ئارقا ھويلا
يۇنۇس زۇننۇن
مېنىڭ ئاۋازىمنىڭلا قالغانلىقىغا ئىشىنەلمىدىم
ئاڭلاۋاتىمەن
بىر نازۇك توختىماستىن يىغلاۋاتىدۇ
سېزىۋاتىمەن
كونا يارا قايتىدىن قاناۋاتىدۇ
تامچە-تامچە چۈشىۋاتىدۇ
ئاسمانغا ئۆرلىيەلمىگەن تىلەكلەر…
تىزلىنىپ ئولتۇرغان سوغۇق ئۆيلەر
جىمجىت تىلاۋەت قىلىۋاتىدۇ
تۆنۈگۈنكى ئىتنىڭ ھۇۋلاشلىرى
تۇل ئايالنىڭ ئەپسۇنلىرى
ئوقىلىۋاتىدۇ
بۇلاپ كېتىلگەن قىزغا
تاش كوچىلارنىڭ ئايىغىم ئاستىدىكى سەپىرىدە
قارشى سەپەر
ئالماس كۆزلۈك جادۇگەر
ھامان ساقلار مېنى
بىر بېكەت
"سەن كىم؟"
يىغلىدىم
يىغلىۋاتىمەن
قوراشتۇرۇپ ھەرىپلەرنى چاناقلىرىمغا
تامچە-تامچە چۈشىۋاتىدۇ
سۈيلەنگەن قەرز ئورنىغا
مېنى جان ئېتىۋاتقان سۆزلەر…
رىۋايەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن دوستۇم؟!
ئۇ بىزنىڭ ئاخشامقى پاراڭلىرىمىزمىدى؟
ياكى ئاپتاپ يوشۇرغان قاراڭغۇلۇقمىدى؟
ياكى يۈتۈلگەن ھەسرەتمىدى؟
ياكى بىردانچە قۇم
چاناقلىرىمىزدىن ئوت چىقىرىۋاتقان
ياكى بىر قورامتاش
كۈندۈزىنى توۋلاۋاتقان
ياكى بىر تال ئەتىرگۈل
رەڭ تىلەۋاتقان…؟
كىم شائىرنى قانغا يات دەيدۇ؟
كىم شائىرنى مېھنەتسىز قانلارنىڭ خاتىرلىگۈچىلىرىدىن ئەمەس دەيدۇ؟
كىم شائىرنى رىۋايەتكە ئايلىنىۋاتقانلاردىن ئەمەس دەيدۇ؟
مېنىڭ شائىرلىرىم بار ئىدى
ئۇلار كېسەلدە
ئاخشامقى ھەۋەسنىڭ كەينىدە
كۆزەينەك تاقاپ كۆرىدۇ ئىشەنچلىرىنى…
ئېسىڭدىمۇ؟!
بىزنىڭ ئارقاھويلىدا
ھەممە بار ئىدى
جەننەت دېمەكچى بولسا بىراۋ
ھازىرمۇ ئاشۇ بىزنىڭ ئارقا ھويلىنى مىسالغا ئالىمەن
قاپقارا مەجنۇنلار تۇتقان كېچىنى
ھەممىمىز ئەسلىيەلەيمىز
بولۇۋاتقان ئىشلارنى
ئاتىمىزنىڭ پۇتىدىكى ئىشكاللار تېخى تۆنۈگۈنكى ئىش
ئەمما ئۇئەزەلدىن يۈز بېرىۋاتىدۇ
ياش ۋە قان ئېقىۋاتىدۇ
... … … … … …
ئۇچقىن!ئۇچقىن!
يىراقلارغا ئۇچقىن!
قاناتلىرىڭغا باغلىدىم ئاخىرقى ئۈمۈدنى
زەيتۇن چىشلەپ كەلگىن ئامرىقىم
ئارام تېپىپ كېتەي
قۇرۇشنى كۈتۈپ تۇرغان ھۆللۈكۈمگە
ئارقاھويلىغا...