كۆرۈش: 4542|ئىنكاس: 3

مۇھەببەت ، نىكاھ ، ئائىلە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
2539
يازما
139
تېما
77
نادىر
0
جۇغلانما
7049
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
48 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-10 12:28:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 

مۇھەببەت ، نىكاھ ، ئائىلە

يۇلغۇن 

مۇھەببەت ، نىكاھ ، ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ ئۈچى بىر – بىرىگە چەمبەرچاس باغلانغان بولۇپ ، خۇشال – جورام ، ئىجىل – ئىناق ، بەختىيار ياشاشنىڭ ئاساسى . بىز بەختىيار ، ئىناق ئائىلە قۇرىمىز دەيدىكەنمىز ، مۇھەببەتكە ، نىكاھقا ساسىق ، ئائىلىگە مەسئۇلىيەتچان بولۇشىمىز لازىم .

مۇھەببەت - ئىككى قەلبنى بىر – بىرگە يېقىنلاشتۇرۇپ ، ئىككى يۈرەكنى بىر – بىرىگە تەلپۈندۈرىدىغان ، ئىككى دىلنى بىر – بىرگە چاتىدىغان رىشتە . بۇ رىشتىگە دەز كەتسە ، كۆڭۈللەرنىڭ ئارامى بۇزىلىدۇ ، دىلارنى بورقتۇرمىلىق قاپلايدۇ ، كۈنلەر غېربلىق ، مىسكىنلىك ئىچىدە مەنىسىز ئۆتىدۇ . مۇھەببەتلىك دىللاردىن باھار كەتمەيدۇ . مۇھەببەتلىك كۆڭۈللەر كۆكىدە ۋاپادارلىق قوياشى مەڭگۈ پارلاپ تۇرىدۇ . شۇڭا ، ئەر – خوتۇنلار بىر – بىرىگە سادىق بولۇشى كېرەك . توي قىلىش ئالدىدا تۇرغۇن ، مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز – يىگىتلەر مال – دۇنيانى مۇھەببەتنىڭ ئورنىغا دەسىتىۋالماسلىقى كېرەك . مال – دۇنيانى مۇھەببەتنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلۋېلىش ، مۇھەببەتنى پۇل ، مال بىلەن ئۆلچەش تولىمۇ بىمەنىلىكتۇر .

نىكاھ – ئەر – خوتۇنلارنى بىر – بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان مۇقەددەس ئارغامچا . بۇ ئرغامچا ياخشى ئاسىرالماي ، ئۇنىڭغا كۈيە چۈشسە ، ئەر – خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى ئىشەنچ يىگىلەپ ، ۋاپادارلىق سۇسلاپ ، مۇھەببەت ئەسلىي ماھىيتىنى يوقىتىدۇ . ئائىلە موھىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ ، بۇ مۇقەددەس ماكاننىڭ ئۇلى يىمىرلىشكە باشلايدۇ . شۇڭا ، ئەر – خوتۇنلار نىكاھنى كۆز قارچۇغىنى ئاسىرغاندەك ئاسرشى ، پاكلىق ، ھالاللىقنى نىكاھنىڭ يىلتىزى دەپ بىلىشى لازىم .

ئائىلە – جەمىئىيەتنىڭ ھۆجەيرىسى . بۇ ھۆجەيرە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىسا ، جەمىئىيەتنىڭ ئېكىلوگىيسىگە تەسىر يىتىدۇ . جەمىئىيەت ئېكىلوگىيسى ساپلىقنى يوقاتسا ، ئادەملەرنىڭ ئادىمىيلىك تەبئىيتى بۇزىلىدۇ – دە ، ئائىلە مۇھىتى ساپلىقىدىن ئايرىلىدۇ . ئائىلە مۇھىتى ساپلىقىنى يوقاتسا ، ئائىلىنىڭ تىنىچلىقى بۇزىلىدۇ . چۈنكى ئائىلە مۇھىتىنىڭ ساپلىقى ، ئائىلىنىڭ پاكلىقى – ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بەختى ، ئامىتى ، خۇشاللىقى . ئىناق ، بەختىيار ئائلە خۇددى جەننەتكە ئوخشايدۇ . ئەخلاق ئۈستىگە قۇرۇلغان ، ئەخلاق ئارقىلىق گۈللەندۈرۈلگەن ، ئەخلاق ئارقىلىق باشقۇرۇلغان ئائىلە مەڭگۈ ساغلام ، ئىناق ، بەخىتلىك ئائىلە بولالايدۇ . چىن مۇھەببەت ، گۈزەل ئەخلاق ، يىمىرىلمەس ئىتىقاد ، سۇلماس ئىشەنچ ئائىلنىڭ مۇستەھكەم ئۇلىدۇر . ياشلار ئائىلە قۇرۇشتىن بۇرۇن بىر – بىرگە ماس كىلىدىغان ، بىر – بىرىنىڭ كۈتكەن يىرىدىن چىقىدىغان ، دەرد – ھالغا يىتىدىغان ، قايغۇرسا قايغۇسىغا قايغۇرۇپ ، خۇشاللىقىغا كۈلىدىغان ئۆمۈرلۈك ھەمراھ تاللىشى ، ھەرگىزمۇ كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ ، پۇشايمانغا قالىدىغان خاتالىقلارنى سادىر قىلماسلىقى كېرەك .

تويدىن كىيىن ئەر – خوتۇنلار بىر – بىرىگە سادىق ، ۋاپادار بولمىسا ، تۇرمۇشنىڭ لەززىتى ، مەنىسى بولمايدۇ . شۇڭا ، ئۇلار گەپ – سۆزلەردە ، ئىش – ھەركەتلىرىدە بىر – بىرىگە بولغان چوڭقۇر مېھرى – مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ تۇرىشى لازىم . شۇنداق قىلغاندا كۆڭۈل – كۆڭۈلدىن سۇ ئىچىدۇ – دە ، ئائىلىدە شاتلىق كۈيى ياڭراپ تۇرىدۇ . ئەكسىچە بولغاندا ، ئائىلە مۇھىتى ناچارلىشىپ ، ئائىلدە جىدەل – ماجىرا تۈگىمەيدىغان ، ئائىلە ئەزالىرى ئۆز – ئارا ھۆرمەت قىلقشمايدىغان ، بىر – بىرىگە كۆيۈنمەيدىغان ، بىر – بىرىگە ئىشەنمەيدىغان ناچار كايپىيات شەكىنلىنىپ ، ئائىلە ئەزالىرىدا بىرلىك ، ھەمكارلىق ، باراۋەرلىك بولمايدۇ . بىر – بىرىگە سەمىىي بولۇش ، ئۆز – ئارا كۆيۈنىش ، بىر – بىرىگە قىزغىن مۇئامىلە قىلىشتىن ئېغىز ئېچىش قىيىنغا توختايدۇ .

ئائىلىدە ئەرلەر ئۆزىنى ھۆمىران ئورۇنغا قويۋېلىپ ئاياللارنى كەمسىتمەسلىكى ، تۆۋەن كۆرمەسلىكى ، ئۇلارنىڭ زىتىغا تىگىدىغان ، غورۇرىغا دەخلى – تەرۇز قىلىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقى ، ئاياللارمۇ ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ ، ئەرلەرنىڭ شەخسىيتىگە تىگىدىغان ، ئىززەت - ھۆرمىتىنى چۈشىرىدىغان خاتالىقلارنى سادىر قىلىشتىن ساقلىنىشى لازىم .

مەيلى ئەر ، مەيلى خوتۇن بولسۇن ، ئىشەنچىنى ئۆزىگە ھەمرا قىلىشى ، گۇمانخولۇق قىلماسلىقى ، بىر – بىرىگە يۈز كىلەلمەيىغان چاكىنا ، ناچار ئىش – ھەركەت ، گەپ – سۆزلەرنى ھەرگىزمۇ سادىر قىلماسلىقى لازىمدۇر .

ئەر – خوتۇنلار ئۈچۈن ھەر قاچان ،  ھەرقانداق  جايدا سەمىمىي – ساداقەتنى ساقلاش ، بىر – بىرىنىڭ ئىززەر – ھۆرمىتىنى قىلىش ئىنتايىن قىممەتلىك پەزىلەتتۇر . مۇۋەپىقىيەتنىڭ داغدام يولىدا يول بويى ئەرلەرنىڭ غەيرىتىگە غەيرەت قوشۇپ ، ئۆمۈدتلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئاياللار بولغىنىغا ئوخشاشلا ، ئاياللارنىڭمۇ ھايات يولىدا ئۇلارنى جان تىكىپ قوغدايدىغان ، كۈچىگە كۈچ قاتىدىغان ، شادلىقىغا شەتلىق ئاتا قىلىدىغان پىداكار ، مەسئۇلىيەتچان ئەرلەر بولىدۇ . شۇنداق بولغاچقىلا ، ھايات سۆيۈملۈك ، تۇرمۇش گۈزەل ، ئائىلە بەختىيار ، مۇھەببەت يالقۇنلۇق ، نىكاھ گۈلخانلىق !

كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىشى ، ئەنئەنىۋى ئائىلە قارىشىمىز ھەم چۈشەنچىمىزگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى . شۇنىڭ بىلەن ئائىلە قارىشىمىز ، چۈشەنچىمىز مۈجمەللىشىپ كەتتى . بىز ئائىلە قارىشىمىزنى مۇستەھكەملەپ ، ئائىلە چۈشەنچىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۋالمىساق ، ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كىلىپ چىقىشى تەبئىي . شۇڭا ، بىز ئائىلىنى ئەجداتلىرىمىزدەكلا مۇقەددەس بىلىپ ئۇلۇغلىشىمىز ، قوغدىشىمىز لازىم . << ئۆيى يوقنىڭ بەختى يوق ، بەختى يوقنىڭ تەختى يوق >> دېگەن ئەجدادلار ھېكمىتى مەڭگۈ ئىسىمىزدە بولسۇن .

  

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
7397
يازما
322
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
10295
تىزىملاتقان
2010-11-21
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-11 18:08:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ.نىكاھنىڭ موھىملىغىنى،نىمىلەرگە دىققەت قىلىشنىڭ زۈرۈرىيىتىنى يورۇتۇپ بىرىپسىز.
جەمىيەت تەرەققى قىلدى.قولىمىزغا ئەر-ئايال باپ باراۋەر دىگەن بايراقنى كۆتۈرۈۋالدۇق.ئەرلەر ئەرگە ،ئاياللار ئاياللارغا ئوخشىمىغىلى تۇردى.
ئەمەلىيەتتە ئوخشىمىغان موھىتتا چوڭ بولغان ئىككى ئادەمنىڭ بىر ئۆيگە كىرىپ بىر ئۆمۈر بىر بىرىنىڭ چىرايىغا قاراپ ئۆتىشىمۇ مۆجىزە.
نىكاھتا مۇھەببەت موھىم،تويدىن كىيىن ئىختىسادمۇ ناھايىتى موھىم.
ئەتراپىمدا خىلى تۈزۈك ئەر -ئاياللارنىڭ ئۆز كىرىمىنى ئۆزى خەشلەيدىغان مۇشۇنداق قاملاشمىغان تۇمۇش يولىنى ئۆز ئىغىزىدىن ئاڭلاپ قالدىم.باشقا مىللەتتە بار ئىدى مۇنداق قىلىق،4 تال مومىنى بىر كويدىن پۇل چىقىرىپ سىتىۋالغان باشقا مىللەت ئەر -ئاياللىرىنى تولا كۆرگەن.2كوي پۇلنى چىقىرىپ 4 تال مومىنى سىتىۋالالمىغان ئەرگە قاراپ ناھايىتى بىئارام بولغان ئىدىم.
ئەمدى بىزنىڭ مىللەتتىمۇ باركەن مۇنداق ئىش!
پۇلنى ئايرىم خەشلىسە مىرچى مۇھەببەت قالارمۇ ئەمدى؟
نىكاھ نازۇك،چوقۇم ئىھتىياتچان بولۇشى،ئەرلەر ھەممە ئىشلارغا ئارىلىشىۋالمسالىغى،ئاياللارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق بوشلۇغى بولىشىغا ھۆرمەت قىلىشى كىرەك

كۆيۈمچان ئەزا

پۇل تاپقىچە -دوس

UID
2181
يازما
325
تېما
33
نادىر
0
جۇغلانما
10996
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-28
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 16:20:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مۇھاببەت :  ياراتقۇچى تەرپىدىن ئىنسانغا بەخش ئېتىلگەن ، ۋۇجۇتقا راھەت بېغىشلايدىغان بىر خىل بۇيۇك تۇيغۇدۇر . ئىنسان ئەنە ئاشۇ تۇيغۇ بىلەن گۈللەپ ياشنايدۇ .  بىر - بىرىنى يۆلەيدۇ ، بىر - بىرىگە كۆڭۈل بېرىدۇ
  مۇھاببەت :  ئىنسانلاردىكى بىر خىل ئۆزگىچە ھەم قېممەتلىك ھېسيات .

UID
18610
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2011-12-21
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-26
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 01:27:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش