جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىسى:سىز شەرقىي يېرىم شار،مەن غەربىي يېرىم شار.بىز پەقەت بىللە بولساق يەرشارى ئاندىن پۈتۈن بولالايدۇ..
قارشى تەرەپ:ئەگەر بۇنداق بولىدىغان بولسا يەرشارىدا پەقەت ئىككىمىزلا قالامدۇق...
*************************************************************
تارىخ ئوقۇتقۇچىسى:ئەمەلىيەت بۈگۈنكى ئىش،تارىخ تۈنۈگۈنكى ئىش.بىز بىللە بولساق تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن تەبئىيلا بىرىككەن بولاتتى.
قارشى تەرەپ:پەقەت بۈگۈن ۋە تۈنۈگۈنلا بولۇپ،ئەتە بولمىسا ياشىغىنىمىزنىڭ نىمە ئەھمىيىتى؟
=====================================
پەلسەپە ئوقۇتقۇچىسى:سىز مەۋجۇدىيەت،مەن ئاڭ.ماتىرىيالىزىمنىڭ قائىدە-پىرىنسىپلىرىغا ئاساسلانغاندا مەۋجۇدىيەت ئاڭنى بەلگىلەيدۇ.مەن مەڭگۈ سىزنىڭ سادىق قۇلىڭىز بولۇشنى خالايمەن.
قارشى تەرەپ:دىئالىكتىكىنىڭ قائىدە پىرىنسىپلىرىغا ئاساسلانغاندا مۇقىم بولغان شارائىت ئاستىدا ئاڭ مەۋجۇدىيەتكە ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدۇ.ئەگەر بىز توي قىلساق سىز مىنىڭ خوجامغا ئايلىنىسىز دىگەن گەپ!
-------------------------------------------------------------
ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى:قەدىرلىك**!سىز ياز ئاسمىنىدىكى يۇلتۇز،باھار ئاسمىنىدىكى بۇلۇت،سەز شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۈزۈك سۇ،سىز مەجنۇنتال ئۈستىدىكى سوپىتورغاي.سىز لەرزان ئوينالغان ئۇسۇل،سىز مۇڭلۇق ئېيتىلغان ناخشا......
قارشى تەرەپ:ۋاي خۇدايىم!سىز شەخسەن مېنى پەقەتلا ياخشى كۆرمەيدىكەنسىزغۇ...
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى:سىز مەنپى قۇتۇپ ،مەن مۇسبەت قۇتۇپ.ئىككىمىز بىللە بولساق مۇھەببەتتىن توك ھاسىل قىلالايمىز...
قارشى تەرەپ:يا ئاللا...مەن سىزگە قانداقمۇ يېقىنلىشالايمەن.مەن توك سوقۇپ ئۆلۈشتىن قورقىمەن...
<<爆笑party>> دىن تەرجىمە قىلىندى..
|