تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1588|ئىنكاس: 5

ئەرلىك مەسئۇلىيەت نەدە؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

ھەر بىركۈنىڭنى ق

UID
1994
يازما
125
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
4565
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-19
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-14 19:12:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇشتا ئۇچراپ تۇرىدىغان ئانچىكى ئىشلار بەزىدە كىشىنى ئويلاندۇرسا،بەزىدە ئازاپلايدۇ.يېقىندا ئاڭلىغان بىر نەچچە ئېغىز گەپ مىنى ئويلاندۇرۇپ قويدى.
تۇنۇشقىلى ئۇزۇن بولمىغان بىر ئاغىنەم بىر سورىندا ھال-كۈننى ئېيتىپ:ھازىر تۇرمۇشىم خېلى ياخشى،ئۆيدە خوتۇن،بالىلىرىمنى ئوبدان بېقىپ ئەرلىك مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىۋاتىمەن،شۇنچىلىك قىلسام بۇلار،يەنە باشقا ئىشقا جۇۋاپ نىمە قىلاي،دېدى.بۇ ئۇنىڭ ئۆزىنى چوڭ كۆرسەتكىنىۇمۇ ياكى ئۆزىگە تەمەننا قويغىنىمۇ بىلمىدىم.ھەر ھالدا،بۇ سۆز خاتا ئەمەس ئىدى،چۈنكى ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىشتە يوق،ئۇلارنى زار-زار قاقشىتىۋاتقان،ئازغىنە مال- دۇنيانى دەپ قېرىنداشلىرىغا قارا ساناۋاتقان،خوتۇن-بالىلىرى بىلەن كارى يوق ئەيىش-ئىشرەت كوچىلىرىدا ئەلەڭلەپ يۈرىۋاتقان،ئازراق پۇل تاپسا كۆرەڭلەپ جاھانغا پاتمايۋاتقان،ھەشەمەتچىلىك قىلىپ ئىسىل ئەنئەنىلەرنى كۆزگە ئىلمەيۋاتقان ،روھى زەئىپ بەزى ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا ،ئۇ ھەقىقى ئەر ئىدى.ئەمما ئەرلىك مەسئۇلىيەتنىڭ زادى نىمە ئىكەنلىكىنى ھەقىقەتەنمۇ ئويلىنىشقا تىگىشلىك ئىش.
ئەرنىڭ مەسئۇلىيىتى نىمە؟
دەرۋەقە،بۇ سۇئالغا ئائىلىنى ئوبدان بېقىش،ئايالى،بالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش ،ئۇلارنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا بويۇن قىستۇرماسلىق ،ئائىلىسىگە ۋاپادار،سادىق بۇلۇشتىن ئىبارەت.دەپ جاۋاپ بەرسەك خاتا بولايدۇ،لىكىن،ھەقىقى بىر ئەر ئۈچۈن بۇلا كۇپايا ئەمەس.كونىلاردا:ئەرنىڭ غېمى-ئەلنىڭ غېمى .دەپ ناھايىتى توغرا ئيتقان.مۇشۇ نوقتىدىن قارىغاندا ،ئەرلەنىڭ جېنىنى،ئائىلىسىنى بېقىپ كىتەلەيدىغان قابىلىيەت بولغاندىن باشقا،ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادارلىق يەتكۈزەلەيدىغان،غۇرۇر-ۋىجداننى ھەمىدىن ئەلا بىلىدىغان،ئۆز يۇرتى،خەلقى،ۋەتىنى  ئۈچۈن جان كۆيدۈرەلەيدىغان،ئۆز بەختى ئەل-يۇتنىڭ ئىستىقبالىدىن ئىزدەيدىغان گۈزەل ئەخلاق ،دۇرۇس نىيەت،ئالىجاناپ قاراش ۋە قەيسەر خاراكتىر بۇلۇشى كىرەك.مۇشۇنداق ئەرلەرنى مەسئۇلىيەت ئېڭى كۈچلۈك ئەر،دىيىشكە بۇلىدۇ.
ئەرنىڭ يەنە بىر مۇھىم مەسئۇلىيىتى شۇكى،پەرزەنتىنىڭ ئېتقادى پۇچەك،مەسئۇلىيەت ئېڭى تۈۋەن ،شەرم-ھايانى بىلمەيدىغان،ئەجداتلارنىڭ نامىنى بۇلغايدىغان ناكەس،چۈپىرەندىلەردىن بۇلۇپ قېلىشتىن ساقلاپ ،ئۇلارنى ئادەملىك ئوبرازىنى،نۇرلاندۇرىدىغان،يۇرتى ۋە يۇتداشلىرى پەخىرلىنىدىغان ئەقىلىق،باتۇر،ئەخلاقلىق،مېھرىبان،ئۆم،مېھماندوست،قولىدىن ئىش كېلىدىغان قىلىپ تەربىيلەپ چىقىشتىن ئىبارەتتۇر.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
2373
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
589
تىزىملاتقان
2010-5-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-7
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-15 01:10:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرلىك مەسئۇلىيەت، خوتۇن-باللىرىنى  ئاتا ئانىلىرنى يۇرت مەھەلىلرىنى ۋەتەن مىللىتىنى رازى قىلىشتا؛

تىرىشچان ئەزا

ئۆزۈڭنىڭ ھالى بى

UID
7390
يازما
82
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
840
تىزىملاتقان
2010-11-21
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-15 02:56:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇن ئەپەندىمنىڭ < كۆزۈڭنى ئاچ ، ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر > دىگەن كىتابىنى ، ساقال - بۇرۇت چېققان بارلىق ئاكا - ئېنى تورداشلارنىڭ ئەستايىدىل بىر ئوقۇپ چېقىشىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن ... قىلىمەن ... قىلىمەن...

ئېتىقاد ئەخلاقىنىڭ ئانىسى .

تىرىشچان ئەزا

ئىنسان ئارمان بى

UID
2276
يازما
240
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
2500
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-16 12:29:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرلىك مەسئۇلىيەت __  تورداشلار  دېگەندەك،  ئالغان ئايالىغا ،تاپقان پەرزەنتلىرىگە مەسئۇل بولۇش، ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار بولۇش بىلەن بىرگە، ئالدى بىلەن دىنى ئىتىقادىغا ،مىللى ئۆرپ-ئادەتلىرىگە شۇنداقلار ئائىلە ئەخلاقىغا ،جەمىيەت ئەخلاقىغا مەسئۇل بولۇشتا.
دېسەم  گەپ تولىدەك تۇرىدۇ ،

ئىنسان ئارمان بىلەن ياشاپ ،ئارمان بىلەن ئۆلىدۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

ھايا - قىز بوينىد

UID
405
يازما
374
تېما
17
نادىر
0
جۇغلانما
12588
تىزىملاتقان
2008-11-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-17 14:48:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوڭ ئاچام توي قىلىپ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن يولدىشىنى ئۆچ كۈرۈپ قالغان ئىدىم . چۈنكى ئۇ كىچىك ۋاقىتلىرىم بولغاچقا ، ئاچامنى بىزدىن ئايرىۋەتتى دەپ ھەر قىتىم ئۆيگە كەلسە ، كۆرۈشمەي تەتۈر قاراپ تۇرۋالاتتىم . چوڭ بولغانسىرى تۇرمۇشنى چۈشەندىم . ئاكىلىرىمنىڭ ئاتا - ئانامغا ، ئايالىغا شۇنداقلا ئەتراپتىكى ئاجىزلارغا ياردەم قولىنى سۇنىشىدىن پەخىرلىنەتتىم . كىيىن ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كىيىن ، ئاچامنىڭ يولدىشىنىڭ قانچىلىك ئىسىللىقىنى ، كىچىكلىكىمدە ئۇ ئاكامنى خاتا ئەيىپلىگىنىمدىن تولىمۇ كۈلگۈم كىلىدۇ .
ئۇ ئائىلىدە ياخشى بىر ئەر ، ئىدارىسىدا نەمۇنىلىك كادىر ، سىرتتا نامسىز مىھرىبان ئاتا . شۇ ئاكامنىڭ ھازىرغىچە قانچىلىغان يىتىم - يىسىر ، نامرات بالىلارنى ئوقۇتۇپ ، خىزمەتكە چىقارغىننى مەنمۇ ھەتتا ئۆزىمۇ دەپ بىرلمەسلىكى مۇمكىن . ئۆزىنىڭ خىزمىتى شۇنچە ئالدىراش بولسىمۇ ، يەنىلا ۋاقىتنىڭ ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ئەنە شۇنداق نامرات ، يىتىم ، ئاجىزەلەرنى يوقلاشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ . لىكىن ئۇلارغا قەتئىي ئۆزىنى كۆرسەتمەيدۇ ھەم بىلدۈرمەيدۇ . گەرچە مىليون پۇلى بولسىمۇ لىكىن يەنىلا شۇنچىلىك تەمكىن ، شۇنچىلىك كەمتەر . ھەممىدىن بەك خۇشال قىلدىغىنى ئاچامنى ئۆيدە ئولتۇرغۇزۇپ قويغىنى بىلەن لىكىن سىرتتا بىرە قىزغىمۇ كۆز قىرىنى سالغىننى بىلمەيمەن . خۇداغا شكرى .
ئەرنىڭ مەسئۇلىيتى پەقەت خوتۇن باللىرىنىلا بىقىش ئەمەس بەلكى جەمىيەتنىمۇ تەڭ بىقىش . لىكىن ھازىر بۇنداق ئەرلەر ساناقلىقلا قالدى .

سىنىڭ شۇ تەرسا مىجەزىڭنى قىلچىمۇ ياقتۇرمىدىم !

UID
55710
يازما
421
تېما
45
نادىر
0
جۇغلانما
421
تىزىملاتقان
2013-9-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-12-5
توردا
135 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-19 17:43:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرلىك مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، ئائىلە ئىناقلىقىنى ساقلاپ، پەرزەنىتلىرىمىزنى ياراملىق قىلىپ تەربىيلەيلى!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش