ھايا دىگەن ئىشتانسىز بىر قىز
ناخشا ئېيتىدۇ بىر رەڭسىز كوچا،
يوق ئەمما دوتارنىڭ بىرمۇ پەدىسى.
ئۆزىدىن ئېزىققان سېرىق چاچ ئايال،
بۇ كوچىنىڭ داڭدار ئەرتىسى.
ئۇ ئوينايدۇ ئۇسسۇلدىن چىقىپ،
گاھ ئۇچۇق كۆكرىكى، ساغرىسى بىلەن،
گاھ جامدەك كۆزلىرى، قاشلىرى بىلەن
شەھۋەت بۈشىكىدە جاننى تەۋرىتىپ
چەيلىنىپ كەتسىمۇ پايىدا چىمەن.
بۇ ئايالنى ئاڭلىغان ئەرلەر،
تەلۋە ھاياجاننىڭ قورشاۋىدا مەس
ئەخلەتكە تاشلانغان گۈلگە باقمايدۇ.
شۆلگەيلىرىنى ئېقىتقان پېتى
نازۇركۇمغا پاتماي سەكرەيدۇ.
سەكرەپ، سەكرەپ ئايلىنىپ ئوتقا
قىرغاقسىز سۆيگۈگە جاننى تاشلايدۇ...
بۇ يەردىكى مۇھەببەت بىلەن
جاراھەت ئېغىزىدىكى تامچىغان قانغا
ئايلىنىپ كەتتى تالاي-تالاي ئەر،
جاندىن كەچسىمۇ جانانغا يەتمەي.
بىلەلمەي قاي زاماندىن كەلگەنلىكىنى
چۆرگىلەپ، چۆرگىلەپ بىرلا قىناقنى
يۈرەر يا ئۈلەلمەي ۋەيا كۈلەلمەي...
بۇ كوچا سېھىرلىك شۇنداق بىر كوچا،
نەچچە يىل ئىزلىسەڭ ئىنسان تېپىلماس.
ھايا دىگەن ئىشتانسىز بىر قىز
ھېچكىم ھېچكىمدىن ئەسلا ھېيىقماس.
مەن شېئىر يازمىدىم تېخى بىر مىسرا
مەن شېئىر يازمىدىم تېخى بىر مىسرا،
كۆيدۈرۈپ تاشلارنى قىلغۇدەك كاۋاپ.
جىنلارنى ئۇسسۇلغا چىللاپ ئاخشىمى،
ئۈلۈكلەر روھىدا چالغۇدەك راۋاپ.
مەن شېئىر يازمىدىم تېخى بىر مىسرا،
قار باسقان چاچلارنى بىر-بىر ۋاراقلاپ.
قىزارغان شەپەكتەك يۇلغۇن بەرگىدە،
قۇشلاردەك ئەجدادلار تىلىدا سايراپ.
مەن شېئىر يازمىدىم تېخى بىر مىسرا،
چاڭگا باش قىزلارنى قەھرىمدە ساۋاپ.
دوپپىسى كوچىدا يۈتكەن ئەرلەرنى،
زوھرانىڭ قولىدا دەرياغا تاشلاپ.
مەن شېئىر يازمىدىم تېخى بىر مىسرا،
توغراقلار ياش تۆككەن چۆللەرنى كېزىپ.
تارىمنىڭ سۈيىگە تاشلاپ روھىمنى،
بىلمىدىم ياشاشنى ئۆزۈمدىن ئېزىپ.
مەن شېئىر يازمىدىم تېخى بىر مىسرا،
پىژغىرىم ئىسسىقتا تىترەپ ئولتۇرۇپ.
جۇدۇندا تەرلىگەن جانلارنى كۆرسەم،
ئىچمىدىم جامغا لىق مەينى تولدۇرۇپ.
مەن شېئىر يازمىدىم تېخى بىر مىسرا،
بەلكىم بۇ ھېچ كىمگە تۇيۇلماس ئازاپ.
بىر مىسرا دەپ جاننى بىلەيمەن تاشقا،
ئۆلسەممۇ ئادەمدەك ئۆلۈشكە ياشاپ...
ئىجادىيەت