- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 214
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 7025
- تىزىملاتقان
- 2010-6-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-18
- UID
- 2391
- يازما
- 214
- تېما
- 7
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 7025
- تىزىملاتقان
- 2010-6-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-18
- توردا
- 7 سائەت
|
1. بالا مىجەز ئەرلەر .
بۇ خىلدىكى ئەرلەر ئاساسەن خۇتۇنىنىڭ بۇيرىقىغا بوي سۇنىدۇ . ئىشلارنى مۇستەققىل بىر تەرەپ قىلالمايدۇ . خۇتۇنى نەگە باشلىسا شۇ تەرەپكە ماڭىدۇ ، تاپقان پۇللىرنىڭ ھەممىسىنى بىر تىيىن قالدۇرماي خۇتۇنىغا تاپشۇردۇ . بۇنداق ئەرلەرنىڭ ئالغا ئىنتىلىش روھى كەمچىل بولىدۇ . بىرەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ . ئۇلار خۇتۇنىنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقالمىغىنى بىلەن ئىشىق- ھەۋەسكە بىرىلگەن بولىدۇ . خۇتۇنىدىن چىرايلىقراق ، ياشراق ئاياللارنى كۆرسە ، شاللاق مىجەزىنى بىلىپ- بىلمەي ئاشكارلاپ قويىدۇ . بۇنداق ئەرلەرنىڭ تىزگىنىنى تارتىپ ، ئۆز مەيلىگە قۇيىۋەتمەسلىك كېرەك ، ناۋادا ئۇلارغا تىگىشلىك ئەركىنلىك ۋە ھەركەت قىلىش پۇرسىتى بىرىلسە ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەيدۇ ، ئەگەر تىزگىنى چىڭ تۇتۇلسا ئائىلىسىگە ئۆمۈر بويى ۋاپادار بولىدۇ . بۇنداق ئەرلەرنىڭ قولىدىن كۆپ ئىش كەلمىگىنى بىلەن ، بۇنداق ئەرلەرگە تەككەن ئاياللار زىيان تارتمايدۇ .
2. دادا مىجەز ئەرلەر .
دادا مىجەز ئەرلەر ، بالا مىجەز ئەرلەرنىڭ ئەكسى بولۇپ ، ئەرلىك غورۇرى كۈچلۈك بولىدۇ ، ھەر قانداق ئىشتا تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇردۇ ، خۇتۇنىغا بوي سۇنمايدۇ . بۇنداق ئەرلەر ناھايىتى تۈرگۈن كېلىدۇ ، ئىقتىسادى شارائىتىدا ئۆزگىرىش قىلىپلا قالماي ، كەسىپتىمۇ مۇۋاپىقىيەت قازىنالايدۇ . دادا مىجەز ئەرلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى ، سىرتتا بىرەر ئىشقا يولۇقسا شۇ يەردىلا بىر تەرەپ قىلالايدۇ ، نىكاھتىن ئاسانلىقچە ئاجراشمايدۇ ، خۇتۇنىغا خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بېرەلەيدۇ . بۇنداق ئەرلەرنىڭ ئالدىراپ چىشىغا تەگمەسلىك كېرەك ، ھەممە ئىشتا ئۇنىڭ رايىغا باققان ئايال زىيان تارتمايدۇ ، ئاياللار بۇ خىل ئەرلەردىن خاتىرجەم بولسا بولىدۇ .
3. دوست خارەكتىردىكى ئەرلەر .
بۇنداق ئەرلەرنى ئاجىز دىگىلىمۇ ، كۈچلۈك دىگىلىمۇ بولمايدۇ . ئۇلار خۇتۇنىنى دوست قاتارىدا كۆرىدۇ ، ئىشلارنى خۇتۇنىنىڭ پىكىرىنى ئالغاندىن كېيىن بېكىتىدۇ . بىرەر ئىش قىلماقچى بولسا خۇتۇنىدىن مەسلىھەت سورايدۇ . ئۆز ئالدىغا ئىش قىلالمايدۇ ، باشقا ئاياللار بىلەن يېقىنلاشقان تەقدىردىمۇ ، ئۇلار بىلەن دوست قاتارىدىلا يېقىنلىشىدۇ ، باشقا چاتاق چىقارمايدۇ . بۇنداق ئەرلەر بىلەن توي قىلغان ئاياللار بەخىتلىك بولىدۇ . چۈنكى ئۇلار خۇتۇنىنى ئائىلىنىڭ ئىللىقلىغىدىن بەھرىمەن قىلالايدۇ ، بۇنداق ئەرلەر ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئەر ھىساپلىنىدۇ .
4. كۈشەندە مىجەز ئەرلەر .
بۇنداق ئەرلەر بىلەن توي قىلىپ قالغان ئاياللارنىڭ ھالىغا ۋاي . ئۇلار يا ياخشىلار قاتارىغا ، يا يامانلار قاتارىغا كىرمەيدۇ . مىجەزىمۇ بەك تۇراقسىز بولىدۇ . بىر دەمدە ئېچىلىپ كەتسە ، بىر دەمدە تۇتۇلۇپ قالىدۇ ، بالا مىجەز ئەرلەر تىپىگە كىرەمدىكىن دىسە ، ئۇلارغا ئوخشاش ساددا ئەمەس ، دادا مىجەز ئەرلەر تىپىگە كىرەمدىكىن دىسە ، ئۇلارغا ئوخشاش پىشىپ يىتىلگەن ئەمەس ھەم ئۇلار قىلغاننى قىلالمايدۇ . بىر نەرسىدىن غەم قىلمايدۇ ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كامچىل ، خۇتۇنى بىلەن چىقىشالمايدۇ . بۇنداق ئەرلەر بلەن توي قىلىپ قالغان ئاياللارنىڭ جېنىغا ۋاي ، بۇنداق ئەرلەرگە ئىلاجى بار مۇۋۇپىق ئۇسۇلغا تاقابىل تۇرۇپ ئۈتۈپ كەتكەن ياخشى ، بولمىسا نىكاھتىن ئاجراشماقتىن باشقا ئامال يوق .
مەنبە : < قىز ئاياللار مەخپىيىتى > دىن ئېلىندى
|
|