كۆرۈش: 9786|ئىنكاس: 21

توي قىلىپ ئون يىلدىن كېيىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

پۇل تاپقىچە -دوس

UID
2181
يازما
332
تېما
33
نادىر
0
جۇغلانما
11003
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-13
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 18:40:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  توي قىلغان تۇنجى يىلى ئەر - خۇتۇن ئىككىڭلار ھەر قانداق ئىشتا بىر - بىرىڭلارغا يول قۇيۇسىلەر ، 10 يىلدىن كېيىن بىر - بىرىڭلارغا ئامالسىز يول قۇيۇدىغان بۇلىسىلەر .
  توي قىلغان تۇنجى يىلى ئايالىڭىز خىزمەتتتىن كېچىكىپرەك كەلسە ياكى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىپ كەچ قالسا ، ئەنسىرگىنىڭىزدىن دېرىزە ئالدىغا تۇرۇپ ئۇنىڭ كېلىشىنى تۆت كۆز بېلەن كۈتىسىز . 10 يىلدىن كېيىن سىز يېرىم كېچىگىچە كەلمىسىڭىز ئۇيقۇسىز ھالدا دېرىزە ئەينىكىدىن قارايدىغان ئايالىڭىز بۇلىدۇ .
  توي قىلغان تۇنجى يىلى دوسلىرىڭىز بىلەن ئولتۇردىغان بۇلۇپ قېلىپ ئايالىڭىزدىن 100يۋەن سورىسىڭىز  يەتمەي قالمىسۇن دەپ 200 يۋەن بېرىدۇ ، 10 يىلدىن كېيىن ئىدارىدىن بەرگەن مىڭ يۋەن مۇكاپەت پۇلىنى چۈشتە ئايالىڭىزگە بېرىپ چۈشتىن كېيىن 100 يۋەن سورىسىڭىز ، ئايالىڭىز كۆزىنى چەكچەيتىپ تۇرۇپ  << نىمە قىلىسىز  ئۇنچىۋالا كۆپ پۇلنى >> دەيدۇ .
   تۇي قىلغان تۇنجى يىلى ئايالىڭىز ئۆيدىكى ئۇششاق - چۈششەك ئىشلار ئۈچۈن خاپا بۇلۇپ قالسا ئۇدۇللا بېرىپ  سىزنىڭ ئانىڭىزغا دەيدۇ ، 10 يىلدىن كېيىن ئۆيدىكى ئىشلارنى ئىچىڭىزگە پاتۇرالماي ھاراقنىڭ كۈچى بىلەن دوسلىرىڭىزغا دەيسىز ، دوسلىرىڭىز ئايالىغا دەيدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئەتىسىدىن باشلاپ سىلەرنىڭ ئۆيدىكى ئىشلار داستانغا ئايلىنىپ ھەممە يەردە سۆزلىنىدۇ .
توي قىلغان تۇنجى يىلى سىز ئائىلىدىكى ئەڭ مۇھىم ئادەم بۇلىسىز . 10 يىلدىن كېيىن بۇ ئورۇنغا تەبىئىي ھالدا بالىڭىز ئولتۇردۇ ، سىز بولسىڭىز ئىككى بايغا  بىر مالاي بۇلىسىز .
   توي قىلغان تۇنجى يىلى خىزمەتتە نەتىجە يارىتىپ ئىلغار شەخس بۇلۇپ باھالانسىڭىز ، گېزىت - ژورناللاردا ماقالىڭىز ئېلان قىلىنسا ، ئايالىڭىز سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تاماقلارنى ئېتىپ سىزنى تەبىرىكلەيدۇ . 10 يىلدىن كېيىن  بېرىلگەن مۇكاپەت ياكى قەلەم ھەققىنى سۈرۈشتۈردۇ .
   توي قىلغان تۇنجى يىلى خوتۇنىڭىزغا << بۇ دۇنيادا پەقەت سېنىلا ياخشى كۆرۈمەن >> دېسىڭىز چەكسىز بەخت ئىچىدە ئىلكىدە تاتلىق كۈلۈمسىرەيدۇ . 10 يىلدىن كېيىن ئۇنىڭغا بۇ گەپنى دېسىڭىز ، كۆزىڭىزگە گۇمان بىلەن سوغۇق كۈلۈپ قۇيۇدۇ .
  توي قىلغان تۇنجى يىلى ئۆيگە دوستلىرىڭىزنى چاقىرماقچى بولسىڭىز ئايالىڭىز ئۆينىڭ ئىچىدە پايپىتەك بۇلۇپ يۈرۈپ تايارلىق قىلىدۇ ، تېخى ئۆزى قىلالمايدىغان ئۆزگىچە تاماقلارنى ئانىسىغا ئەتتۈرۈپ ئۆيگە ئېلىپ كېلىدۇ . 10 يىلدىن كېيىن ئۈچ - تۆت دوستتىڭىزنى ئۆيگە تەكلىپ قىلغانلىقىنى دېسىڭىز << قاراڭ ، بۈگۈن بەك ھېرىپ كەتتىم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىنىڭمۇ مىجەزى يوق ، ئۆيدە ۋاڭ - چوڭ  قىلىشقۇچە ئەڭ ياخشىسى ئۇلارنى ئاشخانىغا باشلىڭە >> دەيدۇ .
   توي قىلغان تۇنجى يىلى خوتۇنىڭىز  سىزگە ئارتۇقچىلىقى بەكمۇ كۆپ ، ئىشچان مۇلايىم ، كەمسۆز كۆرۈنىدۇ ، 10 يىلدىن كېيىن ئۇ باشقىچە ئادەمگە ئايلىنىپ قالغاندەك ، كۆزىڭىزگە ئازازۇل ، بېشەم ، مۇتتەھەم كۆرۈنىدۇ .
  توي قىلغان تۇنجى يىلى ئايالىڭىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۈرۈپ  كۆرۈپ شەھەر بويىچە ئاڭ گۈزەل ، ھەر جەھەتتىن يېتىشكەن قىزدىن بىرنى ئېلىۋالغانلىقىڭىزغا پەخىرلىنىپ كېرىلىپ يۈرىيسىز ، 10 يىلدىن كېيىن ئەتتىگىنى ئويغۇنۇپلا قاپاقلىرى ئىششىپ ساڭگىلىغان ، چاچلىرى پاخپايغان ساپما كەشنى يەكپاي كېيىپ ، يۈرگەن ئايالىڭىزنى كۆرۈپ ئېغىر خۇرسىنىسىز .
توي قىلغان تۇنجى يىلى سىز ھەر قانچە يالغان گەپ قىلسىڭىزمۇ ئايالىڭىز ئىشىنىدۇ ، بەزىدە مىنى ئەكىلىتىپ چاقچاق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلايدۇ . 10 يىلدىن كېيىن سىز ئاللانى گۇۋاھلىققا تارتىپ قەسەم قىلسىڭىزمۇ قىلغان گېپىڭىزگە ئىشەنمەيدۇ .
   توي قىلغان تۇنجى يىلى ئايالىڭىز بىلەن بازار ئارىلاۋىتىپ بىرەر قىز ساۋاقدىشىڭىز بىلەن ئۇچۇرشىپ قېلىپ سالاملاشسىڭىز ، ئايالىڭىزمۇ سىز بىلەن تەڭ سالاملىشىدۇ ، ھەتتا ئۇنىڭغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن << بۇنىڭدىن كېيىن ئارلىشىپ ئۆتەيلى >> دېگەندەك گەپلەرنى قېلىدۇ .10 يىلدىن كېيىن كۆچىدا ئۇچۇرشۇپ قالغان بىرەر  قىز ساۋاقدىشىڭىز بىلەن بەش - ئون مېنۇت  موڭدۇشۇپ  تۇرۇپ قالسىڭىز  ، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن چاچلىرى پاخپايغان كۆزلىرى چەكچىيىپ ، قاپاقلىرى تۈرۈلگەن بىرى بىلەن بۇلىدىغان بىر مەيدان شىددەتلىك جەڭگە تەيارلىق قېلىپ قويسىڭىز بۇلىدۇ .
  توي قىلغان تۇنجى يىلى ئايالىڭىز بىلەن تەگىشىپ قېلىپ ئايالىڭىز ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كەتسە ، كەچتە ئانىسى قىزىنى يېتىلىگەن پېتى ئۆيىڭىزگە  ئەكىلىدۇ ، ئاندىن ئىككىڭلارنى ئولتۇرغۇزۇپ قۇيۇپ ئۆي تۇتۇشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ، ئالدىڭلاردا تېخى نۇرغۇن كۈنلەرنىڭ بارلىقىنى ، بىر - بىرىڭلارنىڭ كەمچىلىگىنى ئەپەۇ قىلىپ ئۆتۈشىڭلارنىڭ كېرەكلىگىنى ئېيتىپ نەسىيەت قىلىدۇ . 10 يىلدىن كېيىن ئايالىڭىز ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كەتسە ، سىزنىڭ ئانىڭىز  ئىككى - ئۇچ ئايالنى  ئۆزىگە ھەمرا قىلىپ ، قولىدا داستىخان كۆتەرگەن ھالدا قېينانىڭىزنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەپۇ سوراپ ئايالىڭىزنى ياندۇرۇپ كېلىدۇ .
   توي قىلىپ 10 يىلدىن كېيىن ....
   ئادەم تۇمۇش قۇرغانىكەن ، ھەر خىل دىشۋاچىلىقلارغا يولۇقىدۇ ، رەڭگارەڭ  خوشاللىق ، بەختكە چۆمۈلىدۇ . نىكاھلىق تۇرمۇشتا تۈرلۈك ، تۈمەن قىيىن ئىشلار ، باش قېتىنچىلىقلىرى قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرۇدۇ . مۇھاببەتلەشكەنلەر بىر - بىرىنى ياختۇرۇپ قىلىپ كېيىن بىر - بىرىدىن ئايرىلالماس  بۇلۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىشقانلىقى  ئۈچۈن توي قىلىدۇ . ئەمما توي قىلغاندىن كېيىن ھەر ئىككىيلەن ئاستا  - ئاستا ئۆزلىرىنىڭ مېجەز خارەكتېردىن تارتىپ تۇرمۇش ئۇسۇلىغىچە بىر- بىرىگە تامامەن ئوخشىمايدىغان ئىككى ئادەم ئىكەنلىگىنى ھېس قىلىشىدۇ . چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ زېممىسىگە تۇرمۇشنىڭ تۇگمىنىنى چۆرگىلىتىش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن بولغاچقا ، دەل مۇشۇنداق مۇرەككەپ جەرياندىلا ئاندىن ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن ئۆزلىرىنىڭ باشقا - باشقا ئائىلىدە چوڭ بولغان ئىككى ئادەم ئېكەنلىگىنى ھېس قلىدۇ .
  شۇڭا توي قىلغاندىن كېيىكى 10 يىل ھەم ناھايتى شېرىن ، ھەم خەۋپ - خەتەرگە تولغان پەيت دەپ قارىلىدۇ  . بۇ ۋاقتتا كۆپۈنچە ئەر - خوتۇنلار ئادەتتە بىر ياكى ئىككى باللىق بولغان بۇلىدۇ . شۇڭا ئائىلىنىڭ تۈرلۈك ئېھتىياجلىرى ، باللىلارنىڭ غېمى ، ئەر - ئايال ئىككەيلەننى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن خېلىلا چارچىتىدۇ . ئايال ئەينەكتىن سولغان چىرايى ، يوغۇنىغان ساغرىسى ، بوشۇشۇپ ساڭگىلىغان قۇرسىقىنى كۆرۈپ خۇرسىنىدۇ . ئۆزىدىن زىلۋا ، چىرايلىق قىز - چوكانلارغا قاراپ شۇلاردەك ياسانغۇسى ، ئاشۇلاردەك كىيىنىپ ، غەم - غۇسسىسىز يۈرگىسى كېلىدۇ . بەزىدە مۇشۇنداق بۇلۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبىنى ئېرىدىن ئىزدىگۈسى كېلىپ  ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشۇدۇ  ، جىدەل قىلىدۇ . ئەرمۇ ئۆيدىكى ۋاڭ - چوڭ تۈگۈمەس جىدەل - ماجرالاردىن زېرىكىپ سىرتلاردا قاڭقىپ يۈرۈشكە ئۆيگە كەچ قايتىشقا ئادەتلىنىشكە باشلايدۇ . ھەتتا بەزىدە ئۇچۇپ يۈرگەن كەپتەرلەرگە باسماق قۇرۇشنى ئويلاپ قالىدۇ . مانا بۇ تويدىن كېيىنكى 10 يىلنى خەتەرلىك دېيىشىمىشنىڭ سەۋەبى . شۇڭا سىز ئالدىڭىزدا كېلىدىغان 20 يىلىڭىز ، 30 يىلىڭىزنى خاتىرجەم ئۆتكۈزەي دېسىڭىز مۇشۇ 10 يىللىق تۇرمۇش تەجىربىڭىزنى ئوبدان يەكۈنلەپ ، تۇرمۇشنىڭ يۈگىنىنى قۇلىڭىزدا چىڭ تۇتۇڭ . ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، ھەممە ئىشنىڭ زىيادە مۇككەممەل بۇلىشىنى تەلەپ قىلىش ئادەمنى بارا - بارا تۇرمۇش لەزىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ ، زىيادە قۇسۇرچىلىق ، ئۆزىنىكىنىلا راست قىلىش بەختتىن بارغانسېرى يىراقلاشتۇرۋىتىدۇ . بىر - بىرىگە كەڭ قورساق بولغاندا ، بىر - بىرىنى چۈشەنگەندە ، ئىناق ئۆتۈشكە ئادەتلەنگەندە ، ماسلاشقاندا ، << ئالتۇن توي >> غىچە بىر - بىرىگە يار - يۆلەك بۇلۇپ ، ئۈمرىنى جىدەل - ماجراسىز ، كۆڭۈل ئاغرىقسىز ئۆتكۈزگىلى  بۇلىدۇ .

  مەنبە ؛ ئاياللار ژورنىلى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
7397
يازما
322
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
10295
تىزىملاتقان
2010-11-21
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 18:52:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توي قىلغان تۇنجى يىلى خوتۇنىڭىزغا << بۇ دۇنيادا پەقەت سېنىلا ياخشى كۆرۈمەن >> دېسىڭىز چەكسىز بەخت ئىچىدە ئىلكىدە تاتلىق كۈلۈمسىرەيدۇ . 10 يىلدىن كېيىن ئۇنىڭغا بۇ گەپنى دېسىڭىز ، كۆزىڭىزگە گۇمان بىلەن سوغۇق كۈلۈپ قۇيۇدۇ .

تويدىن كىيىن كەڭ قورساق بولۇش تولىمۇ موھىم!
ئېسىىل تېمىكەن ساقلىۋالاي

UID
3193
يازما
178
تېما
22
نادىر
0
جۇغلانما
1890
تىزىملاتقان
2010-7-10
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 19:40:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەسەر ئىكەن، ئەر -ئاياللىق مۇناسىۋەت تولىمۇ زىل ھەم كۆپ زىددىيەتكە تولغان بولىدۇ، بىر دەملىك ھېسسىياتنىڭ كەينىگە كېرىپ، شالاققىدە ئىش قىلىپ قويساق، مىڭ تەستە بەرپا قىلغان گۈلزارلىق بېغىمىز كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ۋەيران بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئامال بار تۇرمۇشتا ئەر كىشى ئېغىر بېسىق بولۇشى كېرەك، ئايال كىشىمۇ ئېرىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىشنى بىلىشى، ئېرىدىن بەك كۆپ نەرسە تەلەپ قىلىپ كەتمەسلىكى، كۆپ ئىشلاردا ئاياللىق سالاھىيەت بىلەن ئېرىگە يول قويۇشى، ئەگەر ئېرىنىڭ قىلغانلىرى بەك يولسىز بولسا، ئالدىرىماي ئېرىگە چۈشەندۈرسە، مېنىڭچە ئەرلەرنىڭ باغرى ھەرقانچە قاتتىق بولسىمۇ، ئاياللارنىڭ بولۇپمۇ، ئۆز ئايالىنىڭ چوڭقۇر مېھرى-مۇھەببەتكە تولغان سۆزلىرى ئالدىدا تەسىرلەنمەي قالمايدۇ، ئايال كىشى ئاددىي ئەمما تېرەن پىكىرلىرى بىلەن ئېرىنىڭ دۇنياسىدا ئۆزىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى ئېرىگە ھېس قىلدۇرۇشى، ئېرىنى ئۆزىنىڭ ئاددىي ئەمما چوڭقۇر مەنىگە تويۇنغان ئىش-پائالىيەتلىرى بىلەن تەسىرلەندۈرۈپ، مېھرى-مۇھەببەت رىشتىسىنى كۈچەيتىشى كېرەك.  

تەپەككۇر يولى چىقىش يولىنى بەلگىلەيدۇ .

UID
8460
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
20
تىزىملاتقان
2011-1-5
ئاخىرقى قېتىم
2011-6-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 20:11:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سەل ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمىنا  

ئاللاھتىن قورقمىغان ھەممىدىن قورقىدۇ !

UID
1934
يازما
386
تېما
15
نادىر
0
جۇغلانما
20284
تىزىملاتقان
2009-5-25
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 20:13:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەب ئېسىل تېمىكەن، تۇرمۇش دېگەن مانا مۇشۇ.
ئاقلاچىن خانىمنىڭ ئەجرىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت.

ئارسلان ئەپەندىمنى كۆرمىگەنگە ئۇزۇن بوپتىكەن، قەدەملەر مۇبارەك!

ئۆتۈنۈپ قالاي، ئانا يېزىقىمىزنى قەدىرلەپ، ئۆلچەملىك ئىملادا تېما، ئىنكاس يوللاڭلار.

UID
4302
يازما
362
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
8658
تىزىملاتقان
2010-8-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-4
توردا
100 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 20:21:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يا ئاللا ئاۋۇ ئارسلاننىڭ خوتۇنىغا ۋاي....
مىنىڭچە ئەرلەر بىر خىللىققا ،بىر نىيەتكە يول ئېلىشى كېرەك ،ئايالىغا بەخت ۋە قانائەت تۇيغۇسىنى ئاتا قىلىپ تۇرۇشمۇ زۆرۇر. شۇنداقلا ئايالىغا كۆيۈنىشى يول قويۇشى ۋە ئۇنىڭ ئىغىرچىلىقىغا ھەمدەم بولىشى كىرەك.

ئۆزىڭنى بىل ،ئۆزگىنى قوي

UID
2091
يازما
1566
تېما
53
نادىر
0
جۇغلانما
50520
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
62 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 21:09:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي  جانىم نەگە يوقاپ كەتتىكىن دېسەمزە ،  ئىشلىرىڭىز  تۈگىمەي  يۈرۈپتىكەنسىز  ئەمەسمۇ .  تېما توغرىسىدا   بىز بۇ باسقۇچتىن ئۆتۈپ بوپتۇق ، نىمىلا دېگىنى بىلەن بىكار -دە  ئەمدى .

ئىشەنچسىز مۇھەببەت كىشىنى تۇنجۇقتۇرىدۇ !!

UID
6284
يازما
265
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
7667
تىزىملاتقان
2010-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-16
توردا
88 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 22:20:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن،   تىما يوللۇغۇچىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت.
كەڭ قورساقلىق، ئىغىر بىسىقلىق، كۆيۈمچانلىق، ئەپۇچان بولۇش  توغرىسىدىكى  مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرىلەردە  بۇ تەلەپلەر ئاياللاردىن تەلەپ قىلىنىدۇ.  ئەجىبا ئاياللارمۇ ئادەمغۇ، ئۇلارنىڭمۇ يۈرىكى  ۋە جىسمى گۆش بىلەن قاندىن  يارالغان.
ئاياللار توي قىلىپ 10-15 يىلدىن كىيىن ئائىلىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيىتى ئىغىرلايدىكەن، ۋاقىت ئۆتكەنچە ئايال بولماقنىڭ تولىمۇ تەسلىكىنى ھىس قىلىدىكەن،  بۇ ۋاقىتلاردا  ئاياللارنىڭ مىھرى مۇھەببەت ۋە كۆيۈنۈشكە ئەڭ ئىھتىياجلىق ۋاقىتلىرى بولۇپ قالىدىكەن.  لىكىن بۇ ۋاقىتتا ئەرلەر ئاياللىرىنى كوت-كوت،  ھىساپچى... دىگەندەك  گەپلەر بىلەن ئۇلارنى تىخىمۇ تىرىكتۈرۈپ  ئۇلارنى چۈشۈنۈشنى خالىمايدىغان بوپ قالىدىكەن.

سەمىمىيلىك ئەڭ ئېسىل ئەخلاق

باشقۇرغۇچى

مەن زادى كىم؟؟

Rank: 8Rank: 8

UID
1929
يازما
1113
تېما
46
نادىر
1
جۇغلانما
35075
تىزىملاتقان
2009-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
127 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 11:06:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى كۈنى بۇنى ژورنالدىن ئوقۇپ شۇ قەدەر ئېغىر تۇيغۇلارغا بەنىت بولغانتىم ھازىرمۇ شۇنداق بولۇپ قالدىم...

بەرگىدىكى شەبنەم چىرايلىقمۇ؟

UID
1247
يازما
27
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
269
تىزىملاتقان
2006-12-21
ئاخىرقى قېتىم
2011-5-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-15 16:21:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي  ئانامەي مەن توي قىلمىسام بولامدۇ نىمە،مەن .ئۇنداق قۇربانلىقلارنى بېرەلمىگۈدەكمەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش