كۆرۈش: 16233|ئىنكاس: 9

تۇرمۇشتا سەل قارىلىپ كىلىۋاتقان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
12
يازما
91
تېما
14
نادىر
0
جۇغلانما
3849
تىزىملاتقان
2008-10-5
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-10 21:35:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشىلىك تۇرمۇشتا بەزىلەر قانۇن ئېڭى تۈۋەن بولۇش تۈپەيلىدىن ئاسانلا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ قويىدۇ - دە، قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ. بۇ ھەقتە مۇنداق مىساللارنى كەلتۈرۈشكە بولىدۇ:

كېسەل بولۇپ قالغان جورىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى رەت قىلىش: بەزىلەر ئۆزىنىڭ كېسەل بولۇپ قالغان جورىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسا، ئۇنى خارلىسا جامائەتچىلىكنىڭ ئەيىپلىشىگىلا ئۇچرايدۇ، قانۇن جەھەتتىن جازالاشقا ئۇچرىمايدۇ، دەپ قارايدۇ،. ئەمەلىيەتتە دۆلىتىمىزنىڭ نىكاھ قانۇنىدا: ‹‹ ئەگەر جورىسى كېسەل بولۇپ قالسا، قارشى تەرەپنىڭ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە ئۇنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بار. قارشى تەرەپ تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمايدىغان بولۇپ قالسا، ئۇنى بېقىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك›› دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمايديغان جۆرىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە بېقىشنى رەت قىلىش قانۇنغا خىلاپ قىلىمىشقا ياتىدۇ.

ئاتا - ئانىسىنىڭ مال - مۈلۈكىنى خالىغانچە ئىگىلىۋېلىش: ئۆي - ئوچاقلىق بولغان بەزى پەرزەنتلەر ئاتا - ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئالماي، ئۇلارنىڭ مال -مۈلىكىنى ئۆز ئۆيىگە توشۇيدۇ. بۇ ئىش ئۇلارنىڭ ئاتا - بالىلىق مۇناسىۋىتى بىلەن يېپىلىپ قالىدۇ. ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنىدا: ‹‹ ئاتا - ئانىسىنىڭ مال- مۈلۈكىنى ئوغرىلىغان ئائىلە ئەزالىرىغا ئامانلىق ساقلاش نىزامى بويىچە جازا بېرىلىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرىلىدۇ›› دەپ بەلگىلەنگەن. ئەگەر پەرزەنتلەر ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەن بولسا، ئاتا - ئانىسىنىڭ مال - مۈلىكى ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولىدۇ. ھەرقانداق ئادەم، جۈملىدىن پەرزەنتلىرىنىڭمۇ ئۇنى خالىغانچە ئىگىلىۋېلىشىغا بولمايدۇ. پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ مال-مۈلىكىنى ئوغرىلاش ئەھۋالى ئېغىر بولغان بولسا، ئوخشاشلا ئوغرىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

باشقىلارنى تىللاش - ھاقارەتلەش: ئادەم ئۇرۇشنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئەمما ئادەم تىللاشنىڭمۇ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن ئادەم بىلمەيدۇ. ئادەم تىللىغۇچى ئۆزىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلمايلا قالماستىن، بەلكى تىل ئاڭلىغچىى ئىچىدە قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى تىللىشىنى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش، دەپ قارايدىغانلامۇ ناھايىتى ئاز. شۇڭا باشقىلار ئۆزىنى تىللىغاندا، ئۇنىڭغا تىللاش ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش ياكى كارى بولماسلىق پوزىتسىيىسىنى تۇتىدۇ. ئەمەلىيەتتە مەيلى يېزىق، تېلفون، ئېنتىرنىت تورى ياكى يۈز تۇرانە تىللاش بولسۇن، ھەممىسى باشقىلارنىڭ نام - ئابرويىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش ھېسابلىنىدۇ. ئېغىر بولغانلىرى تۆھمەت جىنايىتىنى شەكىللەندۈرۈىدۇ.

پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە بەرمەسلىك: بەزى كىشىلەر پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە بېرىش - بەرمەسلىكنى ئاتا - ئانىلارنىڭ ھوقۇقى دەپ قارىسا، يەنە بەزى كىشىلەر ئائىلىسىدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق، سودا - سېتىق ئىشلىرىنى باھانە قىلىپ، بالىسىنى ئوقۇشتىن توختىتىۋالىدۇ، ئەمما بۇ قىلمىشنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ‹‹ مائارىپ قانۇنى››، ‹‹ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى›› ۋە‹‹ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى›› قاتارلىق قانۇنلاردا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تەربىيىلىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىنغان. ئاتا - ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشىگە ياخشى شارائىت يارىتىپ بەرمەسلىكىنىڭ ئۆزى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش. پەرزەنتلىرى ئۆزى ئوقۇشتىن زېرىككەن تەقدىردىمۇ، ئاتا - ئانىلار ئۇلارنى توسۇمايدىكەن ياكى ئامال قىلىپ ئوقۇشقا كۆندۈرمەيدىكەن، بۇ ئۇلارنىڭ قانۇن ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىق بولىدۇ.

باشقىلارنىڭ ئىسىم - فامىلىسىنى قالايمىقان ئىشلىتىش: باشقىلارنىڭ ئىسىم - فامىلىسىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، ناتوغرا پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، باشقىلارغا روھىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيان يەتكۈزۈش باشقىلارنىڭ ئىسىم - فامىلىسىغا دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

نىكاھتىن قانۇنسىز ئاجرىشىش: بەزى ئەر - خوتۇنلار ئۆز ئارا ئازارلىشىپ قىلىش، مىجەزى كىلىشمەسلىك ياكى باشقا سەۋەبلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىغا بېرىپ قانۇنلۇق نىكاھتىن ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى بېجىرمەستىن ئۆزلىرى ئاجرىشىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە قانۇن جەھەتتىن نىكاھ مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلغانلىق ھېسابلانمايدۇ ھەم قانۇن جەھەتتىن قوغدالمايدۇ. ئەگەر ئۆز ئارا كېلىشىپ نىكاھتىن ئاجرىشىش مەزگىلىدە، قايسى بىر تەرەپ باشقا بىرى بىلەن ئاشكارە ياكى يوشۇرۇنچە نىكاھلىنىدىكەن، قوش نىكاھلىنىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن بولىدۇ.

(مەنبە: قانۇن تورى)

ئادەمسەن ئادەمدەك ياشاشنى بىلسەڭ..
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى
erki بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-11 11:12:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
12
يازما
91
تېما
14
نادىر
0
جۇغلانما
3849
تىزىملاتقان
2008-10-5
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-11 19:32:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسىز، ئاڭ-سەۋىيگىمۇ باغلىق. لېكىن بۇ سۆز مائارىپقا قاراشلىق دېگەن ئاخىرقى سۆزىڭىزگە بىر سىزىق بولۇپ كەلمەيدۇ، چۇنكى ئاڭنىڭ ئۆزىلا ئادەمنى باشقا مەخلۇقاتلاردىن ئايرىپ پەرىقلەندۈرۈپ تورىدۇ. مائارىپ بولسا ئۇ بىر ۋاستە. ئاڭنىڭ شەكىللىنىشى ئەمەس، بەلكى ئاڭغا تەسىر كۆرسەتكۈچى، ئاڭنى تولۇقلاپ بەرگۈچى خالاس. لېكىن تەرەققى قىلماقچى بولغان ئادەم ياكى مىللەتكە يەنىلا ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئاڭ.
مىسالەن مۇنداقلا دەيلى، ئاڭ-سەۋىيە تۆۋەن، مەكتەپ يۈزى كۆرۈش نىسبىتى يۇقىرى بولمىغان (ھەم يوق دېيەرلىك)  بۇرۇنقى چاغلاردىكى ئەدەپ-قائىدىلىك، ئاقكۆڭۈل، قەيسەر، ئىپپەتلىك، نومۇسچان دېيىلىدىغان قىز-ئوغۇللىرىمىز ھازىرقى مائارىپنىڭ ئىلغار ئوقۇتۇشلىرىدا قانداق ئۆزگىرىشلاردە؟ بەزىلىرى ئۆز ئەقلى، تىرىشچانلىقى بىلەن يەنىمۇ ئىلگىرلەشلەردە، ئۆزىگە، ئۆزگىگە خوشاللىق، نەتىجىلەر كەلتۈرۋاتىدۇ، ...يەنە بىر قسىملىرىچۇ؟ ئۆزىنى بىلىش، چۈشىنىش ئېڭىنىڭ يىتەرلىك بولمىغانلىقى سەۋەپلىك ئەدەپ، قەيسەرلىك، ئىپپەت-نومۇسچانلىقنى قايرىپ قويىۋاتىدۇ، ھەتتا قايرىپلا قويدى...بۇلارنىڭ ھەممىسىنى <ئىللەت ئائىلىدە يىتىلىدۇ، جەمئىيەتتە يوغىنايدۇ> دەپ ئېيتساق بولىدۇ....

