- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 669
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 23091
- تىزىملاتقان
- 2010-8-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-8-11
- UID
- 4108
- يازما
- 669
- تېما
- 140
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 23091
- تىزىملاتقان
- 2010-8-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-8-11
- توردا
- 2 سائەت
|
بالىلارنى ئەخلاقلىق ،پەزىلەتلىك قىلىپ تەربىيلەپ چىقىش ئاتا-ئانىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئوليىتى .ئائىلە تەربىيىسىدە بالىلارغا يامان تەسىر بېرىدىغان ناچار ئىللەتلەرنى تۈگۈتىپ بالىلارنىڭ ساغلام ئۈسۈپ يىتىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىش تولىمۇ مۇھىم .ئاتا-ئانىلار تۈۋەندىكىدەك بىرنەچچە ئادەتكە دىققەت قىلىشى كېرەك.
بىرنچى بالىڭىزنى كەمسىتمەڭ.<<ئەجەپ دۆت ئىكەنسىنا >>،<<ياغاچ قۇلاقمۇ سەن >>دىگەندەك گەپ- سۆزلەر بالىلارنىڭ غوروىغا تىگىدۇ.
ئىككىنچى بالىڭىزنى قورقۇتماڭ.بالىلارنى دائىم قورقۇتسىمۇ،ئۇلار ئىشەنچىنى يۇقۇتۇپ قويۇدۇ.ئەگەر بالىلارغا دائىم دىگۈدەك <<كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرىسەن>>،<<ئەمدى شۇنداق قىلىدىغان بولساڭ پاچىقىڭنى چېقىۋېتىمەن>>دىگەندەك سۆزلەر بىلەن گەپ قىلسا بالىلارنى قورقۇنچاق قىلىپ قويۇدۇ.
ئۈچۈنچى.بالىڭىزغا ئالدىراپ ۋەدە بەرمەڭ.<<نەتىجەڭ ياخشى بولسا دىگەن نەرسەڭنى ئېلىپ بېرىمەن>> دەپ ئىلھام بېرىشمۇ بىر خىل ناچار ئادەت.بۇنداق قىلسىڭىز بالىلار ئۆزلىكىدىن ئۆگەنمەيدىغان،بىرەر نەرسە ئۈچۈنلا ئۈگۈنىدىغان نىشانسىز بولۇپ قالىدۇ.
تۆتىنچى.<<بۇندىن كىيىن ئۇنداق قىلمايمەن دىگىن>>دەپ مەجبورلىماسلىق كېرەك.بالىلارنى دائىم ئۇنداق ۋەدىلەرنى بېرىشكە مەجبورلىسا ،بالىلار يالغان سۆزلەيدىغان.ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
بەشىنچى.بالىڭىزنىڭ كۆزىگە كىرۋالماڭ.بالىڭىزنىڭ كۆزىگە كىرىۋالسىڭىز بالىڭزىنىڭ ئىشەنچىنى يۇقۇتۇپ قويىسىز .بالىڭىز ئۆزى قىلالايدىغان ئىشنى ئۆزى قىلسۇن.
ئالتىنچى.بالىڭىزغا تولا كوتۇلدىماڭ.بالىڭزغا تولا كوتۇلداۋەرسىڭىز،بالىڭىز شۇ ئىشلارنى قاملاشتۇرالمايدىغان ئوخشايمەن دەپ ئۆز ئىشەنچىنى يۇقۇتۇپ قويۇدۇ ھەم كوتۇلدىشىڭىزدىن بىزار بولۇپ قالىدۇ.بىرەر ئىش بولسا بالىڭىزغا ئېنىق چۈشەندۈرۈپ،تاپشۇرۇڭ ،بۇنداق قىلسىڭىز بالىڭىز ئۆزىگە ئىشىندىغان بولۇدۇ.
يەتتىنچى .قارغۇلارچە ئىتائەت قىلىشقا مەجبورلىماڭ.بالىڭىزنى قىلۋاتقان ئشىنى تاشلاپ ،سىز بۇيرىغان ئىشنى قىلىشقا مەجبورلىسىڭىز،بالىڭىز شۇ ئىشنى قلىشنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ،شۇڭا بالىڭىزنى بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا ئەمەس،مەسلىھەت تەلەپپۇزىدا ئىشقا بۇيرۇڭ.
سەككىزىنچى.بالىڭىزنى مەيلىگە قويۇۋەتمەڭ.بالىلارنى ئۆز مەيلىگە قويۋېتىشمۇ ياخشى ئادەت ئەمەس.بالىلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتسە ،ئۇلارنىڭ يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقا ،ياراملىق ،مۇستەقىل ئىش قىلالايدىغان ئادەم قىلىپ تەربىيلەپ چىقىشقا پايدىسىز .
توققۇزىنچى.بالىڭىزنىڭ يېشىغا لايىق كەلمەيدىغان تۈزۈملەرنى بېكىتۋالماڭ.مەسىلەن.ئىككى ياشلىق بالىڭىزغا بەش ياشلىق بالىلارغا قويۇىدىغان تەلەپلەرنى قويۋالماڭ،ئۇنداق قىلسىڭز بالىڭىز ئۆزىنى ھېچ نىمە قىلالمايدىغان ئوخشايمەن دەپ ئويلاپ قالىدۇ.
مەنبە:شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى |
|