كۆرۈش: 7037|ئىنكاس: 17

ئەرلەر ئەركىلەپ، ئاياللار بەڭباشلىق قىلىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىرىشچان ئەزا

مۇھەببەت كەتكىن

UID
4429
يازما
26
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
807
تىزىملاتقان
2010-8-11
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-23 18:39:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



ئەرلەر ئەركىلەپ، ئاياللار بەڭباشلىق قىلىش






مىليۇن يىللاردىن بېرى، ئەركىلەش_ئاياللارنىڭ تۇغما خاراكتىرى بولۇپ،ئاياللار چىرايلىق بولمىسمۇ بولىدۇ، بىراق جەزمەن ئەركىلەشنى بىلىشى كېرەك. چۈنكى ئەركىلەش ئەرلەرگە تاقابىل تۇرۇدىغان كۈچلۈك قورال.
بەڭباشلىق قىلىش بولسا ئەرلەرنىڭ بىر كىسىلى بولۇپ، بەڭباش ئەر كىشى كىشىلەرنىڭ كۆزى چۈشكەن ساھىپجاماللارغا ئېرىشىشنى ئويلايدۇ. بەڭباش ئەرلەر تىلغا ئېلىنسىلا، ئاياللار قاتتىق ئازابلىنىپ، بۇ ئىش مىنىڭ بىشىمغا كېلىپ قالارمىكىن دەپ ئەنسىرەيدۇ.
ئەلۋەتتە بۇنى ئالماشتۇرۇپ باقساق،ئەرلەر ئەركىلىسە، ئاياللار بەڭباشلىق قىلسا قانداق بولار؟ بۇ خىل قاراشنى رىئاللىق ئەمەس دىمەڭ. ھەممە ئىش مۇمكىن بولىدىغان بۇ زاماندا رىئاللىق ئەمەس ئىش يوق.
ئەمەلىيەتتە ھازىرقى ئاياللار بەڭباشلىق قىلىشنى بىر خارەكتىر قىلسا، ئەرلەر ئەركىلەشنى ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋىتىش دەپ قارايدۇ. ئوخشىمايدىغان يېرى، ئەرلەرنىڭ ئەركىلىش ئوغۇرلىقچە، يوشۇرۇنچە بولىدۇ. ئاياللارنىڭ بەڭباشلىقى بولسا، ئوچۇق-ئاشكارە بولىدۇ.
ئەرلەرنىڭ ئەركىلىشىنىڭ سەۋەبى ئەرلەر بوشاشتى. ئاياللارنىڭ بەڭباشلىق قىلىشنىڭ سەۋەبى ئاياللار قاتتىقلاشتى. ئەرلەرنىڭ بوشىشىنىڭ سەۋەبى ئاياللارنىڭ ھەمىشە مەجبۇرىي ئۆزىنى مەجبۇرىي يۇقىرى ئورۇنغا قويۇۋالغانلىقىدا بولسا، ئاياللارنىڭ قاتتىقلىشىشىنىڭ سەۋەبى ئەرلەنىڭ ھەمىشە كەينىگە چىكىنىپ يېڭىلگەنلىكىدن بولغان.
ئەمما ئەركىلەيدىغان ئەرلەر ھەرگىزمۇ تۇرمۇشتا ياكى كەسىپتە مەغلۇپ بولغانلار ئەمەس،بەلكى كەسىپ ۋە تۇرمۇشنىڭ بىسىمى ئاستىدا، ئەرلەر تاماكا ۋە ھاراق بىلەن ئاچچىقىنى چىقارغاندىن باشقا يەنە يىغلاپ ۋە ئەركىلەپ ئاچچىقىنى چىقىرىدۇ. بۇ دۇنيا ئىنتايىن رەھىمسىز بولۇپ، ئەرلەر ھەمىشە ئاچچىق يۈتۈپ، ئاچچىقىنى چىقارغىدەك جاي تاپالمايدۇ. ھەرگىزمۇ ئەرلەر ئاسانلىقچە ياش تۆكمەيدۇ دىگەن گەپنى قىلماڭ. ئۇزاق مۇددەتلىك بىسىم ئەرلەرنى ئەرلەرگە ئوخشىمايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىۋىتىدۇ. گەرچە ليۇدېخۇا « ئەرلەرنىڭ يىغلىشى جىنايەت ئەمەس» دىگەن ناخشىسىنى توۋلىغان بولسىمۇ، بىراق بىز بۇ ناخشىنىڭ ئۇنىڭ 20 يىللىق سەنئەت ھاياتىنىڭ ئىپادىلىنىشى دەپ قارايمىز.
ئەرلەرنىڭ تاسادىپىي ئەركىلەپ قويۇشى ھەرگىزمۇ نۇمۇسسىزلىق ئەمەس، ئۇ شۇنداق سەمىمىي، ئۇماق بولغان، ئەرلەرگە ئەرلىك جاسارىتىنى قايتۇرۇپ بېرىدىغان بىر خىل ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋىتىش ھەركىتىدۇر.
ئەرلەرنى چۈشىنىدىغان ئاياللار ئەرلەر ئەركىلىگەندە تۇغما ئانىلىق خارەكتىرىنى ئىپادىلەپ، ئەرلەرنىڭ ھارغىن كۆڭلىگە تەسەللى بېرىپ، ئەرلەرنىڭ جاسارىتىنى ئۇرغۇتىدۇ. ئەرلەرنى چۈشۈنمەيدىغان ئاياللار بولسا،ئەرلەرنىڭ ئەركىلىشىنى ئەركەكلەرنىڭ ئىشى ئەمەس دەپ قارىغاچقا، نۇرغۇن ئەرلەر ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋىتىدىغان بوشلۇق تاپالماي، روھسىزلىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا باش كۆتۈرەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ.
بەڭباشلىق قىلىش_ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن ئايرىلىپ مۇستەقىل مەۋجۈت بولىشى ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ئاياللارنىڭ بەڭباشلىق قىلىشى ئۇلارنىڭ ئەركىلىشىنىڭ يەنە بىر شەكلى ئۆزگەرگەن ھالىتى بولۇپ، ئاياللارنىڭ بەڭباشلىق قىلىپ كەلگىنىگە نەچچە مىڭ يىل بولدى. ئۇلار بەڭباشلىقتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ ھالقىلىق پەيىتتە كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان قورالنى بايقىغان. ئەرلەرگە تاقابىل تۇرۇش ۋاستىلىرىنىڭ ئۈنۈمى قالمىغاندا بەزى يىڭى ئۇسۇللار بىلەن ئەرلەرگە تاقابىل تۇرغان. شۇڭا بەڭباشلىق ئاياللار ئارىيەتكە ئېلىپ ئىشلىتىدىغان يېڭى نۇسخىدىكى قورالغا ئايلانغان. ياۋايىلىق قىلىش، يولسىزلىق قىلىش، مۇتتىھەملىك قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ خىل يىڭى قورالنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ئىپادىلىنىش شەكلى مەلۇم جەھەتتە ناھايىتى ئەسقاتىدۇ. ئەرلەرگە تاقابىل تۇرۇش ۋاستىلىرىنىڭ كۆپ خىللىلىشى ئەرلەرنى بەزىدە ئىنتايىن ئامالسىز قالدۇرىدۇ.
ئىككى مىڭ يىلنىڭ ئالدىدا كوڭزى « پەسكەش ئادەملەر ۋە ئاياللارنى بىقىش ئەڭ تەس » دېگەن.  ئەمەلىيەتتە بۇ ئاياللارنىڭ بەڭباشلىق قىلىشىغا بولغان ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن چىقىرىلغان ھۆكۈم. بۇ نى ھازىرقى سۆز بىلەن بەڭباش دەو چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. بىراق ئاياللار قانداق بەڭباشلىق قىلسۇن ، ئەرلەرنى ئىنتايىن ئامالسىز قالدۇرسۇن، ئەرلەر يەنىلا باتى-ئاخىر بىر خىل كەڭ قورساقلىق بىلەن ئاياللارغا مۇئامىلە قىلىدۇ. مانا بۇ ئەرلەرنىڭ كەڭ قورساقلىقى. چۈنكى ئەرلەر ئاياللار ھەرقانچە جىدەل قىلىسمۇ ،ئۇلارنىڭ ئەرلەرنىڭ تىخىمۇ كۆپ مۇھەببىتىگە ئېرىششىنى ئويلاشقا تەۋە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.
ئەرلەر ئىنتايىن جاپا تارتىدۇ. شۇڭا مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئەركىلىسە بولىدۇ. گەرچە ئەركىلەش ئاياللارنىڭ تۇغما خارەكتىرى بولسىمۇ بىراق ئەرلەرمۇ باشقىلارنىڭ كۆيىنىشىگە مۇھتاج. ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئەركىلەش شەكلىگە يول قويۇپ، ئەرلەرنى چۈشەنگەندە ئاياللار بىغىشلىغان ئانىنىڭ ئىللىقلىقىنى ئەرلەر ھىس قىلالايدۇ، كۆرەلەيدۇ.
ئاياللار ئىنتايىن راھەتتە ياشايدۇ. شۇڭا ئاياللار ئۆزىنىڭ بەڭباشلىق دەرىجىسىنى كونتۇرۇل قىلىۋىلىشى كېرەك. گەرچە بەڭباشلىق قىلىشنى ئەركىلەشنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى دىسەكمۇ، بىراق ئەرلەرنىڭ يەنىلا بەڭباشلىق قىلغان ئاياللارنى ئەمەس، ئەركىلىگەن ئاياللارنى بەكرەك قوبۇل قىلىدۇ. بەڭباشلىق قىلغان ئاياللارغا ئەرلەر ناھايىتى چوڭ كەڭ قورساقلىق بىلەن چىدايدۇ. بۇ ئەرلەرگە ئىنتايىن ئازار بولىدۇ. ئەرلەرنىڭ ئىنتايىن ئامالسىز قالغانلىقىنى، كۆڭلىدىكى ئازابىنى بەڭباشلىق قىلغان ئاياللار زادىلا كۆرەلمەيدۇ.
ئەرلەر ئەركىلىگىڭلار كەلسە ئەركىلەڭلار، ھەرگىزمۇ بىسىم يۈكلىۋالماڭلار؛ ئاياللار بەڭباشلىق قىلغاندا، ئازراق بەڭباشلىق قىلىڭلار، ھەرگىزمۇ قاپاقلىرىڭلارنى تۈرۈپ: مەن زادى مۇشۇنداق قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن دىمەڭلار......................

سىنى بەك سىغىندىم...
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
5097
يازما
45
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1406
تىزىملاتقان
2010-8-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-26
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-23 21:35:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرلەر ياخشى كۆرگەن ئادىمىغىلا ئەركىلەيدۇ. ئۇلار ئەركىلسە بەك ئۇماق بۇلۇپ كېتىدۇ

UID
7397
يازما
322
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
10295
تىزىملاتقان
2010-11-21
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-24 10:57:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنبە؟ئۆزىڭىز؟
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ماقالە ئىكەن.
ئەرەر ئەركىلىسە مەيلى،ئەمما يىشىنى كۆرۈپ قالماي !
مەن يولىدا بەڭۋاشلىق قىلىمەن،ئەركىلەشكىمۇ......

UID
2272
يازما
294
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
9534
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-29
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-24 15:43:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرلەرنىڭ ئەركىلىگىنىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن ....

دۇنياغا ھەممىمىز  ئارتىس !

UID
1381
يازما
505
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
15904
تىزىملاتقان
2009-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-5
توردا
36 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-24 15:52:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"ئەرلەر ئىنتايىن جاپا تارتىدۇ،ئاياللار راھەتتە ياشايدۇ"؟؟؟ بۇ قانداق مەنتىقە ئەمدى؟!

سەمىمىلىك بىباھا گۆھەردۇر!

UID
8363
يازما
59
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1860
تىزىملاتقان
2011-1-3
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-24 18:03:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرلەرنىڭ ئەركىلىشى ؟؟؟ ئاياللار ئۆزىنى ئاجىز ھىسابلايدۇ لىكىن ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىنمۇ ئاجىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمايدۇ . ئەلۋەتتە جىسمانى جەھەتتە ئەمەس

يۈرەك چوغ ، قەلىپ چوغ ....

كۆيۈمچان ئەزا

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈ

UID
2391
يازما
218
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
7029
تىزىملاتقان
2010-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-3
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-24 18:21:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدە ئەرلەر كۈچلۈك ، ئاياللار ئاجىز دىگەن بىر ئۇقۇم ساقلىنىپ قالغان ، ئەمىلىيەتتە ئەرلەر ھەرقانچە قەيسەر ، چىداملىق بولسىمۇ ئۇلار بەزىدە ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەم ئالدىدا ئەركىلىگۈسى كىلىپ قالىدۇ ، بۇ ھەرگىزمۇ ئەرلەرنىڭ ئاجىزلىقى ئەمەس ، بەلكىم ئۇلارمۇ ئوخشاشلا كۈيىنىشكە ، مىھرى مۇھەببەتكە مۇھتاج ............

كىتاپنى دوست  بىل

UID
7196
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
217
تىزىملاتقان
2010-11-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-24 23:02:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۇلخۇمار خېنىم ئاجايىپ ياخشى پىكىر قىپتۇ ، ئەرلەر ئاجىزلىقىدىن ئەمەس بەلكى مېھىر - مۇھەببەتكە مۇھتاجلىقىدىن ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمىگە ئاندا - ساندا ئەركىلەپ قويىدۇ !!!

UID
7423
يازما
13
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
130
تىزىملاتقان
2010-11-22
ئاخىرقى قېتىم
2011-7-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-25 01:38:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭۈلدىكى ئايال ئەركىلىسە، ئادەمگە تاتلىق بىلىنىدۇ ، ئەركىلەشمۇ ئاياللارغا لاتاپەتلىك تۈس بېرىدۇ ! لېكىن، ئەركىلەۋەرسە، ئۇنىڭمۇ مەززىسى قالماسلىقى مۇمكىن !....

UID
10270
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
50
تىزىملاتقان
2011-3-21
ئاخىرقى قېتىم
2011-7-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-22 01:34:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى  كۆرۈپ ، ئۇنىڭ ماڭا تاتلىق  ئەركىلىگەن ۋاقىتلىرىنى ئويلاپ قالدىم  ، راست ئەرلەر ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمىگە ئەركىلىسە تولىمۇ  ئۇماق  بۇلۇپ كىتىدۇ .  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش