- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 1582
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 50537
- تىزىملاتقان
- 2010-5-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-6
- UID
- 2091
- يازما
- 1582
- تېما
- 53
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 50537
- تىزىملاتقان
- 2010-5-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-6
- توردا
- 84 سائەت
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !
ئائىلە تەربىيىسى ھەققىدە ئۇمومى چۈشەنچە
ئائىلە تەربىيىسى پۈتكۈل خەلق مائارىپى سېستىما قۇرۇلمىسىنىڭ مۇھىم تەشكىلىي قىسمى بولۇپ ، ياش-ئۆسمۈرلەرنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدۈرىدىغان مۇھىم ھالقا . ئۇ ، ئۆزىگە خاس رولغا ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە . شۇڭا ئۇنى مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ .
ئەمەلىي تۇرمۇشتا بەزى بالىلارنىڭ تەپەككۇرى جانلىق ، بەزى بالىلارنىڭ قاشاڭ كېلىدۇ ؛ بەزىلىرى ئەدەپلىك بولسا، بەزىلىرى ئەدەپسىز كېلىدۇ ؛ بەزى بالىلار ئەقىل جەھەتتە ئۆزگىچە بولسا ، بەزى بالىلار ئادەتتىكىچە بولىدۇ . مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئائىلە تەربىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بولىدۇ . لېكى يەنە بەزى ئاتا- ئانىلار ئائىلە تەربىيىسىنى قارغۇلارچە ئېلىپ بارىدۇ . بەزى ئاتا -ئانىلار بالىمىز < ئەقىللىق > بالا بولدى دەپ قاراپ ، ئۆز -ئۆزىدىن پەخىرلىنىدۇ ، يەنە بەزىلىرى بالىسىنىڭ ئۆگۈنىشتە ناچارلىقىنى كۆرۈپ ، بالىمىز < يارىماس > بالا بولىدىغان بولدى ، دەپ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدۇ ؛ يەنە بەزى ئاتا -ئانىلار < دەرەخ يوغىنىسا تۈزلىندۇ ، بالا چوڭ بولغانسېرى ياخشى ئادەم بولىدۇ > دەپ قاراپ ، بالىسىنى كېچىكىدىن باشلاپ ئەتىراپلىق تەربىيەلەشكە سەل قارايدۇ ياكى بولىشىغا قويىۋېتىدۇ ؛ يەنە بەزى ئاتا -ئانىلار ئائىلە تەربىيىسىدە ئۇرۇپ تىللاشنى بالا تەربىيەلەشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالىدۇ ۋە باشقىلار . مانا بۇلار ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىسىغا قويغان تەلەپلىرىنىڭ ھەر خىل ئىكەنلىكىنى تۇلۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ . ئەمەليەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى ، تەربىيە ئۇسولى ئوخشاش بولمىسا ، تەربىيىنىڭ ئۈنىمى روشەن ھالدا پەرىقلىنىدۇ . شۇڭا ئائىلە تەربىيىسىنى مائارىپ تەربىيىسى سۈپىتىدە تۇتۇپ تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ . كۆپلىگەن ئاتا - ئانىلار پىداگوگىكا ، پسخولوگىيە، فىزئولوگىيە ، ئىقساسشۇناسلىق قاتارلىق پەنلەر ھەققىدىكى بىلىملەرنى ئىلىمىزنىڭ ئائىلە تەربىيىسى ۋە ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەمەليىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىۋاتىدۇ ھەم تەتقىق قىلىۋاتىدۇ . جۈملىدىن ئاپتونۇم رايونىمىزدىمۇ ئائىلە تەربىيىسى تۈزۈملىنىشكە ، ئىلمىيلىشىشكە قاراپ تەرەقىي قىلىۋاتىدۇ .
ئائىلە تەربىيىسى دېگەن نىمە ؟
ئائىلە - جەمىيەتنىڭ ھۈجەيرىسى . ئۇ نىكاھ ۋە قانداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلىپ ، ئاتا -ئانا ۋە پەرزەنتلەردىن تەشكىل تاپقان جەمىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك ئاساسىي قاتلام تەشكىلى . ئائىلە تەربىيىسى ئاتا- ئانا ياكى باشقا يېشى چوڭلار تەرىپىدىن مۇئەييەن ئىجتىمائىي تەلەپكە ، سۆز -ئەمەليىتىنى ياكى باشقا تەرنىيە شەكلىنى ، ئۇسولى ئارقىلىق پەرزەنتلەرگە بېرىدىغان مۇئەييەن تەربىيە تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ .
كىشىلەر ئەمەليەت جەريانىدا ، ئائىلە تەربىيىسىنىڭ مۇھىملىقىنى خېلى بۇرۇنلا تونۇپ يەتكەنىدى . جۇڭگونىڭ قەدىمقى دەۋرىدىلا < مىڭ زىنىڭ ئانىسىنىڭ قوشنا تاللىشى > < يۆفىينىڭ ئانىسىنىڭ خەت ئويۇنى > قاتارلىق ھېكايىلەر ۋە < يەن جەمەتىنىڭ ئائىە نەسىھەتلىرى > < نەي گونىڭ ئائىلە تەربىيىسى > قاتارلىق ئائىلە تەربىيىسىگە ئائىت ھۆججەتلەر بولغان . يېقىنقى ۋە ھازىرقى زاماندا بولسا ، نۇرغۇن ئاتاقلىق پىداگوكلار ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئائىلە تەربىيىسىنىڭ بالىلارنىڭ جىسمانى ۋە پسخىك جەھەتتە تەرەقىي قىلىشىدىكى مۇھىم رولىنى تەكىتلىگەن ، مەسىلەن ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئالىم لۇشىيى ؛< پەرزەنتلەرگە ، بىرىنچىدىن ئائىلە بويىچە كۈچ چىقىرىش ، ئىككىنچىدىن ئۇستاز تاللاشتا كۈچ سەرىپ قىلىش . ناۋادا ئائىلە بويىچە كۈچ چىقارمىغاندا ، پەرزەنت بالا ۋاقتىدىن باشلاپلا ئۆزى خالىغانچە بولىۋېلىپ ، ياخشى -ياماننى پەرق ئەتمەيدىغان بولىۋالىدۇ . ئۇنى قانداق قىلغان بىلەنمۇ توغرا يولغا سالغىلى بولمايدۇ . ئۇستاز ياخشى بولغان ھالەتتىمۇ ئامالسىز قالىدۇ .> دەپ قارىغان . ئۇ ، ئائىلە تەربىيىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىك تەسىرى بالىلارنىڭ كېيىنكى ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مۇھىم ئاساس بولىدىغانلىقىنى كونكىرىت كۆرسىتىپ بەرگەن .
ئائىلە تەربىيىسىنىڭ بالىلارنىڭ تەرەقىي قىلىشىدىكى رولى قانداق ؟
بالىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن مەكتەپنىڭ مەقسەتلىك ، سېستىمىلىق تەربىيىسىنى قوبۇل قىلسىمۇ ۋە تەربىيە ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە يېتەكچى رول ئوينىسىمۇ ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى يەنىلا ئائىلە تەربىيىسىدىن ئايرىلالمايدۇ . ئائىلە تەربىيىسى بالىلارنىڭ تەرەقىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ .
1- ئائىلە ، بالىلار ئەڭ ئۇزۇن ياشايدىغان مۇھىت بولۇپ ، بالىلارنىڭ ئاتا -ئانىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ۋاقتىمۇ كۆپ بولىدۇ . شۇڭا بىر تەرەپتىن ، ئاتا -ئانىلارنىڭ ساپاسى ، تەربىيىلىنىشى ، ئەخلاق - پەزىلىتى ، سۆز -ھەركەتلىرى ، تۇرمۇش ئۇسولى ، تەربىيە بېرىش پوزىتسىيىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بالىلارغا مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز تۈردە تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئۇزاق مۇددەتلىك قولاققا سىڭىپ كۆنۈپ قېلىش ، بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسىتىشلەر بالىلارنىڭ ئەخلاق كۆز قارىشى ، ھەركەت مىزانى ھەمدە ئېسىل ئادەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ ؛ يەنە بىر تەرەپتىن بالىلارنىڭ ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكى ، ئەخلاق -پەزىلىتى ، ئۆگۈنىش ھالىتى ، قىزىقىشى ، ھەۋىسى ، تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىقلار ئائىلىدە ئەڭ تۇلۇق ۋە تەبىئىي ھالدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ . ئائىلە باشلىقلىرى بۇلارغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ ، ھەم ناھايىتى سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىكى ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىشىگە ۋاقىت يار بېرىدۇ ھەمدە بالىلارنىڭ ئەمەليىتىدىن چىقىپ تۇرۇپ مۇۋاپىق يېتەكچىلىك قىلالايدۇ ۋە تەربىيە بېرەلەيدۇ .
2- ئائىلە جەمىيەتنىڭ ئاساسىي بىرلىكى بولۇش سۈپىتىدە بالىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئىجتىمائىي تۇرمۇش كوللىكتىپىدىن ئىبارەت . ئاتا- ئانىلار بىلەن بالىلار ئوتتۇرسىدا قانداشلىق يېقىن مۇناسىۋەت بار ، بۇ خىل يېقىنلىق ئائىلىنىڭ ئالاھىدە بىر ئىجتىمائىي كوللىكتىپ بولىدىغانلىقىنى ، بۇ كوللىكتىپتا ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىنتايىن زور دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلىشى ۋە غەمخورلۇق قىلىشى لازاملىقى ، بۇ ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى مۇستەھلەم ئاساس ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن . پىداگوگ ماكارىنكو بۇ ھەقتە توختىلىپ ؛< ئاتا -ئانىنىڭ مېھرىبانلىقى بولماي تۇرۇپ چوڭ قىلىنغان ئادەم ھامان قوسۇرسىز بولمايدۇ > دەپ كۆرسەتكەنىدى . ئاتا -ئانىنىڭ مېھرىبانلىقى كەمچىل بولغان بالىلار ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلالمايدۇ - دە دائىم دېگۈدەك جىددىلىك ۋە غەمكىنلىك ئىچىدە ئۆتىدۇ . بۇ ئۇلارنىڭ نورمال تەرەقىي قىلىشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ . ئائىلىدىكى يېقىنلىق بالىلارنىڭ بولۇپمۇ يېشى كىچىك بالىلارنىڭ ئائىلىسىدىن كەلگەن تەربىيىنى ۋە تەسىرنى تېخىمۇ ئاسان قوبۇل قىلىدۇ .
3- ئائىلە تەربىيىسى كەڭ مەزمونغا ئىگە بولۇپ ، ئۇنىڭ ھەرقانداق مەزمونى ، ئۆگۈنىش ،ئەخلاق ، سالامەتلىك ،ساقلىق ساقلاش ، بىخەتەرلىك ، ئەدەپ-قائىدە ، ئالاقىلىشىش ، قىزىقىش ، ھېسسىيات ، ئائىلە ئىشلىرى ۋە ئىستىقبال قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇ مەزمونلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىللىنىش بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىنتايىن پايدىلىق . بىزگە مەلۇمكى ، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەپ يىتىلدۈرۈش جەھەتتە يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ . ئەمما ئائىلىنىڭ ئەتىراپلىق ماسلىشىشى ، ھەر خىل تەلىم -تەربىيە ئامىللىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىللىنىپ كەڭ تۈردە تەربىيە ئېلىپ بېرىش بولغاندىلا ، مەكتەپ تەربىيىسى ئەڭ ياخشى تەربىيە ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ . مەسىلەن ؛ ئىتتىپاقلىق ، دوستلۇق ، كوللىكتىپنى قىزغىن سۆيۈش ، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ، ئەدەپلىك بولۇش ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ، ئەمگەكنى قىزغىن سۆيۈش ، ئاددى- ساددا ئىقساتچىل بولۇش ، تاپشۇرۇقلارنى ۋاقتىدا ئىشلەش ، ئەستايدىل ، ئىنچىكە بولۇش ، ئىشنى ياخشى باشلاپ ، چىرايلىق ئاخىرلاشتۇرۇش ، تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش ، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىقلار ئائىلىدە مەكتەپكە ماسلاشقان ھالدا ئېلىپ بېرىلسا بالىلار تەربىيىسىگە نىسبەتەن داۋاملاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ -دە تېخىمۇ ئەتراپلىق ، تېخىمۇ چوڭقۇر ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدۇ .
يۇقىرىدىكىلەردىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى ، ئائىلە بالىلارنىڭ ئىجتىمائىيلىشىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ . بۇ ، بالىلارغا ئىجتىمائىي ھەركەت ئۆلچىمىنى ئۆگۈتىش ، ئەخلاق- پەزىلەت ، مىجەز -خۇلقىنى چېنىقتۇرۇش ، تۇرمۇش نىشانىغا يېتىكچىلىك قىلىش ، شەخسىي ئىرادە ۋە قىزىقىشنى شەكىللەندۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئائىلە تەربىيىسىنىڭ رولىغا سەل قاراشقا ۋە ئينىڭ ئورنىغا باشقا نەرسىنى دەسسىتىشكە بولمايدۇ . بۇ ، ھەرگىزمۇ ئائىلىلا بولىدىكەن ، ئۇ بالىلارنىڭ تەرەقىي قىلىشىدا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ ، دېگەنلىك ئەمەس . ئەمەلىي تۇرمۇشتا ، ئائىلە تەربىيىسى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەاكىس تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەھۋاللارمۇ دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ . شۇڭا ، ئائىلە تەربىيىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش بىر مۇرەككەپ مەسىلە دەيمىز . ئۇ ئائىلىنىڭ مۇھىتى ، ئائىكە ئازالىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ، ئاتا- ئانىلارنىڭ ساپاسى ، تەربىيىلەش پوزىتسىيىسى ، تەربىيە مەزمونى ، تەربىيە ئۇسولى ۋە قويغان تەلەپلىرى ، ئائىلىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى قاتارلىقلار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئائىلە تەربىيىسىگە تۇلۇق ئەھمىيەت بېرىپ ، ئۇنى بىر پەن سۈپىتىدە ئەتەراپلىق ھەم چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ، ئائىلە تەربىيىسىنىڭ رولىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرىشى لازىم .
مەنبە : < ئائىلە تەبىيىسى ئاساسىي بىلىملىرى > دېگەن كىتاپتىن
داۋامى بار .....بارلىق ئاتا - ئانىلارنىڭ ھەم ئاتا- ئانا بولغۇچىلارنىڭ كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن . |
-
ھەممە باھا نومۇرى : + 30
باھا خاتىرىسى
|