دوسلارغا ئىلتىجا
قاراڭغۇدا نۇرسىز قېلىپ يول تاپالماي ئاۋارىمەن ،
زۇلمەت ئارا دەسسىلىپ گوياكى ئەخلەت-چاۋارىمەن.
يامغۇردا يەرگە يەنجىلىپ،شامالدا تامغا ئۇرۇلۇپ،
ئوخشىشى يوق جاھاندا مۇشەققەتكە ھاۋالىمەن .
ئۈشبۇ ھالىمنى تەسۋىرلەش ھىچ تىل قولىدىن كەلمىگەي،
جاھان باشلىنىپ بۈگۈنگە بوپ باقمىغان بىچارىمەن .
گەر ئۆزگىلەر ھېيت ئوينىسا مەن مەجبۇرى ھىجىيىپ ،
ئىچ-ئىچىمدىن ئاچچىق يۈتۈپ ئۇيقىدىن ھەم بىدارىمەن.
نىتەي تەڭرىم راۋا كۆردى ماڭا شۇنداق مۇسىبەتنى،
كۆتۈرۋەتسەڭ مۇشۇ كۈننى دەپ دۇئادا زارىمەن .
ئىلتىجارىم داۋام بولدى،ئاسمان-زىمىن تۇشۇپ كەتتى،
شۇندىمۇ ئىجابەت بولمىدى نىمە دىگەن خارىمەن .
ھەر-بىر تىنىق كەتمىدى خىيالىمدىن بىر گۈزەل مەنزىر ،
كۆزلەرىمگە ئۇيقۇ كەلسە چۈشۈمدە جاھان سۇلتانىمەن.
ھامان بىر كۈن يىتىپ كىلەر ئىجابىتى دۇئايىمنىڭ ،
شۇ كۈن ئۈچۈن سايرىغان ئۆز بەختىمنىڭ خەندانىمەن.
چۈشەنسەم ئاغرىنىش نەھاجەت ياراتقان تەڭرىدىن،
سەۋەبى يارىماس ئۆزۈم بۇ ھايات ئەيىپكارىمەن .
تەڭرىنىڭ ئىچى ئاغرىپ تالاي پۇرسەت ئاتا قىلسا،
بىرەرىنى بىلمىگەن بۇ خورلۇقنىڭ سەۋەپكارىمەن .
ھەر كىشىدىن ئۈتۈپ كەتسۇن ماڭا كەلگەن بالا-قازا،
قۇربىتىم يەتسە ئەگەر جېنىم بىلەن تورارىمەن ،
تامايىم يوق دوست-يارەندىن ئۈمۈدىم شۇ تىلەپ قويسا،
<قۇتقازغىن مۇشۇ كۈندىن پەرۋەردىگار >دەپ سورارىمەن.
مەنبە:ئىجادىيەت