پۇل بولمىسا ...
روزى سايىت
پۇل ئەجەپ نەرسە ، چاتاق ، پۇل بولمىسا ،
يوق مەئىشەت ، نام-ئاتاق ، پۇل بولمىسا ،
كەڭ جاھانمۇ تار ، دوزاخ ، پۇل بولمىسا ،
تۇتمىقىڭ تەس ئۆي-ئوتاق ، پۇل بولمىسا ،
كونا تاملىقتا قوناق (1) پۇل بولمىسا .
بولسا پۇل ، ھاجەتلىرىڭ مەقبۇل سېنىڭ ،
بولسا پۇل ، قالمايدۇ ئىگىنىڭ جۇل سېنىڭ ،
گۈل سېنىڭ ، بۇلبۇل سېنىڭ ، دۇلدۇل سېنىڭ ،
بەزمە-مەشرەپ ، توي سېنىڭ ، مەرغۇل سېنىڭ ،
يۈرگىنىڭ شۇ ئاچ قورساق پۇل بولمىسا .
پۇل بىلەن كۆكلەيدۇ ئالەم سەبزە رەڭ ،
پۇل بىلەن ئۇ مەيدە قاقسا ، بۇ كۆرەڭ ،
بولسا پۇل ، بار « قارىي قۇرئان » دا سۈرەڭ ،
كىمنى پۇل تۇرغۇزدى جىم ، كۆر ،شوخ ، تېرەڭ ،
كۆز چاپاق ، چېھرىڭ ئاۋاق ، پۇل بولمىسا .
« بولسا پۇل ، جاڭگالدا شورپا » بەزىدە ،
« پۇلغا رۇستەم قۇل » شۇ پۇلنىڭ قەرزىدە ،
بەزىلەرنىڭ باغرى خۇن پۇل دەزىدە ،
پۇل ساقايىتقاي بولسا دەرھال نە زېدە ،
كولىماي گۆر –تاقاق ، پۇل بولمىسا ..
« پۇل –پۈچەك –قەغەز » پەقەت رەڭدار نېمە ،
« ئىت يېمەيدۇ بەرسە شۇنداق » خفر نېمە ،
ھەجىمى ئالىقانچە ، كۈچى داڭدار نېمە ،
شۇڭا پۇل كىمدە ، قىلۇر ھالدار نېمە ،
ھەر قەدەمدە مىڭ توسۇق ، پۇل بولمىسا .
كۆرگىنە تاڭ سېڭغا پۇلسىز « نوم » قېنى (2) ؟
بەردىمۇ « نوم » ، قانچە قىلدى غوم ، قېنى ؟
نۇشىرۋانمۇ (3) بولسا يانچۇق توم ، قېنى ،
ۋارقىراپ باققانمۇ ئامغا بوم (4) قېنى ؟
نەدە نەپ ، ھەرقانچە باق ، پۇل بولمىسا ؟
پۇل نەكويغا سالمىدى نۇرغۇنلىنى ،
ئەقلىدىن ئازدۇردىغۇ « تۇيغۇن » لىنى ،
دەل شۇ پۇل « مىزان » غا ماس –ئۇيغۇنلىنى ،
قىلدى رەت ، جىم قويمىدى « تۇرغۇن » لىنى ،
بولدى يوللۇقلار مازاق ، پۇل بولمىسا .
دوسىتنى دۈشمەن ، يارنى يات ئەتتى شۇ پۇل ،
بىرنى موھتاج ، بىرنى شاد ئەتتى شۇ پۇل ،
بىرنى قامچا بىرنى ئات ئەتتى شۇ پۇل ،
مۈشكۈلاتنى قاتمۇ-قات ئەتتى شۇ پۇل ،
سۆيگۈگە يەتتى سىناق ، پۇل بولمىسا .
پۇل تالاي پۇلپەزنى شۈك ئۇخلاتمىدى ،
پۇل چۈشەپ كۈندۈزمۇ جۆيلۈپ ياتمىدى ،
تاپتى پۇل ، ئىنساپنى بىللە تاپمىدى ،
بىرنى ئون قىلسام دېدى ، قۇت ئاتمىدى (5) ،
كەتتى پانىيدا ساياق ، پۇل بولمىسا .
پۇل تۈپەيلى قان چېچىشتى نەچچىلەر ،
پۇلنى دەپ جان بەردى كۆپ بايۋەتچىلەر ،
ساتتى پۇل كۆزلەپ ئىمان بۇ بەچچىلەر ،
« ئېسىت ! » دېيىشتى مويسىپىت ھېكمەتچىلەر :
ھەي بۇ پۇل...ھېچكىم ئاڭا قۇل بولمىسا !
پۇل تېپىپ ، پۇل تاپمىغانلار ، ‹تۈف › ساڭا !
پۇل تېپىپ ، پەر قاقمىغانلار ،‹تۈف › ساڭا !
پۇل يېقىپ ، ئەل ياقمىغانلار ،‹تۈف › ساڭا !
پۇل بېقىپ ، ئەل باقمىغانلار ،‹تۈف › ساڭا !
كۆرىمىز ئالەم ئۇزاق ،پۇل بولمىسا .
پۇلنى تاپ ، خەجلە كېرەمدەك كەڭرى سەن ،
يول ياسا ، مەكتەپ ياسا ، تۈر يەڭنى سەن !
گەر تاسادىپ پۇل تۈگەپ ، بىبەھرى سەن ،
ئەل پاناھىغا ئالار بىجەبرى سەن ،
ئەستە تۇرسۇن بۇ ساۋاق ، پۇل بولمىسا .
پۇلى بار ئۆكتەمنى گالدار ئاقلىغان ،
پۇلى بار بەتنامنى ھەم بار ياقلىغان ،
كىمكى پۇلدار مەيلىچە نايناقلىغان ،
بولما زىنھار پۇل بىلەن ئويناقلىغان ،
تاپ كامال ، چاچ خۇشپۇراق ، پۇل بولمىسا !
پۇل مۇھىم ، پۇلدىن مۇھىم دىل ئاقلىقى ،
ئاقمىغاي پۇلنىڭ بېشەم ،ھايتاقلىقى ،
كىم دۇرۇس يولدا بېيىپتۇ پاكلىقى ،
رىزقى پاكقا بار ئاۋام ئامراقلىقى ،
ساتما ۋىجدان ، سات قىياق ، پۇل بولمىسا !
‹ ئىشىكنى ئاچماق › تىن غەرەز ئالماشتۇرۇش ،
( ئالغۇ-بەرگۈ ) ...سودىنى قاملاشتۇرۇش ،
يول تېپىش ھەم پۇل تېپىشتا شاش تۇرۇش ،
يۇرتنى دۇنيا ۋەزنىگە يانداشتۇرۇش ،
ياندىشىش تەس ، ھەممە ۋاق پۇل بولمىسا !...»
بىر ھېسابتا پۇل دېگەن شۇنداق نېمە ،
ئەمما پۇلنى تەكتى ھەل قىلغۇچ دېمە ،
كىم زېرەك ، ئاقىل ، شۇنىڭ پۇل ، غەم يېمە ،
قويغۇسى پۇلسىز سېنى تەرسىز تەمە ،
تاپقۇسى كىم ئەقلى ساق ، پۇل بولمىسا .
نا ئۈمىد قويماس ھالال قىلغان كىرىم ،
يول راۋان بولسا ، نېنىڭ قالماس يېرىم ،
ئەتىنى كۆزلەپ بۈگۈن تىكتىڭ جىرىم ،
پۇل ئاشۇ ! كۆپ قالمىدى-قىلدىڭ كىرىم،
ئۆز كۈچۈڭدە ئىشىكنى قاق ، پۇل بولمىسا .
گەپمۇ بار « پۇل تاپقۇچە يۈز تاپ » دېگەن ،
« يۈز » دېمەك –ئابرۇي ، ئىناۋەت ، بىل ، ئۆگەن ،
نەپسى شەيتان تۆكمىسۇن يۈز ، سال يۈگەن ،
ھەق-ھالاللىق بىرلە توشسۇن زەر لېگەن ،
باشقىنى قىل « ئۈچ تالاق ! » پۇل بولمىسا .
پۇل نىجىس ، پۇل كىر-ھارام ، ياق ، پۇل –ئىمان ،
پۇل مۇھەببەت ، پۇل ئوزۇق ، ياق ، پۇل سامان ،
پۇل دېگەن غەم ، پۇل تۇزاق ، ياق ، خانىمان ...
قانچە قىلغىن پۇل نەزەردە بار ھامان ،
« قاغىمۇ قىلمايدۇ ‹قاق... › ، پۇل بولمىسا » .
بولسا يول داغداملىقى ، ئادىل تۈزۈم ،
تۇرسا قاشتاش ھەم گىلەم ، مەشۇت ، ئۈزۈم ...
پۇل تېپىشچۈن يول تاپار ، بۇ ھەق سۆزۈم ،
راسىتنى يازدىم ئىلچىلىك بولغاچ ئۆزۈم ،
ئىشقا ئاشقاي بۇ بۇداق ، پۇل بولمىسا .
پۇل ، قېنى ئېيىتقىنچۇ ،كار-بارىڭ نېمە ؟
شادلىقىڭ قانداق ، يەنە زارىڭ نېمە ؟
بىرلا گەپ قىل : بىزگە ئىزھارىڭ نېمە ؟
ھەمدىمىڭ ، يارىڭ ۋە ئىنكارىڭ نېمە ؟
تاپقۇلۇق ، بىل ، سەن سىياق پۇل بولمىسا !
مەنبە-روزى سايىتنىڭ « ئانا تىلىم-زەر تىلىم » ناملىق كىتابى
ئىزاھلار :
(1) –قوناق-قونالغۇ ، ئۆتەڭ
(2) « غەربكە ساياھەت » ناملىق تېلىۋېزىيە تىياتىرىدا ئامىتا بۇددانىڭ ئالتۇن جامغا نوم دەستۇرلىرىنى ئالماشتۇرغانلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ .
(3) ئېيتىلىشىچە ، نۇشىرۋان شاھنىڭ ئالدىغا سوۋغاتسىز كىرگەن ئام (پۇقرا ) چىرايلىق كۆرۈنمەيدىكەنمىش
(4) ئام-پۇقرا
(5) قۇت ئاتمىدى –بەخت يەتكۈزمىدى ، ئەسقاتمىدى
(6) ھايتاق-كەپسىز ، باشباشتاق