغمەن ئەتكەن ، خۇددى بادىردەك چىقىپتىكەن ( ئەمما ھازىر ئۇنداق ئەمەس )
گۈل كاپىتان يەنە يىڭى ئەسىرىڭىزنى مۇنبەر يۈزدە كۆرۈشنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلمەن
تەتىل كۈنلىرىڭىزنىڭ مەنىلىك ئۆتىشىنى ئۈمۈد قىلمەن .

ئىتقاد ___ ئەڭ يۈكسەك مۇھەببەتنى ئاپىرىدە قىلدۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

بەزىدە "خات

UID
8033
يازما
473
تېما
32
نادىر
0
جۇغلانما
15686
تىزىملاتقان
2010-12-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-14
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 22:42:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپ ھاياتى نىمىدىگەن كۆڭۇللۇك ھە !

دىنىمنىڭ ئۇستۇنلىكى -مىنىڭ شان-شەرپىم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش