كۆرۈش: 4878|ئىنكاس: 10

ئىككىلەنمەڭ ، مۇھەببىتىڭىزنى ئىزھار قىلىڭ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
2217
يازما
3
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
30
تىزىملاتقان
2010-5-29
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-30 13:21:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى تورداشلار بىلەن ھەمبەھىرلەنگۈسى بار ، لىكىن توردا مەشغۇلات قىلىشقا ئانچە پىشىق بولمىغان بىر دوستۇمنىڭ ھاۋالىسى بويىچە يوللىدىم . ھوزۇرلانغايسىزلەر !
---------------------------------------------------------------------------
بۇرۇن بىر يىگىت بولغان ئىكەن ،ئۇ ساقايماس راك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قاپتۇ .ئۇ ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن بولۇپ ،ھەرقاچان ئۆلۈپ كىتىش خەۋىپى بار ئىكەن .ئۇ تاكى 18 گە كىرگىچە ئۆيدە ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىشى ئارقىلىق ھايات كەچۈرىدىكەن .ئۇ ئۆزىنىڭ كىسەللىك سەۋەبى بىلەن سىرىتلارغا چىقىپ باقماپتۇ ،لىكىن ئۆزىنىڭ بىر قىتىم چىقىپ ئايلىنىپ كىلىش ئارزۇسى بار ئىكەن .شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئانىسىدىن رۇخسەت سوراپ سىرىتقا ئۆزى يالغۇز چىقىپتۇ .
ئۇ ئاستا مىڭىپ دۇككانلار بار كوچىغا كىرىپتۇ .ئۇ مىڭىپ-مىڭىپ بىر پىلاستىنكا دۇككىنىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كىتىۋىتىپ قىزىقىپ دۇككاننىڭ ئىچىگە كىرىپتۇ ،دۇككاندا ئۆزى دىمەتلىك بىر گۈزەل قىزنى كۆرۈپتۇ ،ھەمدە بىر كۆرۈپ ئاشىق بىقارار بوپتۇ ،ئۇ باشقا ھىچ نەرسىگە قارىماي ئۇ قىزغا تىكىلىپلا قاپتۇ ،ھەمدە ئىختىيارسىزلا ئۇ  قىزنىڭ ئالدىغا بىرىپ قاپتۇ .ئۇ قىز يىگىتنى كۆرۈپ ‹‹سىزگەياردىمىم كىرەكمۇ ؟›› دەپتۇ .ئۇ گۈزەل قىز شۇنداق بىر ئىللىق تەبەسسۇم قىپتۇكى ئۇ يىگىت ئەس-ھۇشىنى يوقۇتۇپ قويغىلى تاسلا قاپتۇ ،ھەم ئۇ قىزنى شۇ تۇرىقىدىلا سۆيىۋالغۇسى كەپكىتىپتۇ .
ئۇ مەخسەتسىزلا بىر تال پىلاستىنكىنى قولىغا ئىلىپ -‹‹ئا....ئى......ھىم......مەن بۇ پىلاستىنكىنى سىتىۋالاي دىگەنتىم ››دەپتۇ يىگىت دۇدۇقلىغان ھالدا .
-‹‹خالىسىڭىز مەن بۇنى سىزگە ئوراپ بىرەي ››دەپتۇ قىز بايىقىدەك ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن .
يىگىت تىڭىرقاپ تۇرۇپ قاپتۇ ،قىز پىلاستىنكىنى ئىلىپ ئوراپ يىگىتكە بىرىپتۇ ،يىگىت پىلاستىنكىنى ئىلىپ دۇككاندىن قايتىپ چىقىپتۇ .
شۇنىڭدىن كىيىن يىگىت ئۇ قىزنى كۆرۈش ئۈچۈن ھەر كۈنى ئاشۇ دۇككانغا بىرىپ بىر تال پىلاستىنكا سىتىۋالىدىغان بوپتۇ،ئۇ قىزمۇ ھەرقىتىم پىلاستىنكىنى ئوراپ بىرىدىكەن ،يىگىت پىلاستىنكىىنى ئۆيىگە ئاپىرىپ ئىشكاۋىغا يىغىۋىرىپتۇ .
يىگىتنىڭ ئۇ قىزغا كۆڭلىنى شۇنداق ئىزھار قىلغۇسى بار ئىكەنۇ لىكىن تارتىنچاقلىقى سەۋەبىدىن كۆڭۈل ئىزھار قىلىش پۇرسىتىنى تاپالماپتۇ .مۇشۇ مەزگىللەردە ئانىسى ئۇ يىگىتنىڭ بۇ ئىشىنى سىزىپ قاپتۇ ھەمدە يىگىتنى ئىلھاملاندۇرۇپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئەتىسى يىگىت پۈتۈن ئىرادىسىنى يىغىپ قىزنىڭ ئالدىغا بىرىپتۇيۇ ئۇ قىزنى كۆرىشى بىلەنلا تەييارلىۋالغان گەپلىرىنى ئۇنتۇپ يەنە بىرتال پىلاستىنكا سىتىۋىلىپ دۇككاندىن قايتىپ چىقىپتۇ  .
ھەي.....!بۇقىتىم يەنە مەغلۇپ بوپتۇ ،لىكىن ئۇ دۇككان ئالدىدا خىلىۋاققىچە تۇرۇپتۇ ،ئاخىرى ئۇ پۇرسەت كۈتۈپ قىز دىققەت قىلمىغان پەيتتە بىر باغاقچىگە ئۆزىنىڭ ئىسمى ،تىلىغۇن نۇمۇرى ۋە كۆڭۈل ئىزھارىنى يىزىپ قىزنىڭ ئالدىدىكى ئۈستەلگە تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كىتىپتۇ ،لىكىن قىز بۇنى تۇيۇپ قاپتۇ .
جىرررررررىڭ !بىر كۈنى يىگىتنىڭ ئۆيىنىڭ تىلىفۇنى سايراپتۇ .
- ‹‹ياخشىمۇسىز ››دەپتۇ يىگىتنىڭ ئانىسى .
تىلىفۇن ھىلىقى قىزدىن كەلگەن ئىكەن .
-‹‹سىزنىڭ تىخى خەۋىرىڭىز يوقمۇ ؟ئۇ تۈنۈگۈن ئالەمدىن ئۆتتى ››دەپتۇ يىگىتنىڭ ئانىسى يىغلاپ تۇرۇپ .قىزچاق يىگىت ئۈچۈن يىغلاپ-قاخشاشنىڭ ئورنىغا گەپ-سۆزسىزلا تىلىفۇننى قويىۋىتىپتۇ .
بىر مەزگىللەردىن كىيىن يىگىتنىڭ ئانىسى ئوغلىنى سىغىنىپ ئۇنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىپتۇ .ئۇ ھەممە نەرسىگە بىرەر قۇر قاراپ چىقىپ ئىشكاپنىڭ ئالدىغا كەپتۇ ،ئىشكاپنىڭ ئىشكىنى ئىچىپ قاتار-قاتار ،رەت-رەت تىزىلغان ئوراقلىق پىلاستنىكىلارنى كۆرۈپ ھەيرانلىق بىلەن ئۈستىدىكى بىرسىنى ئىلىپ چۇۋۇپ كۆرۈپتۇ ،پىلاستىنكىنى ئىچىۋاتقاندا ئىچىدىن بىرتال كىچىك باغاقچە يەرگە چۈشۈپتۇ ،ئۇ باغاقچىنى ئىلىپ ئىچىدىكى مۇنۇ سەھىپىلەرنى ئوقۇشقا باشلاپتۇ :
-‹‹ياخشىمۇ سىز ،مىنىڭچە سىز بەك كىلىشكەن ئىكەنسىز ،مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالامسىز ؟ سىزنى ياخشى كۆرۈپ ؛ جوسىلىن ›› .
يىگىتنىڭ ئانىسى ئىغىر خۇرسىنىپ يەنە بىر پىلاستىنىكىنى ئىچىپ كۆرۈپتۇ ،ئىچىدە يەنىلا ئوخشاش باغاقچە چىقىپتۇ .ئۈچىنجى ،تۆتىنجى ،بەشىنجى .........پىلاستىنكا ،ھەممىسىلا ئوخشاش .
ئاھ ! پۇشايمان .نىمىشقىمۇ دادىلراق بولمىغانسەن يىگىت !؟
شۇنداق .مۇھەببەت بولسا دادىللىقنى ،تەشەببۇسكارلىقنى ۋە ئىرادىنى تەلەپ قىلىدۇ .ياخشى كۆرسىڭىز قورقماي كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ ‹‹مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن ››دىيەلىسىڭىز ئويلىمىغان نەتىجىلەرگە ئىرىشىپ قالىسىز ! قىنى ئەمسە سىناپ بىقىڭ !!!

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
8144
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
120
تىزىملاتقان
2010-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-30 16:08:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر قانداق ئىشقا جۈرئەتلىك بولۇش كېرەك ، نەتىجىسى مەيلى قانداق بولسۇن سىناپ بېقىش زۆرۈر. ( ئاللا تەۋەككۈلچى بەندىسىنى ياخشى كۆرىدۇ !)

يوقالسۇن ئاجىزلار !

UID
4340
يازما
20
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
650
تىزىملاتقان
2010-8-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-31
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-30 16:50:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تخى تۈنۈگۈن مۇشۇ قارارنى چىقارغان ئىدىم ،مەيلى رەت قىلىناي قىلىنماي ،ھەتتا بىرسىنى سېغىنغان بولسام ئۇ قانداق قاراشتا بولسۇن ،ھېسياتىمنى يوشۇرمايمەن بۇندىن كىيىن .مەلۇم كۈنلەردە دەۋالاي دىسىمۇ ھېسياتىنى دىگىلى بولمايدىكەن . [s:2]

UID
7529
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
110
تىزىملاتقان
2010-11-27
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-30 20:05:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا ئوغۇل بالادىگەن قېلىنراق بولغىنى ياخشى           

UID
8197
يازما
44
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
1514
تىزىملاتقان
2010-12-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-31 02:48:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن چوقۇم شۇنداق قىلىمەن خاتىرجەم بولۇڭ!

UID
5550
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
501
تىزىملاتقان
2010-9-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-25
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-5 03:50:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Asim  Yildirim    -- gec  kalmiyin     

كۆيۈمچان ئەزا

شەرمى - ھايا ___ قى

UID
8974
يازما
99
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
3430
تىزىملاتقان
2011-1-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-5 22:38:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ئىسىت !!
بەلكىم يىگىت ئۆلۇپ كىتىدىغىنىنى بىلگەنلىكى ئۇچۇن مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلمىغان بولىشى مومكىن !!بولمىسا ئوغۇللار ئۇنداق ئىشلاردا بوش كەلمەيدۇ !!!

بەختىمنى بىر ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن ،،،،شۇكۇرى ئاللاھ !!!

UID
3193
يازما
179
تېما
22
نادىر
0
جۇغلانما
1890
تىزىملاتقان
2010-7-10
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-5 23:28:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە، قىزلارنىڭ ھەممىسى ئۆچكە يېغى!      
ئەمما قىزلارنىڭ كۆپىنچىسى بەك ئەدەپلىك، يۇسۇنلۇق، <<ئەرباب>>لارنى ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ.  
مېنىڭچە، ئوغۇللار دادىل بولۇشى، ئاندىن كېيىن مەسئۇلىيەتچان بولۇشى كېرەك. ئىشلارنى دادىل، ئادىل بېجىرىشى، ئۆزىگە بېسىم قىلىۋالماي، قارشى تەرەپنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئىززىتىنى ساقلاشنى بىلىشى كېرەك.

تەپەككۇر يولى چىقىش يولىنى بەلگىلەيدۇ .

كۆيۈمچان ئەزا

别靠近我!

UID
2683
يازما
293
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
9745
تىزىملاتقان
2010-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-6 16:20:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئېزىپ تاشلىدىغۇ بۇ يۇرەكنى ~  دادىلراق بولايلى ~بولمىسا ئالدىمزدىكى بەخىتنى قاچۇرۇپ قۇيىمىز  

爱一个人,只要放在心底就好了~

UID
9195
يازما
9
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
280
تىزىملاتقان
2011-2-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-24
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-25 21:45:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق، ئۇغۇل بالادىگەن ھەرقانداق ئىشتا دادىل يۇرەكلىك بۇلۇشى كىرەك. بولمىسا ئاخىرادا زىيان ئۇزىگە.
قانداق دىدىم     [s:2]

تەنھا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش