- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 50
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1192
- تىزىملاتقان
- 2010-12-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-25
- UID
- 8075
- يازما
- 50
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1192
- تىزىملاتقان
- 2010-12-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-25
- توردا
- 69 سائەت
|
[align=justify]1.ياخشى تىمىكەن.
2.ئالامەت تىمىكەن.
3.ھەقىقەتەن ئىسىل تىمىكەن.
4. دۆلىتىمىزدىكى ئاز ئۇچرايدىغان ئەتىۋارلىق مۈشۈكئىيىقتىنمۇ ئەتىۋار، ئاز ئۇچرايدىغان تىمىكەن.
5. ئادەمنى ئويغا سالىدىغان تىمىكەن.
6.يول بويى كىشىلەرگە تولاپ تۇرۇپ تەۋسىيە قىلغۇدەك تىمىكەن
7.باشقۇرغۇچىلار چوقىلاپ قويغىدەك تىمىكەن.
8.ھەممە مۇنبەرگە يوللىغىدەك تىمىكەن.
9.باشقا مۇنبەرنىڭ ئەزالىرىنى ئەلكۇيى مۇنبىرىگە سۆرەپ كىرگىدەك تىمىكەن.
10.ھەرقانداق سورۇندا قايتىلاپ نەقىل قىلغۇدەك تىمىكەن.
11.ئۇچرىغان كىشىدىن< سىز بۇ تىمىنى كۆرگەنمۇ> دەپ سورىغىدەك تىمىكەن.
12.يىرىم كىچىدە ھاجەتكە چىققاندىمۇ كومپىيوتىرنى بىر قوزغىتىپ كۆرگىدەك تىمىكەن.
13.چۈشۈمدە يەنە كۆرسەم دىگۈدەك تىمىكەن.
14.52خىل تىلغا تەرجىمە قىلىپ تارقاتقۇدەك تىمىكەن.
15.ھىيىت-بايراملاردا دوس-يارەنلەرگە سوغا قىلغۇدەك تىمىكەن.
16.ئالتۇن تاختىغا ئويۇپ دۆلەت مىھمانلىرىغا سوغا قىلغۇدەك تىمىكەن.
17.ھاجەتخانا تاملىرىغا جىجاپ يۈرمەي كۆچۈرۈپ قويغىدەك تىمىكەن.
18.داڭ چىقارماقچى بولغانلار ئاپتۇرى بىلەن مۇناسىۋىتىم بار دەپ چىشلەپ تارىتقۇدەك تىمىكەن.
19.سىنارىيە قىلىپ 48رىجىسور 48خىل كىنو قىلىپ ئىشلىگۈدەك تىمىكەن.
20.كىنو قىلىپ ئىشلەنسە 11تۈرلۈك ئوسكار مۇكاپاتىنى بىراقلا ئالغۇدەك تىمىكەن.
22.ئاپتۇرىنى ھەممە ئالى مەكتەپلەرگە لىكسىيە سۆزلەپ بىرىشكە تەكلىپ قىلغۇدەك تىمىكەن.
23.نوبىل مۇكاپاتى مۇدىرىيىتى ئايرىم تۈر تۇرغۇزۇپ مۇكاپاتلىغىدەك تىمىكەن.
24.سىتىپ يۇڭ ئىشتان ئالغۇدەك تىمىكەن.
27.قىشىچە قالاپ ئىسسىنغۇدەك تىمىكەن.
27.گىرىلكىغا قاچىلاپ قۇچاقلاپ ياتقۇدەك تىمىكەن.
28.بىر قاپ تاماكىنى ئۇلاپ چىكىپ ئاڭلىغۇدەك تىمىكەن.
29.بىر پىيالە چاي بىلەن ئىچىۋەتكۈدەك تىمىكەن.
30.ئۆلۈكنى تىرىلدۈرەلەيدىغان تىمىكەن.
31.ئەكەكتەك،ئوغاۋالىدەك تىمىكەن.
32.تىمىدەكلا تىمىكەن.
33.مۇنبەردە 100يىل ساقلىغۇدەك تىمىكەن.
34.مۇنبەردىكى ھەممە ئەزا يادلىۋالغۇدەك تىمىكەن.
35.نادىر تىمىلارنىڭ بوۋىسىدەكلا تىمىكەن.
36.يىغلاپ تۇرۇپ كۆرگۈدەك تىمىكەن
37.ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇنداق بىر تېمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى تۆت كۆزۈمنى سەككىز قىلىپ ساقلاۋاتقانتىم. ئــاھ! ئاخىرى مەيدانغا كەپتۇ. يەنە كېلىپ سىزنىڭ قولىڭىز بىلەن مەيدانغا كەپتۇ. شۇ تاپتا قوللىرىڭىزنى مايلاپ، چوتكىلاپ پارقىرىتىۋەتكۈم كېلىۋاتىدۇ. ھەممە ئادەم سىزدەك بولغان بولسا بەلكىم مىللىتىمىزمۇ ئاي شارىغا چىقىپ بولاتتى. ياشاڭ تېما ئىگىسى! ئۆلگۈچە ياشاڭ! مەن سىز بىلەن تەڭ تۇغۇلمىغان بولساممۇ تەڭ ئۆلۈشكە رازى! بولغۇدەك تىمىكەن
38.ئىنكاس يازمىساق چىدىغىلى بولمايدىغان تىمىكەنغۇ ....
39.ئاپتاپ سۇنۇپ ئولتۇرۇپ ئوقۇغۇدەك تىمىكەن....
40.ھەجەپ بەلەن تېمىكەن ، بۇ تېمىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ بەيدۇغا چاپلاپ قويغىدەك تېمىكەن جۇما !
41.قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي ، داۋاملىق تىرىشسىڭىز قەلىمىڭىز راكىتاغا ئايلانغۇدەك .
42.ئوقۇماي قاراپ ئولتاسىمۇ ھوزۇرلانغۇدەك تىمىكەن.
43.ھەي~~ ھېلىقى مىسكىننىڭ تېمىسىنى كۆردىڭمۇ...؟ دەپ سوراپ باققىدەك تىمىكەن.
44.يىغلاپ تۇرۇپ كۆرگۈدەك تېمىكەن.
45.تۇغۇلغان كۈنى بولغاندا ئوقۇغىدەك تىمىكەن.
46.ئۆيگە ئەزىز مىھمان كەلگەندە ئوقۇپ بەرگۈدەك تىمىكەن.
47.تۈشۈك قاپاقتىن تۈكۈلگەن سۇدەك بولدۇقلاپ كۈلۈپ ئولتۇرۇپ كۆرگدەك تىمىكەن ماۋۇ ،،،،،
48.جاھاندا بۇنداق تىمىمۇ باركەن دېسە،تىمىنى كۆرۈشتىن بۇرۇنقى كۈنلىرىمنىڭ قانداق مەنىسىزلىككە تولغانلىقىنى ئەمدى ھېس قىلىۋاتىمەن!ياشاپ كېتىڭ تىما ئېگىسى!
49.ئەمدى بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق تېما كۆرمەيمەن... مۇشۇ تېما بىلەنلا ئۆتەپ كىتەي بولدى ...
مۇزىيغا ئاپىرىۋەتسىمۇ مۇشۇ تېمىغا چىڭلا پېپىشقىنىم چاپلاشقان!
50.مەلھەم ياساپ ئىچۇرسە ئەيدىز ۋىروسىنى ئولتۇرگۇدەك تېمىكەن.
51.ئەپسۇن قىلىپ سۇپلىسە دۇنيا گۇزىلىنى كەلتۇرگىدەك تېمىكەن .
52.مەلھىمىنى تازنىڭ بېشىغا سۇركىسە چاچ چىققۇدەك تېمىكەن .
53. تازلارنىڭ بىشىغا سۇرۇتسە قاش چىققۇدەك تېمىكەن .
54.ئىتوت قىلىپ ئوينىسا ھەيكەلنىڭ كۇزىدىن ياش چىققۇدەك تېمىكەن .
55.قاقاسلىققا تېرىساڭ ئاش چىققۇدەك تېمىكەن .
56.تەكلىماكانغا قار -يامغۇر ياغدۇرغىدەك تېمىكەن .
57.تىما ئەر بولسا تىگىۋاغۇدەك، قىز بولسا ئىلىۋالغۇدەك تىمىكەن .
56.دەريادا ئېقىپ كەتسە سۇزۋالغىدەك تېمىكەن .
58.قىڭغىر كەتكەن يەرلىرىنى تۇزۋالغۇدەك تېمىكەن.
59.قىق مو يەگە ئوغۇت بوغىدەك تىما ..
60. پۇت-قولى بولسا مىڭىپ كەتكۈدەك تىمىكەن..
مۇنبەر ئەزا سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تىمىلار بىلەن ئىنكاسلار پاخاللىشىپ ، ئۆز پىكرىنى ئەركىن ئوتتۇرغا قويغىلى بولمايۋاتقان مۇشۇ پەيىتتە ،مۇنبەرگە ئىشتىياق باغلىغان ئەركىن پىكىرلىك ئەزالار ئىنكاس زەربىسى تۈپەيلىدىن مۇنبەردىن يىراقلىشىشقا مەجبۇر بۇلىۋاتىدۇ . ئۈمۈدۈم :تىما ئۇقۇماي ئىنكاس يازىدىغان ئەزالار مۇنۇ قوللانمىدىن پايدىلىنىپ بولسىمۇ ، جۆيلۈشلەرنى توختاتسا ، مۇنبەر ئەركىن پىكىر سورىنىغا ئايلانسا دىگەن مەقسەتتىمەن ..
بۇ ئەلكۈيىدە بورۇن ئېلان قىلىنغان قەدرىيە ناملىق ئەزايىمىزنىڭ تېمىسى،مەنبەسى دوستۇم تورى دەپ ئېلىنىپتۇ.ئىككى يىل بورۇنقى يازمىمىز ئىدى بۇ .باشقۇرغۇچىدىن
مەنبەسى: دوستۇم تورى |
|