بۇ 5قەۋەتتىكىtutem يوللىغان 2011-01-23 15:28 غا قارتىلغان :
ياراتقۇچىنىڭ قىسمىتىگە ئەلەكمۇللا دىمەي ئامال يوق.ئۈلگەنلەرنىڭ كەينىدىن ياخشى تىلەكلا تىلىيەلەيدىكەنمىز.ئەمما ئۈلۈم تۇغرىسىدا مۇپەسسەل ئويلىنىشقا ئۆلگۈرمەيلا ئالدىراش جەمئىيەت قوينىغا غەرىق بۇلۇشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇردىكەنمىز.تاسادىپى قۇلىمىزغا تەككەن نەزىر باغاقلېرى،مىيىت نامىزى،قەبرە يۇقلاش،كىسەل يۇقلاش ...لاردىن ھەر قانداق ئىنساننىڭ ياراتقۇچى بىلەن مەلوم جەھەتتە ئۈنسىز دىئالوگلىشىۋاتقانلىقىنى تۇيغۇمىزدا ھېس قىلدىكەنمىز.شەيتاننىڭ شىۋىرلىشىغا مەستخۇش بولساق زالالەتكە يۈزلەنگەن،پەرىشتىنىڭ پىىچرلىشىغا ئەگەشسەك قەلىبلەر نۇرغا تۇلىدىكەن.قىسقىسى،ئۈلۈم سىمفۇنىيىسىنى ھەر ۋاقىت ئۆزىمىز بىۋاستە باشتىن كەچۈرۈش ھەر بىر ئىنساننىڭ قىسمىتىگە مىخلانغان ئىكەن. 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
اللە رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم! ئىنكاسىڭىزدىن شۇنداق سۆيۈندۈم. ئەلكۈيىدە سىزدەك ھەقنى سۆزلەيدىغان، دىلى ئويغاق، ھەققە مۇشتاق ئىنساننى ئۇچراتقىنىمدىن شۇنداق خۇشالمەن! اللە ئىلمىڭىزنى ۋە ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن، امين!...