كۆرۈش: 3000|ئىنكاس: 6

قىزچاق خاتىرىسىدىكى كەچمىشلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

گۈلۈم-ئاتئال

UID
3156
يازما
116
تېما
14
نادىر
0
جۇغلانما
4046
تىزىملاتقان
2010-7-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 13:33:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


قىزچاق خاتىرىسىدىكى كەچمىشلەر

(گۈلۈم-ئاتئال)




[align=justify]بۇ ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرى ئىدى، كەچلىك تەكراردىن قايتىپ ياتاق بىناسىغا تۇتىشىدىغان ئالما دەرەخلىرى ئارىسىدىكى شۇ تار يولدا ماڭدى...مېنىچە ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن ھەرقانداق بىر كىشى بۇنداق تار يوللارنىڭ تەكراردىن كىيىنكى شۇ ۋاقىتلاردا مۇھەببەتلەر مەيدانىغا ئايلىندىغانلىقىنى بىلسە كېرەك...گەرچە ئۇ يالغۇز بولسىمۇ يەنىلا شۇ يولدا ماڭدى، ياتاق بىناسىغا كېلەيلا دەپ قالغاندا تۇيۇقسىز دەرەخ ئارىسىغا ياسالغان دۈگىلەك ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان يىگىت بىلەن قىزغا قاراپ سالدى، گەرچە بۇ يەر سەل قاراڭغۇ بولسىمۇ ئەمما ئاي شولىسىدا ئۇ كۆلەڭگە ئۇنىڭغا خۇددى تونۇشتەكلا تۇيۇلدى-دە يۈرىكى ئەنسىز سېلىپ كەتتى. ئەمما تازا ئىنىق بىلەلمىگەچكە يولىنى داۋام ئەتتى ۋە ئۆزىگە ياق، ياق ئۇ بولىشى مۇمكىن ئەمەس دەپ پىچىرلىدى كەينىگە قايتا بىر قاراشقىمۇ پىتىنالماي تېز-تېز مېڭىپ ياتاققا كىرىپ كەتتى بىراق ياتاققا كىرىپ پەقەتلا ئولتۇرالماي قالدى چۈنكى بىر مۇدھىش قول ئۇنىڭ يۈرىكىنى تاتىلاۋاتقاندك ئۇنى بىئارام قىلاتتى، ئۇ ئاخىرى يەنە ياتاق بىناسى ئالدىغا چىقىپ ئۇنىڭ زادى كىم ئىكەنلىكىنى ئىنىق بىلىپ بېقىش قارارىغا كېلىپ ياتاقتىن چىقتى ئەمما قېلىن ئالما يوپۇرماقلىرى ئۇلارنى توسىۋالغاچقا يەنىلا ئىنىق كۆرەلمىدى، ئۇنىڭ كۆڭلى ئۇ يەردە تۇرغان شۇ دەپ شەپە بەرسىمۇ بىراق ئىچىدە ئۇ بولۇپ قالمىسىدى دەپ ئاللاھقا نىدا قىلدى. دەل شۇنداق دەككە-دۈككە خىياللاردا تۇرغاندا ئۇنىڭ خىيال كەپتىرى ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتتىمۇ بۇ ئىشلارنى ئۇنىڭغا ئىنىقلاپ بەرمەكچى بولۇپ ئالما دەرەخلىرى ئارىسىغا قاراپ ئۇچتى ھەم ئۇلارنىڭ بېشىدىكى بىر شاخقا بېرىپ قوندى.
توۋۋا توۋۋا....سەن ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭغاا قىلغان شۇ شېرىن-شېكەر سۆزلىرىڭ، قىزغىن مۇئامىلەڭ ئارقىلىق يىنىڭدىكى قىزنى توختىماي كۈلدۈرۋاتاتتىڭ ، بىلمەپتىكەنمەن سەن نىمىدىگەن دورامچى ھە؟ ھەتتا ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ساڭا قىلغان سۆزلەرنىمۇ ئەينەن پېتى يىنىڭدىكى قىزغا دەۋاتىسىەنغۇ؟ سەن نىمىدىگەن دۆت، يوپۇرماق ئۈستىدىكى بىر تامچە سۈزۈك سۇنى قىزغا قاراڭ شەبنەم دەپ كۆرسەتتىڭ، بۇ كېچىدە يوپۇرماقتا نىمە قىلغان شەبنەم ئۇ؟ ؟؟ بىلسەڭ ئۇ خىيال كەپتىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن تۆككەن كۆز يېشى...
كەپتەر خېلى ئۇزۇن سىلەرنىڭ شېرىن سۆھبىتىڭلارنى تىڭشاپ يەنە ئۇنىڭ يىنىمغا قايتىپ كەلدى ،"ئۇ" ئەمدىلا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى ماڭا بايان قىلماقچى بولۋىدى سىلەر ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ ياتاق بىناسى ئالدىغا قاراپ كەلدىڭلار-دە دەل ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا توختدىڭلار ،ئۇنىڭ كۆزلىرى سېنىڭ شۇ ھېيلە-مېكىر بىلەن ، ئالدامچىلىق تولغان كۆزلىرىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا كۆز ئالدى بارغانچە غۇۋالىشىپ ئىككى تامچە ياش مەڭزىنى بويلاپ سىرغىپ چۈشتى، سەن بۇ كۆزلەرگە داۋاملىق قاراشقا پېتىنالمىدىڭمۇ دەرھال كۆزۈڭنى ئەپ قاچتىڭ ۋە يىنىڭدىكى قىزغا ئالاق-جالاق قارىدىڭ-دە يەنە ئۇنىڭغا قىلچە خىجىل بولمىغان ھالدا بىخارامان تىكىلدىڭ،قانداقتۇر بىر كۈچ ئۇنى ياتاققا كىرىپ كېتىشكە سۆرىدى ،ئۇچقاندەك كرىپ كەتتى.قالغان ئىشلاردىن ئۇ خەۋەرسىز...
توۋۋا ،ئەي قىزچاق نىمە ئۈچۈن ياش تۆكىسەن؟ئاشۇنداق بىر ھېيلىگەر تۈلكە سېنىڭ ياش تۆكۈشۈڭگە ئەرزىمدۇ؟
دەل شۇ چاغ ئۇنىڭ بايىقى خىيال كەپتىرى ئۇنىڭغا تەسەللىي بەردى: "ھەي ئەخمەق قىز نۆۋىتى كەلگەندە سەن ھەقىقىي ياش تۆكۈشكە تېگىشلىك ئالدىڭدا نۇرغۇن ئىشلار بار ،سەن ئەنە شۇلارغا ياش تۆككىن، بۇنداق ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن ئۆزۈڭنى ئارتۇقچە ئاۋارە قىلىپ كۆز يېشىڭنى ئىسراپ قىلما. سەن ئۇنىڭدىن مەمنۇن بولىشىڭ كېرەك ،چۈنكى سەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق مۇھەببەت بىلەن نەپرەتنى، يالغانچىلىق بىلەن راستچىللىقنى،سەمىمىيەت بىلەن رەزىللىكنى تېخىمۇ ئىنىق ئايرىيالغۇدەك تەجىرىبە-ساۋاققا ئىگە بولدۇڭ" دىدى.
ئۇ ئويلىنىپ قالدى، بىردىنلا كاللىسىغا ،مەن بۇ يەرگە نىمە قىلغىلى كەلدىم؟ ھازىرقى ۋەزىپەم نىمە؟ توغرا ھاياتنىڭ يوللىرى ھامان ئەگرى -توقاي بولىدىغۇ، ھاياتنىڭ قىززىقىمۇ دەل شۇ ئەگرى -توقايلىقتا ئەمەسمۇ؟ مەن يەنە ياشىشىم كېرەك، ئەتىكى قۇياشنى خۇش تەبەسسۇمىم بىلەن كۈتىۋىلىشىم كېرەك دىگەن خىياللار كەلدى. كۆڭلىدە : رەھمەت ساڭا، رەھمەت مېنىڭ خىيال كەپتىرىم، خەيرى بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر خوش ئەمسە مېنىڭ كونا دوستۇم ، بەخىتلىك بول دىگەنلەرنى پىچىرلىدى.
قىزچاقنىڭ بۇ كەچمىشلرى ئالىي مەكتەپ باسقۇچىدا تۇرۋاتقان ھەر بىر قىز-يىگىتلەرنى قايتا بىر ئويلاندۇرسىكەن دىگەن ئۈمۈدتىمەن.
توغرا بولغان مۇھەببەت قارىشىنى ھەرقانداق ئادەم قوللايدۇ ئەمما ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ شۇنداق چىن مۇھەببەتكە ئېرىشىشى تەس ، ساختا كۆڭۈل خۇشى كىشىگە ئاقىۋەت ئازابتىن باشقا نەرسە ئېلىپ كېلەلمەيدۇ ...شۇڭا شۇنداق بىر كەچمىشنى باشتىن كەچۈرگەنلەرگە قايسى بىر روماندا ئوقۇغان مۇنۇ قۇرلارنى ھەدىيەقىلغۇم كېلۋاتىدۇ...
__مەن مۇھەببەنتى قەدىرلەيمەن، چۈنكى ئۇنىڭغا نۇرغۇن نازۇك ھېسياتلىرىم ، پاك تۇيغۇلىرىم، نۇرغۇن ئەقىدىلىرىم ، ۋاقتىم، ئىرادەم سىڭگەن، مەن مۇھەببەتنى قەدىرلەيمەن بىراق ئۇنىڭغا قارغۇلارچە چوقۇنۇشنى ،ئاجىزلارچە چوقۇنۇشنى خالىمايمەن، ھەرگىز خالىمايمەن...
مەن چىدايمەن، ھەممىگە چىدايمەن، جەزمەن ھەممىنى بۆسۈپ كېتىمەن.
سەن مېنى زادى ياخشى كۆرمىگەن ، چىن قەلبىڭدىن سۆيمىگەن ئىكەنسەن، ياخشى كۆرگۈ چى ئەسەبىيلەرچە يەنىلا مەن ئىكەنمەن شۇنداقمۇ؟ شۇ تاپتا سېنى كەچۈرگىنىمنى ياكى ساڭا نەپرەتلەنگىنىمنى بىلمەيمەن .
__ئاڭلا، بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمىزغىمۇ خاتىمە بېرىلىدۇ، ھايات مېنىڭ يېڭى قەدەم ئېلىشىمنى كۈتىۋاتىدۇ. ئەلۋىدا مېنىڭ سەبىي سۆيگۈم، ئەلۋىدا ئۇنتۇلماس ئايدىڭ كېچىلەر...


مەنبە : گۈلۈم-ئاتئال يازمىلرى
2007-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى پەيشەنبە.


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
7591
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
80
تىزىملاتقان
2010-11-29
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 17:21:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىدا بىر قىسىم ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ئەينەن ئىپادىلىنىپتۇ.........              ئۇلار ئوز مەجبۇرىيىتىنى ئۇنتۇپ قالمىسا بولاتتى.

UID
7016
يازما
29
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
992
تىزىملاتقان
2010-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 20:20:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
*قاشقا سانىساڭ كۆزگە ،
  كىشىگە سانىساڭ ئۆزگە.

قىزلارنىڭ كۆڭلى بىلەن ئوينىشىدىغانلار ھامان بىر كۈنى ئۆزىنىڭمۇ باشقىلار تەرىپىدىن ئوينىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمامدىغاندۇ ؟ بۇ بىر ئۆتنە جاھان ، باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگەنلەر ھامان بىر كۈنى مۇناسىپ جازاسىنى تارتىدۇ .

UID
5189
يازما
570
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
18035
تىزىملاتقان
2010-8-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-16
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 21:39:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن ئۆزۈڭنى ئارتۇقچە ئاۋارە قىلىپ كۆز يېشىڭنى ئىسراپ قىلما. سەن ئۇنىڭدىن مەمنۇن بولىشىڭ كېرەك ،چۈنكى سەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق مۇھەببەت بىلەن نەپرەتنى، يالغانچىلىق بىلەن راستچىللىقنى،سەمىمىيەت بىلەن رەزىللىكنى تېخىمۇ ئىنىق ئايرىيالغۇدەك تەجىرىبە-ساۋاققا ئىگە بولدۇڭ!
مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ كىتىدىغان سۆزلەرنى مەن بۇرۇن بىر دوستۇمغا دەپ تەسەللى بەرگەنىدىم ،بەزى ئادەملەرنىڭ ھىيلە مىكىرلىرى تويدىن بۇرۇن ئاشكارە بولغىنى قارشى تەرەپنىڭ تەلىيى .