ئادەمسەن ئادەمدەك ياشاشنى بىلسەڭ..
erki بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-11 20:03:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
12
يازما
91
تېما
14
نادىر
0
جۇغلانما
3849
تىزىملاتقان
2008-10-5
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-13 00:08:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئادەملەرنىڭ ئېڭىغىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە بەلگىلىك تەسىرلىرىنى كۆرسەتتى ھەم كۆرسىتىۋاتىدۇ..لېكىن، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق ئامىل يەنىلا كىشىلەرنىڭ چۈشىنىش، قوبۇل قىلىش ۋە قانداق قىلىشغا باغلىق بولۇپ قىلىۋاتىدۇ...ئاددىيسى، ئەخلاق كاتىگورىيىسىدىن ئېلىپ ئېيتساقمۇ ۋە ياكى جەمئىيەتتىكى ھەر خىل مۇناسىۋەتلەردىن كىلىپ چىقىۋاتقان ناچار قىلمىش-ھەرىكەتلەر، ۋە ياكى جىنايى قىلمىشلارنىڭ كۆپ پرسەنتىنى مائارىپ تەربىيىسى يەنى كىلىپ خېلى يۇقىرى مائارىپ تەربىيىسىدىكى كىشلەر ئىگەللەيدۇ، بۇ كىشىلەرنى نېمە دېگۈلۈك؟ قانۇن تەربىيىسى، مائارىپ، مەكتەپ تەربىيسىى يوق دېگۈلۈكمۇ؟ ...مائارىپ تەربىيىسى ئاز ۋە ياكى يوق بولۇش سەۋەپلىك جەمئىيەت تەرتىپى ۋە قانۇن ئېڭى تۆۋەن بولغان كىشىلەردە (يېزا-سەھرادىكى) ئۇ خىل قىلمىشلارنىڭ يۈز بېرىشى خېلى پەرىقلىق. ......
شۇڭا، ئادەتتە كۆپ دەيدىغان بىر گەپ بارغۇ مائارىپتا، تەربىيە نۇقۇل مائارىپتىلا ئەمەس، بەلكى ئائىلە، مەكتەپ ئىككى تەرەپلىملىك بولىدۇ دەپ...شۇڭا، مائارىپنىمۇ چىڭ تۇتۇشىمىز، ئاساسلىقى ئائىلە تەربىيىسىمۇ بولۇشى كېرەك دەيمەن...
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بوش يېرۇ ئونىۋېرسىتىدا ئاساسلىق تارىخشۇناس كەسپىنى ئوقىغان ئادەم...لېكىن ئۇنىڭ ھەر خىل باھانە سەۋەپلەر بىلەن ئورۇش قۇزغاپ، قانچىلىغان بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ قان تۈكۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلىمىز...بىر قىسىم دۆلەت، ھەتتا ئۆز دۆلىتىدىكى كىشىلەرمۇ ئۇرۇشقا چەكلىمە قويۇش ھەققىدە پىكىرلەر بولسىمۇ ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئىدىيىسى بۇيىچە ئۇرۇشخۇمارلىقىنى قىلىۋاتىدۇ...ئەجىبا، ئۇنىڭدا ئادىمىيلىك ئاڭ، چۈشەنچە كەممىدۇ ياكى مائارىپ تەربىيىسى؟....

ئادەمسەن ئادەمدەك ياشاشنى بىلسەڭ..
erki بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-13 09:04:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
erki بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-13 09:15:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
12
يازما
91
تېما
14
نادىر
0
جۇغلانما
3849
تىزىملاتقان
2008-10-5
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-13 23:58:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ گىپىڭىزگە تازا قوشۇلالمىدىم ....  ناچار قىلمىش-ھەرىكەتلەر، ۋە ياكى جىنايى قىلمىشلارنىڭ كۆپ پىرسەنتىنى يۇقىرى مائارىپ تەربىيسى كۆرگەن كىشىلەر قىلىدۇ دىسەك ...؟؟؟

بۇنداق دېگەنلىك، كۆپ پرسەنتىنى شۇلار ئىگەللەپ قىلىۋاتىدۇ دېگەنلىك. ..مەسىلەن، خىزمەت ياكى تۇرمۇش بېسىمىنى باھانە قىلىپ ھەر خىل سورۇنلاردا يۈرۈپ ئەخلاقتىن ھالقىغان ھەرىكەتلەردە بولىۋاتقان قىلمىشلار، يۇقىۋاتقان مەرەز كېسەللەر، خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ بولىۋاتقان قىلمىشلا (پارىخۇرلۇق، جازانىخۇرلۇق، تېخنىكا ياكى پەنگە تايىنىپ قاقتى-سوقتى قىلىش، ئالدامچىلىق قىلىش...)دېگەنلەرنى چىلىقتۇرغىنىمىزدا  ئادەم ھەقىقەتەن ئويلىنىپ قالىدۇ...يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرۇپ ھە؟ ئەجىبا ئۆزىدە ئازراق ئادىمىي ئاڭمۇ يوقمىدۇ ئۆزىنى، مۇھىتنى، جەمئىيەتكە توغرا قاراش ئۈچۈن دەپ قالىدۇ كىشى..
تۆۋەن قاتلامدىكى ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلى بىلىم ئىلىشى چەكلىك، قانۇن سەۋىيە ئىڭى تۆۋەن بولغان،..لاردا كۆپ ئوچرايدىغىنى ئوغرىلىق، ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى چۈشەنمەسلىك سەۋەپ ئۇرۇشۇش كۆپرەك، يارلاندۇرۇش، باسقۇنچىلىق، پەسكەشلىك، ئېغىر بولغاندا قاتىللىق، ئېغىر زەخمىلەندۈرۈش..دېلولىرى كۆپرەك بولدىكەن خالاس..بۇلارنى ئويلىغاندا جەمئىيەت تەرتىپى، كىشىلىك ئەخلاقلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئاز-تولا چۈشىنىپ يەتكىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئادەم ئۆزىنى بىلىشى، ئۆزگىنىمۇ چۈشىنەلىشى، ئۆزىدىكى ئارتۇقچىلىقى (بىلىم-سەۋىيىسى) ئارقىلىق باشقىلارغا پايدا-مەنپەئەت، بەخت...تۆھپە يارتىش دېگەنلەرنىمۇ ئويلاپ قويسىمۇ  بولاتتى دەپ ئويلايمىز..

ئادەمسەن ئادەمدەك ياشاشنى بىلسەڭ..

UID
12
يازما
91
تېما
14
نادىر
0
جۇغلانما
3849
تىزىملاتقان
2008-10-5
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-14 00:15:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمون6قەۋەتتىكىerkiنىڭ2008-10-13 09:15دە يوللىغان يازمىسى  :
لىكىن نۇرغۇن ئىشلاردا بىز قانۇن نۇختىسىدىن ئەمەس ، ئادىمىيلىك ، ئەخلاق نۇختىسىدىن چىقساق ياخشى بولاتتى ، بىز ئادىمىيلىك ، ئەخلاق نۇختىسىدىن چىقالمىغاچقا دۆلەت قانۇن ۋە زورلۇق ۋاستىلىرىنى ئىشلىتىدۇ .خالاس . ئادەمنىڭ ئادىمىيلىكى ، ئەخلاقى قانداق يىتىلىدۇ ؟ ئۇ كېچىكىدىن باشلاپ ئەتراپىدىكى مۇھىتقا باغلىق ، ...........

بۇلاردىن تەربىيە مائارىپ ۋە ئائىلە تەربىيىسى بۇلۇپ ئىككى تەرەپلىمىلىك دېگەن سۆزۈمنى دەلىللەنگەندەك چۈشەندىم...

ئادەمسەن ئادەمدەك ياشاشنى بىلسەڭ..

تىرىشچان ئەزا

ئەزمەتجان

UID
13633
يازما
14
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
464
تىزىملاتقان
2011-7-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-31 11:42:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنڭچە  تەربىيە ئۈچ  تەرەپتىن جەمىئىيەت تەربىيسى ،ئائىلە تەربىيسى ، مەكتەپ تەربىيسى ئۆز-ئارا ماسلاشقاندا بىزگە قانداق ئاتىلار ، ئانىلار كىرەكلىكى ، بىزگە قانداق ئوقۇتقۇچى ئۇستازلا لازىملىقىنىمۇ  توغىرسىدا ئويلاپ قويىشىمىز كىرەك

ئالىم بولساڭ ئالىم سىنىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش