- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 19
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 200
- تىزىملاتقان
- 2011-1-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-4-11
- UID
- 8343
- يازما
- 19
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 200
- تىزىملاتقان
- 2011-1-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-4-11
- توردا
- 0 سائەت
|
ئەسسالامۇ ئەيكۇم : ___ ئەلكۈيى تورىدىكى مۆھتىرەم مۇنبەر ئەھلى تۆۋەندە ئەخلاق - پەزلەتكە دائېر ھىكمەتلىك ھىكايىلەرنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم . مەن مۇنبەرگە يىڭى تىزىملاتقان بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالامىمنى يوللايمەن !! بۇمىنىڭ مۇنبەرگە تۇنجى تىما يوللۇشۇم قوللاپ -قۇۋەتلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .
ھىكمەتلىك ھىكايىلەر
تەربىيە ۋە ھال
ئالىم ۋە فازىل ، نىزامىدىن بىر يىگىت قىرىندىشىغا نەسىھەت قىلىپ دەپتۇ :
__ ئەي يىگىت ، پەزىلىتىڭنى ئەركە قىلىپ ئۆستۈرمە ، ئىش - ئەمگەك ئۈگەت . ئەگەر پەزىلىتىڭدە ئەقىل ، ئەدەپ ، ھۈنەر بولمىسا سېنى ھىچكىم ياخشى كۆرمەيدۇ . مال- دۇنيايىڭغا مەغرۇرلىنىپ ، باللىرىڭنى ھۈنەر ، ئەدەپسىز قىلىپ يىتشتۈرسەڭ ، ئۇلارنى بەخىت-سائادەتتىن مەھرۇم قىلغان بولىسەن چۈنكى ھۈنەرسىز ، ئەدەپسىز باللىرىڭ سەندىن قالغان پۈتۈن بايلىقنى بىھۇدە يەرلەرگە سەرىپ قىلپ ، ئاخىرىدا مۇھتاجلىقتا قالىدۇ . كۈلپەت ، مۇشەققەت ئاستىدا ئېزىلىدۇ . ئەگەر نامىڭنىڭ خەلق ئارىسىدا ھۆرمەت بىلەن ياد ئىتىلىشىنى ئويلىساڭ ، ئائىلڭنىڭ مەڭگۈلۈك راھىتىنى كۆزلىسەڭ، باللىرىڭغا گۈزەل تەربىيە بەر ، بىرەر ھۈنەر ئىگىسى قىلىپ يىتىشتۈر . ئۇلارنىڭ يۈرۈش-تۇرىشىنى تەكشۈرۈپ تۇر . يامان ئادەملەردىن يىراق بولسۇن ، ياخشىلار بىلەن سۆھبەتداش بولۇپ، ئۇلاردىن بەھرە ئالسۇن .
ئالىملاردىن مۇھەممەد سەئىد ئېيتىدۇ : _ بەزىلەر يامان خۇي - مىجەزىنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس ، دەپ دەۋا قىلىدۇ ، بۇ توغرا ئەمەس، يامان خۇي- مىجەزنى ئۆزگەرتىش مۇمكىندۇر . بىر قانچە
ئەخلاقسىز ، تەربىيەسىز باللار ئىقتىدارلىق تەربىيچىلەر ۋە مۇئەللملەر ئارقىسىدا يامان خۇي-مىجەزىنى تاشلاپ ، ئەدەپلىك ، تەرتىپلىك بولىدۇ . بۇ تەجىربىلەر ئارقىلىق كۆرۈلدى . ئەگەر يامان خۇي-مىجەزنى
ئۆزگەرتىش مۇمكىن بولمىسا ، تەربىيلەش ئورۇنلىرى ئېچىلمىغان ، تەربيچىلەر تەربيلەنمىگەن بولاتتى . يامان خۇي-مىجەزنى ئۆزگەرتىش ئىنسانلارغىلا خاس بولماي ، بەلكى ھايۋانلارغىمۇ تەتبىق قىلىنىشى
مۇمكىندۇر . ئىتلار ۋە يىرتقۇچ قۇشلار تەربىيە ۋە ئۈگىنىش ئارقىسىدا ئوۋچىلارغا ياردەم بىرىدۇ . ئارسىلانغا ئوخشاش يىرتقۇچ ھايۋانلار تەربىيە ئارقىلىق ئىنساننىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىدۇ . شۇنداق ئىكەن ،
يامان خۇي- مىجەزلىك ئادەمنى تەربىيلەپ ، ئۇنىڭ خۇي- مىجەزىنى ئۆزگەرتىش نېمە ئۈچۈن مۇمكىن ئەمەسكەن ؟ قەدىمكى ئىران شاھلىرىدىن نۇشىرۋاننىڭ ھۇزۇرىدىكى سۆھبەتتە رۇم ، ھىندىستان ،
ئىرانلىق ئۈچ پەيلاسوپ ھازىر بولۇپ بەلسەپە ، ھىكمەتكە ئائىت مەسىلىلەر ئۈتىدە مۇنارىزىلىشپتۇ :
<< ئىنسانغا ئەڭ ئىغىر تۇيىلىدىغان نەرسە نىمە ؟ >> دىگەن سۇئالغا ئۈچ دانىشمەن ئۈچ خىل جاۋاب بېرىپتۇ .
رۇملۇق دانىشمەن << قىرىپ ياردەمسىز قىلىش ، يىتىشەلمەسلىك >> دەپتۇ .
ھىندىستانلىق ھەكىم << كېسەللىك ۋە ئىنتايىن قايغا- ئەلەملىك تۇرمۇش >> دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ .
ئىرانلىق دانىشمەن بۇزۇرگېمھىر بولسا : << دۇنيادا ھەممىنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان بىرەر ياخشى ئىشنى قىلالماي تۇرۇپ يەتكەن ئەجەل >> دەپتۇ .
بۇزۇرگېمھىرنىڭ پىكىرى يىغىن ئەھلىنىڭ قوللىشىغا ئىرىشىپتۇ .
<< دانىشمەنەر ئەدەپ-ئەخلاق توغرىسىدا >> ناملىق كىتابتىن .
خاتالىق ۋە مەسئۇلىيەت
1920-يىلى 11 ياشلىق بىر ئامىرىكىلىق ئوغۇل بالا توپ تېپىۋىتىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن قوشنىسىنىڭ دەرىزىسىنىڭ ئەينىكىنى چېقىپ قويىدۇ . قوشنىسى بالىدىن 12.5 ئامىرىكا دوللىرى تۆلەشنى تەلەپ قىلىدۇ .
ئەينى چاغدا 12.5 ئامىرىكا دوللىرى ئاز پۇل ئەمەس ئىدى ، ئۇنىڭغا تۇخۇم تۇغىۋاتقان مېكىياندىن 125نى سېتىۋالغىلى بولاتتى . چوڭ ئىشتىن بىرنى تېپىپ قويغان بالا دادىسىنىڭ ئالدىدا خاتالىقىنى تونۇيدۇ ، ئەمما دادىسى ئۇنى خاتالىقىغا ئۆزى مەسئۇل بولۇشىقا بۇيرۇيدۇ .
بالا تەنقىسلىق ئىچىدە : << مەندە تۆلىگىدەك نەدىمۇ ئۇنچە كۆپپۇل بولسۇن ؟ >> دەيدۇ . << بۇ پۇلنى مەن ساڭا بىرىپ تۇرغان بولاي ، بىر يىلدىن كىيىن قايتۇۇپ بەرسەڭ بولىدۇ >> دەيدۇ دادىسى
12.5 ئامىرىكا دوللىرىنى بالىغا سۇنۇپ. شۇنۇڭدىن كىيىن ، بالا سىرىتلاردا جاپالىق ئىشلەپ پۇلنى تېپىشقا باشلايدۇ ، يىرىم يىل تىرىشىش ئارقىلىق ئۇ ئاخىرى بۇ 12.5 ئامىرىكا دوللىرىنى تېپىپ .
دادىسىغا قايتۇرىدۇ . بۇ بالا دەل كىيىنكى كۈنلەردە ئامىرىكا زۇڭتۇڭى روناد رىگان ئىدى . ئۇ بۇ ئىشنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ : << ئۆزۈمنىڭ ئەمگىكى بەدىلىگە خاتالىقىمغا مەسئۇل بولۇش ئارقىلىق ،
مەسئۇلىيەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلىۋالدىم >>
مەنبە << شىنجاڭ مەدەنىيتى >> ژورنىلى 2010- يىللىق 3 - سانىدىن
جانلىق تەربىيە
ئېسىل كىشىلەر ئەل قەلبىنىڭ ھۆرمەت تۆرىدىن ئورۇن ئالىدۇ ، ئىپلاس ، مۇناپىق كىشىلەر ئەل قەلبىنىڭ لەنەت تۈۋرۈكىگە مىخلانغان بولىدۇ .
بىر ئادەم رەسسامنىڭ ئالدىغا بىرىپ ، قەدىمدە ئۆتكەن قەلبىدە ھۆرمەتلىك ئورۇن ئالغان ، بىر مەشھۇر كىشىنىڭ رەسىمىنى كىچكراق قىلىپ سىزدۇرۇپ ، ئاخرىدا يەنە ، قەلبىدە لەنەت تۈۋرۈكىگە مىخلانغان ،
مەلئۇن ، ئىپلاس بىر قانچە كىشىنىڭ رەسىمىنى چوڭىراق قىلىپ سىزدۇرۇپ ، رەسىملارنىڭ ئاستىغا ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ۋە يامان ئىش - ئەمەللىرىنى چىرايلىق ھۆسىنخەت بىلەن يازدۇرۇپتۇ . رەسسام ئۇ كىشىدىن ھەيران بۇلۇپ : << سىز ئاۋال سىزدۇرغان مەشھۇر ئادەمنىڭ رەسىمىنى كىچىك ھەم ئاران بىر پارچە سىزدۇردىڭىز ، كېيىن سىزدۇرغان ئەسكى ئادەملەرنى ھەم چوڭ ھەم كۆپ سىزدۇردىڭىز ، بۇنىڭدا
قانداق مەنا بار >> دەپ، سوراپتۇ . ھىلىقى كىشى جاۋابەن مۇنداق دەپتۇ : << رەسىملەرنىڭ ئاز كۆپلىكىگە كەلسەك ، ئادەم ھەممىدىن ئۈگىنىپ بولالمايدۇ ، چوقۇم بىرنى ئۆرنەك قىلىشى، يەنى كۆپتىن
ئىبىرەت ئېلىپ ، بىرىدىن ئۈگىنىشى كېرەك . ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئەڭ توغرا دەپ قارىغان كىشىنىڭ يولىدىن مىڭىش ، مۇشۇ يولدا خاتالاشماسلىق ئۈچۈن كۆپ كىشىلەردىن ئىبىرەت ئىلىش دىگەنلىك . ئەمدى ئۇنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە كەلسەك ، ياخشىلارنىڭ ئوبرازى سۈرەتتە ئەمەس قەلىبتە بولىدۇ ، سۈرىتى كىچىك بولغان تەغدىردىمۇ قەلبىڭدىكى ئورنى ناھايىتى چوڭ بولغان بولىدۇ . يەنە بىر سەۋەب ، ياخشى
كىشىنىڭ رەسىمىنى ئۆيۈمگە ئاپارسام ئۆيۈمدىكىلەر بىر يەرگە قويۇشقا تاقىشىپ قالسا ، چوڭكەن بىئەپكەن دەپ قالماسلىقى، ئوشۇق جايلىرىنى يىرتىۋەتمەسلىكى ، مەڭگۈ تۆردە ئاسىراپ ساقلىنىشى ئۈچۈندۇر،
ئىپلاس كىشىلەرنىڭ رەسىملىرى ئەپ كەلمىسە يىرتىپ ئەپ كەلتۈرسەكمۇ ، بىرەرسى يىرتىلىپ يوقاپ كەتسىمۇ ھېچقىسى يوق >> دەپتۇ . رەسسام يەنە ئۇ كىشىدىن : << بۇلارنى بىر يەرگە قويسىڭىز قانداق
ئەھمىيتى بولىدۇ ؟ >> دەپ سوراپتۇ . ھىلىقى كىشى يەنە << ئەپ كەلسە ، ھۆرمەتلىك كىشىمنى ئەڭ چوققىغا ، قولۇم يەتمەيدىغان يەرگە ، قالغانلىرىنى ئاستىغا ، قولۇم يىتىدىغان يەرگە ئاسىمەن ،
ھۆرمەتلىك كىشىنى ئەپ كەلمىسىمۇ ، ئەپ كەلتۈرىمەن ، قالغانلىرىنى ئۇ يەر - بۇ يەرلەرگە ئىسىپ قويىمەن .. ئويلاپ بىقىڭ ، ياخشى بىلەن ياماننى بىريەرگە قويۇپ سىلىشتۇرساق ، تەربىيەۋى ئەھمىيتى
ناھايىتى چوڭ بولىدۇ ، باشقىلارنى ئاسانلا تەربىيەگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ . ياخشىلارنىڭ گىپىنى قىلىۋەرسەكمۇ ئاڭلىغۇچى زىرىكىپ قالىدۇ . ياخشىلاردىن تەربىيە ئىلىش بىلەن تەڭ يامانلاردىن ئىبىرەت
ئالغاندا ، تەربىيەنىڭ ئەھمىيتى تىخىمۇ چوڭقۇر بولىدۇ . ھەرقىتىم ياخشى كىشى توغۇرلۇق سۆزلىسەم ، ئۇنۇڭ رەسىمىگە قولۇمنى سوزۇپ تۇرۇپ ، ماختاپ چۈشەندۈرۈپ ، قەلبىمدىكى چوڭقۇر مىھرى -مۇھاببەت ، ھۆرمەت - ئىھتىرامىنى قوزغايمەن . ئەمما ، ماۋۇ ئىپلاس كىشلەر توغرىسىدا سۆزلىسەم ، ئۇلارنىڭ يۈ -كۆزلىرىگە تۈكۈرۈپ . قولۇمنى سانجىپ تۇرۇپ ، تىپىىپ ، ئۇلارنىڭ قىلغان يامانلىقلىرىنى سۆزلەپ چۈشەندۈرۈپ ، ئەمەلى ھەركىتىم بىلەن ئاڭلىغۇچىلارنى ئىشەندۈرۈپ ، غەزەپ - نەپىرىتىنى قوزغايمەن. ھۆرمەت- ئېھتىرامىم ئاڭلىغۇچىلارنى قايىل قىلىدۇ ، غەزەپ نەپىرىتىم
جاسارىتىنى قوزايدۇ . باشقىلارغا تەربىيە قىلغاندا ، ئاڭلىغۇچىلار مەڭگۈ ئۆرنەك قىلغۇدەك ياخشى كىشىلەر بولۇش بىلەن بىرگە ، ئۇلار غەزەپلەنگۈدەك ۋە نۇمۇس قىلغۇدەك كىشىلەرمۇ بولىشى كېرەك . قايللىق بىلەن جاسارەتنى تەڭ قوزغىيالىغان تەربىيەنىڭ ئەھمىيتى چوڭقۇر بولىدۇ >> دوپتۇ . رەسسام يەنە : << بۇلارنى كىمگە كۆرسىتىسىز ؟ >> دەپ سوراپتۇ .
ئۇ كىشى : << بالا - چاقا ، نەۋرە - چەۋرەمگە كۆرسىتىپ تەربىيە ھەم ئىبىرەت قىلىمەن >> دەپ جاۋاب بىرىپتۇ .
ئاپتۇرى : - كېرىيە ناھىيەلىك خەلق قۇرالىق بۆلىمىدە ئوفتىسېر
مەنبە << شىنجاڭ مەدەنىيتى >> ژورنىلى 2010- يىللىق 3 - سانىدىن
|
|