ياخشى ئايال بىلەن ناچار ئايالنىڭ پەرقى
1. ياخشى ئايال ئائىلىنىڭ تازىلىقى مەسىلەن؛ئاشخانا،ھاجەتخانا قاتارلىقلارنىڭ تازىلىقىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ،ھەمدە يولدىشىنىڭ ياقىسىنى ھەرگىز كىر قىلمايدۇ.
2. ناچار ئاياللارئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ،ھەتتا ئۆزىنىڭ شەخسى تازىلىقىغىمۇ ئەھمىيەت بەرمەيدۇ.بىرنى پاكىز،بىرنى كىر پېتى كىيىۋېرىدۇ.
3. ياخشى ئاياللار ئېرى بىلەن ھەرگىز گەپ تالاشمايدۇ.ھەتتا بالا- چاقىلىرىنىڭ ئالدىدا يولدىشىنىڭ كۆڭلىگە كېلىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلىپ سېلىشتىن ئېھتىيات قىلىدۇ.بالا-چاقىلىرىغا ۋەياتلارغائېرىنى داتلاپ بەرمەيدۇ. پەرزەنتلىرىگە ھەر دائىم دادىسىنىڭ مۇشۇ ئائىلىنى بېقىش ئۈچۈن دادىلىق بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدۇرۇپ،ئاتا-بالائوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا كۆيۈنۈشنى كۈچەيتىدۇ
4.ناچار ئاياللار بولسا، ئۆز بالا-چاقىلىرىنىڭ ئالدىدا ئېرىنى سەت سىلكىپ،ئېرىنىڭ يامان تەرەپلىرىنى بالىلىرىغا چىت قىلىپ يايىدۇ،ئازراقلا خاپا بولسا بالىلىرىغا داتلاپ، _ ھەر قايسىڭنىڭ دەردىدە داداڭلارنىڭ ئالدىدا خار بوپ كېتىۋاتىمەن،دەپ بالىلىرىغا ئۆزىنى بىچارە، دادىسىنى ئەسكى كۆرسىتىىدۇ.بالىلىرى بىرەر ئىش توغرىسىدا مەسىلىھەت سورىسا، داداڭ تىللايدۇ،دەپ جاۋاپ بېرىدۇ،پۇل سورىسىمۇ، ئۆيدە پۇلنىڭ يوقلىقىنى بىلسىمۇ داداڭدىن سورا، مەندە پۇل يوق دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بالىلار دادىسىدىن پۇل سوراپ ئالالمىسا دادىدىن رەنجىيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالىلار دادام ئەسكى ، ئاپام بىچارە دەپ بىلىپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ.دېمەك ناچار ئاياللار ئۆز بالىلىرىنىڭ سەرگەندار بولۇشىغا سەۋەپچى بولىدۇ.
5. ياخشى ئاياللار ئىسراپخور بولمايدۇ. بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولۇش شارائىتى بولسىلا تولۇق يىغىلمىغىچە داستىخان ئاچمايدۇ.ھەمدە تاماق ۋاختىدا دادا بولغۇچى بولمىسا بالىلىرىنى دادىسى كەلگىچە كۈتۈشكە كۆندۈرىدۇ.ھەرگىزمۇ دادىسىغا قارىماي تاماق يەۋەرمەيدۇ.ئەگەر دادىسى سەل كېچىكىش ئېھتىمالى بولسا ئالدى بىلەن بالىلارغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ تاماقنىڭ ياخشى يېرىنى ئەپ قويىدۇ.بۇنىڭ بىلەن بالىلاردا ئۆز دادىسىغا بولغان ئېتىقات ۋە كۆيۈنۈش يېتىلىدۇ.
6. ناچار ئاياللار بولسا ئېرىنىڭ ئاچ - توق قېلىشى بىلەن قىلچە كارى بولماي، خالىخۇتتا تاماقنى ئىتىپ بالىلىرىغا يىگۈزۈپ،بالىلىرىدىن ئاشقان تاماقنى بالىلىرىغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ، بۇنى داداڭلار كەپقالسا يىسۇن دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالىلاردا ئۆز دادىىسىغا بولغان ئېتىقادى سۇسلاپ، دادىنى كۆزگە ئىلماسلىقتەك كەيپىيات شەكىللىنىدۇ.
7. ياخشى ئاياللار ئۆيىدە نېمىنىڭ بار- يوقلىقىغا دىققەت قىلىپ يۈرۈيدۇ.
8. ناچار ئاياللار بىرسى ئىككى بوپ قالسىلا بىرسىنى ئۆينىڭ نېرى بىر يېرىگە تىقىۋېتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ، كېرەكلىك نەرسىمۇ كېرەكسىز نەرسىگە ئايلىنىپ يەر ئاستى ئۆيىگە توشۇپ كېتىدۇ.
مەنبەنى ئەسكەرتىپ قۇيۇڭ،بولمىسا بۇ تېما مەلۇم ۋاقىتقىچە ئۆچۈرۋېتىلىدۇ. |