ئاينىڭ ئون بەشى يۇرۇق ،ئون بەشى قاراڭغۇ!!!

UID
5970
يازما
24
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
775
تىزىملاتقان
2010-9-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 12:53:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزلار سىلەر بىر ھىكىمەتنى ئونتۇپ قالماڭلار<<ھىچكىم مىنىڭ كۆز يىشىمغا تۆكشكە ئەرزىمەيدۇ،مىنىڭ كۆز ياش تۆكشكە ئەرزىيدىغان كىشى مىنىڭ كۆزىمدىن ياش تۆكۈزمەيدۇ>>...

بەخىت ئۆز قولىمىزدا!!!

ئۈمىدلىك ئەزا

كۆكلەي دېسەڭ ئۇي

UID
2978
يازما
49
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
520
تىزىملاتقان
2010-6-18
ئاخىرقى قېتىم
2011-6-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 20:58:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسىبىر ۋاقىتتا مۇنداق بىر قىسقا پارچىنى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە، سىزنى ياش تۆكتۈرگەن كىشى ئۈچۈن قايغۇرىشىڭىز بىھاجەت، چۈنكى سىزنى ياخشى كۆرگەن ئادەم سىزنى ياش تۆكتۈرمەيدۈ. دېمىسىمۇ مۇشۇ گەپ تولىمۇ توغرا ئېيتىلغان جۇمۇ......

ئۇيغۇر دېسە ھاياجاندا تىترىيدۇ تەن، دەيدۇ روھىم:قېنى .ئۇيغۇر ئورنىڭدىن تۇر!!!

ئۈمىدلىك ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
8260
يازما
29
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
290
تىزىملاتقان
2010-12-28
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 22:32:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرسىنى كەچۈرگىنىنىمۇ نەپرەتلەنگىنىنىمۇ بىلمەسلىك تەپەككۇرىنىڭ تۇرمۇزلانغانلىقى،قارشى تەرەپنىڭ "مەن"نىڭ قەلپ دىيارىنى لەرزىگە سالغانلىقنى چۈشەندۈرىدۇ.ئەمەلىيەتتە بىر ئادەمدە بىرسىگە يا مۇھەببەت پەيدا بولىدۇ ياكى نەپرەت پەيدا بولىدۇ. يا كەچۈرىدۇ ياكى نەپرەنلىنىدۇ.بۇ نوقتىدىن ئالغاندا "مەن:نىڭ يازمىلىرى قىپ قىزىل يالغان توكۇلما خىالاس.زىيان تارتقىنى يانىلا قىز چۈنكى قىز نىڭ ئەلۋىدا ئايدىڭ كىچىلەر  ئەلۋىدا سەبىي سۆيگۈم دېگەن نسۆزلىرىگە ھەسرەت، نادامەت پۇشايمان،ئازاپ يۇشۇرۇنغان.شۇڭا قىزلار بىرەرسى بىلەن ئارلاشماقچى بولغاندا،ھىسسسىياتىنى ئەقىل بىلەن كونتۇرۇل قىلىشى،تاتلىق سۆز-ۋەدىلەرگە ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتمەسلىكى باشقىلارنىڭ سۆيگىنىگە ئېرىشكەندە ئەشۇ سۆيگۈنىڭ ئارقىسىغا قانداق مەقسەتلەرنىڭ يۇشۇرۇنغانلىقىنى ھىسسىيات كۆزى بىلەن قارىماستىن ئەقىل كۆزى بىلەن قارىشى لازىم .شۇ چاغدىلا كىيىنكى پۇشايماننىڭ ئالدىنى ئالغىنى بولىدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش