كۆرۈش: 8890|ئىنكاس: 25

ئىلىم كۆكىدە ئۇيغۇرلاردىن يەنە 2 يۇلتۇز چاقنىدى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
4385
يازما
53
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
570
تىزىملاتقان
2010-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 12:23:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلقئارالىق چىش دوختۇرلۇقى ئاكادېمىيىسى ( International College of Dentists, ICD ) نىڭ جۇڭگو رايونىدىكى ئاكادېمىكلارنى ئېلان قىلىش يىغىنى 2010 – يىلى 9 – ئاينىڭ 28 – كۈنى چۇڭچىڭدا ئېچىلغان بولۇپ، مەزكۇر يىغىندا جۇڭگودىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپ ۋە ئۆلكە – ئاپتونوم رايونلاردىكى چىش دوختۇرلۇقى ئىلمىي جەمئىيەتلىرىدىن خىللانغان 40 نەپەر كىشىگە ‹‹ ICD ئاكادېمىكى ›› لىك شەرىپى بېرىلگەن. كىشىنى تېخىمۇ ھاياجانغا سالىدىغىنى شۇ بولغانكى، دىيارىمىزدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرىدىن بولغان شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1 – دوختۇرخانىسىدىن ئادالەت ( ئەخمەتجان ) قاسىم ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدىن ئاسىيە ياسىن ئۇشبۇ كاتتا شەرەپكە نائىل بولغان ، دىللارنى يەنىمۇ ئىپتخارلاندۇرغىنى ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئايال ئىدى.
خەلقئارالىق چىش دوختۇرلۇقى ئاكادېمىيىسى ( International College of Dentists, ICD ) دۇنيادىكى 3 چوڭ چىش دوختۇرلۇقى تەشكىلاتىنىڭ بىرى بولۇپ، 1927 – يىلى قۇرۇلغان، باش شىتابى ئامېرىكىدا.  ICD دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى تېببىي ئىلمى تەشكىلاتى بولۇپ، ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىنى داۋلاش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، باشقۇرۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىلمىي تەشكىلاتتۇر.  ICD دۇنيادىكى ئەڭ  كۆزگە  كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان، ئەڭ مۇنەۋۋەر چىش دوختۇرى ئاكادېمكلىرىدىن تەركىبلەنگەن بولۇپ،  ICD نىڭ ئاكادېمىك تاللاش بوسۇغىسى ئېگىز، تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى، سانى چەكلىك بولۇپ ، جاھان ئىلىم ساھەسىدە كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە.  ICD  بەرگەن ‹‹ ئاكادېمىك ›› لىك شەرىپى پۈتۈن دۇنيادىكى چىش دوختۇرلىرى ئېرىشىشنى ئارزۇلايدىغان، مۇشۇ ساھە بويىچە ئەڭ ئالىي شان – شەرەپتۇر.
ئۇشبۇ مۇناسىۋەت بىلەن، يۈكسەل جاھان ئىلىم كۆكىدە پارلاپ، ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى يەنە بىر قېتىم يورۇق قىلغان ئادالەت قاسىمى ۋە  ئاسىيە ياسىندىن ئىبارەت بۇ ئىككى  دۇنياۋىي ئاكادېمىككە يەنىمۇ زور  مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تىلەيدۇ! ئەل بۈگۈن سىلەر بىلەن ئىپتخارلانماقتا ، ئىلىم كۆكىدە يەنىمۇ نۇر چاچقايسىلەر، ئاۋامنىڭ دۇئاسى سىلەرگە قۇۋۋەت بولسۇن!
ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئىلىم كۆكىدە ئۇيغۇرلاردىن يەنە 2 يۇلتۇز چاقنىدى

يۈكسەل بلوگى http://www.yuksel.me/
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

ئىشىكنى قايتا-قا

UID
3809
يازما
196
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
6589
تىزىملاتقان
2010-7-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 12:50:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىڭى يىللىق ھاياجانلانغۇدەك خۇشخەۋەركەن!ئىككىلى ئالىمىمىزغا سالامەتلىك،شەرەپ،ئۆمۈر تىلەيمەن!

كۆيۈمچان ئەزا

ئادەمدەك ياشالم

UID
2048
يازما
67
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
1777
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-5
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 12:54:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم   
     
      ئەجەپ كاتتا ئىش ئىكەن، ئۇلار مۇبارەك بولسۇن!
ئالەمچە خۇشاللىق مەڭگۈ يار بولسۇن!

ئەھمىيەتلىك بىر كۈن!

كۆيۈمچان ئەزا

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈ

UID
2391
يازما
218
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
7029
تىزىملاتقان
2010-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-3
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 13:24:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئادەمنى ھاياجانغا سالغۇدەك خەۋەر ئىكەن ، بۇ ئىككى ئايال ئالىمىمىز دۇنيا ئىلىم سەھنىسىدە جۇلالىنىپ بىز ئويغۇرلارنىڭ يۈزىنى يەنىمۇ يۇرۇق قىپتۇ ، بىز سىلەردىن پەخىرلىنىمىز ..............

كىتاپنى دوست  بىل

UID
8258
يازما
19
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
589
تىزىملاتقان
2010-12-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-15
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 15:35:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى تىخىمۇ  ئوڭۇشلۇق قىلغاي! تىخىمۇ زور شان-شەرەپ قۇچۇپ مىللتىمىزنى ،مىللتىمىزنىڭ تۇغما ئەقىللىق ئىكەنلىگنى دۇنيا خەلقىگە تونۇتىشقا  نىسىپ قىلغاي!

كۆيۈمچان ئەزا

بۆرە بول،بولمىس

UID
2041
يازما
120
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4140
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 16:17:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى خوشاللىنارلىق ئىش بوپتۇ!!!!!
لېكىن فامىلىنى تىرناق ئىچىگە ئېلىپ قويغىنىڭىزنى پەقەت چۈشىنەلمىدىم؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

باھا سۆز

koygandengiz  ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قىزى دىمەكچى ........  يوللىغان ۋاقتى 2012-2-6 03:17:30
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ

UID
7397
يازما
322
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
10295
تىزىملاتقان
2010-11-21
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 19:33:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىنىڭلار ساق ئۆمرۈڭلار ئۇزاق بولسۇن،سىلەردىن شۇنداق پەخىرلىنىمىز.

UID
6620
يازما
90
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
920
تىزىملاتقان
2010-10-19
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 20:32:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن خۇشاللىنارلىق ئىش ئىكەن .

UID
2581
يازما
199
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
6232
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 22:26:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 5قەۋەتتىكىkizhumar0998 يوللىغان 2011-01-20 15:45 غا قارتىلغان  :
ئاپىرىن، مىللەتنى دۇنياغا تونۇتىدۇ دىسە مۇشۇنداق ئالىملارنى دىسە بولىدۇ.



ياخ ياخ ، بۇلاردىنمۇ بەكەرەك ناخشىچىلار تۇنۇتىدۇ

مىللىتىمىزدىن مۇشۇنداق ئالىملار كۈپلەپ چىقسا نىمىدىگەن ياخشى بۇلاتتى ھە؟
ھەقىقەتەن خۇش خەۋەركەن

كۆيۈمچان ئەزا

tunuxup pikhr almaxtursam man

UID
7601
يازما
136
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
4396
تىزىملاتقان
2010-11-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-21 11:49:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋال بۇ تىمىنى يوللىغان يۇكسەلگە رەخمەت ، بۇ ئىككى ئالىمنىڭ ئىلىم كۆ كىدىكى پەرۋازىغا ئاپىرىن . مىللىتىمىزگە ئېلىپ كەلگەن شان شەرەپلىرگە كۆ پ تەشەككۇر. ئاللاھ سىلەرنى مىرادىڭلارغا يەتكۇزگەي،سىلەر نىڭ شەرپىڭلار ئۈچۈن چاۋاك چالغانلار ھەر ۋاقىت سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلدۇ.

ەەر قانداق ظشتا ظأ زەڭگە ظىشەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش